بۇيۈرەك ئازاپنىڭ ئايرىمخانىسى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
پاتقاندا ھەسرەتتىن يىغلىغان قۇياش،
سەھەردە ئۇيغۇنار كۆزلىرىدە ياش. قىزارغان ئۇپۇق ئۇ قارچۇقۇم بىلەن، تۇرىدۇ دائىما ئوخشاشلا رەڭداش.
كۈن بىلەن تەڭ تۇرۇپ، تۈن بىلەن پېتىپ، ياشايمەن غېمىمنى غەملەرگە قېتىپ. بىر جاننى كۈرمىڭغا بۆلسە ھەسرىتىم، يەملىدىم يارامنى يارامغا يېقىپ.
يانارتاغ كۈلىدەك توزغان قار گۈلى،
ئاياغىم ئاستىدا ئۆتمۈش نالىسى. مەن بوۋاي، بىر قېرى قاربۇۋاي شۇتاپ، بۇ يۈرەك ئازاپنىڭ ئايرىمخانىسى.
2016-1-20قومۇل |