- تىزىملاتقان
- 2015-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3693
- نادىر
- 7
- يازما
- 69
ئۆسۈش
100%
|
ئەرەبلەرنىڭ شى رەئىسى
جاۋ مىڭخاۋ (جۇڭگو)
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە زىيادە قورقۇنچاق دەپ تەنقىدلەيدىغان كىشىلەر مەيدانىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندىلا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق كۈچ، نۆۋەتتە قاتتىق تىركىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەت شى جىنپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تېخىمۇ ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى يۆلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە شۇنداق. بۇ يېڭى يۆلىنىش بىر مۇھىم مەسىلىنى تارتىپ چىقتى: جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر كۈچى ئامېرىكىنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابىيلىققا ئىگىمۇ؟
ھازىر ئېنىقلا ئوتتۇرا شەرققە ئارىلىشىشتىكى سەزگۈر پەيت، رىچارد ن.خاسنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر رايون بىر مەيدان يېڭى 30 يىللىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇرغان، «ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ». نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقنى (بۇنىڭ مەنبەسى كۆپلىگەن چوڭقۇر قاتلاملىق خىرىس ۋە توقۇنۇشنىڭ توپلىنىشى) كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئامىل بولسا 2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىدۇر. ئامېرىكا سادام ھۈسەيىننىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شىئە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە يول تازىلاپ بەردى، بۇ ئۆزگىرىش رايون تەڭپۇڭلىقىنى ئىرانغا ئاغدۇردى ھەم سۈننىي مەزھىپى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى شىئەلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈردى.
شۇڭا، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا چوڭقۇر ئارىلاشتى. ئۇلار سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ ئالاۋى ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى رايون تەرتىپىگە نىسبەتەن زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېقىندا ئىران يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدا(ئىراننىڭ رايونلۇق رەھبەر بولۇش ئىرادىسىنى ئۇزۇن مەزگىل چەكلەپ كەلگەن خەلقئارالىق ئىقتىسادىي جازا بۇ سەۋەبلىك بىكار قىلىندى)، ئىراننى چەكلەش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى.
ئەلۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىن قالسا يەنە تۈركىيە بار، تۈركىيە رايونلۇق تەسىر كۈچ تالىشىش رىقابىتىگە يېڭىلا قوشۇلدى، ھەممىسى بىۋاسىتە توقۇنۇشۇشنى خالىمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر باشقا ھەرىكەتكە ئۆتكەن تەرەپلەرنى يۆلەيدۇ، بۇ خەتەرلىك دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ خۇسۇسىيلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رايونلۇق دۆلەتلەرنىڭ بۇ تاكتىكىسى سەۋەبلىك قەد كۆتۈرگەن تېررورىزم ھەرىكىتى (يەنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى)نى ئەنئەنىۋى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەغلۇپ قىلىشقا ئامالسىز.
سالماقلىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، ئوتتۇرا شەرقتىكى تىركىشىۋاتقان بۇ تەرەپلەر مەزكۇر رايوندىكى نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىقتىكى بىردىنبىر ئالاقىدار تەرەپلەر ئەمەس. مەسىلەن فرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق سىرتقى كۈچلەرمۇ بۇنىڭغا چوڭقۇر ئارىلاشتى، ھەربىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسەت نىشانى بار. ھازىر جۇڭگومۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، تەڭداشسىز ئىجابىي سىياسەت ئاتا قىلدى.
خەنزۇچىدىكى «كىرىزىس» (危机) دېگەن سۆزدە «خەتەر» ۋە «پۇرسەت» دېگەن ئىككى خەت بار. بۇ دەل نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق قارىشى. ئەڭ ئالاقىدار ھەرىكەتدار تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرى خەتەردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت رىقابىتى غايەت زور ئىقتىسادىي پۇرسەتنى غۇۋالاشتۇرىدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنداق ئەمەس. شى جىنپىڭ يېقىندا قاھىرەنى زىيارەت قىلغاندا:«بىز ئوتتۇرا شەرقتە ۋاكالەتچى ئىزدىمەيمىز، بەلكى يارىشىشقا نەسىھەت قىلىمىز؛ تەسىر كۈچ دائىرىسى تالاشمايمىز، بەلكى كۆپچىلىكنى "بىر يول بىر بەلباغ" دوستلار چەمبىرىكىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ قاتلامدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى قايتا تەڭپۇڭلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىسراتېگىيەلىك «تىرەك نۇقتىسى» بىر رايوندىن باشقا بىر رايونغا ئىزچىل يۆتكىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو ھازىر «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي»دىن «تور ئارىسىدىكى سىياسىي»غا بولغان قايتا تەڭپۇڭلۇقنى يولغا قويۇپ، «كونترول قىلىش»قا ئەمەس بەلكى «ئۆتۈشتۈرۈش»كە ئېتىبار بەرمەكتە.
بۇنداق ئۆتۈشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان چوڭ ئىستراتېگىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەل قىلغۇچ مۇھىم، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم قاھىرەدە جاكارلىغان «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانىدىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو قەدىمقى يىپەك يولىنى (ئوتتۇرا شەرقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يىپەك يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قايتا قۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدى، شۇڭا يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن 8 ئەرەب دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە 6 ئەرەب دۆلىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئىران، تۈركىيە ۋە 7 ئەرەب دۆلىتى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەر، مەزكۇر بانكىسىنىڭ باش ئىشتابى بېيجىڭغا تەسىس قىلىنغان، ئاساسىي ئەسلىھە تۈرىگە ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئورگىنى.
ئەمما جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى تامانلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن سودىنى ئاشۇرۇشنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتىنىڭ بۇ يىل تاماملىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرققە 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سانائەتلەشتۈرۈش ئالاھىدە قەرزى، 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سودا قەرزى ۋە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېتىبار قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتاردىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش فوندى شەكلىدە، مەزكۇر رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە، ئاساسىي ئەسلىھە تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىرلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «1+2+3» ھەمكارلىق ئەندىزىسى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ لايىھەگە ئاساسلانغاندا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى يادرو بولۇپ، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلىشى بىلەن سودا مەبلەغ سېلىش ئىككى قانىتى بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، سۈنئىي ھەمرا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە بولسا ھەمكارلىقتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنىڭ نىشانى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش، بىرلا ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي كۆپ خىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتۇر.
ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مەزكۇر رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، توقۇنۇشنى ئازايتىش، نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە موھتاج، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپلىگەن ھەرىكەتدار تەرەپلەرنىڭ ئالاقىلانە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە موھتاج. ئەمما تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاشقۇنلۇق يۈزلىنىشىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى چوقۇم ئاممىغا ئىقتىسادىي پۇرسەت تەمىنلىشى كېرەك، ئىقتىسادىي پۇرسەت پەقەت سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئاچقۇچلۇق جەھەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭمۇ ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|
|