- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 359
- نادىر
- 1
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  29.5%
|
بەش يىل مۇقەددەم خوتەن قارىقاشقا بېرىپ داستان توپلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم . بىر ھەپتىلىك ساياھەتتە چەرچەنلىك بۇرادىرىم ئېزىزجان بىلەن كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم . ئاسپىرانتلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئابىستىراكت قورغىنىدىن ئۇيغۇرۇمنىڭ كەڭرى سەيناسىغا باردىم . كۇيىغا يېتىپ شاھ مۇھەممەد ئاكا بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ، يۈرەكلىرىدىن ئېقىپ چىققان داستانلىرىدىن قانغۇچە بال ئىچتىم . خىزىر سۈپەت ئاكىنىڭ ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ، كۇيا يول بويلىرىدىكى تۈۋرۈكلەرگە باغلاپ قويۇلغان ھاجەتمەنلەر ناسوسلىرىنى كۆردۈم . خەلقىمنىڭ تەسەۋۋۇردىن نەچچە باراۋەر ئىنسانپەرۋەرلىكىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم . ھېچكىمدىن ئازار يېمەي ، خۇشاللىقلارنى قۇچاقلىغانچە ئۇخلاپ ، شادلىق ئىلكىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم . قارىقاش جامە ئالدىدىكى لەكمىڭلىغان ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆرۈپ ، كەينىمدە ئاجايىپ زور تىرەك، كۈرمىڭلىغان ھىماتچىلارنىڭ بارلىقىدىن دىلىم سۆيۈندى . ماڭغۇملا كەلدى . بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قېلىش مەن ئۈچۈن بولغۇسى ھوزۇر ۋە ئىپتىخاردىن مەھرۇم قېلىشتەك بىلىندى . |
|