قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 10

ئەركىم: فوتوسۈرەتچىنىڭ قارلىقتىكى خاتىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7647
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 17:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 17:59  

فوتوسۈرەتچىنىڭ قارلىقتىكى خاتىرىسى

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

2016-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى قومۇل شەھرىدىن 70كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقتاش سۇمۇشتان يايلىقىغا قاراپ ئاتلاندۇق. سەپەرگە چىقىش ئالدىدا باشقىلار يولدا قار-شىۋىرغان بار، سەپەرگە چىقماڭلار، دېگەن بولسىمۇقىزىمغا بەرگەن ۋەدەمنى بېجىرىش ئۈچۈن يۈرۈكىمنى قاپتەك قىلىپ ئەگرى - بۈگرى تاغ يوللىرىغا كىرىپ كەتتۇق. كۈچلۈك قوپىۋاتقان بوران دەستىدىن يولدا ھەر يان ئۇچۇۋاتقان قارگاھى دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشىسا گاھى، كۆكتە داۋالغۇۋاتقان ئاپئاق بۇلۇتلاردەك كۆرۈنەتتى. بىز ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۈزىۋاتقاندەك، ئۇچىۋاتقاندەك تۇيغۇلارئىلكىدە سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىر چاغدا يول بويىدىكى قاردا تۈگۈلۈپ ياتقان تۈلكىنى كۆرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى چۇقۇرۇشۇپ كەتتۇق. قىزىم ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى تۈلكە ئوبرازىنى ئەسلەشنىڭ ئورنىدا « غەرىبكە ساياھەت » فىلىمىدىكى تۈلكە جىن ئوبرازىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، بۇ فىلىمنىڭ بىز چوڭلارنىڭ قەلبىدىكى تەسىرى ھېلىھەم يوقالغىنى يوق. شۇ چاغدا قىزىمغا تۈلكىنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئوبرازىنى ۋە ئۇنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. قىزىمنىڭ باشتا ھەيران بولۇپ، تۈلكە شۇ قەدەر چىرايلىقكەن، ئۇنىڭ قاراشلىرى بەك ئوماقكەن، نىمىشقا ئۇنى ھىيلىگەر دەيمىز، دېگەن سوئاللىرىغا نەق مەيدان دەرسى ئۆتۈۋالغىنىمدىن خۇش بولدۇم. بىچارە پەرزەنتلىرىمىز ئۆي ۋە مەكتەپنىڭ ئارلىقىدا قاتىراپ ياشاشقا دۇچار بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تەبىئەت بىلەن شۇنچىلىك ئۇچىراشقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت.
قىزىم كىچىكىدىن ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىشقا قىزىقاتتى، ئەپسۇس، ئۇ 4 ياش چاغلىرىدا بىر ئاسلاننى ھەپتە كۈن باققاندىن سىرىت ھېچقانداق بىرەر جانىۋارنى ئۆيدە بېقىپ باقمىدۇق. ئۇنىڭ ئارمانلىرى ئارمان پېتىچە قېلىۋەردى. قىزىم ئىت باقايلى دېگەندە، بىز ئۇيغۇرلار ئۆيدە ئىت باقساق بولمايدۇ،دەپ جاۋاپ بەردىم. نىمىشقا دېسە، ئاتا-بوۋىلىرىمىز كەڭرى دالىلاردا، كۆجۈم مەھەللىلەردە ئەركىن-ئازادە ياشىغان، شۇ چاغلاردا ئىت بېقىشقا ئورۇن،شارائىت ۋە سەۋەب بارئىدى. بىزدە يەنە ئىت بېقىلغان ئۆيگە پەرىشتە يولىمايدۇ، دەيدىغان گېپىمىز بار، بىنائۆيدە ئىت بېقىش قولايسىز دېدىم. بېلىق، تاشپاقا، قۇش باقايلى دېدى. دېدىم، جېنىم قوزام، دۇنيادىكى ھەر قانداق جانىۋارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ياشايدىغان يېرى، مۇھىتى بولىدۇ. بېلىق، تاشپاقىلار كۆل، دەريا ۋە چەكسىز كەتكەن دېڭىزلاردا ياشاشقا يارالغان، قۇشلار بولسا قەپەزدە ياشاشقا ئەمەس، كەڭرى كەتكەن تەبىئەت ۋە پايانسىزئاسمانلاردا پەرۋاز قىلىپ ياشاشقا يارىتىلغان، ئۇلارنىڭ قەپەزدە، كىچىككىنەكۆلچەكتە ياشىشىغا مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، سىزنىڭ ئۇنامدۇ، شۇڭا بېقىشقابولمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم. ئەمما، ئۆزەمنىڭ ئۇلارنى بېقىشقا كىچىكىمدىن ھەۋەس قىلىدىغانلىقىمنى، دادامنىڭمۇ ماڭا شۇ گەپلەرنى دەپ توسقانلىقىنى بالامغا ئېيتىيالمىدىم. مەن مانا ھەقىقى سەھرا مۇھىتىدا لاي،پاچىقلارغا مىلىنىپ، توپا، چاڭ-توزانلارغا بۆزلىنىپ، مال-چارۋا، پادا بېقىپ،ئېتىز-ئېرىق، قوغۇنلۇقلاردا يېتىپ، كۆل-ئېقىنلاردا چۆمۈلۈپ، قۇش ئېتىپ، تۇخۇم سېتىپ بالىلىق ئويۇنلىرىغا قېنىپ چوڭ بولغان. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈندەئۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈش بەك تەس. بىز بېلىق تۇتۇپ ئوينىغان كۆللەر، ئېقىنلار قۇرۇپ كەتتى، ئېتىزلار، يەرلەر بىنالىشىپ، ئاسفالىتلاشتى، بىز يولدا كۆرگەن تۈلكىنىڭ ياشاش مۇھىتى تارىيىپ كەتتى، ھازىر تۈلكىنىڭ ھلىگەرلىكىنى كۆرۈش تۈگۈل ئۆزىنى ئۇچىرىتىش بىر مۆجىزە، كىشىلەردىكى مېھىرى-مۇھەببەت كۆتۈرۈلۈپ تۈلكىلەشتى... ھازىر شۇبالىلىق ئەسلىمىلىرىمدە قېتىپ قالغان يەرلەرگە بېرىپ قالسام، ياشلانغان ئەسلىمە پەردىلىرىدە كۆزلىرىم غۇۋالىشىدۇ، خالاس.
بىزئالاھىزەل ئىككى سائەتلەردىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن مەنزىلگىمۇ يەتتۇق.مېھمانخانىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئەتىكى قارلىق دالىدا قار تېيىلىش، قارمەنزىلىرىنى كۆرۈش ئىستىكىدە ھاياجانلىنىۋاتقان قىزىم بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولدۇق. سەھەر تۇرۇپ تۆنۈگۈنكى خەۋەردە قارلىق،تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، دېگەن سۇمۇشتان ئاسمىنىنىڭ ھەر قانداق چاغدىكىدىن ئوچۇقھەم كۆك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتۇق. تېزلىكتە ناشتا قىلىۋېلىپ، قارلىق دالا ساياھىتىگە خوشال-خورام ئاتلاندۇق.
2016يىلى2-ئاينىڭ12-كۈنى ئاقتاشتا چاغانلىق دىجورنىلىق قىلىۋاتقان بىر دوستۇمغا تېلېفون قىلسام ئۇنىڭمۇبالىلىرى يېنىدا ئىكەن. بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ بىرلىكتە پائالىيەتقىلىشقا پۈتۈشۈپ، دوستۇمنىڭ ئىدارىسىغا كەلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىدارىسىغا كەلگەندە دوستۇمنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىتنى كۆرگەن ئايالىم بىلەن قىزىم قورۇققىنىدىن چۇقىرىشىپ كەتتى.دوستۇمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «شىياۋبەي» ئىسىملىك ئىت قاۋاشقىمۇ پېتىنالماي قۇيرۇقىنى شىپپاڭلاتقىنىچە بىزگە قاراپ قالدى. بىز دوستۇمنىڭ ئىدارىسىغا كىرىپ كۈدە-كەپىلىرىمىزنى قويۇپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئاپپاراتىمنى كۆتۈرۈپ ئاپپاق قارلىق دالىغا، چەكسىز كەتكەن قارىغايلىققا سۈرەت تارتقىلى ماڭدىم، باشتا دوستۇم،قىزى ۋە مېنىڭ قىزىممۇ تەڭ چىقايلى، دەپ كەينىمدىن ماڭدى، بىراق، تىزغا كەلگۈدەك قاردا مېڭىش تەس كەلگەچكە ھەممىسى داۋاملىق مېڭىشتىن ۋاز كېچىپ كەينىگە ياندى. مەن ئۆزەم يالغۇز مېڭىپ كەتتىم، بەزى يەرلەردىكى قار بەلگىچە كېلەتتى، بۇنداق ھالەتتە،سەللا دېققەت قىلماي چوڭقۇر ئازگاللارغا پېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەممۇ، مۇشۇ قارنىڭ كاساپىتىدىن قېچىپ ھېچكىم ئاياق باسمىغان گۈزەل مەنزىلەرنى تارتىۋېلىش ئىستىكىيۈرۈكۈمدە يېلىنجىغاچقا ھەسىرەپ-ھۆمىدەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدىم، غاراس-غۇرۇس،گىرىت-گۇرت قىلىپ چىقىۋاتقان قار ئاۋازى ۋە مېنىڭ ئېغىر تىنىقلىرىمدىن ئۆزگە ئاۋازيوق قارلىق دالا شۇ قەدەر سىرلىق ھەم گۈزەل ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا پەلەينى ئۇنتۇغانلىقىم ئۈچۈن، كەسپىي قارلىق ئايىقى ۋە ئىشتىنىنى كەيمىگەنلىكىم ئۈچۈن قولۇم ۋە ئوشۇقۇم قارنىڭ مۇزدەك سۆيۈشلىرىدە ئاستا-ئاستا سېزىمىنى يوقۇتىۋاتقىنىنىمۇ سەزمەستىن يېرىم سائەت مېڭىپ (ئارانغىنە400مېتىر)، بىر نەچچە تۈپ قارغاي بار يەرگە مىڭ تەسلىكتە يەتتىم. ئارلىقتا بويۇمغا كەلگۈدەك بىر ئازگالغا پېتىپ قېلىپ ئاغزى، بۇرنۇمغىمۇ قار كىرىپ كەتتى. بىر يېرىم سائەت ھەپىلىشىپ 30 پارچىدەك سۈرەت تارتىپ كەپتىمەن. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنلا ئۆزەمنىڭ بەكلا توڭلاپ كەتكىنىمنى قول ۋە پۇتلىرىمنىڭ مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپتىمەن. شۇ دەملەردە بىرفوتوگىراف ئۇستازنىڭ: قارلىقتا سۈرەتكە تارتىش ئەڭ جاپالىق خىزمەت، بىراق، شۇجاپالارنى تارتماي تۇرۇپ ياخشى سۈرەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، جاپادىن قورۇقمىغانلارلا نەتىجە قازىنالايدۇ، دېگىنىگە چىن پۈتتۈم. ئېھتىمال بۇ قارتىزغىچە ياغمىغان بولسا، بۇ يەرلەر ئاللىمۇقاچان مەدەنىيەت تونىغا ھىم ئورانغان بىرتۈركۈم مەدەنىيەتسىز كىشىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەرگە لىق تولغان بولاتتى. ئويلاپ كەتتىم، مۇشۇ قارنى مەڭگۈ ئېرىمىسىكەن، دەپ...چۈنكى بۇ قار ۋە چىدىغۇسىز سوغوق كىشىلەرنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئىلگىرلەپ يايلاقنى نابۇت قىلىۋاتقان قەدىملىرىنى توسۇپ قالالايتتى. ئەپسۇس، بۇ پەقەت بىر خام خىيال.
قايتىپ كەلدىم،تاماق يىدۇق، مۇڭداشتۇق، ئارلىقتا ھېلىقى «شىياۋبەي » نىڭ كاساپىتىدىن دوستۇم ۋە مېنىڭدىن باشقا ھېچكىم تالاغا چىقىشقا ئۇنىمدى. ئىت بېقىشقا ھېرىس قىزىمنىڭمۇئىتتىن بۇنچىلىك قورقۇشى قىززىق، ئەگەر ئۇلار بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا باققان، كۆرگەن ، موزايدەك، شىردەم، تامدەك ئىتلارنى كۆرگەن بولسا ئىش باركەندۇق.كوچىلارنى بىر ئالغان سەرگەردان پىستە ئىتلارنىڭ كۆپلىكى بىر ئىجتىماي مەسىلىگە ئايلانغان مۇشۇ كۈنلەردە، ئىت بېقىشنى ئويلاشمۇ بىر مەسئولىيەتسىزلىك. كۈنمۇ تېزلائۇۋىسىغا كىردى، كەچتە كاۋاپ قىلىپ يىگەچ بالىلىق ئەسلىمىلەردىن ئورتاقلاشقاچ كۈن چىقىش تەرەپ بېلىق قۇرسىقىدەك ئاقارغۇچە پاراڭ سەپتىمىز. تۈمكۈلۈپ-تۈمكەلمىي، كۆزىمىزنى يازىيۇدا يۇمۇپلا تاڭمۇ ئېتىپتۇ. ئاخشامقى مەسلىھەت بويىچە ناشتىدىن كېيىن ئاقتاشنىڭ كۈن پېتىش سايانىدىكى سۇمۇشتان قار تېيىلىش مەيدانىغا ئاتلاندۇق. كوچىلاردا ئادەملەر شالاڭداپ قالىدىغان چاغان مەزگىلى بولسىمۇ، مىغ-مىغ ئادەمگە تولغان قارتېيىلىش مەيدانى ئاجايىپ قاينام تاشقىنلىققا تولغانتى. بالىلار قار تېيىلىش ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ قالدى. مەن بولسام يەنە ئاشۇ تىزغا كېلىدىغان قارنى دەسسەپ قىراۋ باسقان قارغايلىققا يۈرۈپ كەتتىم. فوتوسۈرەتچىلىككە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان مېنىڭدا ئاپپارات ۋە يېلىنجاۋاتقان يۈرەكتىن ئۆزگە فوتوسۈرەتچلىككە ئالاقىدار ئەسۋابلىرىمنىڭ كەملىكىنى يەنە ئويلۇدۇم. ئالدىمدا بىراۋ باسقان قارئىزىنى بويلاپ كېتىۋاتىمەن، قارغايلىققا ئاز قالغاندىلا بۇ ئىزنىڭ كىشى ئىزى ئەمەس بەلكى ياۋايى بۇغا- ماراللارنىڭ ئىزى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتتىم. كۈندۈزدىكى بىر خىل قاراڭغۇلۇق باسقان قارغايلىق ئىچىگە، ئۇ يەر بۇ يەردىن قۇياش نۇر چۈشۈپ ئىنتايىن سىرلىق مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. شۇ تاپ ئۆزەمنى قولىغا ئوۋ مىلتىقى ئېلىپ، ئوۋ غەنىيمىتى ئىزلەۋاتقان ئوۋچىغا ئوخشىتاتتىم. ئەتىراپنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتەتتىم، نۇقتىنى تاللاپ پەم بىلەن تەپكىنى باساتتىم، ئۇلار بىر-بىرلەپ مېنىڭ ئاپپاراتىمغا ۋە يۈرەك قاتلىرىمغا خاتىرلىنىپ ماڭاتتى...


سۈكۈت بۇ يەردە مۇزلاپ قالغان،
قار ئوراپتۇ ئۇنىڭ جىسمىنى.
مەنمۇ توڭدۇم تاغلاردەك جىمجىت،
ئاي، يىللارنىڭ ساناپ ئىسمىنى.

                        2016-2-12 ئاقتاش

شۇ تەرىقىدە ئىككى سائەتلەر ئۆتتى، قايتىدىغان چاغ بولدى، مەن تارتىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلغان كەچكى شەپەق مەنزىرىسى تېخى پەيدا بولمىغان بولسىمۇ قايتتىم. ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن فوتوسۈرەتچىلەرمۇ شۇ، ئۇلاردا سۈرەت تارتىدىغان ئىشىق بار، لېكىن ۋاقىت يوق، ۋاقىت بار، بىراق، ئاجايىپ كاتتا مەنزىرىلەرنى تارتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتمەيدۇ. مەنزىرە بار، مەنزىرىلىك جايلارغا تۇرمۇش، خىزمەت سەۋەبىدىن بارالمايدۇ.بارالايدىغانلىرىدا ئاپپارات ۋە فوتوسۈرەتكە بولغان چۈشەنچە ھەم ئاشىقلىق خۇرۇچلىرى يوق. ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى، دەپ بىكارغا ئېيتىلمىغاندە...بالىلار ئويناۋاتقان جايغا چۈشۈپ قىزىم تۈركەنئاينىڭ چېھرىدىكى خوشاللىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ، تەگسىز خىياللار چوڭقۇرلىقىدىن سۇغۇرلۇپ چىقتىم. كاللامدىكى، قارئېرىپ كەتمەستە بۇ يەرگە يەنە بىر كېلىش ئىستىكىنى مۇجىمەل ھېس تۇيغۇلارغۇۋالاشتۇرۇشقا باشلىدى. چاغاندىكى دەم ئېلىش تۈگىسە خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىمىز.8-مارت، ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى دېگەندەك بايراملار قاتىرىغا كېلىپ، بۇيىلنىڭمۇ يېرىمى ئاياقلىشىدۇ. بىزمۇ ئۆچكە جاڭگال چۈشەر، توخو داڭگال، دېگىنىمىزچە،باش ئايىقى چىقمايدىغان ئارمانلار ئىلكىدە، ئاي، كۈنلەرنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيمىز. يېشىمىز، ئارزۇلىرىمىز ئۇلغىيىدۇ. ئىمكانىيىتىمىز، مادارىمىزئازلايدۇ...

                                                                             2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى    قومۇل

سەپەر خاتىرىلىرىدىن پارچىلار

IMG_1319.JPG

---
IMG_1320.JPG

---
IMG_1318.JPG

---
IMG_1317.JPG

---
IMG_1316.JPG

---
IMG_1315.JPG

---
IMG_1321.JPG

---
IMG_1323.JPG

---
IMG_1322.JPG

ئاقتاشتىكى دەرىزىلەرگە چۈشكەن قىراۋ چېچەكلىرى
IMG_1311.JPG

---
IMG_1313.JPG

---
IMG_1310.JPG

---
IMG_1314.JPG


---
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1186

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31542
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 01:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

1737

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9826
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 01:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمدا چېيايلىق سۈيەتلە بۇ

6

تېما

3

دوست

7396

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1101
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 505
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 02:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتقان جاپايىڭىزغا چۇشلۇق ئىش قىپسىز: سۈرەتلەر ناھايىتى چىرايلىق تارتىلىپتۇ، بىزگە ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىنى نامايەن قىپ بېرىپسىز.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3246

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1010
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 10:19:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۈرەتلەرنى گېزىت-ژورناللارغا  بەرسە بولغىدەك

1

تېما

2

دوست

1972

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35473
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 10:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەللىككە تولغان تەبىئەت......


ئەجرىڭىزگە رەخمەت....

13

تېما

18

دوست

2963

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 872
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
---
IMG_1321.JPG
---
IMG_1323.JPG
---
IMG_1322.JPG
مۇشۇ  ئۈچ پارچە سۇرەت مەندە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى   . فوتوشۇپتا  كىرىشتۇرۋالمىغانسىز ھە (چاقچاق)

1

تېما

0

دوست

1718

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىم ئاكا ئسىل يازمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
تۈمكۈلۈپ-تۈمكەلمىي، كۆزىمىزنى يازىيۇدا يۇمۇپلا...بۇ سۆزلەر قۇمۇل شىۋىسىمۇ،مەنسىنى ئىزاھلاپ بەرسىڭىز؟
سىزنىڭ قايسى ئاپپارات؟ئادەتتە سۈرەت تارتقاندا قانداق تارتسا چىرايلىق چىقىدۇ؟
سىز يۇقاردىكى سۈرەتلەرنى ئەسلى پېتى ئالدىڭىزمۇياكى سۈزۈكلەشتۈرگەن ئىش بارمۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )