- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
  87.9%
|
ئىجدىمائىي نەسىھەتچىلىك
ئۇمۇن
تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە شەخىسلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران قالماي تۇرالمايمەن.يۈز –ئىككى يۈز يىل ئاۋۋالقى ھالاكەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ مىللەتكە،ۋەتەنگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھىس قىلالايدىغان ئىقتىدارنىڭ ھەممىلا جەمىيەت كىشىلىرىدە بولمايدىغانلىقى ئاشكارا.پەرىقلىق كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىللىرى ۋە ئىدىيەلىرىنىڭ جەمىيەتكە چوڭ ئاپەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئالدىن ھىس قىلىپ،باشقىلارنىڭ بۇنى بىلەلمەي قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغان خەلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم يوق ئىدى.بىراق چىكىدىن ئاشقان زىيانلىق ياخشى نىيەتلەرنىڭ قۇربانلىرىغا يۈز كىلىش-كىلەلمەسلىك مەسىلىسى ۋىجدانىمغا پىچاق ئۇرىدۇ.
تارىخ بەتلىرىمىزنىڭ قانلىق قىسمەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا تارىختىكى بىز دۈشمەن بىلگەن كىشىلەرنىڭ،خائىن بىلگەن ئۆلىمالىرىمىزنىڭ دۈشمەن ئەمەس بەلكى زىيانلىق ياخشى نىيەت تارقاتقۇچى ئىجدىمائىي نەسىھەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.
دىنى مەزھەپچىلەرنىڭ كىتاپ كۆيدۈرۈشتىكى مەقسىتى نىمە؟جەدىتچىلەرنى جازالاپ، يىڭىچە مائارىپقا قارشى چىققان ئۆلىمالارنىڭ مەقسىتى نىمە؟چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ ئەينى چاغدا چەتكە قىقىلىشى نىمە ۋەجىدىن؟خانلىق كۈتۈپخانىللىرىنىڭ كۆيدۈرىلىشى؟مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيالىيلارنىڭ جازالىنىپ،كىتاپ ۋە مەكتەپلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدا نىمە سەۋەپ بار؟
ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ يامان نىيىتى يوق.ئۇلار زىيالىيلارنى جازالىغان،كىتاپ ۋە كۈتۈپخانىلارنى كۆيدۈرگەن،مەكتەپلەرنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ ئۇلاردا يامان نىيەت يوق ئىدى.ئۇلار پەقەت خەلىقنىڭ يامان يولغا كىرىپ كەتمەسلىكىنى،جەمىيەتنىڭ بۇلغۇنۇپ كەتمەسلىكىنى،يامان ئىدىيەلەرنىڭ يامراپ كەتمەسلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلغان.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوخشىمىغان ھەرقانداق پىكىر،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشىمىغان كىتاپ،ئۇلارنىڭ دىگىنىنى دىمىگەن زىيالىي،ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى يايمىغان مەكتەپ مىللەتكە ۋە جەمىيەتكە زىيانلىق ئىدى.شۇڭا ئۇلارنى يامان نىيەت دىگەندىن كۆرە تاشتەك قىتىپ كەتكەن كاللىنىڭ ئىگىز تاملىق دۆتلۈكلىرى ئارىسىغا ساقلانغان سۇس زىيانلىق ياخشى نىيەت دىسەك تىخىمۇ مۇۋاپىق.
بۇ خىلدىكى زىيانلىق ياخشى نىيەتلەرنىڭ دىكتاتورلىقى باشقىلارنىڭ چۈشەنچىللىرى ۋە ئىدىيىلىرىنىڭ پەرىقلىق بولىشىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى بىرلىككە كىلىپ،كوممۇنا دەۋرىدىكى شاتلىققا ئۇلاشمىغۇچە زىيانلىق ياخشى نىيەتلەرنىڭ ھۇجىمى توختىمايدۇ.
بۈگۈنكى دەۋەردە ھاماقەتلەشكەن ياخشى نىيەتلەر بۇرۇنقى زوراۋانلىقى ۋە دىكتاتورلىقىنى ئاقتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن قولىدا قالغان بىردىن بىر كوزۇر ئىجدىمائىي نەسىھەتچىلىك بىلەن ھاياتتا قىلىۋاتىدۇ.ئۇلار قولىدىن كىلىشىچە ئۆز ئىدىيىسىگە ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكىلەرگە زوراۋانلىق قىلىدۇ،چەتكە قاقىدۇ.ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى يوق،لىكىن ئۇلاردا تولۇپ تاشقان دۆتلۈك مەۋجۇت.ئۇلار باشقىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولغانلىقىدىن نەپرەتلىنىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئىشەنگەن چۈشەنچىلەرگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ يارقىن تارىخى چىقىش يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.باشقىلارنىڭ ئىزىپ كىتىپ يامان يولغا كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆز ئىدىيىسىگە ماس كەلمىگەن ھەرقانداق ئىدىيەلەرنى يامان ئىدىيە دىيىش ئارقىلىق قەھرىمان بولۇشنى چۈشەيدۇ.
غوجىلارنىڭ كىتاپ كۆيدۈرۈش ھەركىتىدىن ئا.ئۇيغۇرنىڭ يىڭىچە مائارىپ تەشەببۇسلىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئىسيانلارغىچە ياخشى نىيەت موھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.غوجىلار باشقا كىتاپلارنىڭ ساپ ۋە گۈزەل ئىدىيەلەرنى بۇزىدىغانلىقىغا،ئۆلىمالار يىڭىچە مائارىپنىڭ كاپىرلىقنى يايىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن خەلىقنى قوغداش نامى ئاستىدا ھەركەت قىلدى.بۇ ھەركەت توختاپ قالغىنى يوق.پىر-كالام،دەرۋىش-داخانلارنىڭ يىڭىچە زىيانلىق ياخشى نىيەتلىرى تا ھازىرغىچە قارا كۆلەڭگۈسىنى مىللەتنىڭ ئۈستىدىن تارتقىنى يوق.
ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە نەسىھەتلىرىنى ئەتراپقا يىيىش بىلەن مەشغۇل.كاپىرلارنىڭ جىقىيىپ كەتكەنلىكى،زىيالىيلارنىڭ ئىسلامغا ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقى،مىللەتنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى،قايسى بىر تانسىخانىدا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ قەدەھ كۆتۈرگەنلىكى،چىلىم چىكىشنىڭ ئەدەپ كىتىشى،كىشىلەرنىڭ ناماز قىلمايۋاتقانلىقى،قايسى بىرىنىڭ مەن ئىسلامغا ئىشەنمەيمەن دەپ ۋاقىرغانلىقى،ھەمجىنىسلارنى قاچان ئۆلتۈرۋىتىدىغانلىقى،توردا ماقالە يازىدىغان بىرىنىڭ يامان ئىدىيە تارقىتىۋاتقانلىقى ياكى بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ مىسىرنى تىللىغانلىقى دىگەندەك تۈگىمەس يامانلىقلارنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ئۇلار ھەمىشە نەسىھەت قىلىشقا ھازىر.ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن مىللەت تۈزۈلۈپ كىتىدىغان بولسا مىڭ يىللىق ئىسلام مەدەنىيىتى جەمىيىتىمىزنى يىپتەك قىلىۋەتكەن بولاتتى.نەسىھەتچىلەر ئىلاھلارغا ئايلىنىپ، تالىپلىرى پۈتۈن دۇنيانى يايغان بولاتتى.
كىشىلىرىمىز روھانىي ھاياتنىڭ ئورنىغا رىئال ھاياتنى ياشاشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىۋاتىدۇ.ئۇلارغا نەسىھەت،قۇرۇق قائىدە-تۈزۈم ئەمەس ئادىمىي بىر ھىسياتنىڭ ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن بىرى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ئىنسانلارنىڭ بىر –بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كىرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيمەن.بىرىنى ھۆرمەت قىلىش پەقەت ئۇنى ئۇرمىغانلىقىمىز،تىللىمىغانلىقىمىز بىلەنلا تۈگىمەيدۇ.ھۆرمەت قىلىش دىگەنلىك ئۇنۇڭ ھىسلىرىغا،چۈشەنچىللىرىگە،جىنسى خاھىشىغا،شەخسى تاللىشىغا،قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش دىگەنلىكتۇر.
ھازىر نەسىھەت قىلىش سىتىراتىگىيە جەھەتتىن تىخىمۇ يۈكسىلىپ يەككە شەخىسلەرنىڭ ھاياتىغا نەسىھەت قىلىشتىن پۈتۈن جەمىيەتكە بىرلا ۋاقىتتا نەسىھەت قىلىشقا ئۆزگۈرۇپتۇ.ھاماقەت نەسىھەتچىلەر بىردىن بىردىن نەسىھەت قىلىپ ئاۋارە بولغىچە ھەممىسىگە بىراقلا نەسىھەت قىلاي دىگەن بولسا كىرەك.
قايسى بىر يىلى بىر ئىجدىمائىي نەسىھەتچى (تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئوچۇق خەت) نامىدا يازما ئىلان قىلىپ تۈركىيەلىك ناخشىچىنىڭ ئۈرۈمچىدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ كەتكەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپتۇ.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇيغۇرلار شۇ سەنئەت كىچىلىكىگە بەرگەن پۇلنى خەيىر-ئىھسان قىلىشى كىرەكمىش.پاھ،بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ شىرىن ۋە ئوماقلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن مەھلىيا قىلىدۇ.لىكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى پۈتۈن ئىنسانلار باراۋەر ياشىغان كوممىنا يارىتىش چۈشىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ خىلدىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى بىر يانغا قايرىپ قويۇش كىرەك.سىز راسا پۇل تىپىپ داستىخىنىڭىزغا كىلىدىغان پولۇنىڭ پۇلىنى باشقىلارغا ئىئانە قىلىپ ئۆزىڭىز زاغرا غاجاپ ئولتۇرغان بولسىڭىز ئاندىن بۇ گەپنى دىيىشكە ھەققىڭىز بار.بۇ خەت يىزىلغان مەزگىلدە مەنمۇ تۈركىيەدە ئىدىم.ھىچكىم مەندىن ياكى ئەتراپىمدىكىلەردىن بۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ ئورتاق ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان.قارىغاندا ئىجدىمائىي نەسىھەتچىلەر توپتىن نەسىھەتنى،بىر توپ نەسىھەت قىلغۇچى ھالىتىدە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئوخشايدۇ.تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دىگەن گۇرۇپ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا نەسىھەت قىلىش ھەقىقەتەن بىر ئويلانغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن قىزىقارلىق كومىدىيە ھىكايىسگە ئوخشايدۇ.
قىزلاردىن ئوغۇللارغا يىزىلغان خەت،ئوغۇللاردىن قىزلارغا يىزىلغان خەت،ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق خەت،زىيالىيلارغا نەسىھەت دىگەندەك بىر تۈركۈم نەسىھەت خارەكتىرلىك يازمىلارنىڭ ئۈندىداردا ئىقىپ يۈرۈشىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن قىززىقارلىق ئەھۋال.كىشىللىرىمىز باشقىلارغا نەسىھەت بىرىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ غىمىدە بولسا تىخىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر يارىتىلاتتى دەپ قارايمەن.
زىيانلىق ياخشى نىيەتكە ئىگە ئىجدىمائىي نەسىھەتچىلەر باشقىلارنى زىيادە ھاماقەت كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىنى زىيادە ئەقىللىق چاغلامدۇ بىر قارارغا كىلەلمىدىم.لىكىن ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن سانايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلار ھىس قىلالمىغان يامان نىيەتلەرنى ھىس قىلالايمىز دەپ قارايدۇ ۋە باشقىلارنى بۇ يامان نىيەتلەردىن قوغداش كىرەك دەپ بىلىدۇ.
قايسى بىر كۈنى خىلى داڭلىق بىر ئەربابىمىزنىڭ خروشىمادا پارتىلىغان ئاتام بومبىسىنىڭ تەسىرى بىزدىكى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن يىنىك دىگەن مەزمۇندىكى يازمىسنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.بىزنى ھاراق ھالاك قىلغاندەك تەسىر بىرىدىغان بۇ سۆزگە ھەيرانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇردۇم.خوش،ياۋرۇپالىقلار،ئامىركىلىقلار ۋە ياپۇنيىلىكلەر،روسلار قىسقى خەنزۇلار ھاراقنى ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر.ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھاراق ئىستىمالى چوقۇم غەرىپنىڭكىدىن تۆۋەن.ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ ئوسال ھاراق،ھاراقنى ئەڭ جىق ئىچىدىغان مىللەتلەرگە تەسىر قىلمايدىيۇ بىزنى ھالەك قىلىۋىتىدۇ.گەپ ھىچقاچان ھاراقتا ئەمەس،دەل ئەكسىچە بىزدە.
قاتمال،روھانى ۋە چىرىك مەنىۋىي ھاياتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممە نىمىنى ھاراققا دۆڭگەپ قۇتۇلۇشنى ئويلىشى تاساددىبىيلىق ئەمەس.ئۇلار ياخشى نىيەتلىرىنىڭ زىيىنىنى ھاراققا ياكى ئەپيۇنغا،ياكى شەھەرلەردىكى پاھىشخانىلەرگە دۆڭگەپ قۇتۇلماقچى.ئۇلار ھەممەنى تارلاشتۇرغان،تاللاشنى رەت قىلغان،ئىدىيە ئەركىنلىكىنى تۇنجۇقتۇرغان،كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىستىكى بىلەن ياشاش،تەپەككۈر قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن يۈز بەرگەن مىليونلارچە تىراگىدىيەلەرنى كاپىرلارغا،پەرىقلىق ئىدىيە تارقاتقۇچىلارغا،غەرىپكە دۆڭگەپ قۇتۇلماقچى.
ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كۆلەڭگە ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان كۆرگىنى،تۇتقىلى بولمايدىغان،ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىنجىق ۋە قاپقاراڭغۇ بىر كۈچ بار.بۇ كۈچ ئاستا-ئاستا يوقالمىسا مىللەتنى يوقىتىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتى يوقالمايدۇ دىگەن تەسەللىسىمان ئىمىزگىنى ئەمگەچ ئاستا –ئاستا يوقىلىپ كىتىۋاتقان بارلىقىمىزغا كۆز يىشىمىزنى تۆكمەسلىك ئۈچۈن تەرەققىياتقا باش ئۇرۇش كىرەك.
|
|