بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-26 13:04
توڭلىغان شەھەردە توڭغان خىياللار
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
بۇ شەھەر توڭلايدۇ كىشىدىن ئۆتە، ئەي سوغوق ئوتۇمنى ئەپ بولدۇڭ تامام. مۇساپىر بۇ يۇرتتىن، دۇنيادىن كېتە، قېلىڭلار بۇ شەردە توڭغانلار ئامان.
قىراۋغا چۈمكەنگەن دەرەخ ئۇيقۇدا، مۇدىھىش تۇماندا چۈش كۆرەر جىمجىت. نان سېتىپ خوتەندىن چىققان بىر ناۋاي، مۇز تۇتار دوقمۇشتا ئۆينى سېغىنىپ.
بىر مۇزدەك كۈيلەرگە چېلىنسا سۆڭەك، شىۋىرغان ئەرۋاھتەك ئوينايدۇ ئۇسسۇل. ئۆلۈكنىڭ شەكلىدە تاتارغان كوچا، تولدۇرار قەلبىڭگە ئازاپتىن ھوسۇل.
بىر چاغلار ياشلىقنىڭ ئوت كەتكەن پەسلى، قاردىمۇ لاۋۇلداپ كۆيەتتى بەدەن. شۇ سۆيگۈ تەپتىدەگۈزەل ئۈرۈمچى، ئەسلىمەم قەبرىسى بوپ قاپتۇ سەنەم.
قاتمۇقات كۆۋرۈكلەر، يوغان تۆۋرۈكلەر، كۈل رەڭلىك ئاسمانغا تۇتاشقان يوللار. بىنالار ئالۋۇندەك ھەيۋەت ھەم غۇۋا، توڭلىغان شەھەردە، توڭغان خىياللار...
2016-يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى ئۈرۈمچى
---
---
---
---
---
|