قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 2

ئىزدەن: ئۇيغۇرلاردىكى بىلىم رىقابىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

12

دوست

1858

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56217
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 15:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىكى بىلىم رىقابىتى


«ئىزدەن»



رىقابەتچىسىز سودا قىلىدىغان سودىگەر مەڭگۈ مەۋجۇد ئەمەس،بەرھەق ئۇ بەلكىم سودىسىنى بىر ئىككى كۈن بىر ھەپتە ۋە ياكى بىر ئايغىچە مۇستەقىل  قىلىۋېلىشى مۇمكىن،بىراق ئۇ مەڭگۈگە داۋاملاشمايدۇ.


                           ـــــــ كۆڭۈل خاتىرەمدىن


   ھازىر رىقابەت ئۇيغۇرلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.بىراق  كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار رىقابەتنى كۆرمەي ئۇنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتدۇ ھەم كېلىپ بولدى.رىقابەتنىڭ سېماسىنى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار شۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ «دوئىل»دا ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا دەۋەت قىلماقتا،ھەم قىلىۋاتىدۇ.دۇنيا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رىقابەتكە مۇھتاج!ئۇيغۇرلار ئۆز ــ ئارا بىرـ بىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان رىقابەت روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەندىلا،ئاندىن باشقا مىللەتلەر (ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدىغانلىرى)بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ،بۇ «دوئىل» بىزدىن كۈچ تەلەپلا قىلمايدۇ،بەلكى بىلىم + كۈچ  تەلەپ قىلىدۇ.بۇ خۇددىي دارۋېننىڭ ئېيتقىنىدەك: «مۇھىتقا ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ،مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلار ئۆلۈپ تۈگەيدۇ»دېگەن گېپىگە ئوخشاپمۇ قالىدۇ، بۇنى ئىسلاھ قىلىش قىلىش كېرەك، ۋە ياكى مۇشۇنداق جەمىيەتتە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ چۈشىنىش كېرەك.ھازىرقى دەۋردە ھايات قېلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى روھىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر،روھىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغانلار ئېيىنشىتىيىن دېگەندەك:«ماڭالايدىغان جەسەت،گەپ قىلالايدىغان گۆش»تۇر.
   بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان رىقابەت ھەرگىزمۇ ماددىي تۇرمۇشتىكى رىقابەت ئەمەس،ئەگەر شۇنداق بولسىدى ئۇيغۇرلار بۇ «دوئىل»دا باشقىلارنى يېڭىۋالغىنى يېڭىۋالغان. ئۇلارپەقەت بىزنىڭ ياشاش جەريانىمىزدا  ئىجرائىي تېنىمىزنىڭ ساقلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر ۋاستىلا خالاس.بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان رىقابەت بىلىم رىقابىتىدۇر.
   21-ئەسىرنىڭ 16-يىللىرىغا قەدەم قويغان مۇشۇنداق چاغلاردا بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قورال بىلىمدۇر ۋە بىلىم رىقابىتىدۇر.ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن  جەڭ ئۇرۇشى قىلىپ دۈشمەنلىرىنى يەڭسە،بىز مۇشۇنداق ئىس تۈتەكتىن يىراق جايلاردا بىلىم ئۇرۇشى قىلىپ دوئىل سەھنىسىدە رىقابەتچىلىرىمىزنى يەر چىشلىتىمىز.تارىخ مۇئەللىمىمنىڭ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگىنى ئېسىمدە:«بىزدە  بۇرۇنقى چاغلاردا ئۆگىنىش كەيپىياتى(يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتى»دىن كېيىنكى ۋاقىتلار بولسا كېرەك)ناھايتى يۇقىرى بولۇپ،بۇ جەھەتتە سىلەردىن تۈپتىن پەرقلىنەتتۇق،شۇ چاغلاردا باشقىلار بىلەن شۇنداق بەسلشەتتۇقكى ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق بىرەر بىلىمنى ئۆگىنىۋېلىشىغا يول قويمايتۇق.كەچتە ياتاقتا نۇرغۇن بالىلار (20-30 ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولسا كېرەك)بىر چوڭ زالدا ياتاتتۇق،چۈنكى ئۇ دەۋرلەردە ھازىرقىدەك سىلەر تۇرىدىغان ياتاقلار ۋە ياتاق مۇھتلىرى بولمىغاچقا،بىزگە ئۇنچە كۆپ ياتاق تەقسىم قىلىنمايتى. بۇ ياتاق زالىدا تۇيۇقسىز بىرى ئۆگىنىش قىلىپ قالسا،بىزمۇ ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ ئۆگىنىشكە كىرىپ كېتەتتۇق.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كىچە ــ كېچىلەپ،تۈن نىسپىغىچە ئۆگىنىش قىلاتتۇق.ئەتىگىنى باشقىلارغا تۇيدۇرماي كىيىم ـ كېچىكىمىزنى كىيىپ چىقىپ كېتەتتۇق.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىمىز باشقىلاردىن كېيىن قالماسلىق،ھېچبولمىسا ئۇلاردىن بىرەر مەزمۇننى بولسىمۇ  ئارتۇق ئىگىلىۋېلىش ئىدى»،بۇلارخۇددىي نۇرغا ئاشىق بولغان بىر توپ پەرۋانىلەرگە ئوخشايتى.
   پەرۋانىلەر شۇ نۇرغا ئۆزىنى توختىماي ئۇراتتى،ئۇلار شۇ نۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولدى.بىراق شۇ ئېنىقكى بۇ پەرۋانىلەر ئۆزىنىڭ نۇردىن  ئىبارەت ھەم ئاددىي ھەم ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس نىشانىنى بىلەتتى،ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە  نىشانسىز،مەقسەتسىز «ئىنسانلار»دىن ئۈستۈن تۇرىدىغىنىغا شەك كەتمىسە كېرەك.
   بۇرنلاردا (مۇئەللىمىمنىڭ دەۋرلىرىدە)«بىلىم نۇر»ىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ زەرەتلەندۈرىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلارنى ساناپ بولغىلى بولمايتى، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ بىلىم «پەرۋانە»لىرى ئازىيىشقا باشلىدى،چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «نۇر»دىن ئىبارەت نىشانى ۋە ياشاش مەقسىدىنى  ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ..
uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1625

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 21:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم رىقابىتى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغان،ئەپسۇس ئۇيغۇرلار بىلىم رىقابىتىگە ئەمەس بەلكى باشقا رىقابەتتە نەچچە ئەسىر كۈرەش قىلىپ قانلىق پاجەلىك ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىگە بولغاندىن كىيىن شۇنداقلا بىرقىسىم مىللەت پەرۋەر مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىم ئۆز ھاياتى بىلەن ھىساپلاشماي ،مىللىتىنى پارلاق يول بولغان ئىلىم يولىغا ھەقىقى ئىلىم رىقابەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن تۆلىگەن سانسىز بەدەللىرىنىڭ ھىساۋىغا،مانا ئەمدى ئىلىم رىقابىتىنىڭ سىرتىدا قاراپ تۇرماي ،بارلىقىمىزنى ئاتاپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك مىللىتىمىزنىڭ كىلەچىگى تىخىمۇ زۇلمەتلىك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.ئەپسۇس مۇشۇنداق بىر ھەقىقەت ئالدىدا يەنىلا گاراڭ ھالدا يۈرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )