- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10782
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-23 23:13
Hayajan001 يوللىغان ۋاقتى 2015-12-21 23:54
ياخشىمۇسىز، بىلگەجان ئەپەندى.
مەن مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋ ...
ياخشىمۇسىز، بىلگەجان ئەپەندى.
مەن مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىر قانچە سوئال سوراپ باقاي.
1.مىڭە يىتىلىشى بىلەن IQنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ مىنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم پەقەت لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن گىئومىتىريىلىك شەكىللەردىن ئىلىنىدىغان IQ سىنىقى. شۇنداق سىناقنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقرى دەپ قارايدىكەن.
===========
شۇنداق، مېڭە يېتىلىشنىڭ ئەلۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋىتى بار. مېڭىسى كەمتۈك يېتىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنرەك بولىدۇ چۈنكى ئەقىل مېڭىنىڭ پائالىيىتىدۇر.
2.ئەگەر بۇ ئىككىسى مۇناسىۋەتلىك بولسا، «نامرات» ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ IQ سى «نورمال» ئائىلىلەردە چوڭ بولغانلاردىن زادى قانچىلىك پەرىقلىنىدۇ؟
==================
بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقات تېمىسىدا بۇ پەرق 11 نومۇر ئىكەن.
3.بۇ يەردىكى مەسىلە بىز ئاسىيالىقىلار تۇغما ئەقىللىقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغۇچە ئەنگىلىيە-ئامرىكىلىق بالىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدە ياشىسا، ئۇلارىڭ ئوتتۇرچە IQسى تىخىمۇ يۇقرى بولۇش مۇمكىنمۇ؟
============
IQ سىنىقى ئەقىلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەيدىغان مۇكەممەل بىر ئۇسۇل ئەمەس، شۇڭا پەقەت شۇ بىر كۆرسەتكۈچكە قاراپلا كىشىلەر ياكى كىشىلەر توپلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئاسىيالىقلار دېگەن ناھايىتى چوڭ ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، تۇغما ئەقىللىق كىشىلەر ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى قىتئەلەردە ياشايدىغان كىشىلەر توپلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چىقىدۇ ھەم سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سىناقتىكى پەرقلەرنىڭ چوڭ بولۇشى ئەقلىي قابىلىيەتتىكى پەرقلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇر بەرسىمۇ، بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر توپلىرىنى ئاسىيالىقلار ئەقىللىق، ئافرىقىلىقلار دۆت، ياكى شۇ قاتاردىكى يەكۈنلەرنى چىقىرىش ئىلمىي ئەمەس.
شۇنداقتىمۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان ئاسىيالىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرس نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىپى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇنىڭغا قاراپلا ئاسىيالىقلار باشقىلاردىن ئەقىللىق دەپ خۇلاسىلىغىلى بولمايدۇ.
|
|