7- قېتىملىق قەشقەر چېيى ئۆتكۈزۈلدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى: قەشقەردىكى ساخاۋەت ساھەسىدىكىلەر ئۇدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان 7- قېتىلىق «قەشقەر چېيى» 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 7-كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خىزمەت بىناسىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا كامال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر چايغا جەمئىي 17 مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن جەمئىي 60تىن ئارتۇق ئادەم ئىشتراك بولدى.
قەشقەر خەلقىنىڭ پەخىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە جامائەت ئەربابى ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇنجان ئەپەندى، شىنجاڭ بارىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۆرىيەت رېھىم خانىم قاتارلىق زاتلار سورۇننىڭ تۆرىسىدىن ئورۇن ئالدى. يەنە ئۈرۈمچىدىكى «مېھىر چېيى»نىڭ ئاساسلىق باشلامچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندى، داڭلىق رىياسەتچىلىرىمىزدىن ئىسھاق سۇلايمان، شەمسىيە ئەبەيدۇللا، «ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىۋى»نىڭ قۇرغۇچىسى، ساخاۋەتچى ئابلەت ئەپەندىم قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچىدىن مەزكۇر سورۇنغا يېتىپ كەلدى.
سورۇندا ئاساسلىقى بىر سوم فۇندى (壹基金)نىڭ يېزا مەكتەپلىرىدىكى مۇزىكا سىنىپى تۈرى دىيارىمىزنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە تەسسىس قىلىنغانلىقى؛ ئىچىرىدىكى بىر سوم فۇندىنىڭ ئىللىق بوغچىسى ۋە مېھىر ئىشكابى (爱心衣橱)نىڭ دىيارىمىزدىكى يېزا بالىلىرىغا تارقىتىلغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ساخاۋەت پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىندى، ھەمدە ساخاۋەت ئەترەتلىرى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى تەكىتلەندى.
ئاخىرىدا، كېلەر قېتىملىق چاينى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، «ئادەم ئىزدەش پىدائىيلىرى»نىڭ ۋەكىلى ھەبىبۇللا ئەخمەتتوختى ئەپەندى گۈل چاينى بۇ قېتىلىق ساھىپخان پاتىمە ئابدۇقادىر خانىمنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزىۋالدى.
قەلەمدە: ئىسكەندەر جېلىل
فوتو: يالقۇن ئوسمان، پاتىمە ئابدۇقادىر
|