- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11110
- نادىر
- 0
- يازما
- 911
ئۆسۈش
2.78%
|
ئابدۇۋەلى قەشقەرى ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار تەپەككۇر ئىنساننىڭ جىنى ،شۇڭا بىز تەپەككۇردىن ئايرىلساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە،مەن تۆۋەندە بىرقانچە مەسىلىنى ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇرى بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ يوللايمەن ،سىلەرمۇ كەم قالغان يەرلىرىنى ئۆز مول تەپەككۇرۇڭلارغا تايىنىپ تولۇقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قاتنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ئابدۇۋەلى قەشقەرى)
1)ئەگەر ئادەم بولمىسا :
بىرىنچى كۈنى :نەسلى يوقىلىشقا بېرىپ قالغان ھايۋانلار سانى قايتىدىن يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ .بارلىق مېدىيالار ۋە ئالاقە تورلىرى بىراقلا ئىشتىن توختايدۇ .
ئىككىنچى كۈنى :سۇ چىقىرىش ۋە باشقۇرۇشقا ئادەم بولمىغانلىقتىن بەزى يەرلەر قۇرۇپ كېتىدۇ ،بەزى يەرلەردە سۇ ئاپىتى بولىدۇ .
بىر ھەپتىدىن كىيىن :ھەممە ياقتا يېمەكلىكنىڭ سېسىق پۇرىقى قاپلاشقا باشلايدۇ ،يادرو قاتارلىق ئەسلىھەلەر ۋەيران بولۇشقا قەدەم قويىدۇ .شەھەرنى ئاستا-ئاستا كىچىك دەرىجىلىك ھايۋانلار ھاشاراتلار ۋە مىكرو جانلىقلار قاپلاشقا باشلايدۇ .
ئۈچ ئايدىن كىيىن :ھاۋا بۇلغىنىش يادرو بار رايوندىن باشقا جايدا كۆرۈنەرلىك ئازىيىشقا باشلايدۇ .ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەر كاردىن چىقىشقا باشلايدۇ .ئائىلە جاپدۇقلىرىنىڭ ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ھايۋانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ .
بىر يىلدىن كىيىن :ئەسلىدە ئادەملەرگە تەۋە بۇ رايون مۇزېي خاراكتېرلىك ھايۋانلارنىڭ جايىغا ئايلىنىدۇ .ئىسسىق بەك بولىدىغان جايلاردا ئوت ئاپىتى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .سوغۇق بولىدىغان جايلاردا ،نەرسىلەر توڭلاپ يىرىلىپ تۈگىشىدۇ .توكى بار تېلېفون پەقەتلا تۈگەيدۇ .
تۆت يىلدىن كىيىن ئادەملەر ياشىغان رايوندا ئوت-چۆپ ئۆسمىگەن بىرمۇ يەر قالمايدۇ ،ھەتتا چوڭ يوللارمۇ تىككەنلەر ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلاپ كېتىدۇ .
بەش يىلدىن كىيىن ئادەملەر رايونىدا بىنا قاتارلىق نەرسىلەر چاشقانلار دەستىدىن ئۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ،ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان زىچ رايونلاردا ئوت كېتىش نورمال ئىش بولۇپ قالىدۇ .ھەم كۆپىنچە نەرسىلەر كۆيۈپ تۈگەيدۇ .
ئون يىلدىن كىيىن :ياغاچ ماتېرىياللىرى چىرىشكە باشلايدۇ ،ئادەملەرنىڭ ماكانىنى ھايۋانلار ئۆزىگە لايىق قىلىپ بىرەر قۇر ئۆزگەرتىپ بولىدۇ .
20يىلدىن كىيىن تەدرىجىي ئورمان ھالىتىگە كىرىشكە باشلايدۇ ،ھاۋا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ساپلىشىدۇ ،پەسىل قۇشلىرى بىنالارنى ئۆي قىلىدۇ .ئىنسانلار ياسىغان ھەرقانداق ياخشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولمۇ يوقىلىشقا باشلايدۇ .
50يىلدىن كىيىن :ئىنسانلارنىڭ 60% ياسالمىسى بەربات بولىدۇ ،سۇدىكى ئازوت قاتارلىق بۇلغىغۇچىلار تامامەن تازىلىنىدۇ .
100يىلدىن كىيىن :شەھەر يولى ۋە ئىمارەتلەر ھەممىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئۆتىدۇ ،ۋە ھايۋانلارنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ جايىغا ئايلىنىدۇ .قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار نەچچە ئون ھەسسە سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ .نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار خاراب بولۇپ گۆمۈرلۈپ چۈشىدۇ .
200يىلدىن كىيىن :بۇيەرنىڭ ئىلگىرى ئادەملەرنى شەھىرى دېگەنگە ھېچكىم ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئورمانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ .
1000يىلدىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ،ئۇيەردە پەقەتلا مەڭگۈ تاش خاراكتېرلىك ئابىدىلەر ئاسان چىرىمەس ئەخلەتلەر ۋە يادرو پارچىلىرى قالىدۇ .
<<ئەگەر ... بولمىسا>>نىڭ داۋامى ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىدۇ .
|
|