بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-3 02:30
ئۇيغۇر خېتى
ئۇيغۇرۇمنىڭ دىل كەشتىسى- ئۇيغۇر خېتى،
ئىلىملەرنىڭ شوخ چەشمىسى- ئۇيغۇر خېتى. ھىممىتڭدە شاھ تونۇلدى تالاي شەيدا، ئەقىلنىڭمۇ گۈل يەشمىسى- ئۇيغۇر خېتى.
ئوغلانلىرىڭ گۈل تىزدىلەر ھۆسنۈڭ بىزەپ، ھۆسنىخەتتە شاھ ئاتالدىڭ چېھرىڭ بىلەن. تارىخلارنىڭ ھەر بابىدا سەندىن ئىزنا، شەيدالىرىڭ بال ئالدىلەر مېھرىڭ بىلەن.
نامىلەردە ھەر قەيىتتە جىسمىڭ سېنىڭ، سېھىرلىرىڭ ھەر بىيىتتە ئايان سېنىڭ. قىممىتىڭنى زەر بىلدىلەر ئوغلۇڭ سېنىڭ، قىسمەتلەرنىڭ ھەر سەترىدە- بايان سېنىڭ.
جۇلالىرىڭ نۇر تاراتتى ھىكمەت ئارا، تومۇرلىرىڭ تۇر تاغىنىڭ چاپقۇر ئېتى. مەدھىيەڭگە تىل خەستىدۇر،دىلمۇ شۇنداق، ئۆزگىلەرنىڭ دىل ئازارى ئۇيغۇر خېتى.
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم شەيدائى |