- تىزىملاتقان
- 2016-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1313
- نادىر
- 0
- يازما
- 75
ئۆسۈش
  31.3%
|
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا توردا مۇنبەر قىزىيتى، كۈندە قارىسسا يېڭى تىمىلار ئادەم ئوقۇپمۇ ئۈلگىرىتىپمۇ بولغىلى بولمايتتى. ھازىر قارىسىڭىز مۇشۇ باغداشتەڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ سەركىسى بولغان بۇ مۇنبەردىمۇ تېمىلارنىڭ يوللىنىشى بەك ئاز. ئەلكۈيىنى دېمەيلا قويايلى بىر ئاينىڭ ئالدىدا بار تېمىلار شۇ پېتى تۇرغان، ھېچقانداق يېڭىلىنىش بولمايدۇ. مىسرانىمدىمۇ؟ چەكلىمە ئېغىر، تېما يوللىسا تەستىقلىمايدۇ، شۇڭا كېرىدىغان ئادەملەرمۇ تايىنلىق. قانچىلىق ئادەم كىرىدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ ئۆزلىرى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ كۈنلىرى ئاز قالدى. يېڭىچە بىر يول تۇتمىسا ئۇ تور بىكەتلەرمۇ جىنىنى باقالمايدۇ.
سىز قانچىلىق ياخشى قىلىڭ، كىرىدىغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز. نېمە ئۈچۈن؟ ھازىر كىشىلەر تېلېفۇنغا كۆنۈۋالدى. تېلېفۇن ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى پايدىنالايدىغان شارائىت ھازىرلاندى.
سىز مەبلەغنى جىق سالغان بىلەن كىشىلەر پايدىلىنىشنى بىلمىسە يەنىلا بىكار.
ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز مۇنبەرلەر قۇرۇقدىلىنىپ قىلۋاتىدۇ. تور بىكەتلەرمۇ كىرىدىغان ئادەملەرگە ئاساسەن ئاندىن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. |
|