قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 7

م.ئا.شەيدائى: «ئارۇز» سۆزى ۋە ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-31 21:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 05:01  

«ئارۇز» سۆزى ۋە ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە
شېئىرىيەت ئەدەبىياتنىڭ گۈزەل بىر بۆلىگى سۈپىتى بولۇش بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىدىكى تەسۋىرىي جەلپكارلىقى ۋە پاساھىتى ھەقىقىي مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدىغان مەنىۋىي بايلىقتىن ئىبارەت. ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىدىن بەدىئىيلىك جەھەتتىن ئالاھىدە ئايرىلىپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
  شېئىرلار ئۆزىنىڭ مۇئەييەن قۇرۇلما خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار دەپ ئىككى چوڭ ۋەزىن قۇرۇلمىسى مەۋجۇت. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارغا ئاساسەن خەلق قوشاقلىرى، ئەل ئارىسىدىكى شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان قوشاقلار، بالىلار قوشاقلىرى قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا پاساھەتكە تويۇنغان غەزەللەر، شېئىرلار، مۇقام ناخشا تېكىتلىرى كىرىدىغان بولۇپ قەدىمدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئوردا ھەرەم شېئىرلىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. مەن بۇ يەردە ئاشۇ ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچەمنى قىززىققۇچى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئارۇز ۋەزنى ئۆلچىمىگە ئەڭ يېقىن دەسلەپتە يېزىلغان ئەسەر «قۇتادغۇبىلىگ» بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋەزىن ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭدىمۇ بەزى كەمتۈكلۈكلەرنى بايقايمىز.
  ئارۇز ۋەزنلىك شېئىرلار بىزگە ئەرەپ ۋە پارىس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئەدەبىياتىمىزنىڭ پېشۋاسى بولمىش ھەزرىتى نەۋائى بىزنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى شېئىرىي ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇزنىڭ ئاساسەن توقلۇغىنى، بولغاندىمۇ ھەقىقىي ۋەزىن تەرتىۋىگە ماسلاشمىغانلىغىنى بايقىغان.
«ئارۇز» شېئىرىيەتنىڭ شاھ تاجى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەخسۇس ئىلم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئارۇز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى خەلىل ئىبن ئەھمەدتۇر. «ئارۇز» سۆزىنىڭ مەنىسىگە قەدىمقى ئارۇزشۇناسلىرىمىزدىن ئەلىشېر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مىزانۇل ئەفزان» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق شەرىھلەيدۇ: «خەلىل ئىبن ئەھمەد بۇ پەننىڭ ئاساسچىسىدۇر، ئۇ ئەرەپلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ياشىغان ۋادىيسىنىڭ نامى «ئارۇز» ئىكەنلەر،ۋە ئول ۋادىيدە ئەرەپلەر ئۆزلىرىنى چىرايلىق چېدىرلىرىنى تىكىپ ھەرخىل بىزەكلەردە بىزەركەنلەر. ئەرەپلەر ئۆينى «بىيىت» دىيىشىدۇ، ئەنە شۇ چىرايلىق بىزەلگەن بىيىتلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرىي ئەسەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بىززىلىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئارۇز دەپ ئاتالغاندۇر.»
  15-ئەسىرنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتشۇناسلىرىدىن بولغان ۋاھىد تەبرىزىي ئۆزىنىڭ «جەمئىئۇل مۇھتەسەر» ناملىق ئەسىرىدە: ئارۇز-ئەرەپلەرنىڭ چېدىر ئۆيىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكنىڭ نامى، ئارۇزچىلار ھەرقايسى بىيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋەزىننى ئارۇز دەپ ئاتايدۇ. مىسرانىڭ شۇ ئاخىرىقى بۆلىكى ئېيتىلغاندا شېئىرنىڭ قايسى ۋەزىندە يېزىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ، ئەرەپلەرنىڭ چېدىرىنى مۇستەھكەملەشتە ئاغامچا، قوزۇق، تۇتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئەڭ مۇھىم بولغاچقا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىمۇ ئەنە شۇ تارماقلار مەۋجۇدتۇر، يەنى-سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلەدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھ بېرىدۇ.
  ئەمدى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆز شېئىرىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق تىلىمىزدىكى ئىستىمالىمىزغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 32ھەرىپ مەۋجۇت. بۇلاردىن سەككىزىنى سوزۇق تاۋۇش، قالغانلىرىنى ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتايمىز. سۆزلىرىمىزدە ئەنە شۇ سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بوغۇملار مەۋجۇت بولۇپ، شېئىرىيەتتە ئەنە شۇ بوغۇملار مەلۇم تەرتىپتە كېلىدۇ. ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشىدىن بوغۇم ھاسىل بولىدۇ ۋە ئارۇزز زۋەزىنلىك شېئىرىيەتتە بۇ بوغۇملار سەۋەپ، ۋەتەد، فاسىلە دەپ ئاتالغان بۆلەكلەرنى تۈزىدۇ.
بىر تولۇق(يېپىق بوغۇم- ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان بوغۇم) ياكى ئىككى قىسقا(ئوچۇق بوغۇم-سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان بوغۇم )بوغۇمنىڭ بىرىكمىسى  ئارۇز ۋەزنىنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە سەۋەپ دىيىلىدۇ،يالغۇز تولۇق بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ(سەۋەبى ھەفىف)ياكى يېنىك سەۋەپ دىيىشمۇ مۈمكىن. ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىدە بۇنداق سەۋەپ  _ بەلگىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككى قىسقا بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سەۋەپ- تولۇق سەۋەپ(سەۋەبى سەقىل) دىيىلىپ ۋەزىن ئۆلچىمىدە V بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  قىسقا ۋە تولۇق بوغۇملارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋەتەد ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق بىرىكمىدە قىسقا ياكى تولۇق بوغۇملارنىڭ كېلىپ ئورنى ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋەتەدلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
ۋەتەدى مەجمۇھ- يەنى قوشما ۋەتەد.
ۋەتەدى مەفرۇق- ئايرىلغان ۋەتەد.
   قوشما بوغۇمدا تولۇق بوغۇم ئالدىدا، قىسقا بوغۇم كەينىدە كېلىپ بىرىككەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەۋ+جى = مەۋجى
                                                                                                                                       V   -
  ئايرىلغان ۋەتەدتە بولسا قىسقا بوغۇمدىن كىيىن تولۇق بوغۇم كېلىدۇ. مەسىلەن: ۋە+تەن= ۋەتەن
                                                                                                                -    V
فاسىلە: ئىككى ياكى ئۈچ قىسقا بوغۇمنىڭ ئۆزىدىن كىيىن كەلگەن تولۇق بوغۇم بىلەن بىرىكىشىدىن تۈزىلىدۇ.ئەگەر ئىككى قىسقا بوغۇم بىلەن تولۇق بوغۇم بىرلەشسە كىچىك فاسىلە(فاسىلەئى سۇغرا) شەكىللىنىدۇ ۋە VV- بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈچ قىسقا بوغۇم بىلەن بىر دانە تولۇق بوغۇمنىڭ بىرىكىشىدىن چوڭ فاسىلە(فاسىلەئى قۇبرا) شەكىللىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىشتە VVV – بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
مانا مۇشۇ تەرىزدە سەۋەپ، ۋەتەد ۋە فاسىلەلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شېئىرىي مىسرالارنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل- ۋەزىن شەكىللىنىدۇ. بىر سەۋەپ بىلەن بىر قوشما ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن فائۇلۇن ۋە فائىلۇن ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ۋەتەدتىن كىيىن سەۋەپ كەلسە فائۇلۇن ۋەنى، ئەكسىچە سەۋەپتىن كىيىن ۋەتەد كەلسە فائىلۇن ۋەزنى تۈزىلىدۇ.  فائۇلۇن ۋەزنى ئىپادىدە V—بەلگىسى بىلەن، فائىلۇن ۋەزنى بولسا -V-بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئىككى سەۋەپ بىلەن بىر ۋەتەدنىڭ بىرىكمىسىدىن تۆت دانە تۆت بوغۇملۇق ۋەزىن تۈزۈلىدۇ بۇلار مەفائىلۇن، فائىلەتۇن، مۇستەفئىلۇن ۋە مەفائۇلاتۇ ۋەزىنلىرىدىن ئىبارەت.
قوشما ۋەتەددىن كىيىن ئىككى سەۋەپ كەلسە مەفائىلۇن ۋەزنى، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلسە فائىلاتۇن، قوشما ۋەتەد ئىككى سەۋەپتىن كىيىن كەلگىنىدە مۇستەفئىلۇن ۋەزنى،ئىككى سىۋىپتىن كىيىن ئايرىلغان ۋەتەد كەلسە مەفئۇلاتۇ ۋەزنى ھاسىل بولىدۇ.
ۋەتەد ھەمدە فاسىلەنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە ئىككى ۋەزىن-مۇتەفائىلۇن ۋە مەفائىلاتۇن ۋەزىنلىرى بارلىققا كېلىدۇ. قوشما ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن بۇرۇن كەلگەندە مەفائىلاتۇن ۋەزنى، ھەمدە شۇ ۋەتەد كىچىك فاسىلەدىن كىيىن كەلگىنىدە مۇتەفائىلۇن ۋەزنى شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۇقارقى ۋەزىنلەرنى يىغىپ سىزما ئىپادىسىنى شەكىللەندۈرسەك تۆۋەندىكىدەك ۋەزىن ئۆلچىمى شەكىللىنىدۇ:
فائۇلۇن :  V    —
فائىلۇن:-V-      
مەفائىلۇن:---V   
فائىلاتۇن:--V-      
مۇستەفئىلۇن:-V--   
مەفئۇلاتۇ:V---      
مۇتەفائىلۇن:-V-VV   
مەفائىلاتۇن:-VV-V   
مانا بۇلار ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمىدۇر. بۇلار ئاساسىي ۋەزىن ئۆلچىمى بولۇپ، ھەر بىر ۋەزىننىڭ ئىچىدە يەنە ھەرخىل تارماق ۋەزىنلەر مەۋجۇت.
ئەمدى يۇقارقى ۋەزىنلەرنىڭ شېئىرىي مىسرالاردا بەلگىلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بەھرى ئايرىلىدۇ. بۇنداق بەھىرلەر ئاساسەن يەتتىدۇر. ئۇلار مەفائۇلاتۇ ۋەززنىدىن باشقا ۋەزىنلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
فائۇلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەقارىب بەھرى.
فائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇتەدارىق بەھرى.
مەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنشىدىن ھەزەج بەھرى.
فائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەمەل بەھرى.
مۇستەفئىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن رەجەز بەھرى.
مۇتەفائىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كامىل بەھرى.
مەفائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ۋافىر بەھرى قاتارلىق بەھىرلەر شەكىللىنىدۇ.
يەنە بىر بىيىتتە بۇنداق ۋەزىنلەر تۆت قېتىم تەكرارلانسا  ۋەزنى مۇرەببە(تۆتلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئالتە قېتىم تەكرارلانسا –مۇسەددەس،(ئالتىلىك)، سەككىز قېتىم تەكرارلانسا مۇسەممەن(سەككىزلىك) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمدى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ھەرخىل ۋەزىنلەرنىڭ بىرىكىشىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ۋەزىنلىك شېئىرلار ئارىلاش ۋەزىنلىك شېئىرلار دىيىلىدۇ مەسىلەن:
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ خىل شەكىلدە تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەددەس سالىم بەزنىدىكى شېئىرلار دەپ ئاتىلىدۇ.
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ خىل تەكرارلانغان شېئىرلار مۇزارەئى مۇسەممەن سالىم ۋەزنى دەپ ئاتىلىدۇ.
فائىلاتۇن ۋە مۇستەفئىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن ھەفىف ۋە مۇجتەس بەھىرلىرى تۈزۈلىدۇ. فائىلاتۇن مۇستەفئىلۇندىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا ھەفىفبەھرى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنىدا مۇجتەس بەھرى دەپ ئاتىلىدۇ.مۇستەفئىلۇن ۋە مەفئۇلاتۇ ۋەزىنلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن مۇنسەرىھ ۋە مۇقتەزەب بەھىرلىرى تۈزىلىدۇ. ئەگەر مۇستەفئىلۇن ۋەزنى مەفئۇلاتۇ ۋەزنىدىن بالدۇر كېلىپ تەكرارلانسا مۇنسەرىھ بەھرى شەكىللىنىدۇ، مەفئۇلاتۇ ۋەزنى مۇستەفئىلۇن ۋەزنىدىن بۇرۇن كېلىپ تەكرارلانسا مۇقتەزەب بەھرى شەكىللىنىدۇ.
فائۇلۇن ۋە مەفائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ بىرىكىپ تەكرارلىنىشىدىن تەۋىل بەھرى تۈزىلىدۇ.
فائىلاتۇن ۋە فائىلۇن ۋەزىنلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ تەكرارلىنىشىدىن بەسىت بەھرى ھاسىل بولىدۇ.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا يەنە ئىككى دانە ئوخشاش ۋەزىن ۋە بىر دانە باشقا ۋەزىندىن تۈزۈلىدىغان شېئىرلارمۇ بار.بۇنداق ۋەزىنلەر ھەر بىر مىسرادا ئۈچ ۋەزىننىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىر خىل، ئۈچىنچىسى باشقا ۋەزىن بولىدۇ  بىر مىسرادا ئۈچ، بىر بىيىتتە ئالتە ۋەزىن بولغانلىقتىن بۇنداق بەھىردىكى شېئىرلار ئالتە ۋەزىنلىك يەنى مۇسەددەس شەكلىدىلا بار بولىدۇ. ئۇلار مۇرەببە ۋە مۇسەممەن باھەرلىرىگە كىرمەيدۇ.
1-         قەرىب بەھرى:
مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
مەفائىلۇن  مەفائىلۇن  فائىلاتۇن
بۇ قەرىبى مۇسەەدەسى سالىم ۋەزنى.
2-         مۇشاكىل بەھرى:
فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن
فائىلاتۇن  مەفائىلۇن  مەفائىلۇن
بۇ مۇشاكىل بەھرىنى مۇشاكىلى مۇسەددەس سالىم ۋەزنىدۇر.
3-غېرىپ بەھرى:
فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن
فائىلاتۇن  فائىلاتۇن   مۇستەفئىلۇن
بۇ خىلدىكىسى غېرىبى مۇسەددەسى سالىم ۋەزنى.
3-         سەرھ بەھرى:
مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ
مۇستەفئىلۇن  مۇستەفئىلۇن  مەفئۇلاتۇ
بۇ خىل شەكىلدىكىلىرى سەرھ مۇسەددەسى سالىم بەھرىدۇر.
مەن بۇ يەردە ئاساسىي سەككىز ۋەزىن ئۆلچىمىنىڭ قالغان تارماق شەكىللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئولتۇرمايمەن، شۇنداقلا بەزى شائىرلىرىمىزنىڭ ششېئىرلىرىنى مىسالغا ئېلىپمۇ ئولتۇرمىدىم. خوش، ئۇنداقتا ئەشۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىرلىرىمىز يۇقارقى ۋەزىن ئۆلچەملىرىنى ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ دەپ ئېتىراپ قىلسا ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرى بولامدۇ ياكى غەزەللىرىمۇ شۇلارنى يۇقارقى ئۆلچەمگە سېلىپ كۆرۈپ باقسا دەيدىغان ئۈمۈدىم بار. «ئەدىپلەر سورۇنىدىكى رەزىللىكلەر» دىگەن تېمامغا داڭگال ناملىق ئۇستازىم ئۆز ئىنكاسىنى قالدۇرۇپتىكەن، شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس يازاي دىسەم ئۇ تېمىغا ئىنكاس ياززغىلى بولمايدىغان قىلىپ تەڭشىلىپتۇ، شۇڭلاشقا بۇنى ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىدىم. ئەشۇ بىر تۆت مىسرا غەزىلىمنى يۇقارقى ئۆلچەمگە سېلىپ باقسا، ئاندىن باشقا شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ شۇ تەرىزدە كۆرۈپ باقسا مېنىڭچە كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئەرەپ، پارىس شېئىرىيىتىدە مۇشۇ ئاساسىي سەككىز ۋەزىن ئۆلچىمى بىلەن يەنە 37 خىل قوشۇمچە ئۆلچەم بار. مېنىڭ كۈزىتىشىمدە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئارۇزلىرىدا مۇشۇ سەككىز خىل ئاساسىي ئۆلچەمدىن سىرت 23 ياكى 22 قوشۇنچە ئۆلچەملىرى مۇۋاپىق كېلىدۇ چۈنكى تىلىمىزدىكى تاۋۇش ئىستىمالى ۋە فونىتىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزگە شۇ ئۆلچەم ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن. ئىشىنىمەنكى بەزى خاتالىقلارنى تاۋۇشلارنىڭ قانۇنىيىتىگە يۈكلەپ قويىدىغانلارمۇ بار. چۈنكى بۇ ساھەدە مەن خېلى پىكىرلىشىپ باققان.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

31

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54098
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 00:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumtvrk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 00:32  


                        غەزەل

نىگارە زەۋقىڭىز بائىس بۇ جىسمىم ئىچرە جان كۆيدى ،
كى گۈلخان ئۆزرە قىل ئوخشاش چاراسلاپ ئۇستىخان كۆيدى ،

نەفەستىن سىرغىغان ئاھىم ئەرىشكە قاپقارا ئۇچسا-
رەمۇزى سۆيگۈدىن ۋاللاھ تامامى ئاسىمان كۆيدى .

تىلەپ ھەق ۋەسلىنى ھەتتەڭ ھىجازغا سەجدىگە باردىم .
پىشانەم چاچرىتىپ ئۇچقۇن مۇھەررەم بىگۈمان كۆيدى .

تاپاندىن چاچرىتىپ ئۇچقۇن سىراتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتسەم.
بىھىشىت تۇرماق جەھەننەمنىڭ چىدالماي باغرى قان كۆيدى .

ۋىسالىڭ مەيلىدىن كەلسەم قازاندەك قاينىىدى مەھشەر ،
تامام ئەھلى مەلەك دەھشەت ئوتۇندەك تىز راۋان كۆيدى .

ئەنەلھەق قەستىدۇر پىكرىم مۇيەسسەر بولسا دەپ ۋەدەت...
كى مەشرەپ رەڭگىدە بارىم مىسالى مىڭ زەمان كۆيدى ...
                                         


















0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10123
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 01:04:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارۇز توغۇرلۇق ئىزدىنىشلىرىدىن سۆيۈندۈم. مۇمكىن بولسا يەنىمۇ سىستىمىلىق قىلىپ بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى تۈزۈپ چىقىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن ئاكا. ئۆزلىرىگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10123
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 01:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tumtvrk يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 00:31
غەزەل

نىگارە زەۋقىڭىز بائىس بۇ جىسمىم ئى ...

پاساھەتلىك مىسرالار يۈرەك تارىمنى چەكتى. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
uyghuray

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 01:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 01:54  
tumtvrk يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 00:31
غەزەل

نىگارە زەۋقىڭىز بائىس بۇ جىسمىم ئى ...



كېچە كەلگۈمدۇر دەبان ئۇل سەرۋى گۈلروھ كەلمىدى،
-V- --V- --V- --V-
فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن
كۆزلىرىمگە كېچە تاڭ ئاتقۇنچە ئۇيقۇ كەلمىدى.
-V- --V- --V- --V-
فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن
مۇسەممەئى سە
-        
غەزىلىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ.

6

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2487
توردىكى ۋاقتى: 3114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 02:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

1

دوست

1876

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11903
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 527
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 05:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرت ئەلەملەر كىلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ باشىگە،                       
سايدا تۈگمەن چۆرگىلەيدۇ كۆزدىن ئاققان ياشىگە.
بۇ شېئىر بارماق ۋەزىنگە چۈشەمدۇ ياكى ئارۇز ۋەزىنگىمۇ  ؟                                    

13

تېما

16

دوست

8291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2460
توردىكى ۋاقتى: 711
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-1 05:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرۇخ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 05:00
دەرت ئەلەملەر كىلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ باشىگە،                      ...

مۇشۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنمىغان سەككىز ئاساسىي ئۆلچەمنىڭ يەنە نۇرغۇن تارماق ئۆلچەملىرى بار، ئىزدىنىپ شۇلارغا تەدبىقلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )