- تىزىملاتقان
- 2012-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1237
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
  23.7%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ئەركىنكامدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. زېھنى ئوچۇق قەلىمى ئۆتكۈر بولغاي.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلغۇچىنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت، ئىسلامنى بىلمىگەنلەرگە يەتكۈزۈشتۇر. بۇ سەۋەپتىن ۋىدا ھەججىدىكى 100 مىڭغا يېقىن كىشىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇقى بۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتكەنىدى.
ئىسلام قانداقتۇر مۇسۇلمانلارنىڭلا دىنى ئەمەس، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنى. بۇ دىننى ئۆزىدە ئەڭ ياخشى شەكىلدە نامايەن قىلىش ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، يات دىندىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان بولۇش، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغانلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.
ئۆزىمىزدىن باشقىلارنى كا ... پىر دەپ قاراشتىن بۇرۇن، مەن بۇنى ئۇنىڭغا يەتكۈزەلىدىممۇ؟ ھاياتىم بىلەن ئۆرنەك بولالىدىممۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
« يا رەببى، پالانچى ماڭا خوشنا بولۇپ تۇرۇپ ماڭا بۇ ھەقىقەتلەرنى تونۇتمىدى، مېنىڭ بۇ يولنى تېپىشىمغا ۋەسىلە بولمىدى » دەپ شىكايەت قىلسا مەن نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايمەن. |
|