- تىزىملاتقان
- 2014-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 876
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  75.2%
|
رايېن تومسون (Ryon Tomson) ئېدمېنتون شەھىرىدىكى بىر سەرگەردان بولۇپ، ئۇ سەرگەردان يۈرگىلى 30 يىل بولغان. ئۇ ئادەتتە چېرچىل مەيدانىدىكى ئاممىۋى پىيانىنودا مۇزىكا چالىدىكەن. خىرىستىيان ئائىلىسىدە بېقىۋېلىنىپ چوڭ بولغان رايېن ئىلگىرى توي قىلغان بولۇپ، بىر قىزى بولغان ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قىزى توققۇز ياشقا كىرگەندە ئاپىسى ئىككىسى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھاياتتا تارتىشىدىغان ئادەم قالمىدى دەپ قاراپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ مۇزىكىنى مۇزىكا پىلاستىنكىسى دۇكانلىرىدىن ئاڭلاپ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن ئىكەن. ئەيسا ۋە مۇزىكا ئۇنىڭغا يۆلەك بولۇپ تۇرىۋاتقان بىردىنبىر روھىي تۈۋرۈك ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزى يازغان بۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمى "مۇقەددىمە"(The beginning) ئىكەن.
خافىڭتون پوچتا گېزىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ئاممىۋى پىئانىنو تۈرىنى يولغا قويغاندا، كۆڭلى تارتقان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ چالغۇ ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىكەن. بۇ تۈرنى يولغا قويغۇچى داۋىد راۋچ (David Rauch) مۇنداق دەيدۇ: مەن خالىغان كىشىلەرنىڭ، ھەقىقىي تالانتلىق كېشىلەرنىڭ، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى چېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇددى رايېنغا ئوخشاش.
رايېننىڭ مۇزىكىسى بىر يىل ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى بىر كونا ماللار دۇكىنىدا كىشىنى يىغلاتقۇدەك مۇزىكا چالغان داۋىد ئەلېن ۋەلش(David Allen Welsh)نى ئەسكە سالىدۇ.
تۆۋەندە ئەشۇ مۇزىكىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
|
|