- تىزىملاتقان
- 2014-3-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1678
- نادىر
- 1
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  67.8%
|
گەپ ئوينىتىپ جىق گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. سىزنىڭ ‹‹ شۇڭا، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى كىيىنىش ئادىتىنى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمكى كىيىنىش ئادىتى» دەپ ئاتىشىڭىز تارىخىي چىنلىققا زىت. 50 يىل مابەينىدە ئومۇملاشقان كىيىنىش ئادىتىنى قەدىمكى كىيىنىش ئادىتى دېيەلەمدۇق؟ ›› دېگەن سۆزىڭىزگە پاكىت كەلتۈرۈڭ دېسەم، مېنىڭدىن ئاۋۋال پاكىت كەلتۈرۈشۈمنى سوراپسىز. شۇنىڭ بىلەن پاكىت كەلتۈردۈم. ئەمدى سىزنى پاكىت بىلەن سۆزلەمدىكىن دېسەم، بۇنچە كۆپ گەپ قىلىشنىڭ پايدىسى يوق ئىدى. توغرا دەيسىز، ھەممىمىز ئىزدەنگۈچى، شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى، مەيلى قايسىلا دىن دەۋرىدە بولسۇن، قايسى مەدەنىيەتلىك دەۋردە بولسۇن، بىزنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ( ئەلۋەتتە، قەدىمكى ۋە ھازىرقى ) جايىمىزدىن بايقالغان، بايىقىلىۋاتقان ھەممە نەرسە بىزنىڭ كۆڭۈل بېرىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بىر بىرىمىز بىلەن تالاشماي، پاكىت كەلتۈرۈشىمىز، شۇنىڭغا باغلاپ سۆزلىشىىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك، مېنىڭ توغرا دېگەنلىك ئەمەس، خاتا دېگەنلىكمۇ ئەمەس. يەنە مەن بىلەن تالاشسىڭىز بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. تالىشىشقا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم پاكىت كەلتۈرۈپ، تالىشىش كېرەك. شۇ چاغدا ھۆرمەتمۇ، ئىشەنچمۇ، بىلىممۇ يۈكسېلىدۇ. |
|