قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1512|ئىنكاس: 3

[دولان ] جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت زاپىسى چوڭ دۆلىتىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

132

تېما

12

دوست

7317

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1076
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 585
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 10:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 18:24  

جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت زاپىسى چوڭ دۆلىتىمۇ ؟
لاڭ شىيەنپىڭ
دولان تەرجىمىسى

  2014-يىلى6-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن؛ بىرىنچى پەسىلدە، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت ئومۇمىي زاپىسى3 تىرلىيون 940 مىليارد دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بۇيىچە 1-بولۇپ، يەرشارى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 1/3 ئىگەللىگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىقا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو سېتىۋالغان ئامېرىكا زايۇمى 1 ترلىيون 263 مىليارد 200 مىليون دوللار بۇلۇپ، جۇڭگوئامېرىكىنىڭ ئەڭچوڭ ھەقدار دۆلىتىگە ئايلانغان؛  كۆپچىلىك بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ، « جۇڭگوھەقىقەتەن قالتىس » دەپ ئىپتىخارلانغان بۇلۇشى مۈمكىن، بىراق سىللەرگە شۇنى ئېيتىپ قۇيايكى، ئويلىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى خاتا؛ پېقىرنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان «مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى قايەردە؟ » دېگەن كىتاۋىمدا، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مەسىلىسىنى  تەپسىلىي تەھلىل قىلغان بولۇپ،ھازىر كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
  جۇڭگوراستىنلا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى چوڭ دۆلىتىمۇ؟
  ئىشنىڭ ئەسلىي ماھايىتى مۇنداق، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ھەقىقى مەنىدىكى تاشقى پېرېۋوت چوڭ دۆلىتى؛ نېمە ئۈچۈن ئۇنداق دەيمىز؟ سىز بەلكى مېنى ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن قورقۇتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن، ئۇنداقتا مەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن سۆزلەي، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومتېتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،2010-يىلى، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگليە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەل ئىچى تاشقى پېرېۋوت مۆلكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 ترلىيون 990 مىليارد دوللار، 6 ترلىيون 910 مىليارد دوللار، 12 ترلىيون 780 مىليارد دوللار ۋە 15 ترلىيون 400 مىليارد دوللار بولغان،2010-يىلى جۇڭگونىڭ ئەل ئىچى تاشقى پېرېۋوت مۆلكى 15 مىليارد دوللار بولۇپ، ھازىر 25 مىليارد دوللار ئەتراپىدا، يوقۇرقى دۆلەتلەر بىلەن ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
  شۇڭا، بىزھۆكۈمەتنىڭ قۇلىدىكى ئازغىنا پۇلغا قاراپلا، بىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىمىز كۆپدەپ قارىساق بولمايدۇ؛ ھۆكۈتىمىزنىڭ قۇلۇدىكى 3 ترلىيون 940 مىليارد دوللارغا،خەلقنىڭ قۇلىدىكى 25 مىليارد دوللارنى قوشساق، بارلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 4ترلىيون 190 مىليارد دوللار بۇلۇپ، 2010-يىلدىكى، ياپونيە خەلقىنىڭ قۇلىدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا يەتمەيدۇ؛ شۇڭا بىز تاشقى پېرېۋوت چوڭ دۆلىتى دەپ خام خىيال قىلساق بولمايدۇ.
  جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى نېمە ئۈچۈن ئىزچىل چۈشمەيدۇ؟
  جۇڭگونىڭ غايەت زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، مەجبۇرىي راسچوت ئارقىلىق قورۇلغان؛كارخانىلارنىڭ پايپاق، يانفون ۋە قېزىلما بايلىقىنى ئېكىسپورت قىلىش بەدىلىگەكەلگەن دوللىرى تۇراقلىق تاشقى پېرېۋوت نىسبېتى بۇيىچە مەجبۇري خەلق پۇلىغائالماشتۇرۇلۇپ، دۆلەتكە تاشقى پېرېۋوت توپلاپ بەرگەن؛ شۇڭا ئېچىۋېتىش يولغاقۇيۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىمىز تىز ئېشىپ، 1978-يىلدىكى 16مىليارت 700 مىليون دوللاردىن كۆپۈيىپ، 1988-يىلغا كەلگەندە 337 مىليارت 200مىليون دوللارغا، 1998-يىلى 1 ترلىيون 449 مىليارت 600 مىليون دوللارغا، 2008-يىلى 1 ترلىيون 950 مىليارت دوللارغا يەتكەن. 2008-يىلى، ھۆكۈمىتىمىز ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ ھېس قىلغاچقا، شۇيىلى « تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش نىزامى » غا تۈزۈتىش كىرگۈزىپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ بەلگۈلىك مىقدارداتاشقى پېرېۋوت ساقلىشىغا ياكى تاشقى پېرېۋوتنى بانكىغا سېتىپ بېرىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بۇ جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوتنى مەجبۇرىي راسچوت قىلىش سىياسىتىدىن ۋازكەچكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  گەرچە كارخاننىڭ تاشقى پېرېۋوتقا ئىگىدارلىق قىلىشىغا يول قۇيۇلغان بولسىمۇ، 2008-يىلدىن ھازىرغىچە، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 1 ترلىيون 950 مىليارت دوللاردىن 3 ترلىيون 940 مىليارد دوللارغا يېتىپ،بىرھەسسە ئاشقان؛ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بۇلىدۇ؟ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرى جۇڭگوغا ئۆزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرىشنى تەلەپ قىلغاچقا، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈش بېسىمى زور بولدى. 2008-يىلى، خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىباشلاش نىسبېتى 7.1 يۈەن بولغان بولسا، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغاكەلگەندە 6.05 يۈەنگە يېتىپ، %18 قىممىتى ئاشتى. شۇڭا،خەلق پۇلى قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئۆرلىگەچكە، كارخانا قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تاشقى پېرېۋوتنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۋەتتى، مانابۇ بىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىدىكى سەۋەپ.
  2014-يىلى5-ئاينىڭ 12-كۈنى، لى كېچىياڭ زوڭلى ئافرىقىنى زىيارەت قىلغاندا « تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆپ بۇلىشى بىزگە چوڭ يۈك بولدى، چۈنكى ئۇ دۆلەتنىڭ پۇل ئاساسىنى ئۆزگەرتىپ، پۇل پاخاللىقىغا تەسىر كۆرسەتتى » دېدى؛ گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىيا بىن تۈزگەن «جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە كەلگۈسىدىكى ئون سۇئال » دېگەن كىتاۋىدا « 2003-يىلدىن بۇيان، خەلق بانكىسىنىڭ تۆت چوڭ سودا بانكىسىغا بەرگەن قەرز پۇلى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتە شۇنچە كۆپ پۇل بۇلىدۇ؟ سەۋەبى خەلق بانكىسى تاشقى پېرېۋوت سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، خەلق پۇلى تارقاتتى » دەپ كۆرسەتتى.
  شۇنداق ئېيتىشقا بۇلۇدىكى، 2003- 2008-يىلغىچە، بىز پۇل تارقىتىشتا پۈتۈنلەي تاشقى پېرېۋوتنى باشلامچى قىلدۇق، ئامېرىكا دوللىرى ئەمەلىيەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ خەلق پۇلى تارقىتىشتىكى بىردىنبىر يولى بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇخىل كۆپ مىقداردا پۇل تارقىتىش ناھايىتى تىزلا M3 ،M2، M1)، M2 پۇل تارقىتىشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ) نىڭ ئېشىشىنى تىزلىتىۋەتكەچكە، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى چوڭ بولدى. 2009-يىلدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كرزىسىدە، ئۆزۈمىز 4 ترلىيون پۇل تارقاتتۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۆي باھاسى ۋە مال باھاسى تىز ئۆستى؛ 4 ترلىيوننىڭ تەسىرى تاكى 2012-يىلغىچە تەسىركۆرسىتىپ، 2012-يىلى ياسىمىچىلىق كەسپى سىرتقا يۆتكىلىپ، پۇل سىرىتقا ئېقىپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئازىيىپ كەتتى، شۇڭا شۇيىلى ياراتقان پۇل ئاساسلىقى كرېدتقاتايانغان ئىدى. ئەڭ مۈكەممەل ئەھۋالنى ئويلاشساق، ناۋادا بىز، تاشقى پېرېۋوتنى مەجبۇرىي راسچوت قىلماي، تاشقى پېرېۋوت بازىرى نۇرمال تەرەققىي قىلغان بولسا، پۇل پاخاللىقى %2 لىك نۇرمال سەۋېيىگە چۈشكەن بۇلاتتى.
   خەلقنىڭ تاشقى پېرېۋوت ساقلىشىنى ئىشقائاشۇرۇشتىكى ئۈچ قەدەم
  ئۇنداقتا،خەلقنىڭ تاشقى پېرېۋوت ساقلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  بىرىنچى،پېرېۋوت نىسبېتىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن لەيلىمە چېكىنى پەيدىنپەي قويۇۋتىش كېرەك. بىزنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبېتى لەيلىمە چېكى ھەر كۈنى %2 دىن ئېشىپ كەتسەبولمايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن، ناۋادا بۇ چەكتىن ئېشىپكەتسە، مەركىزىي بانكا بازارغائارىلىشىپ، ئاخىرقى سېتىۋالغۇچى بۇلىدۇ، بۇخىل سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك، بولمىساخەلقنىڭ تاشقى پېرېۋوتقا ئىگىدارلىق قىلىشتىكى ئاكتىپچانلىقى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە،پېرېۋوت نىسبېتىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن لەيلىمە چېكىنى قويۇۋېتىش ھەرگىزمۇ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبېتىگە باراۋەر ئەمەس؛ ھۆكۈمەت ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئوخشاشلاتاشقى پېرېۋوت بازىرىغا ئارلىشىدۇ، مەسىلەن 1997-يىلدىكى شاڭگاڭ بازىرىغا ئوخشاش.ئوخشاشلا، ياپونىيە مالىيە ۋازارىتىمۇ تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلاشقان ئىدى؛شۇڭا، پېرېۋوت نىسبېتىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن لەيلىمە چېكىنى قويۇۋېتىش بازاردا تېخىمۇچوڭ رول ئوينايدۇ، مەركىزىي بانكا پەقەت ھالقىلىق ۋاقىتتا قولسالسا بۇلىدۇ.
  ئىككىنچى، QDII (چىگرا ئىچىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى ئاپپارات ) نىڭ كۆلۈمىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. بىز نۆۋەتتە پەقەت 16 سودا بانكىسنىڭ تاشقى پېرېۋوت سودىسىنى قىلىشىغا يول قويدۇق، شۇڭا بارلىق مەغلەغ سالغۇچىلار چۇقۇم ئاشۇلارئارقىلىق سودا قىلىدۇ؛ مەن يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتىم، تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى قويۇپ بەرمىگەندە، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا كېرمىگى بەسى مۈشكىل؛بىز بارلىق بانكىلارغا تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى ئېچىۋېتىشىنى، جۇملىدىن چەتئەل مەبلىغىدىكى جۇڭگۇدا قۇرۇلغان بارلىق بانكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەۋسىيەقىلىمىز.
  ئۈچۈنچى،ئەركىن سودا رايۇننى سىناق قىلۋاتىمىز؛ شاڭگاڭنىڭ قانۇنىدا مالىيە شىركىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت، ئالتۇن ۋە پاي چېكى قاتارلىق كەسپلەرنى بېجىرىشىگە يول قويۇلغان،بىردىنبىر چەكلىمە بولسا شاڭگاڭدىن باشقا جايدا شىركەت قۇرۇشقا  بولمايدۇ. شاڭگاڭدىكى بانكا 151، مالىيەشىركىتى 315 بولۇپ، شاڭگاڭدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىللىرى. بىز بۇلارنى ئۆلگە قىلىپ، ئەركىن سودا رايۇنى ئىچىدىكى رۇيخەتكە ئېلىغان كارخانىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت، ئالتۇن قاتارلىق كەسپلەرنى بېجىرىشىگە يول قۇيۇشىمىزكېرەك.
  پېقىرشۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، پەقەت تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى خەلقكە ئېچىۋەتكەندىلا، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئامېرىكا پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىش كۆرۈلىدۇ؛ كەلگۈسىدەدۆلەت ئىچىدىكى فوند شىركەتلىرى ئامېرىكا پاي چېكىنى بىۋاستە سېتىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاندا، خەلقنىڭ قۇلىدىكى تاشقى پېرېۋوت تۇز سىزىق بۇيىچە ئېشىپلا قالماي بەلكى پۇل پاخاللىقى بېسىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.  


uyghuray

1

تېما

0

دوست

3329

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-5 23:02:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقىدىغانلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرەي دەپ كىرىپتىمەن.
تەرجىمە شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ.رەھمەت

0

تېما

1

دوست

3946

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1180
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 21:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئەركىن بازارنى خەلقىئارالاشتۇرۇش دەمدۇق؟

1

تېما

5

دوست

5776

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1776
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-6 21:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى قېتىم ‹‹چۈشەنمىدىم››. 3 ترلىيون 940 مىليارد دوللار تاشقى پېرىۋوت زاپىسى راستلا باركەنغۇ! گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولسىمۇ.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )