- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2305
- نادىر
- 3
- يازما
- 76
ئۆسۈش
  10.17%
|
مەن ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكە بەك ئامراق. بۇلارنى كۆرۈپ بەك سۆيۈندۈم. بۇ گۈزەل ئەسەرلەرنى كۆرۈپ، ئۈچ يىل ئاۋالقى بىر ئىش يادىمدىن كەچتى: تۈركىيەگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىپ كەلگەن بىرخانىمىمز ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى خەلقئارالاشقان كۈندىمۇ، ئەرەپ ھەرپلىرى ئاساسىدىكى يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئاغرىنغانىدى. شۇ چاغلاردا مەكتىپىمىزدە زادى قايسى يېزىقىنى ئىشلىتىش كېرەك دېگەن توغرىسىدا بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغالغانىدى. شۇ چاغدا مەن ئەگەر يەنە لاتىن ھەرپلىرىگە قايتساق، نۇرغۇن ساۋاتسىز كىشىلەر پەيدا بولىدۇ. بىز مۇھەببەت ۋە ئەقىدە باغلىغان تىلىمىزنى ئىپادىلەيدىغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەرپلىرىگە ئوخشايدىغان يېزىقىمىزدىن يىراقلاشقانسېرى يېزىقىمىزغا، تىلىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز كۈچلەنمەيدۇ، ئۇلارنى ئۇلۇغلاش تۇيغۇمىز سۇسلايدۇ، ئەڭ ئاددىيسى گۈزەل ھۆسنخەت ئەسەرلىرىمىزمۇ بارلىققا كەلمەيدۇ، بىر يېزىقنىڭ خەلقئارادا ئېتراپ قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۇ يېزىقنى ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۆز يېزىقىدىن ئاغرىنماسلىقى، يېزىقىنىڭ ئىشلىرىنى سۆيگۈ بىلەن قىلىشى دېگەن تەشەببۇستا بولغانىدىم.
ئادەم ئۆزى ئىشلەتكەن تىلنى ئىپادىلەيدىغان يېزىققا بولغان مۇھەببەتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. ھۆسنخەتلەر بۇ يولدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە سەنئەتلىك تىرىشچانلىقتۇر! ئەگەر بىز يەنە شەخسىي ئاۋارچىلىقىمىزنى دەپ يېزىق ئۆزگەرتسەك، بۇنداق گۈزەل ھۆسنخەتلەر بارا- بارا كۆزىمىزدىن يۈتىدۇ.
تېما ئىگىسىنىڭ تېخىمۇ نادىر ھۆسنخەتلەرنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|