- تىزىملاتقان
- 2012-12-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1605
- نادىر
- 0
- يازما
- 53
ئۆسۈش
  60.5%
|
kimliktiki يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 00:04 
بۇنداقلارغا ئامال يوق،،ھەي،،،،تۇلۇمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم ...
مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئىنكاس قايتۇراي، «ئانا تىل كۈنى» 18 بۇرادەر جەم بولۇشتۇق. ئانا تىلغا يات بىر سۆز ئۈچۈن 5 سوم تاشلاپ قويۇشنى ماقۇل كۆرۈشتۇق. 6 سائەتتە 15 ئادەم 285 سوملۇق ئانا تىلغا يات سۆز ئىشلىتىپتۇق. ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان مائارىپچى، شائىر ھەم يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىم باشلىق 3 بۇرادىرىمىز ئانا تىلغا يات بىرمۇ سۆز ئىشلەتمەپتۇ. 15 مىز 3 تىن سەل ئارتۇق يات سۆز ئىشلىتىپتىمىز. نورمال ئەھۋال دەپ قاراشتۇق.ئەمما، يات سۆز ئىشلىتىش ئانا تىلدىن باشقا تىل بىلمەيدىغانلاردا ۋە ئاياللاردا ئېغىرراق بولىۋاتقىنىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىملىك ئىزدەش ئېقىمىنىڭ كۆلىمىنى سەل چاغلاشمۇ ئەقىلگە يات ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز، دېققىتىمىز دائىما چېچىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ؟
سىزگە ساقلىق يار بولسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: تاشتېكىن |
|