- تىزىملاتقان
- 2015-11-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1863
- نادىر
- 1
- يازما
- 59
ئۆسۈش
  86.3%
|
(ھىكايە)
ئابدۇراخمان سادىق
ھېيىت يىقىنلاپ قالغا كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى ، بازار ئايلىنىپ كىتۋېتىپ بىر دۇقمۇشتا چەمبەرسىمان بولۇپ توپلاشقان كىشىلەرگە كۆزۈم چۈشتى .ئىنسانچىلىقتا ، قىزىقىپ ئالمان- تالمان يېنىغا باردىم . بۇيۇنداپ ، بىراۋلارنى ئىتىرىپ ئالدىغاراق ئۆتىۋدىم ، كۆزۈم توپ ئوتتۇرسىدا ئىسىدەپ يىغلاۋاتقان بىر ئايالغا چۈشتى .يۈزىگەقاراياغلىق ئارتىپ، ئۇچىسىغا ئېتىكى يەرگە سۆرلۈپ تۇرىدىغان ، كەڭ قارا كۆينەك كىيىۋالغان ، ئۇ ئايال بىر بالىنى قۇچاقلىۋالغىنىچە يىغلاپ سۆزلەۋاتاتتى.
-قېرىنداشلىرىم، ئېرىم قىسەل بوكلۇپ يىقىندا ئۆلۈپ كەتتى، ئۈچ بالابىلەن مەنتۇل قالدىم. قۇچاقتىكى بۇ قىزىممۇ ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بولۇپ، داۋالىتاي دىسەم پۇل يوق، ئىككى قېرىندىشى تىخى ئۇقۇشسىز قالدى.
ئايال گىپى شۇ يەرگە كەلگەندە قارا پەلەيلىك قۇلى بىلەن يەردە ، ئايىقى تۈۋىدە بىر – بىرى بىلەن ئوينىشۋاتقان ئىككى ئوغۇل بالىنى كۆرسىتىپ گىپىنى داۋام قىلدى ، -نەچچە كۈن بولدى ئاغزىمغا گىياھ سلمىغىلى ، كېلىۋاتقان ئولۇغ ھېيت-ئايەمنىڭ ھۆرمىتىگە بولسىمۇ زاكات ئورنىدا بولسىمۇ زاكات ئورنىدا ئاتىغىنىڭلارنى بېرىڭلا ئقامائەت!
-زاكاتنى مانا مۇشۇنداق ئادەملەرگە بېرىش دۇرۇس ! –توپ ئارسىدىكى بىرەيلەن شۇ گەپ بىلەن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، قىستىلىپ ئۆتۈپ ھېلىقى ئايال بىلىكىگە ئۆتكۈزۋالغان كۆك لاتا سمكىسىغا پۇل تاشلىدى. بۇيەردە گۇدۇڭلاشقان خەيرىخاھلىق سۆزلىرى ئاڭلاندىدە، كۆك سومكىغا پۇللار ئۇزتۇلۇشقا باشلىدى . قاتاردىن قالماي دەپ، مەنمۇ ئاتىغىنىمنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چەميانىمغا قول ئۇزۇتاي دەپ تۇراتتىم ، تۇيۇقسىز كەينى يانچۇقۇم مىدىرلاپ قالدى ، ئىتتىك ئارقامغا ئۆرىلىۋىدىم، بىر كىچىك بىلا ھەميانىمنى يانچۇقۇمدىن يېرىم سۇغۇرۇپ بولغان ئىكەن . ئاچچىقىمدا كاپلا قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتتۇم. بالا ھەميالدىن قۇلىنى بوشاتتىدە، يۇلقۇنۇپ بىلىكىنىمۇ قۇلۇمدىن بوشاتتىدە ، پەرتلا قىلىپ قاچتى ، ھەميان جايىدا بولغاندىن كىيىن دەپ ئارتۇقچە ئىش قىلمىدىم ، ھەميالنى .ئېلىپ قارىسام ، ساق ، ئىكەن ، شۇدەم تۇساتتىن كۆزۈم قارا كۆينەكلىك ئايالنىڭ ئايىقى تۈۋىدە ئويناۋاتقان بىر بالىغا چۈشۈپ قالدى . بۇنىڭغىمۇ ئانچە ئىرەن قىلماي ، ھەميانىمدىن بۇل ئېلىپ كۆك سومكىغا سالغىلى ئالدى تەرەپكە ئىنتىلدىم ، قارا كىيىملىك ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ ، پۇلنى كۆك سومكىغا سالاي دىيىشىمگە بىرسىنىڭ ئەنسىز چېقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىتتىك ئاۋاز چىققان يان تەرەپكە قارسام ، قارا كىيىملىك ئايالنىڭ تۈۋىدە ئويناۋاتقان بالا نېرى تەرەپتىن ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ توپنىڭ ئارسىغا قىستىلىپ كىرىپ كەتتى ، ئۇنىڭ قولىدا بىر يان تېلفۇن سىقىمداغلىق ئىدى . يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ 《ئوغرى …..كىمنىڭ ؟ ….ئوغرى…..》دەپ ۋارقىرۋىتىپيىمەن.
خەيرى- زاكات بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى پاتپاراق بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى ، توپ ئوتتۇرسىدىكى بالا قۇچاقلىغان ، قارا كىيىملىك ئايالمۇ كۆرۈنمەيتتى ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئامما غەۋغا قىلىشاتتى . مەن قۇلۇمدىكى زاكاتقا ئاتىغان پۇلنى سىقىمداپ تۇتۇپ ، بىلىكىگە كۆك لاتا سووكا ئاسقان ئايالنى ئىزدىدىم ، ئۇ ئايال يەنىلا كۆرۈنمەيتى . ئادەملەرمۇ شالاڭشىدى . كۆزۈم شۇ ئەسنادا يول بويىغا توختىتىلىپ قويغان قارا پىكاپنىڭ ئۇچۇق ئىشىكىگە چۈشۈپ قالدى . ھەيرانلىق ئىلىكىدە كۆزلۈرۈمنى ئوۋلاپ ، يەنە قارىدىم ، بىلىكىدىكى كۆك لاتا سومكىسى لەپەقداپ تۇرغان قارا كىيىملىك ئايال كىچىك ئىككى بالىنى دۈمبىللىرىدىن ئىتتىرىپ قارا پىكاپقا چىقارماقتا ئىدى . سەلدىن كىيىن ئايالنىڭ ئۈزىمۇ ئۇزۇن قارا كۆڭلىكىنىڭ ئېتەكلىرىنى يېغىشتۇرۇپ ، ئالدىراپ پىكاپقا چىقتى ، قارا پىكاپ يامغۇردىن كىيىنكى ئەگىزنىڭ پاتقاقلىرىنى چاچىرتىپ ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى .
2014-يىلى 7-نويابىر شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتتكە بىسىلغان
|
|