قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 3

ئىنىرگىيە دەرىجىسى . داۋىد خاۋكىنىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

637

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33247
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 23:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
image.jpeg

ئىنسانلارنىڭ كەيپىيات تەۋرىنىش چاستوتىسى ھەم ئېنىرگىيەسى
ئېنىشتېيىنىڭ ماددا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى:  ماددا،  ئېنىرگىيەدۇر.
فىزىكا ئالىملىرى ئاللىقاچان بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى  قاتتىق جىسىمنىڭ ھەممىسى توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان دانچەلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى،  بۇ دانچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەۋرىنىش چاستوتىسى بارلىقى، دانچىلەرنىڭ تەۋرىنىشى،  بىزنىڭ دۇنيايىمىزنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ ئادەم بەدىنىمىزمۇ سىرتىدا ئەمەس.  
(Dr. david R. Hawkins) ئامرىكا ئاتاقلىق روھى كېسەللىكلەر دوكتۇرى ، دوختۇر، پەلسەپە دوكتۇرى، ئادەم بەدىنى ھەرىكەت ئىلمى ئاساسى نەزەرىيەسىدىن پايدىلنىپ،خالىغان تەجرىبە ئوبىكتى تاللاپ،  ئامرىكا  ، كانادا، مىكسىكا، جەنۇبى ئامرىكا، شىمالى ياۋروپا، ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان كەسىپتىن كىشىلەرنى تاللاپ، كىلنىكاتەجرىبە ئېلىپ باردى،  ئوتتۇز يىل ئۇزاق يىللىق تەجرىبىسى ئارقىلىق : " بىلىش خەرىتىسى Consciousness Mapنەزەرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئادەمنىڭ بىلىش يۇرۇقلۇق دەرىجىسى "Lux"نى بىرلىك قىلىپ،  تۆۋەندىن يۇقرىغا قاراپ بىر نەچچە قاتلامغا بۆلدى. تۆۋەندە تۈرلەرگە بۆلۈپ بىر بىرلەپ شەرھىيلەيمىز..
    «جاسارەت-200» نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،  يۇقىرىسىغا ئورۇنلاشقان بىلىش ھالىتى " ئېنىرگىيە Power" دەپ ئاتىلىدۇ.
تۆۋىنىگە جايلاشقان سەككىز خىل بىلىش ھالىتى بولسا " بېسىم Force" دەپ ئاتىلىدۇ.
تۆۋەندە  ئەڭ تۆۋەن بىلىش ھالىتىدىن باشلاپ بىر بىرلەپ شەرھىيلەيمىز.

Shame- (20)خىجىل- نومۇس تۇيغۇسى
خىجىل بولۇش،  نومۇس قىلىشنىڭ ئېنىرگىيە قاتلام دەرىجىسى ئۆلۈمگە يېقىن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئادەم بىلىش قاتلىمىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ،ئۇ ئۇستىلىقچە ئادەمنىڭ ھاياتىنى بۇلاپ كېتىدۇ، خىجىل بولۇش تۇيغۇسى ئاستىدا، بىز خىجىل بولغاننىڭ تۈپەيلىدىن بىرەر تۈشۈك كولاپ كىرىپ كەتكۈمىز ياكى كۆرۈنمەس بولۇپ كەتكۈمىز كېلىدۇ، بۇ ئېغىر دەرىجىدە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى بۇزغۇنغا ئۇچرىتىدىغان ئەھۋالدۇر، ئاقىۋەتتە تېخى بەدىنىمىزدە لېسەللىك
پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

Gulit- (30)ئىچ سىقىلىش
ئىچ سىقىلىش تۇيغۇسى كۆپ خىل شەكىللەردە كۆرىلىدۇ، مەسىلەن: پۇشايمان، ئۆزىنى ئەيىپلەش، خارلىق ئىزدەش ھەمدە بارچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كەيپىياتىنىڭ ھەممىسى، بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىچ سىقىلىش تۇيغۇسى بەدەنگە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسە ھەم ئۆزىنى نابۇت قىلىش قىلمىشىنى يۈز بەرگۈزىدۇ، ھەمدە ئۇ كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئاچچىقلىنىش، چارچاش شەكىلدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

Apathy- (50)مۇزلۇق، سوغۇققانلىق
بۇ خىل ئىنىرگىيە قاتلامدىكى كىشىلەر ئادەتتە نامرات، ئۈمىدسىز، ياردەمسىز تۇيغۇدا بولىدۇ، ھازىر ياكى كەلگۈسى قارىماققا پەقەتلا ئۈمىد يوقتەك تۇيغۇدا بولىدۇ ، مۇزلۇقلىق ياردىمچىسىز قالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، ئادەمنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىلىپ قويىدۇ، كەم بولغىنى ئىقتىساد مەنبىئىلا ئەمەس، مۇنداق كىشىلەردە كەم بولغىنى تەلەي، ئەخەردە سىرتقى مۇھىتتىن بىرە ياردەم قىلىپ قوغدىغۇچى بولمىسا،  بۇلار ئۆلگۈچە مۇز پېتى مۇشۇ قاتلامدا قېلىشى مۇمكىن.

Grief-(75)ئازاپ  
بۇ ئازاپ، چۈشكۈنلۈك، يۆلىنىۋېلقشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بېسىم قاتلىمىدۇر،بۇ قاتلامدىكى كىشىلەر يەتتە ئالەمنىڭ غەم پۇشايمىننى يەپ، چۈشكۈن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇنداق تۇرمۇش،  ئۆتمۈشكە بولغان پۇشايمان،ئۆزىنى ئەيىپلەش، قايغۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، قايغۇ ئازاپ ئىچىدىكى كىشىگە دۇنيا قارا كۈلرەڭ كۆرىنىدۇ.

Fear-(100)قورقۇنىچ
بۇ ئېنىرگىيە قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىردىكى دۇنيانىڭ ھەممە يىرى خەتەر ھەم.تەھدىدكە تولغان بولىدۇ،ئەگەردە كىشىلەر قورقۇنۇچقا دىققىتىنى بېرىپلا سالسا،  راستىنلا ساناقسىز ئادەمنى ئەنسىز قىلىدىغان ئىشلار يېتىپ كېلىدۇ، ئۇندىن كېيىن مەجبۇرى قورقۇشنى شەكىللەندۇرىدۇ، بۇخىل قورقۇش،  ئادىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ يېتىشىلىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئۆزىگە بېسىم قىلۋېلىش، بۇرۇقتۇم بولۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇخىل بۇرۇقتۇمچىلىق ئېنىرگىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامغا ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

Desire-(125) ئىنتىلىش
ئىنتىلىش، بىزنى ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ، بىزنىڭ نىشانىمىزغا بېرىپ تىگىشىلىك ھەسسىمىزنى ئېلىشىمىزنى ئۈندەيدۇ، بۇمۇ ئادەم بىرخىل ئاسان خۇمار بوپ قالدىغان ئېنىرگىيە قاتلىمى، قاچاندىن باشلاپ بىر كىچىككىنە ئىنتىلىش كۈچىيىپ ھاياتىڭىزدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىۋالغىنىنى بىلمەيلا قالىسىز، ئىنتىلىش- توپلاشۋە ئاچكۆزلۈكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئۈمىد ئارزۇ بولسا- بىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يولغا بېرشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما ئىنتىلىش، بىلىشتىنمۇ يۇقىرى قاتلامغا ئۆرلەشكە سەكرەش تاختىسى بولالايدۇ.

Anger-(150)ئاچچىقلىنىش
ئەگەردە بىر كىشى ئىچ سىقىلىش ۋە مۇزلۇق چەمبىركىدىن سەكرەپ چىقسا،  ھەمدە قورقۇنۇچنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلسا،  ئۇنىڭدا ئىنتىلش پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئىنتىلىش مەغلۇبىيەن تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئارقىنىدنلا غەزەپ ئاچچىقلىنىشنى باشلاپ ئېلىپ چىقىدۇ، ئاچچىقلىنىش  كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا نەپرەت ھەم ئۆچ ئىلىش كەيپىياتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ،ئۇ ئاسانلا خەتەرلىك ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئاچچىقلىنىش، قاندۇرۇلمىغان ئىنتىلىش تەرىپىدىن كېلىدۇ،  ئەڭ تۆۋەن ئېنىرگىيە قاتلىمىدىن كېلىدۇ، مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى بولسا ئىنتىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بەك چوڭايتىۋېتىشتىن كېلىدۇ، ئاچچىقلىنىش ئاسانلا نەفرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاستا ئاستا  ئادەمنىڭ قەلبىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىگەللىۋالىدۇ.

Pride-(175)  مەغرۇرلۇق، كىبىرلىك
باشقا تۆۋەن ئېنىرگىيە قاتلىمىغا سېلىشتۇرغاندا كىشىلەر بۇ خىل بېسىم  قاتلىمىنى بىر قەدەر ئاكتىپ دەپ قارىشىدۇ، ئەمما  ئەمەلىيەتتە كىبىرلىك قاتلىمى پەقەتلا شۇ باشقا تۆۋەن ئېنىرگىيە قاتلامدىن ياخشىراق خالاس، كىبىرلىك قوغدىنىشچانلىق ۋە ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچراشچانلىققا ئىگە،  چۈنكى ئۇ سىرتقى دۇنيادىكى شەرت ئاستىدىكى ھېس قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغەن بولىدۇ،  ئەگەر شەرت ھازىر بولمىسا،  ئۇ ئاسانلا ئەڭ تۆۋەن بېسىم قاتلىمىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۆزىنى يوغان دەپ بىلىش ياكى ئۆزىنى پۈدەش كىبىرلىكنىڭ ياردەمچى ئالغا باسقۇزغۇچىسىدۇر، ئەمما ئۆزلۈك بولسا ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا كىبىرلىكنىڭ ئورۇندىلىش يۆلىنىشى بولسا مەغرۇرلۇق قىلىش ۋە ئىنكار قىلىشتۇر، ئەمەلىيەتتە بۇلار ھەممىسى ئۆسۈپ يىتىلىشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلاردۇر.

uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20382
توردىكى ۋاقتى: 8444
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 11:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 17:40  


ئېنىشتېيىنىڭ ماددا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى:  ماددا،  ئېنىرگىيەدۇر.
فىزىكا ئالىملىرى ئاللىقاچان بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى  قاتتىق جىسىمنىڭ ھەممىسى توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان دانچەلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى،  بۇ دانچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەۋرىنىش چاستوتىسى بارلىقى، دانچىلەرنىڭ تەۋرىنىشى،  بىزنىڭ دۇنيايىمىزنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

__________________________________________

تازا دەل ۋاقتىدا يوللانغان تېما بولۇپتۇ.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
مەن كۈچ،ئىنىرگىيە ،ماسسا،ھەركەت،ھەجىم قاتارلىقلار ماددا ئۆزىدىكى نەرسە.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار دۇنيادا ئىلاستىك سوقۇلۇش،بىردىنبىر ئۆزئارا تەسىر شەكلى،دەپ غەۋغا قىلىۋاتقىنى خىلى بولغان.
تۆزۆلۈشكە ئىگە دۇنيادا زەررىچە-ئىنىرگىيە ئالماشتۇرۇش يەنە بىر خىل ئۆز ئارا تەسىر شەكلى.

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3572
توردىكى ۋاقتى: 1147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 15:15:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان ئىلىم-پەننىڭ تىپىك مىسالى. ئاڭلىماققا ئىلمىيدەك ئاڭلىنىدىغان، لىكىن ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ دۆۋىلىرى دەل پەن ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىدا قالغان جەمئىيەتلەردە مودىغا ئايلىنىدۇ چۈنكى بۇنداق جەمئىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلىم-پەن ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ۋە بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن كىشىلەر ناھايىتى ھېسسىياتقا باي كىلىدۇ. ئىلمىي مەسىلىلەردىمۇ ھېسسىي تۇيغۇنى غىدىقلاپ ھاياجانغا سالىدىغان، قۇلاققا خوشياقىدىغان گەپلەر پەننى ئاتالغۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلسىلا ئەڭ توغرا بىلىملەردەك بىلىنىپ ئاسانلا يالغان نەرسىلەرگە ئىشىنىپ قالىدۇ.

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20382
توردىكى ۋاقتى: 8444
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 18:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-2-23 11:53
ئېنىشتېيىنىڭ ماددا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى شۇنى ئىسپاتلى ...

ئېينىشتېيىننىڭ ئاۋۇ مەشھۇر تەڭلىمىسىدە ئىنىرگىيەمۇ ماددا دەپ قارالغان.مىنىڭ بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىشىمدىكى سەۋەپ مۇشۇ تەڭلىمە ئۆزىنى چىقىش قىلىپ،ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە ئىكەنلىگىنى تەشەببۇس قىلىش.چۈنكى تەجرىبە پەنلىرى ھازىرغىچە مۇئەييەن ھەجىمى بولمىغان نەرسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۆزگىنى يوق.ھەركەتمۇ ئۈچ ئۆلچەملىك،ھەجىمگە ئىگە رىياللىق.بۇ نۇقتىدىغان قارىغاندا ھەجىم ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى!
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )