بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-28 13:18
ۋاقىت بىر بەڭگى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
كۈلداندا ئۆچمىگەن تاماكا ئىسى، ئوخشايدۇ يۈرەكنىڭ ھالىغا شۇتاپ. گاھىدا ئەي دەرتمەن بەڭگىلەر ئۆيى، قالىدۇ بۇلغانغان شەھەرگە ئوخشاپ.
بۇ ھايات بىر دانە تاماكا بەلكىم، كۆيگەن، چېكىلگەن، كۈلگە ئايلانغان. خۇمارى بېسىلماي كېتەركەن ھەركىم. كۈلگەن، يىغلىغان، ياشىغان ھامان.
بۇ ۋاقىت چېكىدۇ بىزنى ھەركۈنى، بىزمۇ ھەم چېكىمىز چوغ يا مۇز شۈمەپ. بىلمەيمىز بۇ يىللار، ئەجەل ئاخىرى، ئۆچۈرەر ئۆمۈرنىڭ شامىنى پۈۋلاپ.
تولۇپتۇ كۈلدانىم، تولۇپتۇ قەلبىم، ئۆچكەن، ئۆچمىگەن چوغلارغا، كۈلگە. تۇغۇلۇش بەخىتتۇر كىملەرگە بەلكىم، كىملەرگە بەختمۇ مەسخىرلىك كۈلكە.
2016-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى قومۇل
---
سۈرەت مەنبەسى: تور دۇنياسى |