- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35008
- نادىر
- 6
- يازما
- 1277
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
باغداش تورى قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان ،كۆپچىلىكنىڭ تورغا نىسبەتەن قىزغىنلىقىنى يەنە قايتا قوزغىدى .ھازىر تېمىلار تېخىمۇ سەرخىللىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ .ئاللاھ خالىسا باغداشنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ .خوش باغداشنىمۇ ئېچىۋالدۇق ئەمدى باغداش ئۈچۈن قانداق ياردەملەردە بولىمىز ؟نۇرغۇن قېرىنداشلاردىن بۇ سۇئالنى سورىساق <قولۇم كۆكسۈمدە،ياردىمىمنى ئايىمايمەن > دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە باغداشنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ياردىمى تۆۋەندىكىدەك .
1.كۆچىرىلمە تېمىلارنى ئازراق ئىجادىي تېمىلارنى كۆپرەك يېزىش .
بۇ ھەقتە بەلكىم كۆپچىلىك ئاللىقاچان ئويلىنىپ باققان .مۇنبەرنى قىززىتىدىغان تېمىلار يەنىلا چىن يۈرەكتىن ئېيتىلغان چىن سۆزلەردور .كۆچىرىلمە تېمىلار مۇنبەرنى بېسىۋالسا مۇنبەر بىر خىل جانسىز بولۇپ قالىدۇ .خاسلىقى گەۋدىلەنمەيدۇ .شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن كۈزىتىپ ،تۇرمۇشقا يېقىن تېمىلارنى كۆپرەك يېزىش . مېنىڭ تەكلىپىم ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسى ھېچبولمىغاندا ھەپتىدە بىر تال بولسىمۇ يېزىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . مەن تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەھمىيەتلىك بىرەر مەزموننىڭ بولماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن .سىز تورغا يېزىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىقىڭىزنى ئاشۇرىسىز يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن باغداشنى قوللايسىز .
2.ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلار .
يازارمەن نۇرغۇن ۋاقتىنى چىقىرىپ بىر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىدۇ .بىزدە <ئېلىپ بە > دەيدىغان ياخشى ھېكمىتىمىز بار .بىز ئېلىشنى بىلىپ بىرىشنى بىلمىسەكمۇ ياخشى بولمايدۇ .ئوقۇغانكەنمىز بىر ياخشى ئىنكاس يېزىشىڭىز ياخشى ئەخلاق .يازارمەن سىزدىن <پەيزى بوپتۇ ،ياخشى ،تېخىمۇ تىرىشىڭ > نىلا تەلەپ قىلىپلا قالماستىن ئەڭ ئاساسلىقى سىزنىڭ شۇ تېمىغا نىسبەتەن ئىنكاسىڭىزغا تەشنادور .ماختاش ئىنكاسلىرى بۇ تېمىنى قىززىتالمايدۇ .ئەكسىچە بۇ تېمىغا نىسبەتەن ھەر-خىل پىكىرلەر بۇ تېمىنى قىززىتىدۇ .قىززىغانكەن نۇرغۇن ئادەم بۇ تېمىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ دىگەن گەپ .لېكىن بىز ئىنكاسنى ھەر بىر تېمىغا زورمۇزور بەر دىمەيمىز .بەلكى ئەھمىيەتلىك ،نادىر تېمىلار بويۇن قىسىپ قالمىسا .
3.باغداش تورى قۇرۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدۇ .بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز .
باغداشجان ئۆز ئىقتىسادى ئارقىلىق بۇ ئىشنى روياپقا چىقاردى .بەلكىم بەزىلىرىمىز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ باغداشجاننى قوللاش غەرىزى باردور . لېكىن مەنمۇ بىر تور بىكەتنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق ياردەملەرنى باغداشجاننىڭ ئاسانلىقچە ئالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن .لېكىن تور بىكەتنى نورمال يۈرگۈزىدىغان ئىقتىسادنى قانداق تەييارلايمىز ؟
بۇ ئىقتىسادنى باغداشجان يېنىدىن چىقارغاندىن باشقا يەنە تور بىكەت ئېلانىغا ۋە باشقا تىرىشچانلىقلىرىغا تايىنىپ ھەل قىلىدۇ .بىز زىيارەتچىلەرنىڭ قىلىدىغان ياردىمىمىز ھەر بىر تېما ۋە ئىنكاسنىڭ ئاستىغا قويۇلغان ئېلانلارنى چىكىپ قويساقلا كۇپايە .دىققەت قىلدىڭىزمىكىن ھەر بىر تېما ۋە ئىنكاسنىڭ ئاستىغا بەيدۇ ۋە گىيوگىلنىڭ ئېلانى قويۇلغان بۇ ئېلانلارنى كۈندە بىر نۆۋەت چەكسىڭىز باغداش تورى مەلۇم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدۇ .مانا بۇ سىزنىڭ باغداش تورىغا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ياردەملىرىڭىزنىڭ بىرىدور .
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ ئېلانلارنى 24سائەتتە پەقەت بىرلا قېتىپ چىكىسىز .جىق چىكىۋەتسىڭىز ئېلان توختاپ قالىدۇ .
4.باغداش تورىنى تەشۋىق قىلىش .
باغداش تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا مۇلازىمەت قىلدىغان ئونۋىرسال تور .باغداشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يوقارقىدەك تىرىشچانلىقلاردىن باشقا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە باغداشنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، باغداش تورىدا كۆرگەن ياخشى تېمىلاردىن خەۋەردار قىلىپ ئۇلارنىڭ باغداشقا قاتنىشىش قىزىقىشىنى قوزغىشىمىز كىرەك
مانا بۇلار مېنىڭ ئويلىغىنىم .بەلكى بۇنى كۆپچىلىكمۇ ئاللىقاچان ئويلاپ بولغان بولىشى مۇمكىن .
قېنى كۆپچىلىك ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئۈچۈن باغداشنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ئالغا !! |
|