- تىزىملاتقان
- 2015-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 222
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  74%
|
سىزگە بىر مەسلىھەتىم: بولسا سىز كەنتتىكى ئىشىنچە ئەمگەچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە، ئىگىلىك تىكلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرسىڭىز، ھە دىسىلا سىرتتا جاپالىق ئىشلەپ، ئۆز مېھنىتى بىلەن تەر تۆكىۋاتقان كىشىلەرنى كەنتكە چارقىتىپ ئەكىلىۋالماي، شۇلارغا بىر شارائىت ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ياردەم قىلسىڭىز، يىشىل كارتا، كەنتتىن چىقىرىپ بىرىدىغان ئىسپاتلارنى تولۇق تەمىنلەپ بەرسىڭىز، يەنە بىرسى: كىشىلەرگە قانۇن-ساۋات بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا دائىر تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن بەك ئاز ھەم يوق دېيەرلىك، كەنتكە دېھقانلارنى يىغىپ ئۇسۇلغا سالغاندىن كۆرە، ھەق-تەلەپ دەۋاسى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئەمگەكچىلەر توختام قانۇنى، يەر ھۆددىگە ئىلىش دېگەندەك، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا لازىم بولىدىغان، ئۆزىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى ئۈگىتىڭ بۇ ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ قىلىدىغان بىر ئىشىڭىز، چۈنكى بىر ئادەم قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلسە ھەممە ئىش ياخش بولۇپ كېتىدۇ، جەمئىيتىمىزنىڭ تىنىچ-ئىتتىپاق، خاتىرجەم بولۇشىغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى. پارخور ئەمەلدارلارنىڭ يۈرىكىنىڭ يوغىناپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھەر تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەر يولغا قويۇلغان بىلەن تۆۋەندە تەشۋىق قىلىنماي، پۇقرالارنى ئۈگىنىشكە يېتەكلەنمەي، پەقەت شۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭلا ئۈگىنىپ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغان ئاساسىي خەلق قانۇندىن ساۋاتسىز قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا سىز بۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدىنىپ باقسىڭىز، رادىئولاردىغۇ تۈرلۈك قانۇن تەشۋىقات ئىلىپ بىرىلدى. لېكىن بۇنىڭ ئەمەلىي ئلىپ بىرىلغان تەشۋىقات بىلەن چوقۇم پەرقى بار. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال شۇ كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، شارائىتىنى چىقىش قىلىشىڭىز كېرەك. |
|