- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1745
- نادىر
- 1
- يازما
- 93
ئۆسۈش
  74.5%
|
trumpin يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 20:27 
ئىسلام دىنىنى ياۋرۇپالىق سىياسىيۇنلارنىڭ قۇلىدا خىل ...
ئەڭ ئاخىرقى گېپىڭ مۇشۇ بولدىما؟
مەن ئىسلامنى غەرپلىكلەرنىڭ گېپى ئارقىلىق چۈشۈنۈپتىمەنمىش! نېمىشقا خىجىل بولماي دەيدىغانسىلەر مۇشۇنداق گەپنى؟ (ھەدىسلەرنى ئوبدان ئوقىغىنا،كىشىلىك ئەخلاق تۇغرسىدا كۆرسەتمىلەر نۇرغۇنغۇ!)
«قۇرئان» بىلەن «ھەدىس»نى دېمەي بولدى ،بۇ ئىككى كىتاپنى ئوقۇماي تۇرۇپ،بۇنچە چوڭ گەپ قىلماسسەن ھەقاچان. ئىراقلىق مۇسا مۇساۋىنىڭ «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ باققانمۇ؟ «زامانىمىزدىكى ئىسلامىزىمنىچۇ؟»،«ئەرەپ ئىسلام پەلسەپىسىنىچۇ؟ مىسىرلىق ئەھمەت ئەمىننىڭ« ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرى» دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابىنىچۇ؟،«3 قىسىملىق ھىدايەت گۇلزارىچۇ؟» ، مەجد پەخرۇنىڭ «ئىسلام پەلسەپە تارىخچۇ؟» بۇلار غەربلىكمىكەن؟
مىسىرلىق ئىسلام ئالىمى مۇھەممەت ئابدۇنىڭ كىتابىنى ئوقىغان غەرب روھانىيلىرى:« ئىسلام ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئېسىل دىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا،بىز خىرىستىيان دىنىغا خاتا كىرىپ قاپتۇق! ئەپسۇس،بۇ ئىسىلام دىنى ئەمەس،بەلكىي مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تەپسىرى »دەپتىكەن. نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ ناھايتى ئاددىي، ئۇلار ئىسلامنى -مۇھەممەت ئابدۇنىڭ «ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىسى» بىلەن ئەمەس ، رىياللىقتىكى ئىسلام ئۈممەتلىرىنىڭ ئىش -ھەرىكىتى بىلەن چۈشەنگەن. ئىسلامغا بەيئەت قىلغان قايسى بىر كىشىنىڭ گېپى بارغۇ :«مەن ئىسلامنى «قۇرئان»دىن چۈشەندىم، ئەگەر ئۈممەتلەردىن چۈشەنگەن بولسام،ئىسلامغا كىرمەيتتىم» دېگەن مەزمۇندىكى گەپ بارغۇ.
سەن ئۇيغۇر! 10-ئەسردە ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى. ئاللا سېنى ،مېنى،ئۇيغۇرلارنى ئىسلاملىشىشتىن بۇرۇنقى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرقىدا ساقلىغان. كانشىكاي 2 ۋاقتىدا «خوتەن،قەشقەر،كۇچا،تۇرپان،دۇنخۇاڭلار ساكيامونى (ساك شاھزادىسى) تەرغىپ قىلغان بۇددا دىنىنىڭ داڭلىق مەركەزلىرى ئىدى». كىم بىلىدۇ سېنىڭ گېنىڭ شۇ چاغدىكى ساداقەتمەن بىر تويۇن (بۇددا راھىبى)غا بېرىپ چېتىلامدۇ تېخى.
تەڭرى (ئاللا) قۇدىرەت ئىگىسى،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر!! |
|