- تىزىملاتقان
- 2016-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1419
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
  41.9%
|
قانچە بىلىملىك بولغانسىرى يازمىلىرى شۇنچە كىچىك پىئىل ۋە چۈشىنىشلىك بولىدىغان. مەسىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭكىدەك. ئەمما ماۋۇ دوكتۇرىمىزنىڭ يازمىسىدىكى پاسائەتلىك، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ۋە تولىمۇ تەكەببۇر بولغان تەلەپپۇز نى كۆرۈپ تالىپچاقلارنىڭ يازمىلىرى ئەسلى ئۇنچىلىكمۇ ناچار يېزىلماپتىكەن دىگەن يەرگە كەلدىم. بەلكىم ئەرەب دۇنىياسىدىكى ئادىمىيلىك، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە تەلىم تەربىيەلەر بۇ يەردىكى ئاتالمىش دوكتۇرلارنىڭ ئىش تاپالمىسا باشقا يۇرتىلارغا بېرىپ ئۆزىنىڭ قەدرىنى تېپىشقا يول قويماي ئامالنىڭ يوقىدىن يۇرتىدا تاكسىچىلىق قىلىدىغان كۈنگە قويغان ئوخشايدۇ. بۇ يازما دوكتۇر دىگەن ئاتالغۇنىڭ نىمە ئىسمىنىلا بىلىپ جىسمىنى بىلمەيدىغانلارغا نىسبەتەن ناھايتىمۇ ئىسىل بىر يازما، ئەمما ئىلىم ساھەسىگە بىر قەدە ر تونۇش بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تالىبچاقنىڭ يازمىسىدىنمۇ 2 مىتىر تۆۋەن تۇرىدۇ.قارىغاندا مىسىردا ئوقۇغانلار مەيلى تالىپ، مەيلى دوكتۇر ۋە ياكى دوكتۇر ئاشتى بوپ كەتسۇن ئورتاق ئالاھىدىلىگى تەكەببۇرلۇق ۋە مىسىرغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇشكەن! دىموكراتىيەنى ئىسلامنىڭ دۈشمىنى دەيدىكەنيۇ مىسىرنىڭ دىموكراتىيەگە تايىنىپ باشباقانلىققا چىققان مۇسۇلمان مورسىنىڭ ئىمانسىز ھەربىي سى سى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغىنىغا كۆز يۇمىدىكەن ھەمدە ھازىرقى دۆلەت سىستىمىسىنى ئىككى ئېغىز قۇرۇق گەپ بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنىدىكەن، لىكىن تۈركىيەنىڭ ئەركىن دۆلەت سىستىمىسىنى سېسسىق گەپلەر بىلەن تىللىۋالمىسدا كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن. بۇ 'دوكتۇر' نىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ ئالدىنقى كۈنلەردىكى تالىبچاقلارنىڭ يازمىسىدىكى يەڭگىللىك بىلەن يېزىلغان ئىنكاسلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم. قەدىرلىق تالىپ، تالىپچاق، يېڭى تالىپ ۋە باچكا تالىپلار: سىلەرنىڭ يازماڭلارنىڭ ئاندا ناچار يېزىلىپتۇ، ماندا ناچار يېزلىپتۇ دەپ ۋالاقشىغىنىمدىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مىسىرنىڭ 'دوكتۇر' سىنىڭ يازمىسى بۇ تۇرسا، سىلەردىن نوخسان تاپقان تىلىم كۆيسۇن. |
|