- تىزىملاتقان
- 2012-12-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3285
- نادىر
- 0
- يازما
- 191
ئۆسۈش
  42.83%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلا قانداق ئەھۋالىڭلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەنمۇ قىيىنچىلىقىمىزنى بايان قىلۋالاي ئانام ئاغرىپ قېلىپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپارساق ئۇلار بەلۋاغسىمان قوقاق دەپ دىئاگىنوز قويدى ھەم ياتاققا ئېلىپ 5 كۈن داۋالىدى لېكىن ئازراقمۇ ئىلگىرلەش بولمىدى تۈنۈگۈن دوختۇردىكىلەر ياتاقتا يېتىش ۋاقتىڭلار توشتى دەپ مەجبۇرى دېگەندەك دوختۇردىن چىقىرۋەتتى ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۋېتىپ كەلسەڭلار يەنە ياتاققا ئالىمىز دەيدۇ (.داۋالىنىش كېنىشكىسىدە داۋالانسا مۇشۇنداق قائىدە بولسا كىرەك.) ئانامدا ئساسەن ياخشىلىنىش بولمىدى دوختۇرلار بۇ دېگەن سوزۇلما خاراكترلىك كېسەل ئۇندەق ئاسەن ئوڭشالمايدۇ دەيدۇ بىز ھازىر ناھىيلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلۇشۋاتىمىز ئۈمۈدۈم كەڭ تورداشلا يول كۆرسەتسەڭلا بەلكىم ئارىمىزدا مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئاغرىپ داۋالىنىپ ساقايغانلا بولۇشى مۇمكىن شۇلا يول كۆرسەتسىكەن دەيمەن بۇ بەلباغسىمان قوقاق دېگەن كېسەل راستىنلا شۇنداق قورقۇنۇچلۇقمۇ شۇنداق ئۇزۇن مۇددەت داۋالانغىلى سالامدۇ مۇمكىن بولسا بۇ توغۇرلۇق تەجىربىسى بار تورداشلا يول كۆرسەتسەڭلا قايەردە قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسا ئەڭ ياخشى بولۇدۇ يول كۆرسەتسەڭلا رەھمەت |
|