- تىزىملاتقان
- 2014-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4313
- نادىر
- 1
- يازما
- 90
ئۆسۈش
77.1%
|
بۇ تېما ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،خىلى ئەمىلىي گەپلەرنى قىلىپسىز .ياخشى تەرىپىنى دېمىسەممۇ بولار .بىزنىڭ دىيارىمىزدا تىخى دىھقانلارنىڭ غىدىقلىغۇدەك چوڭ كىرزىس تىخى كەلمىدى ،كەلدى ئەمدى ئەڭ نادان دىھقاننىمۇ سىلكىگىدەك كىرزىس بولمىدى ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشلىرىنىغۇ ئەسلا سۈرۈشتە قىلمايدۇ ،بالىسى نىمە ئوقۇۋاتىدۇ ،نىمە نىشان ھىچنىمە بىلمەيدۇ ،ھەم ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن خىزمەت تاپ دەپلا بۇيرۇيدۇ .نەچچە ئون يىلدىن كىيىن دىھقانلارغا يەرمۇ بىرىلمەسلىكى مومكىن ،ئەگەر تىخنىكىلق تىرىپ ھوسۇل ئالالمىساڭ يەرنى تاپشۇر دىيىشى مومكىن ،ھۆكۈمەتنىڭ ساقىلى يوق ،ۋاقتى كەلگەندە يەرگە ئوتتۇز يىللىق توختام تۈزگىنى بىكارچى بولۇپ ،ئىچكىرىدىن چىققان يولداشتىن بىرسى مەن ھوسۇل ئالغۇدەك تىرىيمەن دىسە ئۇنىڭغا بىرىدۇ .مەنمۇ دىھقان بالىسى ،ھازىر يەردىن چىققان ئاشلىق يەرنىڭ چىقىمىنى تۆلىيەلمەيدۇ ،پەقەت شۇ ئىتىز ئەتراپىدىكى ياڭاق ئۈرۈك چىلان قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كىرىمى بىلەن ئاندىن يەردىن دىھقانغا ئازراق نەرسە قالىدۇ .يەرتىرىپلا ئۆتىدىغان دىھقاننىڭ باي بولغىنى يوق ،يىلدىن -يىلغا قەرز ،ئەمما ئازراق تىجارەت،قوي باقمىچىلىقى دىگەندەكلەرنى قوشۇمچە قىلغان دىھقانلارنىڭ كىرىمى بىرئاز ياخشىراق .ئىشقىلىپ دىھقانلىرىمىز كىرزىسنى ھىس قىلىپ يەتمىدى .ھورۇنلۇققا كەلسەك ،ئاشۇ دىھقانلىرىمىز كۈندۈزدە ئىشلىسە ،كەچتە ئۆيدە تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىدۇ ،دىھقان بولغاندىكىن مۇنداق مەسچىتلەرگە بىرىپ ئىبادەت قىلىپ قويسا ،بىركىم توسمىغاندىكىن ،ئاللاھ بەلىكىم يول ئاسايشلىق بىرىپ قالارئىدى .....
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر ئۈندىدار مۇھەببەتنىڭ قۇلى ،تۆت يىل نىمە ئۈگەندىڭ دىسە ھىچنىمە دەپ بىرەلمەيدۇ ،باشقا تەرەپنى دىمەي ،مۇشۇ ھالقىلىق مەسىلە....
ھارۇنلۇققا كەلسەك ھورۇنلۇق ھەممە مىلەتتە بار ئەمما بەزمىللەتلەر بىرئاز ھورۇنلۇق قىلسىمۇ يارىشىدۇ ،ئەمما بىزنىڭ ھورۇنلۇق قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس ئىدى ،لىكىن ئاشۇ ھورۇن ئەرەپلەر دەمدۇق ،ئىشقىلىپ شۇلار بىلەن بەسلىشىۋاتىمىزغۇ تاڭ ....
خۇلاسە قىلغاندا ھاياتنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئادەم ئىچ ئىچىدىن ئويغانمىسا ،سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مومكىن ....
ئىسىل تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ... |
|