بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-2 19:02
بىرلەن نىگار سەندىن خەبەر كەلسە يۈرەك يىغلار ئەلەم بىرلەن، مۇڭۇم زەرلەپ پۈتەي نامە ماڭا ھەمراھ قەلەم بىرلەن.
قارارگاھىم ماڭا زۇلمەت كۆزۈم سەنسىز زىياھ كۆرمەس،
ھىدىڭ كەلسە سابالاردىن نىشان كۆركىڭ قەدەم بىرلەن.
سىمايىڭ گاھىدا ھەمراھ ئايۇ-زۆھرە،شەپەقلەردىن، نۇرى سۆيسە غېرىپ باشنى ئۆرۇڭ بىلدىم،سەنەم بىرلەن.
شەرىھ ئەتمەك كۆيۈك دىلنى ماڭا مۈشكۈل تىلىم بىرلەن، دىلىم بىلسەڭ نىدايىمدىن بولۇر ئىرشات ھەشەم بىرلەن.
لېۋىڭ جامى بېرەر بولسا شاراپ قەترە، قانار تەشنا، شۇدەم بەزمە قۇرار ئاشىق ناۋا ئۆزھال ئەجەم بىرلەن.
م.ئا.شەيدائى |