بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-4 18:16
بىز ئۇنتۇپ كەتكەن تاش ئىسىملىرى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا دوستۇم ئىسكەندەر جېلىل تېلېفۇن قىلىپ، « ئىدىقۇت سۆزلۈكلىرى » دېگەن كىتابتىن تاشقا ئائىت ئاتالغۇلارنى بايقىغانلىقىنى، مۇمكىن بولسا بۇ ئۇنتۇلغان ئاتالغۇلارنى خەلقىمىزگە، بولۇپمۇ بىر ئۆمۈر تاشچىلىق قىلىپمۇ ئۆزى سېتىۋاتقان تاشلارنىڭ ئانا تىلىدا نىمە دېيىلىدىغىنىنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان تاشچى قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئويىنىڭ بارلىقى ئېيتىپ، ئاشۇ كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك بىر بەتنى سۈرەتكە تارتىپ ماڭا يوللاپ بەردى. ئۇيغۇر تىلى قەدىمىي تىللارنىڭ بىرى، شۇڭا ئەتىراپتىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەسىر قىلغان ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچىراپ بارغانچە مۇكەمەللىشىپ ماڭغان. جۈملىدىن خەنزۇ تىلىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنى كۆرگىنىمىزدىمۇ ئۇشبۇ نۇقتىنى بايقىۋالالايمىز.
1. 金(jin) 俺吞 ئالتۇن 2. 银 (yin) 苦木失 كۆمۈش 3. 宝 (bao) 阿儿的泥 ئاردېنې 4. 珠 (zhu) 永诸 ئۈنجۈ 5. 铜 (baker) 把黑儿 باقېر 6. 铁 (tie) 帖木儿 تەمۈر 7. 玛瑙 (ma nao) 失失儿 شىرشىر 8. 珊瑚 (shan hu) 马二毡 مارجان 9. 玉石 (yu shi) 哈失塔失 قاشتاش 10. 砗琚(che ju)址孤 چەگۈ 11. 琥珀 (hu po) 苦必 قۇبۇق 12. 水晶 (shui jing) 卜禄儿 بولۇر 13. 琉璃 (liu li) 察兵乞儿 چەبىنكىر 14. 金钢钻(jin gang zuan) 俺麻思 ئالماس 15. 镔铁(bin shi) 卜禄 بولوت 16.石青(shi qing) 那尺凹儿 ناچىۋار 17. 失砂(shi sha) 洗省乞儿 سىپسىڭكىر 18. 水银(shui uin) 苦怒苏 كۈنۈكسۇۋ 19. 大珠(da zhu) 塔那 تانا 20. 雅鹘石(ya hu shi) 呀库塔失ياقۇتتاش
پايدىلانما
|