قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1443|ئىنكاس: 12

چوڭ-كىچىك پار ئۇچاقلارنىڭ ئۈنىمى بەك تۈۋەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 01:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار مىتالدىن پايدىلانغىلىمۇ ئاز دىگەندە 1000 يىل بولغاندۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا مىتالدىن ئىشلەنگەن بەزى بۇيۇملارنىڭ كىلوسى 30 يۈەندىن ئاشقان باھادا سىتىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن مىسكەر ياكى تۈمۈرچى ئۇستاملارنىڭ ناھايتى ئاز ساندىكىلېرىدىن باشقىلېرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللار شۇغۇللانغان كەسپىدە كىچىك دۇكاندىن تەرەققى قىپ بۇلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. تىخى بەزىلېرى ھۈنەردە خېلى كامالەتكە يىتىپ قالغان، ئەمما شۇ ئۇتتۇرلۇق ئىشقا كۈنۈپ قالغان. تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بەك ئاددى بەزى نەرسىلەرنى شۇ ئۇستاملار قىلسىمۇ بەزى مەخسوس ماشنىلېرىنىمۇ ئۆزى ياساپ قىلسا قىلالايدۇ، قارىسا دىگەندەك كىلوسى 30 يۈەندىن دىگۈدەك سىتىلىدۇ.
360截图20151205185418937.jpg



  ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك بىر توردىشىمىز قىشتا ئىسسىنىشتا ئۈنۈملۈك بىر ئۇسولنى تەۋسىيە قىلىپ تىما يىزىشىمنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر يىزىپتىكەن. شۇڭا بۇ تىمىنى تەييارلىدىم.
   پار ئۇچاقلېرى يىقىلقۇنىڭ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقىنىڭ 30-%40 قىسمىدىنلا  پايدىلىنىپ قالغان 60-%70 قىسمىنى تۇرخۇندىن سىرتقا قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا بىز كۆپرەك ئىسسىقلىقنى سۇغا ئۈتكۈزۋىلىش ئۈچۈن قۇيۇپ بېرىلىدىغان ئىسنى پار ئۇچاق ئىچىدە كۆپرەك ئايلاندۇرساق(پار ئۇچاق ئىچىدىكى مۇساپىسىنى ئۇزارتساق)  تۇرخۇندىن قۇيۇپ بېرىدىغان ئىسسىقلىقنى ئازايتساقلا بۇلىدۇ. مىسالەن ئالساق يىلدا 100 توننا كۈمۈر قالاپ ئىسسىتىدىغان ئۆينىڭ پارئۇچىقىنىڭ ئايلانما مۇساپىسىنى يەنە ئىككى ھەسسە ئۇزارتىپ ئۈنۈمنى %70 كە ئاچىقساق ئۇنداقتا پەقەت 50 توننا كۈمۈر قالىساقلا بولدى دىگەن گەپ. بۇنىڭدا ھەم ئىقتىساتچىل ھەم مۇھىت بۇلغىشى ئاز بۇلىدۇ. شۇڭا ھۈكىمەت كىچىك تىپتىكى پار تەمىنلەش ئۇچاقلېرىنى بىكار قىلىپ توپلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
بازاردىكىنى سىتىۋىلىپ ئورنىتىش شەرت بولمىغاندىكىن ئۆزىمىز ياساپ ئىشلەتسەك بۇلىۋېرىدۇ. ئەمدى ئىچىدىكى كۈلنى تازلاش قۇلاي قىلىپ لاھىيلەپ ئاندىن قول سىلىپ ئىشلىسەكلا كۇپايە.  ھەممىمىز بىلىمىز، تۈمۈر بازىرىدا سىتىلىدىغان پۇلات توروببىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6مىتىر كىلىدۇ. چوڭراق كۈلەمنى ئىسسىتىدىغان پار ئۇچاقلارغا ئىس ئايلىنىپ ئۈتىدىغان يولنى ئۇزۇنراق قىلساقمۇ بۇلىدۇ.


未命名.JPG



  يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى پاردىن ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەن سۇغۇق سۇ ئەڭ ئاخىرقى بۈلەكچە يەنى ئۈستىندىكى بۈلەكچىدىن سەل يۇقىرىراق ئورۇندىن ئىقىپ  كىرىپ ئۇتتۇرا بۈلەكچىگە سەل تۈۋەنرەك ئورۇندىن ئىقىپ كىرىدۇ. ئاندىن يەنە سەل يۇقىرى ئورۇندىن ئاستىنقى بەك قىزىيدىغان بۈلەكچىنىڭ تۈۋەنرەك ئورنىغا تۇتىشىپ ئىقىپ كىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوت كۈچىنىڭ ئەڭ ئاجىز بولغان چىقىش نۇقتىسىدىكى تىمپىراتورا ئەڭ تۈۋەن چەككە يەنى قۇيۇپ برىلىدىغان ئىستىكى ئىسسىقلىق كۆپلەپ سۈمۈرۋىلىنىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنداق بولغاندا پايدىلىنىش ئۈنىمى %90 كە يىتىپ قالىدۇ. ئەمىلى قۇراشتۇرۇشتا بىر دانە پار ئۇچاقنىڭ ئۈستىگە ئىككى دانە ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچنى ئارسىغا ئىسسىقلىق ئۈتكۈزمەس قەۋەت قۇيۇپ قاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرى پۈتۈن پار ئۇچاقنىڭ كۈمۈر سىلىش ۋە كۈل ئىلىش ئېغىزلېرىدىن باشقا سىرتقى قەۋىتى كىگىز دىگەندەك ماتىرياللار بىلەن ئوراپ قۇيۇلسا ئىسسىقلىقنىڭ پايدىلانماقچى بولغان يەرگە بېرىشىغا پايدىلىق بۇلىدۇ. بولمىغاندا پار ئۇچاق ئورۇنلاشتۇرغان ئۆي بەك قىزىپ كىتىدۇ. بۇ خىل پىرىنسىپ چوڭ-كىچىك ئاپتۇمونىللارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنڭ ئىسسىقلىق تارقاتقۇچىسىدىمۇ سۇنداق قوللىنىلىدۇ. يەنى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ رادىئاتورى ماتور ئىسسىقلىقىنى تارقىتىدىغان رادىئاتورنىڭ ئالدى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرلۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچ رادىئاتورىنىڭ ياخشىراق مۇزلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئادەتتە چوڭ كۈلەملىك ئىسسىنىش قۇرۇلمىلېرىدا بىر-نەچچە بۈلەكلىك ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ ئىشلىتىلسىمۇ كىچىك كۈلەملىك ئىسسىنىش قۇرۇلمىلېرىغا تەننەرخنى كۆزدە تۇتۇپ بىر بۈلەك ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ قۇشۇپ قۇيىلىشى نورمال ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ. يەنە قايناقسۇ تەمىنلىگۈچىلەرمۇ مۇشۇ ئۇسولدا سۇ قاينىتىدىغان ئۇچاقلارنى ياسىتىپ ئىشلەتسە پايدىسى كۆپ.
  ئەلۋەتتە يىقىلغۇنىڭ قىممىتىدىن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بۇلىدۇ. ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ‹‹يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن›› دىگەن تىمامدىكى تۈرنى قۇشقاندا ئۆزىنىڭ ئىلىكتىرماتورلېرىنى توك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە يەنە بىر-مۇنچە ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئېرىشەلەيمىز.
  دىمەكچى بولغىنىم پۇلىمىز بارلېرىمىز ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ مەبلەغ سالساق شۇ بازاردا سىتىلىۋاتقاندىن كۆپ ياخشى پار ئۇچاقلېرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى تەييارلاپ بازارغا سىلىپ پايدا ئالالايمىزھەم باشقىلارغا ئىش ئورنى تەمىنلەپ بېرەلەيمىز.
   
  بۇنىڭدىن باشقا مىتاللورگىيەدە بۇرۇندىن ئويلاپ كىلىۋاتقان ئىش بار ئىدى. پاخال قىلىپ ئايرىم تىما قىلماي مۇشۇ تىمىغا قۇشۇپ قۇياي.
   يۇرتلاردا تۈمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان سەندەل قاتارلىق چۈيۈندىن قۇيۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئېرىتىپ قۇيۇپ ئىشلەتكەن ھەم بازارغا سالغان قېرىنداشلېرىمىز بار ئىدى، يىقىندىن كېرەكسىز چۈيۈن باھاسى بەك ئەرزان بولسىمۇ شۇ خىل مەھسۇلاتلار بازاردا يەنىلا قىممەت. ئۆزىمىز تەييارلاپ قۇيۇپ ئىشلەتمەكچى ياكى بازارغا سالماقچى بولساق 熔化炉 پېچ ۋە ئىلىكتىرىك  پېچلارنى توردىن ئىزدىسە بەك كۆپ ھەم قىممەتمۇ ئەمەس.  چۈيۈننى 1050گىرادوس ئەتراپىدا ئېرىتمە تەييارلاپ قۇم قىلىپقا قويساق دەز كەتمەي ياخشى قاتىدۇ. تىمپىراتورىسى بەك يۇقىرى بولسا سىرتقى يۈزى تىز سۇۋۇپ ئىچكى قىسمىدا دەز بۇپ قالىدۇ. چۈيۈننى خەنزوچە 生铁دەپ يازىدۇ.
   

铜管生产机器_价格_200000_0~_铜管生产机器促销_低价批发 - 阿里巴巴.jpg.jpg



    2002 -يىللېرىدا بىر ىتال قاپ ئىشلەتمەكچى بۇلۇپ بەك جاپا تارتقانتۇق، ئۈرۈمچىدە ئاليومىن-سىنىك بىرىكما ماتىريالدا ئىلىكتىرىك ھەل بېرىپ(پارقىراق) 28 يۈەنگە ئىشلەپ بەرمەكچى بولغان قاپنى جىېجىئاڭدا 1.2يۇەنگە ئىشلەپ بەرمەكچى بولغانتى، قارىسام سانتانا ماشنىنىڭ كاربىياتور (ھاۋا شورىغۇچ)نى شۇ يەردە 20 كۇۋادىراتمۇ كەلمەيدىغان يەردە ئىشلەپ بېرىدىكەن. ساپلىق بىلەن چوغنىڭ ئۈستىدىكى قازاندا تۇرغان ئېرىتمىنى ئىلىپ قايتا ئىشلىتىلىدىغان قىلىپلىق قۇيۇش ماشنىسىنىڭ قىلىپى بار يەرگە قۇيۇپ قويسا سۇيۇقلۇق بىسىمىدا ھەركەتلىنىدىغان قۇرۇلما بىر قىتىمدا 4 تالنى قۇيۇپ چىقىرىدىكەن. مەن كەلگەندىن كىيىنمۇ شام بىلەن مودىل ياساپ(ئالتۇنچىلار ئىشلىتىدىغان ئۈزۈك-ھالقىلارنىڭ قىلىپىمۇ شۇنداق تەييارلىنىدۇ) يىرىك قۇمغا ئازراق سېغىز ئارلاشتۇرۇپ لاي قىلىپ شۇ شام مودىلنى قاپلاپ قۇرۇتۇپ ئاندىن قىلىپ نى قاتتىق قىزدۇرۇپ شام قالدۇقلېرىنى يۇقىتىۋىتىپ ئاندىن ئىچىگە ئېرىتمە قويغانتىم، قىلىپ لىيىغا قۇشىدىغان باشقا نەرسە بارمۇ ئىش قىلىپ ئۇ مودىل تۇلۇق چىقمىدى. ئۇنى ياخشى قىلاي دىسەم ئىزدىنىپ كەم نەرسىلەرنى تىپىپ قايتا-قايتا قىلسام بۇلىشى ئىنىق، ئەمما يەنە باشقا ئىشلارمۇ ساقلاپ تۇرسا ۋاقىت يەتمىدى...
  يەنە مىس نەيچە قۇيۇش ئۈچۈن بىر ماشىنا ياساي دەپ يۈرىتىم، يىقىندا توردا ئىزدىسەم باركەن، بەك قىممەت بولمىغاچقا مىس كان ئاچقان قېرىنداشلېرىمىز بولسا ياكى شۇنداق بىر زاۋۇت قىلىش خىيالى بار قېرىنداشلېرىمىز بولسا پايدىلىنار دەپ ئويلىدىم.
l连铸大载面铜管设备, 连铸机 دەپ يازسا چىقىدىكەن. بۇلارنى يىزىشىمدا ھارىر ماشىنا سۈيى تۈگىگەننى بىلمىسىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدىغان ماشىنا موتولارنى ھەيدىيەلىگەن قېرىنداشلېرىمىز، ھەر مۇرەككەپ كومپىوتىر مەشغۇلاتلېرىنى قىلالايدىغان قېرىنداشلېرىمىز بۇ تەييار ماشنىلارنى ئىلىتىپ مەھسۇلات چىقىرىپ بازارغا سالالايدۇ، پۇلى بارلار ماس ساھەدە رەسمى ئالى  مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئىلىپ دەسلەپتە ئازراق زىيان تارتسىمۇ ئاخىردا مۇۋەپپىقىيەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ دەپ ئويلىدىم. ھازىر ھۈكىمەتنىڭ مۇشۇنداق تۈرلەرگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغ ياردىمى بولغاچقا تۆگىدىن يىقىلىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بۇلىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما يەنىلا تېخنىكا خادىملېرىنى تاللىغاندا شىنجاڭ ئونۋىرستىتى ياكى ئۆزى بىلىدىغان شۇ ساھە كىشىلېرىدىن مەسلىھەت ئىلىپ مەبلەغ سىلىش كېرەك،  ئالەم كىمىسى، ئاۋىئاماتكا ۋە مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياسىيالايدىغان قېرىنداشلېرىمىزنىڭ چىرايلىق گەپلېرىگە ئالدىراپ دەسمايىنى سورىۋىتىپ قىلىشىڭلارنى خالىمايمەن...
  17-ئەسىردىن باشلانغان ماشنىسازلىقتا ھازىر تەرەققى قىلىپ ئۈسكىنە قىلىپلارنى كومپىوتىردا ئىشلەپ چىقارسىمۇ ئەمما بۇرۇن ھەممە نەرسە قولدا ياسىلاتتى، شۇڭا ھەممە سانائەت ئىشلېرىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالمايلى، مۇرەككەپ دىسەك ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزمۇ قانچە يىللىق ئارقىدا تۇرغان تېخنىكىلار بار ئەلۋەتتە.لېكىن ئاددىراق نەرسىلەرنى ياساشتا يەنىلا ئادەم كۈچى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەتتا بەزى يىلدا ساناقلىقلا بازارغا سىلىنىدىغان داڭلىق ماشنىلارنىڭ ئالتە قىرلىق بولىتىلېرىنىڭ قىرلېرىنى ئىكەك بىلەن قىرىپ،ھەتتا  ماتورىغىچە پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ...
uyghuray

0

تېما

0

دوست

236

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50095
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 10:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،،،،مەن تاماققا ئىشلىتىدىغان ياغنى بەش لىتىر ياكى ئۈچ لىتىرلىق باكقا قاچىلاپ ساتماقچىدىم، ماركا ۋە باشقا باكقا چاپلايدىغان قەغەز دىگەنلەرنىغۇ زېرىكمەي ئىزدىنىپ بەرسەك قىلىپ بېرىدىغانلار جىقكەن، ماركا سەل قول تۇتىدىغان چىراي،،،
ئەمدى مەسىلە باكتا قالدى، يىراقتىن ئەكەلسەك كىراسى  ئۆرىدەپ كېتىدۇ سېمىز نەرسە بولغاچقا،،،
يېقىن يەرلەردە ئۇنى ياساپ ساتىدىغان يەرلەرنى ئۇقۇشالمىدىم، ئورۇن ئاقسۇنىڭ بىر ناھىيەسىدە ئىدى. شۇ باكنى ياسايدىغان زاۋۇت قانچە پۇللۇق نەرسە بولغىيتتى دەپ ئىزدەپ باقسام ئىزدىنىشتا سىز قالدۇرغان بىر ئىنكاس باركەن، 7-8 تۈمەنلىك زاۋۇتلارنى تونۇشتۇرۇپسىز ئەمما بۇ بىزگە بەك قىممەت كەتكۈدەك،،،، ئەرزانلىرى يوقمىدۇ بۇ نەرسىنىڭ،،،

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 12:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kayseri يوللىغان ۋاقتى  2015-12-13 10:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،،،،مەن تاماققا ئىشلىتىدىغان ياغنى ...

  ئۇنىڭدىن ئەرزىنى دىسىڭىز بىلمەيدىكەنمەن، مىنرالسۇ زاۋۇتلېرىغا بۇيرۇتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، قىلىپنى ياسىتىپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز ئىشلەپ بەرسە ئەرزان بۇلىدۇ، بەرىبىر ئۇلارنىڭ زاۋۇتىمۇ 24سائەت ئىشلىمەيدۇ، مالنى بازارغا سالسىڭىز مەبلەغ سالغۇچى چىققاندا سىتىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ...

1

تېما

0

دوست

3549

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30431
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1156
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 13:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يىڭىدىن سالغان ئۆيۈمگە، پار ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىدىم.
مەشنى مۇنداق لاھىيەلىگەن ئىدىم
مەشنى قويدىغان بوشلۇق سەل كىچىكرەك. ئىستىدىغان ئۆي،120كۇۋادىرات مىتىر
uyghuray

1

تېما

0

دوست

3549

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30431
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1156
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 13:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنى قانداق قىلسا يوللىغىلى بولدۇ؟

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6112
توردىكى ۋاقتى: 2515
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 15:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wapasiz يوللىغان ۋاقتى  2015-12-13 13:31
مەنمۇ يىڭىدىن سالغان ئۆيۈمگە، پار ئورۇنلاشتۇرماقچى ئى ...

  ئادەتتىكى پارلارنىڭ ئۈنىمى تۈۋەن، بىرىنچى ئۆيگە مەش بىكىتىڭ، ئىككىنچى ئۆيگە كاناي بولسۇن ، ئۈچىنچى ئۆيگە خوچاڭ بىكىتىڭ، شۇنىڭ يىقىلغۇدىن پايدىلىنىش ئۈنىمىمۇ ھازىرقى پار ئۇچاقلېرىدىن يۇقىرى بۇلىدۇ.
مەشتە ئىسسىتىش.JPG


0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22928
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-13 22:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن .
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )