قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 948|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ھەققىدە(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

1649

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 00:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ھەققىدە(2)




قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى



ئۇيغۇرلار قەدىمكى تارىم – تەڭرىتاغ مەدەنىيىتىنىڭ ئىجراچىلىرى ۋەۋارسلىرى سۈپىتىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كۈۋەجەپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئېسىلمەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئەلبەتتە، مۇنداق ئۇزۇن ۋەمەدەنىيەتلىك تارىخغا سىڭىپ كەتكەن مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ئەر –ئاياللىق سۈپەت ئۇنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ – ئادىتىگە، دىنىي –ئېتىقادىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ۋە ئۇنىڭمەنىسى، خاراكتېرى، دائىرىسى، ئالاھىدىلىكى، بىرىكىشى، ئايرىلىشى، ئۆزىگە خاسمىلودىيىگە ئىگە بولۇشى قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىئادەتلىرىگە، تارىخىغا، دىنىي – ئېتىقادىغا، مىللىي غۇرۇرى ۋە مىللىي ئۆزلۈكىگە،دۇنيا قارىشىغا، شۇنىڭدەك ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي، تەبىئىيۋەقە – ھادىسىلەرگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپكېلىۋاتقان ۋە يېڭىلىنىۋاتقان ئەرلىك – ئاياللىق جاسارەت ۋە ئەرلىك – ئاياللىقنازاكەتنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىدىن ئۇلارنىڭ پىسىخىك تارىخى، تۇرمۇشى، زامان – ماكانقارىشى ۋە ئۇ ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى، ئىنتىلىشىنى، غەزەپ – نەپرىتىنى، ئارزۇ –ئارمانلىرىنى، ئوخشاشلا ساقىندى بولۇپ قېلىۋاتقان ئاجىزلىق، تاماخورلۇق،يۈرەكسىزلىك، تۇزكورلۇق، قەبىھلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مېنىڭچە،ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئەر – ياللىق جاسارەت ۋە ئەر – ئاياللىق نازۇكلۇق،لاتاپەتلىكنى كۉرسىتىدۇ. لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇكى، قەدىمكى دەۋردىنبۈگۈنكى زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەر – ئاياللىق سۈپەتكە بولغان قاراش ۋەبۇ سۈپەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى، دائىرىسى، مەزمۇنى، شەرتى ھامان ئوخشاشبولماي كەلدى، بەلكى بىربىرىگە ئۇلۇشۇپ يېڭىلاندى، تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگەقەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ئۇرۇش – يېغىلىقدەۋرلىرىدە بىر خىل بولسا، تىنىچلىق – ئاسايىشلىق دەۋرلىرىدە يەنە بىر خىل بولدى؛بوز – قىر، يايلاق مىللەتلىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت بىلەن، ئېكىن – تېرىمچىمىللەتلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت گەرچە بىربىرىگە تامامەن ئوخشاپكەتمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىربىرىنى تولۇقلىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. دەل شۇنداقبولغاچقا، يايلاق مىللەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئېكىن – تېرىمچىمىللەتلەرنىڭ روھىدا، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە نامايەن بولغىنىدەك، ئېكىن – تېرىمچىمىللەتلەرنىڭ قېنىدا تەمچىپ تۇرغان ئەر – ئاياللىق سۈپەتمۇ بەزىدە يايلاقمىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا نامايان بولدى؛ يېقىنقى ۋە ھارىزقى،بۈگۈنكى زامان دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتمۇدەۋرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن يېڭىلاندى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى، تېخىمۇمىللىي پۇراققا ئىگە بولدى؛ دىنىي نۇقتىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇيغۇرلاردىكى ئەر –ئاياللىق سۈپەتنىڭ مەنىسى، خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى ھەر قايسى دىن دەۋرلىرىدەيەنىلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. دېمەك، ئەر – ئاياللىق سۈپەت مۇھىتئالاھىدىلىكىگە، دىن ئالاھىدىلىكىگە ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپلاقالماستىن، بەلكى يەنە كۆپ قاتلاملىققا، كۉپ قۇتۇپلۇققا ئىگە بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭئۇقۇمى، مەنىسى، دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما بىربىرىنى تولۇقلايدۇ، تەرەققىيقىلدۇرىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى يىرىك، قوپالبولغان بولسا، يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئالاھىدىلىكىيېنىك، نازۇك ھەم لاتاپەتلىك بولىدۇ، شۇنىڭدەك بىربىرىگە سىڭىشىدۇ ۋە بىربىرىگەمايىللىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت خاراكتېرىنىڭئاجىزلىقى ۋە ئۈزۈكلۈكى كېلىپ چىقىدۇ.
بوز –قىر، يايلاق مىللەتلىرى، يەنى ئاتلىقلار مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەنئېيتقاندا، قەدىمكى دەۋردە ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئۇلارنىڭ ئۇرۇش – يېغىدىكىجاسارىتى ۋە ئوردا ئىچىدىكى لاتاپىتى بىلەن ئۆلچەنگەن. ئالايلى، ھازىرغىچە مەلۇمبولغان ئەڭ دەسلەپكى بوز – قىر مىللەتلىرىنىڭ ھونلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسىدىكى ئەر –ئاياللىق سۈپەت ئەر – ئايالنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى، بولۇپمۇئۇرۇش – يېغىدىكى جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئىپادىلەندى. " تارىخىي خاتىرىلەر .ھونلار تەزكىرىسى " دىكى " ھونلار . . . ئاي تولغاندا جەڭگە چىقاتتى،ئاي كۆتمەك ۋاقتىدا جەڭدىن قايتاتتى، دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرگۈچى ياكى ئەسىرئالغۇچىغا بىر ئاپقۇر شاراپ ئىنئام قىلىناتتى. ئېرىشكەن غەنىمەت – ئولجىسىكۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ بېرىلەتتى(1) دېيىلگەن خاتىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ھونلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەت، يەنى ئەرلىك جاسارەت دۈشمەننى ئۆلتۈرەلىگەنھەم ئەسىر ئالالىغانلىق  بىلەن ئۆلچەنگەن.خاتىرىدىكى بايانغا قارىغاندا، ھونلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشى " بىر ئاپقۇر شاراپ" نىڭ ئىنئام قىلىنىشى ئۈچۈندەك بىلىنىدۇ، ئەمما بۇ يەردە روشەن گەۋدىلىنىپتۇرىدىغىنى يەنىلا ھونلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەتنىڭ شەرتى ئىدى، ئۇلارنىڭ" كۆرسەتكەن خىزمىتى " جەڭدىكى جاسارىتى ئىدى. جۇڭگونىڭ شىمالىدا بىرمەھەل دەۋر سۈرگەن ھون، توخار، ئوغان – سىيانپى، جۇرجان، تۈرك، ئۇيغۇر( قەدىمكىئۇيغۇرلار ) قاتارلىق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلغۇيۇپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانمىللەتلەرنىڭ تەڭرىقۇت، قاغانلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەت يات مىللەت،قەبىلىلەرنى توختىماي بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش، يات مىللەت، قەبىلىلەرنىڭ خان،ئاقساقاللىرىنىڭ بالىلىرىنى بارىمتاي قىلىش، قىزلىرىنى توقاللاققا ئېلىش،  خان، ئاقساقاللارنىڭ كاللىسىنى شاراپ جامىقىلىش، ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىغا قاراپ، قەبرە بېشىغا شۇنچە تاش قويۇش ياكى بالبال (تاش ھەيكەل ) تىكلەش  بىلەن ئىپادىلەنسە؛ئايىم – بانۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ئاياللىق سۈپەت ئۇرۇش – يېغىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئاتمىنىپ، ساداقتىن ئوق ئۈزۈشتىمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.  روسىيىلىك ئارخىئولوگ س. ئى. رۇدېنكو ‹‹ ھۇنمەدەنىيىتى ۋە نويانئولا چوڭ قەبرىستانلىقى ›› ناملىق ئەسىرىدە ھۇنلارنىڭچەۋەندازلىرىنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە ‹‹ ھونلارنىڭئارمىيىسى ئەرلەردىنلا تەشكىل قىلىنغانمۇ ياكى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئاياللارمۇ قاتناشقانمۇ؟ياكى ئۇرۇش يۇز بەرگەن ۋاقىتتا، ئاياللارمۇ قاتناشقان، دەپ شۇنداق پەرەز قىلىشقابولىدۇ. بۇ ھەقتىكى بايانلار جۇڭگو تارىخ ماتېرىياللىرىدىمۇ ئىپادە تاپىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، ئارخىئولوگىيىلىك تېپىندىلاردىكى قىسمەن ھەربىي قوراللار،مەسىلەن، ئوقيا بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ماتېرىياللار ئوۋچىلىق قوراللىرىبولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ مۇھىم بولغان قىسقا ساپلىقلىقلارنىڭ نويانئولا ئاياللار قەبرىسىدىنمۇكۆپلەپ تېپىلىۋاتقانلىقىدۇر ››(2) دەيدۇ. تەڭرىقۇت، قاغانلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىشۋە  ئۇلارنى قانداق قىلىپ " سىزىغانسىزىقىدىن چىقمايدىغان " قىلىشتىمۇ ئاياللاىق سۈپەت ۋە لاتاپەت ئالاھىدەخاراكتېرلەندى. مەسىلەن، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر ( مەتە ) تەڭرىقۇت خەن خاقانى خەنگاۋدىنى بەيدىڭ تېغىدا يەتتە كېچە – كۈندۈز قورشاۋغا ئېلىۋالغاندا، باتۇرتەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى ( خوتۇنى ) ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ، خەن گاۋدىنى مۇھاسىرىدىنقويۇۋېتىشكە كۆندۈرگەنىدى(3). ئەگەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى ( خوتۇنى )ئاياللىق سۈپىتىنى نامايان قىلالمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا بەلكىم ھون – خەنتارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانمۇ بولاتتى. يەنە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئىڭىدىكى ئاياللارنىڭجاسارىتىگە گۇۋاھ بولۇپ كېلىۋاتقان " تۇمارىس رىۋايىتى " كىشىنىھاياجانغا سالىدۇ. بۇ رىۋايەتتە، كەيخۇسراۋنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىشى دادىل كۈرەشقىلغان قەدىمكى ساكلارنىڭ بىر تارمىقى — ماسساگىتلار قەبىلىسىنىڭ مەلىكىسىتۇمارىسنىڭ ئۆز ئېلىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدىكى قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى،مەرتلىك، پىداكارلىق خىسلەتلىرىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. بۇ رىۋايەت يۇنان تارىخچىسىھىرودوتنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىردە يازغان " تارىخ " ناملىقئەسىرىدە بايان قىلىنغان(4). روشەنكى، تۇمارىستا قەدىمكى زامان ئاياللىرىغا خاسئاياللىق جاسارەت بولمىغان بولسا، مەلىكىلىك ئورنىدا كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ،جېنىنى پىدا قىلمىغان بولاتتى. ئېكىن – تېرىمچىلىق، يەنى بوستانلىق مەدەنىيىتىمىللەتلىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئاساسىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئېكىنچىلىك ۋەتېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەنلا خاراكتېرلەنگەن. تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكىن – تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان يىراق قەدىمكى زامانئەجداتلىرىنىڭ روھىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئۇلارنىڭ سىياسىي دۇنيادىن كۆرە،مەنىۋى دۇنياغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتكۈچلۈك سىياسىي، مىللىي خاراكتېرغا ئىگە بولالمىغاچقا، بوز – قىر، يايلاقمىللەتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئەكس ئەتكەن باتۇرلۇق، مەرتلىك، مەردانىلىق، قەيسەرلىك،جان پىدالىق، ئاخىرىغىچە ئېلىشىشتىن ئىبارەت ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئېلېمىنتلىرىئەلبەتتە ئېكىن – تېرىمچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭروھىدا ناھايىتى خىرەلىك ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەنىدى. دەل شۇنداق بولغاچقا، مەيلىقايسىلا مىللەت ياكى قايسىلا ھۆكۈمران تارىم ۋادىسىغا باستۇرۇپ كىرسۇن، ھېچقانداقكۈچىمەيلا بۇ زېمىندىكى شەھەر – قەلئە ئەللىرىنى بويسۇندۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەقبولغانىدى. خەن خانىدالىقىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى لى گۇاڭلى 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇنبىلەن پەرغانىگە " تۇلپار " ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاتلانغىنىدا ، چوقۇ قاتارلىققەدىمكى شەھەر – قەلئە ئەللىرى لى گۇاڭلىنىڭ پەرغانىگە يۈرۈش قىلىشىغا ھەمدەمدەبولمىغانلىق ئۈچۈنلا، قانغا بويالغان، ۋەيران قىلىۋېتىلگىنىدە (5)، ئۇلار بىلەننەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، مەدەنىيىتى، تىلى، كېلىپچىقىشى بىر بولغان باشقا شەھەر – قەلئە ئەللىرى ئەرلىك سۈپىتىنى، توغرىسى ئەرلىكجاسارىتىنى نامايان قىلالمىغانىدى. بىراق، ئېكىن – تېرىقچىلىق مۇھىتىدىكىمىللەتلەرنىڭ مۇنداق ئاياللىق نازاكىتى ۋە لاتاپىتى ئېغىر ئەر – ئاياللىق سۈپىتىئۇزۇنغا بارمىدى، كېيىنچە مۇنداق سۈپەت مىللىي روھ سۈپىتىدە گەۋدىلەندى. ئاتلىقمىللەتلەرنىڭ توختىماستىن تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇشى، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشى ئاخىرقىھېسابتا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەر – ئاياللىق سۈپىتىنىنىڭ خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.تارىم بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى ئەللەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ چوڭ بولغاندا، چېلىشىش،دارۋازلىق، ھەر خىل مەدەنىيەت – سەنئەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق نامايان قىلىشتىنئىبارەت ئەر – ئاياللىق سۈپىتى   ئۈزۈلمەييۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان ئۇرۇش – يېغىلاردا بۇ ئۆزگۈرۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەرلىكجاسارەت ۋە ئاياللىق جاسارەتتىن ئىبارەت سۈپەتكە مۇجەسسەملەندى. شۇندىن باشلاپ،بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى ئەللەردىمۇ نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك، مەرت– مەردانە ئەر –ئايال قەھرىمانلار تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ياركەند – سەئىدىيە خانلىقىدەۋرىدىكى "جاللات خېنىم " دەپ نام ئالغان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭئاياللىق سۈپىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ " ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ،سەئىدىيە خانلىقىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مەرگەنلىكى ۋە جەڭبازلىق ماھارىتى بىلەننۇرغۇن سەركەردىلەرنى قايىل قىلىپ، جەڭلەردىكى باھادىرلىقى بىلەن دوستلىرىنىمۇ،دۈشمەنلىرىنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان " ، "سەئىدىيە خانلىقىنى ھالاكەتتىنقۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان " " بۈيۈك سەركەردە،جاسارەتلىك دۆلەت ئەربابى، ئۇلۇغ ئايال ھۆكۈمدار"(6) ئىدى. مۆھتىرەم خېنىمدىنكېيىنكى خوجىلار دەۋرىدىكى  دەۋرىدىكىدىلشاد خاتۇن — نۇرئەلا خېنىم — ئىپارخاننىڭ روھىدا ئىپادىلەنگەن ئاياللىق سۈپەتۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردىكى نۇزۇكۇم ۋە مايسىخان باشلىق مەشھۇر  " يەتتە قىزلىرىم " نىڭ ئېڭىدىكىئاياللىق سۈپەت ئەلبەتتە قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  ئەرلەرگە خاس، ئەرلىك قان تېمىپ تۇرغانئاياللىق سۈپەت ئىدى. ئەگەر ئىپارخاننىڭ ۋۇجۇدىدا پارلاپ تۇرغان ئاياللىق سۈپەتيەنە لاتاپىتىدىن، نازلىقىدىن بېشارەت بەرمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا مانجۇخانلىقىنىڭ خانى چيەنلۇڭ 1765 – يىلى قوزغالغان ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنىڭ"جىگدە يىغىلىقى " غا سەۋەبكار بولۇپ قالمىغان بولاتتى. مۇشۇ قاتلاملىقدەۋرلەرنىڭ ئۆزىدە ئەرلىك سۈپىتىنى نامايان قىلغان يەنە نۇرغۇنلىغان ئەرلەرمۇھەققانىيەت يولىدا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئەرلىكىنى ئەلگە تونۇتتى.
ھەرقايسى دىن دەۋرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئاياللىق سۈپىتى ھەققىدىكى تونۇشى ۋەئۇنى نامايان قىلىشى ئوخشاش بولماي كەلدى. شامانىزم دەۋرىدە جىن – ئالۋاستى، دىۋە،يالماۋۇز، ئەجدىھالار بىلەن جەڭ قىلىش، ئەل – جامائەتنى جىن – ئالۋاستى، دىۋە،يالماۋۇز، ئەجدىھالارنىڭ بالايى – ئاپىتىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئەر – ئاياللىقسۈپەتنىڭ، تېخىمۇ ئېنىقراغى ئەر – ئاياللىق جاسارەتنىڭ بەلگىسى قىلدى. ھازىرغىچەداۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەپسانە – رىۋايەتلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مانا مۇشۇنۇقتىنى ئاساسىي مەنبە قىلغانىدى؛ بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭبەلگىسى تىنىچ – ئاسايىشلىق بىلەن ئىبادەت قىلىشتا خاراكتېرلەنسە، ئىسلام دىنىدەۋرىدە ئەر – ئاياللىق سۈپەت قىلىچ تۇتۇپ غازات قىلىش، ئىلىم – ھېكمەت بىلەنئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلەندى. سوپىزم دەۋرىدە بولسا، ئەر– ئاياللىق سۈپەتنىڭ سىياسىيلىق، مىللىيلىق، قىزىق قانلىق، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەتخاراكتېرى ۋە روھى  سۇسلاشتۇرۇۋېتىلدى.ھازىرقى زامان دەۋرىگە كەلگەندە ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ مىللىي ۋە سىياسىيخاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.  قۇمۇلخەلقىنىڭ تارىخىي قوشاقلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە ››ئېيتىلغان :
            چازىغا بەرگەن قازاق قوينىڭ
قۇيرۇقىدا يېغى بار.
           خوجىنىياز ھاجى ئەر ئىكەن،
      شەرمۇ – شەردە دېڭى بار(7).

دېگەنقوشاقتىكى " خوجىنىياز ھاجى ئەر ئىكەن، شەرمۇ – شەردە دېڭى بار " دېگەنبۇ ئىككى مىسرادا " ئەر " نىڭ سۈپىتى " دېڭى بار " لىقىدىنبىشارەت بېرىلىۋاتقانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك سىياسىيىۋىلىققا ئىگەبولغانلىقىدا ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.  بۇنۇقتىنى ئەمدى ئىلى خەلقىنىڭ تارىخىي قوشاقلىرىدىن بىرى بولغان " نۇزۇگۇم"( توغرىسى ‹‹ نۇزۇكۇم ›› بولىشى كېرەك) دا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەرلىك سۈپەتبىلەن " مايىمخان "نىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى مونۇ بېيتلاردا ئىپادىلەنگەن ئەرلىك سۈپەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:
"نۇزۇگۇم " دا :
              تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
              سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ ؟
              نۇزۇك باشقا كۈن چۈشتى،
              ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟ (8)
       ئەسلى بۇ قوشاقنىڭ تولۇق تېكىتى تۆۋەندىكىچە:
ئاخىر ئاشكارە بولدۇم،ياشۇنغالى يەر بارمۇ؟

ماڭا قاتىق كۈن تۈشتى، ئالىپ قاچار ئەربارمۇ؟

تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى سۈزۈپ ئىچەر ئەرقەنى؟

مەنى كاشقەر شەھرىگە ئالىپ قاچار ئەرقەنى؟ (9)

                                            " مايىمخان " دا :
ئىشىك ئالدى كۆك تېرەك،
ئىگىز ئۆسكەن ئاق تېرەك.
مايىمخاننى ئۆلتۈردى،
ئاڭا ئوخشاش ئەر كېرەك.(10)
بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەل سۆيەر ئايال قەھرىمانى، نۇزۇكۇم ۋە مايىمخانئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مانجۇ خانلىقى ئىستىبداتلىرىغا قارىشى ئېيتىلغان چاقىرىقىبولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرلىك سۈپەتنىڭ ئەل – ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈنلەر ئۈچۈنجان پىدا قىلىشتا ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بىراق، بۇ يەردە شۇ نەرسە ناھايىتىئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانكى، ئۇ بولسىمۇ، نۇزۇكۇم ۋە مايىمخان دەۋرىدە ياكى نۇزۇكۇمۋە مايىمخاننىڭ ئۆلۈم ۋاقتى يېقىنلىشىپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە، نۇزۇكقا ياكى مايىمخاندەكئەرلىك كۆرسىتەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ جازا مەيدانىدا جاسارىتىنى، ئۆلۈمدىنقورۇقماسلىقتەك روھىنى نامايان قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەرلىك سۈپەتنىڭخىرەلىكى ئېچىپ بېرىلگەن. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەل – جامائەت كۆزلىرىنى ياشلاپتۇرۇپ :" ماڭا قاتىق كۈن تۈشتى، ئالىپقاچار ئەر بارمۇ؟"، " ئەل – جامائەت ئىشىغا،مايىمخاندەك ئەر كېرەك " دەيدىغان چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، نۇزۇكۇمۋە مايىمخاندىكى ئاياللىق سۈپەت مىللىي خاراكتېرغا ئىگە قىلىنىپ، ئەرلىك سۈپەتبىلەن بىر گەۋدىلەشكەن، ھەتتا ئەرلىك سۈپەتنىڭ نۇزۇكۇمدەك ۋە ياكى مايىمخاندىكىئاياللىق سۈپەتتەك بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيىۋىلىق،مىللىيلىققا ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك نۇزۇكۇم ۋە مايىمخان ئەل قەلبىدە ئاياللىقسۈپەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەرلىك سۈپىتى، ئەرلىك جاسارىتى بىلەن ئورۇن ئالغان.
ئەل قىزى مايىمخان ھەققىدىكى قوشاقلاردا يەنە ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپەتئائىلىۋى سۈپەتكە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن:
             ئاتا بولغىنىڭ قېنى؟
             ئانا بولغىنىڭ قېنى؟
             ئۆلۈمگە ئېلىپ ماڭغاندا،
سوراپ ئالغىنىڭ قېنى؟
     بۇ قوشاقنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى يەنەمۇنداق شەكىلدىمۇ ئېيتىلىدۇ:
              قىلىچ بىلەن چاپقاندا،
              تىلەپ ئالغىنىڭ قېنى؟(12)
روشەنكى،  بۇ يەردە ئيتىلىۋاتقىنى مايىمخاننىڭ زارىبولسىمۇ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپەتتىن تەشكىلتاپقان ئائىلىۋى سۈپەتنىڭ، يەنى ئائىلىۋى جاسارەت ۋە قەھرىمانلىقنىڭ كۈنسايىنسۇسلىشىپ، ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدىن ئىبارەت.
بۈگۈنكىدەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك جەڭگىۋارلىق، مىللىيلىق،سىياسىيلىق بىلەن خاراكتېرلەنمىدى، بەلكى ئەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى سۈپىتى بارغانسېرىنازۇكلىشىپ كەتتى، شۇڭا " ئەرنىڭ قەھرىمۇ بولۇش " ئاياللىق سۈپەتنىڭتەلەپ قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاياللىق سۈپەت مەلۇم مەنىدىنئېيتقاندا، ياسىنىش – تارىنىشتىن ئىبارەت ئاياللىق سۈپەتنىڭ كىچىككىنە بىر نۇقتىسىبىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىرتەرىپى، ئائىلىدە قانداق ئاتا بولۇش، قانداق ئانا بولۇش، بالىلىرىنى قانداقتەربىيىلەش، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەل – ئاۋام بىلەن  قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش قاتارلىق تۈرلۈكنۇقتىلارغا تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. لېكىن، شەھەرلىشىش ۋەزامانىۋىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭئەسلىدىكى ئەل – ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى شەخسىي مەنپەئەتلىك روھتاتاۋلىنىۋاتىدۇ.  
ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت — تېخى بىزدە دىيەرلىك قولغانئېلىنمىغان چوڭ تېما. بۇ تېما ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭقەدىمكى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى روھىنى، ئىنتىلىشىنى، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۆرۈپ –ئادەت، قىلىقلىرىنى چۈشۈنىشىمىز، شۇنىڭدەك كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپيېتىلىشىنى سىجىل تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.


ئىزاھلار
(1) (3) سماچيەن " تارىخىي خاتىرىلەر" ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1987 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 403 –، 404– بەتلەرگەقاراڭ  
(2) س.ئى. رۇدېنكو ‹‹ ھۇن مەدەنىيىتى ۋە نويانئولا چوڭ قەبرىستانلىقى ››، جۇڭخۇاكىتابچىلىقى ئىدارىسى، 2012 – يىل 12– ئاي خەنزۇچە نەشرى، 77– بەتكە قاراڭ.
(4)ئابلاجان ئەمەت " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى " ، شىنجاڭ خەلقنەشىرياتى، 2001 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 72 – بەتكە قاراڭ.
(5) بۇھەققىدىكى بايانلارنى بەنگو " خەننامە . لى گۇاڭلىنىڭ تەرجىمىھالى . قورىغارھەققىدە قىسسە "( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1993– يىل 12– ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى)لەردىكى مەزمۇنلاردىن كۆرۈڭ.
(6)  ياسىنجان سادىق چوغلان " جاللات خېنىم" ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2003 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 943 – بەتكە قاراڭ.
(7)قۇمۇل ۋىلايەتلىك قۇمۇل نەزمىلىرىنى نەشىر قىلىش گۇرۇپپىسى تۈزگەن '' قۇمۇلنەزمىلىرى " ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1992 – يىل 11– ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى،389 – بەت.
(8) تۈزۈشگۇرۇپپىسى تۈزگەن " ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى " ( 1 ) ، شىنجاڭ خەلقنەشىرياتى، 1988 – يل  7 – ئاي، ئۇيغۇرچەنەشرى، 38 – بەت
(9)  "  نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر"غا قاراڭ.
(10) غۇلجا خەلق داستانلىرى " ، 366 – بەت.
(11) "غۇلجا ناھىيە خەلق قوشاقلىرى " 385 – بەت.
(12) ئۇيغۇرخەلق تارىخىي قوشاقلىرى " ، 38 – بەت.


uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6119
توردىكى ۋاقتى: 1630
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 21:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر-ئايال ئەمەس ئەر خوتۇن دېسە مۇۋاپىق بۇلار. ئېرىم دېمەي يولداش دەيدىغان بولۇپ كەتتۇق.

0

تېما

3

دوست

866

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50782
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 01:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن  .  ئەرلىك جاسارەت ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقى ئەمەس بەلكى ئاقىۋېتىنى بەك كۆپ ئويلىۋالماي باشقا كەگەننى كۆرىەرمەن دەيدىغان قاراملىق بولىشى كېرەكمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە.......

0

تېما

36

دوست

7673

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 10:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەر ئاياللىق سۈپەتنى باشقىدىن يىزىش مۈمكىن بولسا.... ئەرلەر  ئىشتىن قايتىپ ۋىيشىن ئويناپ كالچاراپ يتسا، ئايال ئىشلەپ كىلىپ لىفىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى، ئۆتەكلىرىنىڭ سىرتمىلىرىنى ئىچىپ تەييار قىلىپ بولسا ئۆيگە كىرىپ بەش مىنۇت بۇرۇن مىفەننى دۈملەپ ئەرنىڭ كانىيىغا ئۇرسام كوت كوت قىلمىسا ............................ھا ھا نۇرغۇن ئا.ئىلىلەر مۇشۇنداق
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2145

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 12:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 10:47
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەر ئاياللىق سۈپەتنى باشقىدىن يى ...

ۋاھ ماگەپنىڭ قىززىقلىقىنى.قالتىسىەنسىز

0

تېما

0

دوست

2145

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 15:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mim يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 01:27
ياخشى تېمىكەن  .  ئەرلىك جاسارەت ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقى ئە ...

توغرا دىدىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )