قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6380|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوغۇزمۇرات : يۈز يىللىق ئىزتىراپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

6

دوست

961

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53724
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-11 21:15:13 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OGUZMURAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-12 22:47  

1.jpg

        موڭغۇل ئىستىلاسى ئۆز دەۋىرىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ۋەيران قىلدى . شۇ دەۋىرنىڭ ئەڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتى ۋەھىمىلىك ئۇرۇشلار ۋە ‹‹ياۋايىلار››[1] نىڭ تاپىنى ئاستىدا زور تالاپەتكە ئۇچىرىدى . ياۋرو -ئاسىيا دالاسىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسى خەرىتىسىنىڭ[2]ئۆزگىرىشى نوقۇللا ھەربىي زەپەرنىڭ ئالامەتلىرىدىن دىرەك بەرمىدى . بۇندىنكىيىنكى ياۋروپا مەدەنىيەت سەنئەت قايتا گۈللىنىشى، ئىسلامجۇغراپىيىسىدىكى يىڭى دىنىي ئىقىملارنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق تارىخى ھادىسىلەرمۇ بۇنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىدى .    ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا شەرىقىتىكى خىرىستىئان خانى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر كەڭ دەۋىر سۈرگەنىدى . رىۋايەت بويىچە ، يىراق شەرىقتە بىر خىرىستىئان خانى بولۇپ تولىمۇ قۇدرەتلىك ئىدى .ئۇنىڭ قوشۇنىغا  ھىچقايسى قوشۇننىڭ كۈچ قۇدىرىتى تەڭ كىلەلمەيىتتى .ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياۋروپالىقلارنى نامراتلىق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزاتتى . ئەينى دەۋىردىكى ياۋروپالىقلار بۇ رىۋايەتكە قەتئىي ئىشىنەتتى ، دۇئالىرىدا شۇنى تىلەيىتتى ، باللىرىغا قايتا-قايتا ئىيتىپ بىرەر ئىدى .    موڭغۇل ئىستىلاسىدا ياۋروپا ، رىۋايەتلەردىكى شەرىقتىن كەلگەن قوشۇننى كۆردى . لىكىن ئەجەبلىنەرلىك يىرى بۇ قوشۇن رىۋايەتلەردىكى خىرىستىئان قوشۇنى ئەمەس بولۇپ چىقتى  ۋە خىرىستىئان دۇنياسىدا قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى . ياۋروپالىقلار بۇ ‹‹ياۋايىلار›› نىڭ ئادەم يەيدىغانلىقىنى خاراكتىرلەپ رەسىملەرنى سىزدى .[3] ھەمدە بۇ  ‹‹ياۋايىلار›› نىڭ تارىخنى ، كىملىكىنى بىلىشكە تولىمۇ قىزىقتى . دەسلەپتە رىم پاپاسى بۇ  ‹‹ياۋايىلار›› نى  ‹‹ ھەق دىن ›› غا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆز ئەلچىلىرىنى موڭغۇل خاننىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتى .[4]  موڭغۇل خانى ھەممە دىننى ئوخشاش دەپ بىلەتتى . ئەلچىلەرنىڭ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشمىدى . لىكىن ئەلچىلەر موڭغۇل ئوردىسىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر خىرىستىئانلارنى ئۇچىراتتى ۋە بۇ توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى رىم پاپاسىغا يەتكۈزۈپ باردى .[5]
2.jpg

4.jpg


    موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا دالاسىدىكى سودىنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن ياۋروپالىقلار كارۋان يوللىرى ئارقىلىق يىراق شەرق بىلەن ئۇچىراشتى .[6]  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر شەخىس ماركوپولو بولسا كىرەك .  ماركوپولونىڭ ئاتىسى ئۇنى موڭغۇل ئوردىسىدا دىن تارقىتىش ‹‹مۇقەددەس ›› ۋەزىپىسى بىلەن قۇبلاي ئوردىسىغا قۇللۇققا تۇتۇپ بەردى . قۇللۇققا تۇتۇلغان[7] ماركوپولو ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى خاتىرلەپ بىر بۈيۈك ئەسەر يازدى . مەلۇم جەھەتتىن ئىيىتقاندا ئۇنىڭ بۇ ساياھەت خاتىرىسى كىيىنكى دۇنيانىڭ تارىخىنى ، ياۋروپالىقلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرىتكەن مۇھىمئەسەر بولۇپ قالدى . گەرچە ئۇ قۇبلاينى خىرىستىئان مۇرتى قىلالمىغان ، ئاتىسىنىڭ تاپشۇرغان ‹‹بۈيۈك ›› ۋەزىپىسىنى ئاتقىرالمىغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭ تارىخى شەخىس بولۇپ قالدى . مەدەنىيەت سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى ھارپىسىدىكى ياۋروپالىقلار ئۈچۈن ماركوپولونىڭ كىتابى خۇددى بىر ‹‹ ئىلاھى ›› كىتاب ئىدى.[8] كىتابتا خاتىرلەنگەن بايلىقلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە  ‹‹ شەرىقىنىڭ ساماۋىي تەسۋىرى ›› ياۋروپانىڭ بىكىنمىچىكتىن قۇتۇلۇشىغا سىرىتقاقارىتا كىڭىيىشىگە ۋە سودا ئىنقىلابىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى . گەرچە شەرىقتىن كەلگەن قوشۇن ياۋروپالىقلارغا ھەربىي ياردەم بىرىپ ئىرۇسالىمنى قايتۇررۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ ، ئۇلارنى بىكىنمىچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ كۆزىنى ئاچتى . بۇنى ئەينى چاغدىكى ياۋروپالىقلار بايقىمىغان بولسا كىرەك .  
5.jpg

     تارىختىكى چۇڭقۇر قانۇنىيەتلەر ئۇنىڭ ئۆز دەۋىرىدە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىسە كىرەك . ئۆز ۋاقتىدا  ‹‹ كىچىك ئىش ›› سانالغان ۋەقەلەر كىيىنكى تارىخقا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .  موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى ئسلام جۇغراپىيىسى ئۆزىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ياكى بۇ ئوچاقلار بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى . بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىسلام دىنىدا بىر قىسىم يىڭى ئىقىملار مەيدانغا كەلدى . بۇلار ئىچىدە  تەسىرى بىر قەدەر چوڭلىرىدىن سوپىزىم ‹‹ نەقىشبەندىيە ›› [9] ئىقىمىنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن.    تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋىرىدە موغۇلىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ھەربىي كۈچ ئارقىسىدا ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈلدى . ئەرشىدىن جەمەتى[10] تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلامغا كىرگۈزگەن تۆھپىسى بىلەن خانلىقنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى قولدا تۇتقانىدى . ئۇۋەيىسخاندىن باشلاپ نەقىشبەندىىيە تەرىقىتى چاغاتاي خانلىرىنىڭ دىققىتىگەچۈشۈشكە باشلىدى [11].موغۇلىستاندا خوجىلارغا مۇرىت بولۇش ئەڭ چوڭ ئىلىمنىڭ بىرى سانالدى. چاغاتاي خانلىرىمۇ خوجىلارنىڭ مۇرتلىرى بولۇشتى ، ھەتتا زىددىيەتكە چۈشكەن ئەرشىدىن جەمەتىمۇ خوجا تاجىدىن دەۋرىدە نەقىشبەندىيە تەرىقىتىنى قوبۇل قىلدى .ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلغان تەخىت تالىشىش كۈرەشلىرى ،ۋە باشقا ئۇرۇشلار دۆلەت كۈچىنى ھالسىراتتى ، ئاۋام خەلىقتە بولسا‹‹ ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قاقشاقلىق ›› ئەۋىج ئالغانىدى . سەئىدىيە خانلىرىمۇ خوجىلارغا ئىخلاس بىلدۈرۈشكە ۋارىسلىق قىلدى [12].خوجىلارنىڭ ئالتە شەھەردىكى پائالىيەتىلىرى ۋە ئوردىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا نەقىشبەندىچىلەرنىڭ نوپۇزى موغۇلىستاندا مەلۇم دەرىجىدە تۇرغۇزۇلدى . بولۇپمۇ يىڭى ئىسلاملاشقان جايلاردا تىخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى .     خوجا ئەھرارنىڭ مۇرتى مەخدۇم ئەزەم 1542- يىلى سەمەرقەنىدتە ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن ۋە ئىسھاق ۋەلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش توغۇرلۇق ئىمتىياز كۈرىشىگە چۈشتى ، ۋە تەدىرىجى ئىككى مەزھەب بولۇپ شەكىللەندى . مۇھەممەد ئىمىننىى ( ئىشان كالان ) ياقلىغۇچىلار ئىشقىيە ،ئىسھاق ۋەلىنى ( خوجا ئىسھاق ) ياقلىغۇچىلار ئىسھاقىيە تەرەپتارلىرى بولدى [13]. بۇندىن كىيىنكى موغۇلىستاننىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى مۇشۇ ئىككى مەزھەبنىڭ ئۆز ئارا كۈرەشلىرى يۈزسىدە ۋاقىپ بولىدى . سەمەرقەنىتتە يۈز بەرگەن بۇ ۋاقىيە تىزلا ئالتە شەھەرگە كىڭىيىپ ، ئالتە شەھەر تۈركلىرىنىڭ مەنىۋى قىزغىنلىقى ،  سۈيئىستىمال قىلىنغان نەقىشبەندىيە تەرىقىتى [14] ۋە مەزھەب كۈرىشىگە ئايلانغان ئاق تاغ - قارا تاغ تىركىشىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالدى .
6.jpg

     ئىشان كالاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە موغۇلىستانغا ئۆز تەرىققەتلىرىنى تارقىتىشقا يولغا چىققانلىقى مەلۇم .[15] بۇ بايانلار ئىشقىيە مەزھىپىنىڭ ئەسەرلىرىدە سىرلىقلاشتۇرۇپ بايان قىلىندۇ . قۇمۇلغا كەلگەندىن كىيىن مۇھەممەد يۈسۈپ ، سەيدى جىلىل قەشقەرىي 16]نىڭ قىزى زۇلەيخا بىگۇم[17] بىلەن توي قىلدۇ . ئافاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا ) دەل شۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى .خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئوغلى ئافاق بىر قەدەر چوڭ بولغىنىدا ئۇنى ئىلىپ قەشقەرگە كىلىدۇ ۋە بۇ جايدا ئىستىقامەت ،مۇرت توپلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ [18].
7.jpg

    بۇ دەۋىردە سەئىدىيە ئوردىسىدا ئىسھاقىيە تەرەپتارلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىدى.ئۇلار بەزى سەئىدىيە خانلىرىنىڭ تەخىتتە ئولتۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانىدى [19]. بۇ سەۋەپتىن خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ‹‹ ئىسھاقىيە ›› چىلەرنىڭ  قارشىلىقىغا ئۇچىرايدۇ . بۇ خىل مۇھىت ئافاق خوجىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ۋە ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كىرەك. 1645- يىلى ئىسھاقىيە تەرەپتارلىرىنىڭ مەنىۋى رەھبىرى خوجا يەھيا قايتىش بولىدۇ ، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەئىدىيە پايتەختى يەركەنگە كىلىپ ‹‹ بىر نەسەپتىكى ئىككى مەزھەپنىڭ يارىشىپ قىلىش ›› تەلىپىنى قويغانلىقى مەلۇم . [20]ئەمما بۇ تەلەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى مۇتلەق كۈچلۈك ھىسابلىغان ئىسھاقىيە تەرەپتارلىرىنى قىزىقتۇرالمىغانىدى . ئەكىسچە ‹‹ ئىسھاقىيە ›› چىلەر خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قەشقەرگە قايتىش يولىدا ئۇنىڭغا قەست قىلغانىدى .    خوجا ئافاق مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا يىتىلگەنىدى .ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئۇ ئاتىسىنىڭ نوپۇزىغا ۋارىسلىق قىلدى .[21] بارا -بارا  ئىككى مەزھەپ توقۇنۇشى دۆلەت ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش سىياسى كۈرىشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى . ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغان خانلىرىدىن كىم تەخىتكە چىقسا شۇ تەرەپنىڭ كۈچى زورايدى . ئاق تاغلىقلار قوللىغان يولۋاسخان تەخىتكە چىققاندا قارا تاغلىقلارنى قىرغىن قىلىشتى . ئۇزاق ئۆتمەي قارا تاغلىقلار قوللىغان  ئىسمائىلخان تەخىتكە چىقتى ۋە ئاق تاغلىقلارنىڭ مەنىۋى رەھبىرى ئافاق خوجىنى ھەيدەپ چىقاردى . بۇندىن كىيىنكى تارىخ بىزگە بىر قەدەر تونۇشلۇق . ئافاق خوجا كەشمىر يولى ئارقىلىق تىبەتكە باردى ۋە بۇ جايدا لاما دىنىي داھىيسى دالاي 5 نىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەۋسىيە خىتى بىلەن جۇڭغار خانى غالداننىڭ يىنىغا بىرىپ ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم .
8.jpg

     1678 - يىلى دالاي 5 غالدانغا قاغانلىق ئاتىقىنى بەردى .بۇ جۇڭغار خانلىقىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىدىن دىرەك بەردى . شۇ يىلى يازدا غالدان ئافاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئالتە شەھەرگە قوشۇن كىرگۈزدى[22] .  ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى يەركەننى ئىشغال قىلدى . ئالتە شەھەر ۋە ئۇيغۇر رايونلىرى جۇڭغار خانلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى [23]. بۇندىن كىيىنكى ئالتە شەھەرنىڭ ئازكەم يۈز يىللىق تارىخى خوجىلارنىڭ جاھالىيەت دەۋرى ھىسابلىنىدۇ . ئاق تاغ تەرەپتارلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەندىن كىيىن قارا تاغ تەرەپتارلىرىغا قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى . مەزھەپ توقۇنۇشى ۋە ئوبىسكۇرانتىزىملىق تەشۋىقات داۋامىدا ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتى تىخىمۇ كەينىگە چىكىندى  . خوجىلار تەشۋىقاتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلىم خوجىلارغا سادىق بولۇش ، تەركى دۇنيا سوپىزىمى[24] بولغانلىقتىن ئاممىنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتى ئىتىبارغا ئىلىنمىدى .جۇڭغارلار قوشۇنىنىڭ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە يىڭىلىشى بىلەن ئالتە شەھەرمۇ چىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى  . لىكىن مەزھەپ توقۇنىشى ۋە خوجىلارنىڭ ئاممىغا بولغان تەشۋىقاتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ خىل ئەھۋال تا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشتى .
9.jpg   

      ئالتە شەھەردە خوجىلارنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان  دەۋىرلەردە غەرىبتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى . يىڭى قىتئەلەرنىڭ بايقىلىشى ، مۇستەملىكە زىمىنلىرىنىڭ ئىچىلىشى ، سودا ئىنقىلابى ، ئويغىنىش ھەرىكىتى[25]، دىنىي ئىسلاھات [26]ۋە تەبئىي پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ياۋروپانى ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇرۇقتۇمىلىق ۋە بىكىنمىچىلىكتىن ئىلىپ چىقتى . مەركىزى ئاسىيا دا ئۇزاققا سوزۇلغان قەبىلىلەر ئارىسىدىكى  ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار . خوجىلار ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشى مەركىزى ئاسىيا خەلقىنى ئىجتىمائى تەرەققىيات ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىن ئۇزاقلاشتۇردى .   ئالتە شەھەر ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا مەنىۋىي چىكىنىش تىخىمۇ چۇڭقۇر بولدى . يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى بىلەن ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە غەرىبتىكى يىڭىلىقلار بىلەن ئۇچىرىشىش ئىمكانىيىتى ئاجىزلىدى . شۇ ۋەجىدىن بۇ تۇپراقلار ۋە ئۇنىڭ خەلقى نادانلىق ، بىكىنمىچىلىك ۋە خۇراپاتلىقنىڭ مۇدھىش تۇمانلىرىدا قالدى.
12.jpg    

18 - 19- ئەسىرلەردە  خەلقىئارالىق جۇغراپىيىۋى سىياسىينىڭ [27] جىددى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيا چارروسىيە ئىمپىرىيىسى ، بۈيۈك بىرتانىيە ئىمپىرىيىسى ۋە مەنچىڭ  ئىمپىرىيسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك قورشاۋىدا قالدى . بۇ خىل جۇغراپىيىلىك رىجىم  مەركىزى ئاسىيانىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى . مەركىزى ئاسىيانىڭ ئۆزىدە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا تارىخى شارائىت يوق ئىدى[28] . شۇ سەۋەبدىن ئۇ يەنىلا سىرىتتىن كەلگەن جەددىچىلىك (يىڭى ، ئىسلاھات مەنىسىدە ) ئىقىمىنىڭ تەسىرگە ئۇچىراشقا مەجبۇر ئىدى.
13.jpg

     كىلىپ چىقىشى قىرىم تاتارلىرىدىن [29] بولغان بۈيۈك ئىسلاھاتچى مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپىرالى چارروسىيە تەۋەلىكىدە پان سىلاۋىيانىزىم [30] راسا ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئۈسۈپ يىتىلگەنىدى . بۇ تارىخ شارائىت ئۇنىڭ كىيىنكى ئىدىيە - تەشەببۇسلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كىرەك . ئۇ چار روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پان سىلاۋىيانىزىم تەشەببۇسىغا ئوخشىغان ھالدا تاتار قاتارلىق تۈركى تىللىق خەلىقلەرنىڭ بىرلىك سىياسىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان . بۇ سەۋەپتىن ئۇ  كۈنسىرى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قىلۋاتقان ئوسمان  ئىمپىرىيىسى ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلشنى كۆڭلىگە پۈتكەنىدى . ئۇ موسكىۋادىكى ھەربىي مەكتەپتىن چېكىنىدۇ[31] . لىكىن ئوسمانلى چىگراسىغا ئۆتۈش يولىدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ . شۇ سەۋەپتىن تۇغۇلغان جايى باغچە سارايغا [32]قايتىپ كىلىپ زەنجىرلىك مەدرىسىدە[33] روس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ . كىيىنچە ئىستانبۇلغا بارالىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئارمىيىدە خىزمەت قىلىش ئىستىكى ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ . ئىسمائىل ئەپەندى قىرىمغا قايتىپ 1878 - يىلىدىن باشلاپ باغچە ساراينىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى . 1880 -يىللاردىن باشلاپ  ‹‹ ئۇسۇلى ساۋات ›› ۋە ‹‹ ئۇسۇلى جەدىد ›› نى  قىرىم ، قاپقاز ، ئىدىل - ۋولگا بويلىرى ، ئۇرال - يايىق ئەتراپلىرى [34]،ۋە مەركىزى ئاسىيادا سەييارە يۈرۈپ بۇخىل يىڭىچە مائارىپ ‹‹ ئۇسۇلى جەدىد ›› ۋە ‹‹ ئۇسۇلى ساۋات ›› ئىدىيىسىنى بۇ رايونلارغا يەتكۈزدى .  ئۇ بىر تەرەپتىن تەرجىمان گېزىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى بۇ رايونلاردا تارقىتىشقا تىرىشتى . مەركىزى ئاسىيادىكى ‹‹ ئۇسۇلى جەدىد ›› مەكتەپلىرى مۇشۇ خىل تارىخى شارائىت ئاستىدا مەيدانغا كەلدى . رايونىمىزدىكى ئەڭ دەسلەپكى ‹‹ ئۇسۇلى جەدىد ››  مەكتىپىمۇ ئەڭ كىچىككەندە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىكساقتا قۇرۇلغانلىقى مەلۇم .[35]   ئىسلاھات بولغان ئىكەن سۈركىلىش بولىدۇ . 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مەركىزى ئاسىيا شۇ دەۋىردىكى ياۋروپا بىلەن سىلىشتۇرغاندا غايەت زور پەرق بار ئىدى . ئىسلاھات نۇقتىسىدىن ئىيىتقاندا زىيالىلار ۋە سودىگەرلەر ئارىسىدا ئىسلاھات تەرەپتارلىرى ۋە كونىلىقنى ياقلىغۇچىلار تەڭ مەۋجۇد ئىدى . قەشقەردىكى ئىككى مۇھىم بايلار قاتارىدا مۇسابايىفلار جەمەتى ۋە ئۆمەرباي جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مەلۇم جەھەتتىن ئىيىتقاندا ئاق تاغ - قارا تاغ زىددىيىتىنىڭ داۋامى ئىدى .[36] باۋدۇنباي ئىشانىيلارنى ، ئۆمەرباي ئىسھاقىيىچىلەرنى ياقلايىتتى . ئۆمەرباينىڭ مۇسابايىفلار جەمەتىگە بولغان شەخسى زىددىيىتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىڭى مائارىپ ھەرىكىتىگە خىلى چوڭ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن . ئابدۇقادىر داموللامغا رەزىل قولىنى سالغۇچىنى ئۆمەرباي ياللىغانىدى .[37]
14.jpg

     19 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلانغان ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غەرىبتىكى زىمىنلىرى بالقان يىرىم ئارىلىدىن  تاكى مەركىزى ئاسىيانىڭ شەرقىگىچە سوزۇلغان تۈركى  رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى .لىكىن بۇ جەريان ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى . ئىچكى جەھەتتە بولسا ئاۋامدىكى قويۇق غەفلەت ، بىكىنمىچىلىك قاتارلىق مەنىۋى توسقۇنلۇقلار ئىسلاھاتنىڭ قەدەملىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاستىلاتتى . تاشقى جەھەتتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى قاتارلىق دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەربۇ زىمىنلاردىكى  ئىسلاھات ھەرىكىتنى ئىغىر زەربىگە ئۇچىراتتى ،ۋە تەرەققىياتىنى توختىتىپ قويدى، بۇندىن  كىيىنكى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى تامامەن باشقا رەۋىشتە تارىخ سەھنىسىگە چىقتى .
15.jpg

      تارىخ مىللىي ئەقىلنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر. تارىختىن ئىلىنغان ساۋاق مىللەتنىڭ  مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.  بىر خەلىقنىڭ يىڭى تارىخنى يارىتىش كۈچى ، ئۇنىڭ كونا تارىخىغا توغرا باھا بىرىش ، ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىغا تارىخى غورۇر نۇقتىسىدىن توغرا ھۆكۈم چىقىرىشتىن باشقا بىر نەرسىدىن باشلانغان ئەمەس . بۇ خىل تارىخى غورۇر يۈكسەك بىر تارىخى سېزىم تەلەپ قىلىدۇ .مەيلى سەلتەنەت تارىخى بولسۇن ۋە ياكى خىجىلچىلىق تارىخى بولسۇن ئوخشاشلا مىللى خاتىرە سۈپتىدە مىللەتنى قايتىدىن تارىخ سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىدىغان كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلىدۇ  . گەرچە ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە بەزى جەھەتلەردە يۈز يىل ئاۋۋالقى ئەھۋالىمىزدىن كۆپ ئىلگىرلەش بولمىدى . كەلگۈسى مىللەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا ئۆتمۈشمۇ ھەم شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. تارىخى سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلمىسەك تەقدىرىمىز تارتىنماي تارىخقا سۇئال قويىشى مۇمكىن ! ؟
1906 - يىلىدىن باشلاپ ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلىنغان ‹‹ موللا نەسىرىددىن ››[ 38]  نامىدىكى رەڭلىك ھەجۋىي ژۇرنالدىن ئۈزۈندىلەر

   17.jpg

20- ئەسىردىكى خەلىقلەرنىڭ ھال- ئەھۋالى

18.jpg

باشقىلاركۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق ،
مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تېكەن ماڭارىمەن...


19.jpg

توس ! توس ! جەددىزىمنى توس !

21.jpg

قاپقازدىكى ئەرمەنى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى (ئۈستىدە)
قاپقازدىكى مۇسۇلمان مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى (ئاستىدا )


22.jpg

روس ئاتا : ئال بۇ كىتابنى ئوقۇ ، بىلىم ئال
مۇسۇلمان ئاتا : ئال بۇ نۇقۇت- يىمىشلەرنى يىگىن ، ئېغىزىڭ شىرىن بولسۇن


23.jpg

24.jpg

...
       ئايدىڭلار :

[1].  شۇ دەۋىردىكى ياۋروپا تارىخچىلىرى موڭغۇل ـ تۈرك قوشۇنىنى ‹‹ ياۋايى تاتارلار ›› دەپ خاتىرلىگەنىدى

[2].  ئەسلىدىكى مۇستەقىل مەملىكەتلەر موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ
[3].باتۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ۋىنگىرىيە ۋە پولشادا ئۇرۇشتىن كىيىن قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى .شۇ دەۋىردىكى ياۋروپا تارىخچىلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنىنى ئادەم يەيدىغان قوشۇن دەپ خاتىرلەشكەنىدى ھەتتا رەسىم سىزىپ قالدۇرۇشقانىدى
[4]. 1245 - يىلى رىم پاپاسى دىنىي يىغىندا موڭغۇل ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى ۋە 3 فىرانسىيىلىكنى ئەلچىلىككە تەيىنلىدى  
[5].موڭغۇل ئوردىسىدا رىم ئەلچىلىرىنى كۈتىۋىلىشقا مەسئۇل بولغان ئۇيغۇر چىنىقاينى رىم ئەلچىلىرى نىستورىئان مۇرتى دەپ خاتىرلىگەنىدى    [6].  موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن كەڭ زىمىنلارنى باشقۇرۇش ۋە يىڭى زىمىنلارغا بولغان ئۇرۇشلارغا كىتەرلىك خىراجەتنى توپلاش ئۈچۈن ئەركىن سودا سىياسىتىنى كەڭ راۋاجلاندۇردى. يىپەك يولىدىكى كارۋانلار مەخسۇس قوشۇن بىلەن قوغدالدى
[7]. ماركوپولو بەزىدە قۇبلاي ۋە مەلىكىلەرگە خىرىستىئان دىنى توغۇرلۇق ساۋات بەرگەنىدى
[8].كولومبو ۋە باشقا سەيياھلار يىنىدىن ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسىنى ئايرىمايىتتى
[9]. نەقىشبەندىيە ئىقىمىنىڭ ئاساسچىسى خوجا باھائىددىن نەقىشبەندىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۇخارادا تۇغۇلغانىدى .ئۆزى مىتالغا نەقىش چەككۈچى ئىدى
[10].تۇغلۇق تۆمۈرخان ئايكۆلدە شەيىخ جالالىدىن بۇخارىي ئىسىملىك كىشىنىڭ دەۋىتىدىن ئىسلامغا كىرگەنىدى . ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كىيىن ئەرشىدىن جەمەتى ئاتالدى
[11].ئۈۋەيىسخان سەرگەردانلىقتىكى مەزگىللىرىدە نەقىشبەندىيە تەرىقىتىنى قوبۇل قىلغان بولسا كىرەك
[12].تارىخى رەشىدىدە سۇلتان سەئىدىخاننىڭ خوجا ئەھرار مۇرىتلىرىغا باش ئۇرۇپ ‹‹ ئىخلاس بىلدۈرگەنلىكى ›› يىزىلىدۇ
[13].ئاق تاغلىقلار‹‹ ئىشقىيە ›› چىلەرنى ، قارا تاغلىقلار ‹‹ئسھاقىيە ››چىلەرنى كۆرسىتىدۇ
[14].كىيىنكى ئاق تاغ - قارا تاغ خوجىلىرى نەقىشبەندىيە تەلىماتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلغان دەپ قارىلىدۇ
[15].  ئىشقىيە تەرەپتارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشان كالاننىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنى موغۇلىستانغا بىرىپ ‹‹ تەرىقەت تارقىتىش ›› توغۇرلۇق ۋەسىيەت قىلغانلىقى يىزىلغانىدى . موغۇلىستان جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ ئاساسەن شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ زىمىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ
[16].  قەشقەردىن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولغاچقا قەشقەرىي تەخەللۇسىنى قوللانغان

[17].  بۇ دەۋىردە موغۇلىستاندا ئەزىز ئاياللارنىڭ ئىسمى ئارقىسىغا بىگۇمنى قوشۇش ئومۇملاشقانىدى . ( بابۇر ۋە باشقا چاغاتاي نەسىللىك خانلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىسمىغا قارالسۇن)
[18]. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشان كالاننىڭ يىقىن شاگىرىتىنىڭ بىرى بولغاچقا ئىشان كالاننىڭ قەشقەردىكى مۇرتلىرى ئۇنىڭغا تىزلا قول بېرىشكەنىدى
[19].ئىسھاقىيە تەرەپتارلىرىدىن خوجا شاد ئەخمەتخاننىڭ تەخىتتە ئولتۇرىشىغا يىقىندىن يول كۆرسەتكەنىدى
[20]. بۇ تەدبىرلەر بەلكىم ئۆز تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن
[21]. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ خوجا ئافاقنى قەشقەرگە ئىلىپ كىلىشى ۋە مۇھىم سورۇنلارغا ئۇنى ئىلىپ بىرىشى بالىسىنى ئۆز ئورنىغا ۋارىس قىلىش ئۈچۈن ئىدى
[22]. يىل تەۋەلىكى توغۇرلۇق بەزى ئوخشىمىغان قاراشلار بار  
[23]. جۇڭغار خانلىقى غالدان مەزگىلىدە سىرىتقا قارىتا كەڭ كۆلەمدە كىڭەيمىچىلىك ئىلىپ باردى . ئىچكى موڭغۇلدىكى خالخا موڭغۇللىرىغا قىلغان ھۇجۇمى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە  ئاخىرىدا جۇڭغار خانلىقى مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ قولىدا يوقىتىلدى . ئۇنىڭ زىمىنلىرىغا چىڭ سۇلالىسى ۋارىسلىق قىلدى  
[24].ئاق تاغ - قارا تاغ خوجىلىرى نەقىشبەندىيە تەلىماتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلغان دەپ قارىلىدۇ
[25].ئويغىنىش ھەرىكىتى ، 17- 18 - ئەسىرلەردە فىرانسىيەنى مەركەز قىلغان كەڭ كۆلەمدىكى مەدەنىيەت ھەرىكىتى.(The Enlightenment)  [26].مارتىن لۇتىر قاتارلىقلار قوزغىغان خىرىستىئان دىنىي ئىسلاھاتىنى كۆرسىتىدۇ
(Reformation)[27].  جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئىلمى بىر رايوننىڭ جۇغراپىيىۋى ئۆزگىرىشى ۋە سىياسىسىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى، خەلقىئارالىق ئىستىراگىيىلىك قىممىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىلىمدۇر
[28].  نەچچە يۈز يىللىق بىكىنمىچىلىك ۋە مەنىۋى قاقشاقلىق مەزكىزى ئاسىيانى ئىسلاھات ئامىللىرىدىن ئايرىغان
[29]. قىرىم تاتارلىرى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مۇھىم بىر تەشكىلى قىسمى بولغان تۈركى خەلىقتۇر . قىرىم يىرىم ئارىلىنىڭ ئىسمى بويىچە قىرىم تاتارلىرى دەپ ئاتالماقتا
[30]. پان سىلاۋىيانىزىم بارلىق سىلاۋىيان خەلىقلىرىنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئىدىئولوگىيىدۇر . 19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە بالقان ۋە شەرقى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنىدى   
[31]. ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ ئاتىسى مۇستافا ئەلى چارروسىيە ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغانىدى
[32].باغچە ساراي ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان قىرىم خانلىقىنىڭ پايتەختى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يەرجاي نامى يۇنانچىغا ئۆزگەرتىلگەن ، ئۇكىرائىنا مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
[33]. زەنجىرلىك مەدىرىسە شەرقى ياۋروپادىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىلم ئورنىنىڭ بىرىدۇر . ئۇنى قىرىم خانى مەڭلى گىرايخان 1500 - يىلى ياساتقانىدى . تەپسىلى مەزمۇنى ئاپتورنىڭ زەنجىرلىك مەدرىسە ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن  
[34]. قاپقاز ياكى قافقاز تىلىمىزدىكى كافكاز ئىگىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . يايىق بولسا ئۇرال دەرياسىنى ، ئىدىل بولسا ۋولگا دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ جايلارنىڭ ئەسلىدىكى جاي ناملىرىدۇر
[35]. ئىكساق ھۈسەينىيە مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغۇرلۇق ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ،مەلۇماتلار بويىچە ئىسمائىل ئەپەندى باغچە سارايدا 1884 - يىلى مەكتەپ قۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، 1885 - يىلى ھۈسەينىيە مەكتىپىنىڭ قۇرۇلىشى سەل گۇمانلىق دەپ قارىلىدۇ
[36].تەپسىلاتى نوشىرۋان يائۇشىفنىڭ ۋاقىت گىزىتىگە بەرگەن ماقالىسىدىن مەلۇم
[37].بۇ قاتىلنىڭ ئۆز بايانىدىن مەلۇم
[38].سابان تويى تاتارلارنىڭ مىللى بايرىمىدۇر، شىنجاڭدىكى تاتارلارمۇ قەرەللىك ھالدا بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ
[39].موللا نەسىرىددىن بىز دەۋاتقان نەسىرىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كىشىدۇر، نەسرىدىن ئەپەندى مەدەنىيىتى تۈركى رايونلارغا ئورتاقتۇر

       پايدىلانغان ئەسەرلەر :

ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى››
نەجىب ھامىلەمىت ئوغلۇ : ‹‹ئىسمائىل غاسپىرالى››
ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەت : ‹‹خوجىلارنىڭ شىنجاڭغا كىلىشى ۋە باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى››
مىرزا ھەيدەر كوراگان : ‹‹تارىخى رەشىدىي››
ئا.مۇھەممەتئىمىن : ‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى››
رىنى گىروسسىت : ‹‹يايلاق ئىمپىرىيىلىرى››لۇئىس لىگېتى : ‹‹بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا ››

       باغداش تورى بىلەن ئوغۇزمۇرات سالونىغىلا يوللاندى، باشقا توربەت، سالونلار كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!سالون ئىزدەش نۇمۇرى : oghuzmurat
bagdax

4

تېما

53

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-11 21:54:26 |ئايرىم كۆرۈش
   ئەسكەرتمىدىكى موڭغۇل- تۈرك ئاتالغۇسى خاتا ئىشلىتىلگەن .

0

تېما

0

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-13
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-11 22:01:35 |ئايرىم كۆرۈش
يوللىغان يازمىڭىزغا رەخمەت.

2

تېما

2

دوست

2309

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8132
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-11 23:00:13 |ئايرىم كۆرۈش
   غەرب بىلەن شەرقنىڭ تۇتقان ئورنىدىكى ئوخشىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ ئامىل-جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغان ھەم تۈزۈلمە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىدىيە،ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرگەن ئالتە خىل بىرىكمە گەۋدىدۇر.
1. رىقابەت
2.ئىلىم -پەن
3.مۈلۈك ھوقوقى
4.تېبانەت
5.ئىستىمال جەمئىيىتى
6.خىزمەت ئېتىكىسى
   نەق گەپنى قىلغاندا غەربنىڭ 500 يىل كۈچلۈك بولۇشىدىكى سەۋەپ مۇشۇ ئالتە خىل ئەمەلىي قوللىنىشچان  پىروگراممىنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىدا.
    مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدا تۈزۈلمە خارەكتېرلىك پەرق بار.غەربنىڭ جۇڭگودىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا سىياسىي ياكىي ئىقتىسادىي ساھەدە غەربىي ياۋروپانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئېگە بولغانلىقىدا.ئاۋىستىرىيە،پىروسسىيە ھەتتا روسىيەدە ھۆكىمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۆنۈمى ۋە ھەربىي كۈچنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى ئىلىم -پەن ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولغان ئامىلنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئەمەس بەلكى خىرىستىيان دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىدە.شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكىلەردىن تېز تەرەققى قىلىشىدىكى سەۋەپ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە لاتىن ئامېرىكىسىدا ئورناتقانغا تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر يۈرۈش مۈلۈك ھوقوقى ۋە پارلامېنت تۈزۈلمىسىنى ئورناتقانلىقىدا. ياۋروپادىكى ئېمپىرىيەلەرنىڭ ئافرىقىغا سىڭىپ كىرەلىشىدىكى سەۋەپ.ئۇلارنىڭ ماكسىم پىلىموتقا ئېگە بولغانلىقىدا ئەمەس،بەلكىي ئافرىقىلىقلار تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىسسىق بەلباغ كېسىلىگە قارشى ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىدا.
bagdax

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6449
توردىكى ۋاقتى: 1682
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 09:45:08 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 09:46  

مەن قوللاشنى بېسىپ بۇ يازمىغا بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈردۈم.بۇيازما ھەقىقەت كۆپ تەرەپتىن ئىزدىنىپ يېزىلىپتۇ.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6449
توردىكى ۋاقتى: 1682
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-11
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 09:45:12 |ئايرىم كۆرۈش
مەن قوللاشنى بېسىپ بۇ يازمىغا بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈردۈم.

2

تېما

10

دوست

7846

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2410
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 10:34:25 |ئايرىم كۆرۈش
تىلىمىزدا ئەسلىدە تېبانەت، دەيدىغان سكزمۇ بار ئىكەن-دە؟ قانداق مەنادا بولغىيدى؟

2

تېما

2

دوست

2309

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8132
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 11:02:42 |ئايرىم كۆرۈش
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 10:34
تىلىمىزدا ئەسلىدە تېبانەت، دەيدىغان سكزمۇ بار ئىكەن-د ...

  شۇنداق شۇنداق ئاشۇنداق «سكزمۇ» بار  
  ئۈستىدىكى چېكىتنى ئاستىغا يۆتكىسىڭىزلا : داۋالىنىش، دوختۇرلۇق دېگەن مەنا چىقىدۇ.
   ماڭا نەسىھەت قىلغان ئىكەنسەن،ئۆزۈڭ ئەۋۋال ئەمەل قىل،خاتا يازما. مەن نەسھىتىڭنى قوبۇل قىلىپ،دىققەت قىلاي.
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )