- تىزىملاتقان
- 2016-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 366
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpamixaziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 17:36
« ئوغۇز قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى ھېساپلىنىدۇ...ئوغۇزلار مىلادىدىن ئاۋالقى 3-ئەسىردە تەڭرى تاغ ئەتراپلىرىنى بولۇپمۇ بۇغدا تېغى بويلىرىنى مەركەز قىلغان
كەڭ رايۇنلاردا ياشايتى.....بۇ چاغدا ئۇيغۇر قەبىلە ئىتپاقىنىڭ ھۆكۈمران ئۇرۇقى يەنىلا
ئوغۇز ئۇرۇقى بولسا كېرەك....مىلادىدىن بۇرۇنقى 108-يىلىدىن باشلاپ غەربىي خەن سۇلالىسى تەڭرى تاغ ئەتراپلىرىدا ھونلار بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى قىلغانلىقى
تۈپەيلىدىن ئوغۇز ئۇرۇقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتپاقى پارچىلاندى.ئۇلارنىڭ بىر
قىسمى شەرقىي شىمالغا قاراپ يۆتكىلىپ ھازىرقى خانگاي تاغلىرىنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرى يەنى ئورقۇن،تۇغلا،سېلىنگا دەريا بويلىرىغا كۆچۈپ كەتتى.ئۇلار ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. ئۇيغۇر قەبىلە ئىتپاقىنىڭ ئەسلى ماكاننى بولغان تەڭرى
تاغ ئەتراپلىرىدا كۆچمەي قېپ-قالغان ئۇرۇقلىرى ئوغۇز دەپ ئاتالدى.دېمەك مىلادىدىن
ئاۋالقى 2-ئەسىر ئاخىرىدا ئۇيغۇر قەبىلە ئىتپاققى ئىككىگە پارچىلاندى.شەرققە كۆچۈپ
كەتكەنلىرى ئۇيغۇر،كۆچمەي قېپ-قالغانلىرى ئوغۇز دەپ ئاتالدى.»
(ئەنۋەر بايتۇر«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى »462-463-464-465-بەتلەر)
«مىلادىيە 5-ئەسىردە جۇرجانلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تاغ ئەتراپلىرىدىكى تۇققانلىرى
بولغان ئوغۇزلارنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئالدى.....كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئالدى بىلەن
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي تارمىغى بولغان ئوغۇزلار غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ دەشھەتلىك
ھۆكۈمرانلىقى تۈپەيلىدىن غەربىي تۈركلەرنىڭ بىر پەيتەختى يۇلتۇز (ھازىرقى بايىنبۇلاق)
دىن يىراقلىشىش مەقسىدىدە تەڭرى تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن بارغانسىرى غەربىي قىسمىغا كۆچۈشكە باشلىدى.بولۇپمۇ غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدىن
8-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تۈركۈم-تۈركۈملەپ،تەڭرىتاغ بويلىرىدىن ھازىرقى
تالاس دەريا بويلىرى،كېيىنچە يەنە ئارال كۆلىنىڭ بويلىرىغا كۆچتى.ئۇلار تۇرمۇش شەكلى
،تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن شەرقىي ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بىرمۇنچە يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى.كېيىنكى زامانلاردا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبى روسىيە تۈزلەڭلىكى،ئىران،ئىراق ۋە ھازىرقى ئاناتولى يېرىم ئارىلىدا باشقىچە تارىخىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ،ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى تۈركىيىدىكى تۈرك مىللىتىنى
شەكىللەندۈردى.» ( يۇقۇرىقى كىتاب 468-470-بەت)
يۇقۇرىقى نەقىل ئۇيغۇرلار بىلەن ئوغۇزلارنىڭ تۇققان-قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ،
ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى
چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر شۇكى : 840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئورقۇن
ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغانلىقى سەۋەپلىك غەرىپكە كۆچكەن بولسا.ئۇنىڭدىن
940 يىل بۇرۇن تەڭرى تاغ بويلىرىدىن ئورقۇن،تۇغلا،سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىغا
كۆچۈپ بارغانلىقىنى ،تەڭرى تاغ ئەتراپلىرى يىراق قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ
ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
|
|