بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 16:51
يانىۋاردىكى بىر كېچە
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
توزۇيدۇ قار ئارا بۇ تېنىم جىمجىت، چۈش كەبى تۇمانغا ئورانغان شەھەر. مۇڭلانغان يۈرەكنىڭ مۇز ئوكيانىدىن، يوللايدۇ تۇيغۇلار ئۆتمۈشكە خەۋەر.
يانىۋار كۈنلىرى ئېھ ئۇزاق تۈنلەر، مەسىت بولدۇم ئازابنى جېنىمغا قۇيۇپ. جۈپ بولۇپ قالار گاھ، غېرىبان سايەم، چۈشكەندە يېنىمغا ئاي دەرتتە تولۇپ.
ئەسەبىي ھېسلىرىم يامرايدۇ بەزەن، بۇ مىسكىن قەلبىمنىڭ ساھىلى قاناپ. بىر ئۇزاق دەريانىڭ مۇقەددىمىسى، توڭلايدۇ بۇ كېچە، مۇز تۇتار چاناق.
2016-1-30 قومۇل
تۇردى سىدىق (ئايبەگ) فوتوسى ئاي گۇۋاھ
ئىبراھىم رەمزان فوتوسى ئۆتمۈشكە نەزەر
سەدەنشاھ ئابدۇرېھىم فوتوسى مۇز ئېقىن
تۇردى سىدىق(ئايبەگ)فوتوسى مۇز يېشى
شاھىد ئېلى فوتوسى قار ياغدى
|