- تىزىملاتقان
- 2016-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 214
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  71.33%
|
پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ئاستىدا پاسپورت بىجىرىشنىڭ قۇلايلىق بولىشى بىلەن پاسپورتۇمنى شۇنداق تىز بىجىرىۋالدىم، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق ۋىزىسىنى ئەكىلىۋالدىم.
ئەمدىكى مەخسەت تۈركىيە ساياھىتىنى 10كۇنلۇك يالغۇز باشلاش بولدى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىلەتنىمۇ ئېلىۋالدىم ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلاردىن تۈركىيە تۇغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتلەر بولسا ئايىمىساڭلار .
ئايرىدۇرۇم يول قويغان يۈك تاق ئۆلچىمى 40كېلو ئىكەن. لىكىن مىنىڭ نەرسىلىرىم بەك ئاز،بۇ جەھەتتە بىخەتەر قانۇنلۇق بولغان (باشقىلارنىڭ ئارتۇق يۇك تاقىنى)ھەقلىق ئېلىۋىلىشقا بۇلامدۇ؟ مەن چۇشمەكچى بولغان ئايرىدۇرۇم ئاسىيا قىسمىدىكى سەبىخە ئايدۇرۇمى ئىكەن، بۇ ئايدۇرۇمدىن ياۋرۇپا قىسمىغا بېرىش ئۇچۇن ئەڭ ئاسان قولايلىق قاتناش قايسى؟ تۈركىيەگە قايسى جايلارنى ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟ تۈركىيەدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟ ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشۇم كېرەك؟ تۈركىيە ساياھەت توغۇرسىدا ھەمدە ساياھەت قىلىش توغۇرسىدا تورداشلىرىم ياخشى بولغان چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
|
|