- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
  70.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-13 22:03
trumpin يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 20:40 
مىنىڭچە سىزدىكى بىردىن بىر مەسىلە شىلەرگە تۇغرا پۇزى ...
ئاڭلىسام شىئەلەرمۇ سۈننىيلەرنى سىز دېگەنگە ئوخشاش ناسارا ۋە يەھۇدىلاردىنمۇ خەتەرلىك دەيدىكەن. دىمەك ھەر ئىككى مەزھەپ قارشى تەرەپنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىنكار قىلىدىكەن.راستىنى ئېيىتقاندا،مەن بىر ئىنساننىڭ ھەقىقى تەقۋا مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىنى قىيامەتتە ئاللاھ ئۆزى ئادىل ئايرىۋالىدۇ،ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش،ھەرگىزمۇ بەندىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن.مېنىڭچە مەزھەپ ئۇرۇشى قىلماي،ھەممە ئادەم ئۆزى توغرا ھېساپلىغان ئىبادەتنى قىلىپ،ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلىم تەسىل قىلىپ،ھالال بايلىق يارىتىپ،بىربىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ،مۇسۇلمانلىق سالاھىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ،ئىسلامغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشىى كېرەك.قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي،خەلىپىلىك قۇرىمىز،ناسارا ۋە يەھۇدىلارنى يوقىتىمىز دەپ داۋراڭ سالغاننىڭ زىيىنى بولسا باركى پايدىسى يوق.
ئوتتۇرا شەرقتىكى مەزھەپ توقۇنۇشى سىز ئويلىغاندەك دىنى ئەقىدە توقۇنۇشىلا ئەمەس،بەلكى دۆلەت،مىللەت مەنپەئەتى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ توقۇنۇش.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرەقتىكى مەزھەپ توقۇنۇشىغا ئارىلاشماي،ئۆزىمىزنىڭ ئىبادىتى ۋە تىرىكچىلىكىمىزنى قىلىپ يۈرۈۋەرەيلى قېرىنداشلىرىم. |
|