ئىشىق بالاسى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ئۇچۇپ كەلدى تۈننىڭ قارا قۇشلىرى،
كەلدى چەكسىز بىر غېرىپلىق مەن تامان.
ئەسلىمەمنىڭ شاخلىرىغا قوندى ئاھ،
سۆيگۈ ئاتلىق شۇ يىگانە بىر جانان.
تىزىپ قويدۇم يۇلتۇزلارنى تەكچەمگە،
يالغۇزلۇقنى خالار ئىكەن تولۇنئاي.
چۈشىنەرمۇ مەن سۆزلىسەم ئۇيغۇرچە،
ئايغا ئاتاپ ناخشا ئېيتسام لايلالاي.
يانار تىگىپ ئاھىم ئەكىس ساداسى،
قاپقاراڭغۇ تام كۆكسىدىن تاراملاپ.
كىمدىن قالغان بۇ ئىشقىنىڭ بالاسى،
ئېھ، يۈرەكنى يۇلار دەمدە قاماللاپ.
2016-يىلى1-ئاينىڭ27-كۈنى قومۇل
ئەركىم فوتو سۈرەتلىرى

قومۇل ئاقچۇق تۇرا

قومۇل ئاراتۈرك نوم نوغراقلىقى

قومۇل ئاراتۈرك نوم نوغراقلىقى

قومۇل ئاراتۈرك نوم نوغراقلىقى

قومۇل ئاراتۈرك نوم نوغراقلىقى

قومۇل قارادۆۋە ئەسكىشار يارداڭلىقى