- تىزىملاتقان
- 2014-3-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2604
- نادىر
- 0
- يازما
- 107
ئۆسۈش
  20.13%
|
مەن كىچىك چاغلاردا بىزنىڭ ئائىلىدە كالا كۆپ بېقىلاتتى ھەم كەنتىمىزدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنى ئاشۇ بىزنىڭ كالا بىلەن ئاغدۇراتتى.بۇ ۋاقتىدا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئىش كالىنىڭ پۇتىنى ساپان كىسىۋېتىش ئىدى ،بولۇپمۇ تۇمۇز كۈنلەردە.جاراھەت سەۋەبىدىن پۇتى ئۈزۈلۈپ كىتەي دەپ قالغان كالا بولسىمۇ بىز بۇ جاراھەتنى ناھىيتى ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ساقايتىۋالاتتۇق.مەن مەھەللىدىكى كىچىك ئوغۇل بالىلارنى چاقىرىپ كىرەتتىم،دادام پۇتى جاراھەتلەنگەن كالىنىڭ پۇتىنى بىر ئامال قىلىپ تۇتۇپ بىرەتتى بىز ئاشۇ جاراھەتكە توغۇرلاپ كىچىك تەرەت قىلاتتۇق،بەلكىم قاتتىق ئېچىشتۇرسا كېرەك كالا قاتتىق تىپچەكلەپ كىتەتتى،بۇ بىزگە تاماشا ئىدى.ئەمما بىر قانچە كۈن بولمايلا يىرىڭداپ،قۇرتلاپ كەتكەن جاراھەت بولسىمۇ ساقىيىپ قالاتتى.مەن بۇ ئىشلارغا ھازىرغىچە ھەيران ئىدىم .بۇ ئىش يالغۇز بىزنىڭ مەھەللىمىزدىلا ئەمەس قازاقىستاندىمۇ باركەن .بۇ توغۇرلۇق قازاقىستانلىق كامال ھىسامىدىنوف كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ نۇرغۇن رىتسىپلىرنى مىسالغا ئېلىپتۇ.دىمەكچى بولغۇنۇم سىزمۇ مۇشۇ رىتسىپنى قوللۇنۇپ بېقىڭ.پاكىز پاختا لاتىغا كىچىك تەرەت قىلدۇرۇپ شۇ لاتىدا تاڭسىمۇ بولىدۇ.بۇنىڭ بىردىن بىر شەرتى بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇل بالا بولۇشى كېرەك،بىر مەزگىل ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. |
|