- تىزىملاتقان
- 2015-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3022
- نادىر
- 0
- يازما
- 275
ئۆسۈش
  34.07%
|
18- قېتىملىق «مېھىر چېيى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى[size=14.6667px]
18- قېتىملىق «مېھىر چېيى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ساخاۋەت ساھەسىدىكىلەر ئۇدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان 18- قېتىملىق «مېھىر چېيى» 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى «شىپالىق يامغۇر» ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قارلۇق مېدىيا- تېخنىكا شىركىتىنىڭ يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
چايدا، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىلغان «خەيرى- ساخاۋەت قانۇنى»نىڭ لايىھەسىگە قارىتا مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.
كېلەر قېتىملىق چاينى ئۆتكۈزۈشنى ئۈچۈن، «كومپاس ساخاۋەت ئەترىتى»نىڭ مەسئۇلى تۇرسۇنئاي قۇربان گۈل چاينى ساھىپخاننىڭ قولىدىن ئۆتكۈزىۋالدى.
يازمىدا: يالقۇن ئوسمان، ئىسكەندەر جېلىل
فوتو: يالقۇن ئوسمان، مەمىتئېلى
|
|