Al-Farabi (/ˌælfəˈrɑːbi/; Persian: ابونصر محمد بن محمد فارابی Abū Naṣr Muḥammad ibn Muḥammad Fārābī;[1] for other recorded variants of his name see below) , known in the West as Alpharabius[5] (c. 872[2] in Fārāb[3] – between 14 December, 950 and 12 January, 951 in Damascus),[3] was a renowned philosopher and jurist who wrote in the fields of political philosophy, metaphysics, ethics and logic. He was also a scientist, cosmologist, mathematician and music scholar.[6]
بۇ بايانلاردا فارابىنى راسا ماختاپتۇ، تەشەككۇرلەر.لىكىن تۆۋەندىكى بىر نۇقتا كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ:
يەنى ئۇنىڭ پارىسچە ئىسمى «ناسىر مۇھاممەت ئىبىن مۇھاممەت فارابى» بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە باشقىچە خاتىرلەنگەن ئىسىملىرىمۇ بار ئىكەن. مىلادى 877 يىلى تۇغۇلغان ئادەم بولۇپ، تۇغۇلغان ۋاقتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەننىڭ ئۈستىگە، ئىككى ئەۋلاد نامى ئاللىقاچان «مۇھاممەت» كە ئۆزگىرىپ بولغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىدا نەدە يۈرۈپ «مۇھاممەت» ئىسىملىك كىشىلەر بولسۇن؟ ئەگەر فارابى ئۇيغۇر بولىسا، ئەڭ ئەقەللى بىر ئىش يا تارىمدىكى ئەينى دەۋىردە خاتىرلەنگەن يەرلىك كىشى ئىسىملىرىدا «مۇھاممەت» بولۇشى، يا بولمىسا قەدىمى ئورخۇن ئۇيغۇر-ئوغۇزلىرىدا «مۇھاممەت» نامى بولۇشى (بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەستۇ) كىرەك. ئەكسىچە فارابىنىڭ بوۋسىنىڭ ئىسمى ئاللىقاچان «مۇھاممەت»كە ئۆزگىرىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىشتىن تەخمىنەن يۈز يىل بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولۇپ بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئاندىن ۋىكى ئىنسىكىلوپىدىيىسىدە فارابىنىڭ ئىتنىك كىملىكى ھەققىدە مۇنداق گەپ قىپتۇ:
According to the Oxford Encyclopaedia of African Thought "[...] because the origins of al-Farabi were not recorded during his lifetime or soon after his death in 950 C.E. by anyone with concrete information, accounts of his pedigree and place of birth have been based on hearsay [...]".[14]
..........
يەنى «ئوكىسفورىت ئافرىقا ئىديىلىرى ئىنسىكىلوپىدىيىسى»دە ئىيتىلىشىچە فارابىنىڭ كىلىپ-چىقىشى ھەققىدە ھىچنىمە دىيىلمىگەن بولۇپ، ھەتتا تۇغۇلغان ئورنى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن.
يەنە مۇنداق گەپلەر باركەن:
As noted by Dimitri Gutas, Farabi has in a number of his works references and glosses in Persian and Sogdian (and even Greek but not Turkish).[1][19] Sogdian has also been suggested as his native language[20] and the language of the inhabitants of Fārāb.[21] Muhammad Javad Mashkoor argues for an Iranian-speaking Central Asian origin.[22] A Persian origin has been discussed by other sources as well.[23
يەنى، فارابى ئەينى دەۋىردە ئەرەپچە ئەسەر يازغان بولۇپ، نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى سوغدىچە ياكى پارىسچە، ھەتتا گىرىكچە مەنبەلەردىن كىرگۈزگەن، لىكىن تۈرىكچە سۆزلۈكلەر يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە فارابىنىڭ ئاتالمىش يۈرتى فاراب شەھرى مەيلى شەھەر نامى ياكى ئەينى دەۋىردىكى يەرلىك تىل جەھەتتىن بولسۇن شەرقى ئىران تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولغان سوغدى تىلىدا سۆزلىشىدىغان جايكەن. يەنى فارابىنىڭ سوغدى بولۇش، ياكى مەركىزى ئاسىيالىق ئىران ياكى پارىس نەسىللىك كىشى بولۇش ئىھتىماللىقى چوڭكەن.
ئەندى ئۇنى تۈركى زات دىگەن دەۋاغا نىسبەتەن مۇنداق گەپلەر باركەن:
Turkic origin theory
Al-Farabi on the currency of the Republic of Kazakhstan
The oldest known reference to a Turkic origin is given by the medieval historian Ibn Khallikān (died in 1282), who in his work Wafayāt (completed in 669/1271) states that Farabi was born in the small village of Wasij near Fārāb (in what is today Otrar, Kazakhstan) of Turkic parents. Based on this account, some modern scholars say he is of Turkic origin.[24][25][26][27][28][29] Dimitri Gutas, an American Arabist of Greek origin, criticizes this, saying that Ibn Khallikān's account is aimed at the earlier historical accounts by Ibn Abī Uṣaibiʿa, and serves the purpose to "prove" a Turkic origin for al-Farabi, for instance by mentioning the additional nisba (surname) "al-Turk" (arab. "the Turk")—a nisba Farabi never had.[1] However, Abu al-Fedā', who copied Ibn Ḵhallekān, corrected this and changed al-Torkī to the descriptive statement "wa-kāna rajolan torkīyan", meaning "he was a Turkish man."[1] In this regard, Oxford professor C.E. Bosworth notes that "great figures [such] as al-Farabi, al-Biruni, and ibn Sina have been attached by over enthusiastic Turkish scholars to their race".[30]
يەنى فارابنىڭ تۈركى كىشى ئىكەنلىكى، فارابىغا بەك ئامراق تۈركى نەسىللىك ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن زورمۇ-زور تىڭىلغان دىگەندەك گەپلەر. بىلىشىمچە، فارابىنىڭ ئەڭ قابىل ئىككى شاگىرتى ئۇيغۇر بولۇپ، فارابىنىڭ «تۈرىكى» ئىكەنلىكى شۇ ئىككىسى تاپقان گەپمىش.
نۆۋەتتە قارساقمۇ، تۈركى مىللەتلەردە مەشھۇرسىراش ھاياجان ئىچىدە، بەزى مەشھۇر كىشىلەرنى تارىخ ياكى پاكىتقا قارىماي زورلاپ ئۆزىنىڭ قىلۋالدىغان خارەكتىر بەك كۈچلۈك. مەسلەن يۈسۈپ خاسھاجىپنى مىسالغا ئالساق، يۈسۈپ خاسھاجىپ ياشىغان دەۋىردە قىرغىزلار تىخى سېبىريىدىن كۆچۈپ كەلمىگەن. يەنى رۇسلارنىڭ تۈمىسكى شەھەر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى خاتىرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزلار تىخى 16- ئەسىرلەرگىچە تومىسكى شەھرىنىڭ شەرقى، مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالى، بايقال كۆلىنىڭ غەربى تەرپىدىكى رايوندا بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغان چاغدا ئۆتكەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كىتابىدىمۇ قىرغىزلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى «خاقانىيە» ئۆلكىسىدىن كۆپ يىراقتا. شۇنداق بولىشىغا قارماي، قىرغىزلار ھىچقانداق ئىلمى پاكىت ياكى ئاساسقا قارىماي يۈسۈپ بالاساغۇننى قەتئى ھالدا قىرغىز دەپ دەۋا قىلىدۇ. بەلكىم، فارابى ھەققىدىكى دەۋالارمۇ ئوخشاش خارەكتىرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
ئەگەر قىرىنداشلار ئىلمى پاكىتلار بىلەن كۆڭلۈمدىكى بۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىۋەتكەن بولسا، كاللامدىكى شۆبھى يوقىلىپ، فارابىنىڭ تۈركى ياكى ئۇيغۇرلىقىغا قايىل بولغۇدەك جاۋابقا ئىرىشكەن بولسام دىگەن ئۈمىددىمەن.