- تىزىملاتقان
- 2016-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 778
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
55.6%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
يانكىتاب تورى (www.yankitab.com) ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلاش، سىستېمىنى ئېچىپ چىقىش، ئىچكى سىناق، ئاممىۋى سىناق قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىش باسقۇچىغىمۇ كىرىپ قالدى.
بۇ قېتىم رەسمىي ئېلان قىلىشتا بىز رەسمىي ھالدا يانكىتاب ئۈندىدار سالونى yankitap ياكى ئىزدەش نامى yankiktap نى رەسمىي ئىشلىتىشنى قوزغاتتۇق. ئىلگىرى سىناق سالونغا ئەگەشكەن تورداشلارنىڭ بۇ قېتىم رەسمىي ھالدا يانكىتاب ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (يانكىتاب سالونى دەلىللەنگەن مۇلازىمەت نومۇرى بولۇپ، باشقا مۇشتىرە نومۇرىدىكى سالونلاردەك كۈندە مەزمۇن يوللانمايدۇ، پەقەت ئايدا 4 قېتىم ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلار، ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرلىرى تەمىنلىنىدۇ، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم ئەگىشىۋېلىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.)
يانكىتاب تورىمىزنىڭ لوگوسى تۆۋەندىكىچە:
يانكىتاب تورىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى
يانكىتاب تورى بۈگۈنكىدەك قەغەز نەشردىكى كىتابلارنىڭ باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش ھەم شۇنىڭدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالماسلىقتەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتېرنېت + پىلانى بويىچە ئەنئەنىۋىي كىتابچىلىقىمىزنى ئىنتېرنېتقا يۆتكەپ چىقىپ، «تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى سۈپەت» نى ئۆزىمىزگە مىزان قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قولايلىق، تۆۋەن باھالىق، سۈپەتلىك، يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە كىتابلارنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت. يانكىتاب تورىدا ئەگەر مەلۇم كىتابقا بولغان ئېھتىياج يېتەرلىك كۆپ بولسا، تورداشلار زاكاس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ.
يانكىتاب تورىدا تەمىنلىنىدىغان كىتابلار
يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلار ئۈچ خىل شەكىلدىكى كىتابلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى خىلى يانكىتاب تورى (ئىلقۇت تەرجىمىچىلىكى) تەرىپىدىن مۇستەقىل تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلغان كىتابلار. بۇ خىل كىتابلار ئاساسەن ئۇيغۇرچە قەغەز نۇسخىسى يوق پەقەت يانكىتاب تورىغا خاس كىتابلاردىن ئىبارەت. بۇ خىل كىتابلارنىڭ قەغەز نۇسخىسى يوق، شۇنىڭدەك PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ؛ ئىككىنچى خىلى، بىر قىسىم يازغۇچىلار، تەرجىمانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلار بولۇپ، يازغۇچىلار ياكى تەرجىمانلارنىڭ ئاللىبۇرۇن نەشردىن چىقىپ بولغان كىتابلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ياكى تېخى نەشردىن چىقمىغان ئىجادىي كىتابلار ياكى تەرجىمە كىتابلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل كىتابلارنىڭ نەشردىن چىققانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قەغەز نۇسخىسى كىتابخانىلاردا بولۇشى مۇمكىن ئەمما ئوخشاشلا PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى، ئاساسەن تورلاردا ئېلان قىلىنغان كىتابلار ۋە ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلار ھەممىسى ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت ئوقۇرمەنگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە يانكىتاب تورىنىڭ ھەقسىز رايونىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھەقسىز كىتابلار ئاساسەن توردىن رەتلىنىپ ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئەسەر ئاپتۇرى كىتابنىڭ نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەۇرز يەتكۈزدى دەپ قارىسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. يانكىتاب تورى ھەر ۋاقىت يازغۇچى ۋە تەرجىمانلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئەگەر سىزدە كىتاب بولۇپ، قەيەردە ئېلان قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسىڭىز، يانكىتاب تورى سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئېلان قىلىش سۇپىسى بولۇپ قالغۇسى، يانكىتاب تورى كىتابىڭىزنى ئېلان قىلىپ، يارىتىلغان ئىقتىسادىي كىرىمنى كېلىشىم بويىچە بۆلۈپ، سىزنىڭ قولىڭىزدا تۇرۇپ قالغان كىتابلىرىڭىزنى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ شەكلى
يانكىتاب تورى ئۈندىدار سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەت ئۈندىدار مۇھىتىدا توردا ئوقۇش تەمىنلىنىدۇ. يانكىتاب تورى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق تور ئېقىم سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئۈندىدارغا قارىغاندا تور ئېقىمى جەھەتتە تىجەشلىك ھەم ئېقىمنى زىيادە خوراتمايدۇ. ئېلان قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى توردا ئوقۇيدىغان كىتاب بولۇپ، چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ.
يانكىتاب تورىدىن كىتاب سېتىۋېلىش ئەسكەرتىشى
يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلار ئاساسەن ئالدىنقى 5 باب مەزمۇن ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، كىتاب سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال ھەقسىز قىسىملىرىنى ئوقۇپ بېقىپ، كىتاب مەزمۇنىنى ياقتۇرسىڭىز، ئوقۇشتا جەريانىدا مەسىلە بولمىسا ئاندىن پۇل تۆلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلارغا قارىتا باھا ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئادەتتە ئەڭ يۇقىرى باھالىق كىتاب ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7 يۈەن بېكىتىلىدۇ. تۆۋەن باھا تاكى ھەقسىز بولغانغا قەدەر ئوخشاش ئەمەس، دېمەك يانكىتاب تورىدىكى كىتابلارنىڭ باھاسى 0 يۈەندىن 7 يۈەنگىچە بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، يانكىتاب تورى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى شەيئىي بولغاچقا، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز داۋاملىق تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
يۇقىرىدا يانكىتاب تورى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلدى. تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرىنى يانكىتاب سالونى Yankitab دىن ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئېلخەت يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئېلخەت: yankitab@126.com
ھۈرمەت بىلەن يانكىتاب تورى
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
|
|