قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5095|ئىنكاس: 21

قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۇ ياشنايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

دوست

1433

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 16:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۇ ياشنايدۇ
ئەدەبىي خاتىرە
ئابدۇراخمان سادىق

  
图片1.png

ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى :   
مەن 1970-يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ كۈرەش قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمغا تەقسىم قىلىندىم. مېنى بەكلا خوشال قىلغىنى كۈرەش   قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان 3-ئوە لىنيەگە     تەقسىم قىلىنش بولدى. بۇ چاغدا ھەيران بولدۇميۇ، چۈشۈم رىئاللىققا ئايلانغاندەك ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلدىم.
مەن 3-ئوەلىنيەگە كىرىپ بىرىنچى بولۇپ ئاڭلىغان دەرىسىم ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئۇلۇغ ئىش ئىزلىرى بولدى، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى قەلبىمگە خۇددى مۆھۈر باسقاندەك ئورنالغان ئىدى.
مەن 1970-يىلىدىن 1975-يىلى مايغىچە قەھرىمان تۇرغان 3- ئود لىنيەدە ئۈچ يىل جەڭچى، ئىككى يىل  ئود لىنيە كاماندىرى بولۇپ ئىشلىدىم. يەلكەمدىكى يۈكمۇ ئېغىرلىدى، مەن زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۇنىڭ ئىنقىلاۋى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇرۇنىقدەكلا روتا، باتالىيون، پوللىك دەرىجىلىك ئىلغار ئورۇن، ھەم كوللىكتىپ 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىشقا نائىل بولدۇم.
دېمەك 1962-يىلىدىن قەھرىمان تۇرغان روتىدىكى 3-ئود لىنيەدىكى بارلىق كوماندىر جەڭچىلەر، قەھىرماننىڭ ئىزىنى ئىزچىل بېسىپ، ئۇ قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ قىسىم قۇرۇلىشى، «4نى» زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۇقۇملۇقنى ساقلاش جەھەتلەردە ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.
图片2.png

پارتىيىمىز تەربىيلىگەن ئۇلۇغ جەڭچىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم، سېغىنىشىم سەۋەپ 2012-يىلى ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغلىق ناھىيەسىدىكى قەھىرمانلار قەۋرىستانلىقىغا بېرىپ، دۆلەتلىك «كۈرەش قەھىرمانى»،«1-دەرىجىلىك كۈرەش قەھرىمانى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى، كومىنىستىك پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قەۋرەگاھىنى زىيارەت قىلدىم، قاغىلىقتىن قايتىشىمدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، مەرھۇم ئىسمايىل مەمەتنىڭ سەبدىشى، جەڭگاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ھايات قەھىرمان ئابدۇرىھىم ئابدۇۋايىت ئاكىنى يوقلاپ ئۆتتۈم، ئۇ ناھايىتى تەمبەل، ھېلىمۇ ھەربىيلەرگە خاس جەسۇر تۇرۇپتۇ، مەن ئابدۇرىھىم ئاكىغا كېلىشتىكى مەقسىدىنى ئېيتقاندىن كېيىن، خوشال بولۇپ «بەك ئوبدان بوپتۇ، رەھمەت سىزگە» دەپ ئىككى قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسمايىل مەمەت بىلەن ئۆگىنىش، خىزمەت، جەڭ مەيدانىدىكى قەھىرمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى، بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى. مەن بۇ پىشقەدەمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ خۇددى كىنو كۆرۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇقۇملۇق خىزمىتىنىڭ پىدائىي بولۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مېنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بەخىتلىك ئۆمىرىنىڭ  ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن.
  
«مىكىماخۇن سىزىقى»
1914-يىلى ئەنگىلىيە دائىرىلىرى دارۇي مىكماخۇننىڭ مەسئۇللىقىدا ھېمالايا تېغىنىڭ تۇتاش جايىنى چىگرا پاسىلى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ پاسىلنى «مىكماخۇن» چگرا پاسىلى دەۋالغان،بۇ قانۇنسىز چىگرا پاسىلنى  جۇڭگو ھۆكىمىتى بۇ ئاساسسىز چىگرا پاسىلىنى ئېتراپ قىلمىغان قانۈنسىز چېگرا پاسىل
جۇڭگو-ھىندىستان چىگراسىدىكى جەنۇپ تەرەپ تەخمىنەن 90000 مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىر بولۇپ بۇ شىزاڭنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو زىمىنىغا تەۋە بولۇپ، ئەزەلدىن چىگرا ئېنىق ئايرىلىپ كەلگەن بولۇپ جۇڭگوغا تەۋە زىمىن ئىدى. يۇز يىلدىن بىرى ھىندىستان ھوكۇمىتى 90000مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىر زىمىنىمىزنى بىسىپ يىتىۋاتىدۇ،
مىكماخۇن ئويدۇرۇپ چىقارغان قانۇنسىز چىگرا پاسىلى ئىككى دۆلەتكە بالايى-قازا ئېلىپ كەلدى.

- جۇگۇ-ھىندىستان ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى-
   1962-يىلى ھنىدىستان ئارمىيىسى ئامېرىكا ھوكومنتىنىڭ يىقىندىن قوللاپ ياردەم بىرىشىدە ئۆكتەملىك قىلىپ ۋەتىنىمىزگە بىسىپ كىردى،شۇ چاغدا ئامېرىكا ھۇكۇمىتى ھىندىستانغا يان –تاياق بولوپ «بۈركۈت چۈجىسى»ناملىق ئاۋياماتكىنى بىنگال قولتۇقىغا ئەۋەتىپ ھىندىستاننىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۈس قېلىپ كىرىشىنى قوللاپ ھەمدەم بۇلغان، ئاممېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى كىننىدى ھىندىستانغا يار-يۇلەك بۇلغانلىغى ئۇچۇن ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلار جۇڭگونى ئوڭايلا بويسۇندۇرىمىز دېگەن خىيالى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرىشىدا ناھايىتى تېزلا بەرپات بولدى. بۇ ھەقتە ئەينى چاغدىكى ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش شىتاپ باشلىقى گىنىرال ۋ ك سىنگى ؛«بىز ئۇرۇش ھازىرلىىقىمىزنىڭ ناچارلىقى جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ يۆلىنىشىنى ئىگەللەشتىن خاتالاشقانلىقىمىز ئۈچۈن 1962-يىلدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇق»دېگەن.
كۆرەڭلەپ كەتكەن ئامېرىكا،ھىندىستان رەخبەرلىرى ئۇرۇشتىن كىېيىن بىشىنى كۆتۈرەلمەي قالغان.   
   ھىندىستان ھۆكىمىتى «مىكماخۇن» چىگرا پاسىلىنى دەستەك قىلىپ، بۇ زىمىنىمىزنى نەچچە ئون يىل بېسىۋالدى، ھەم شۇ يەرگە مۇداپىئە قاراۋۇلى قۇرۇپ 70 نەچچە مىڭ ئەسكەرنى تۇرغۇزدى. ئۇلار ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراقۇرۇم، ئالىي رايۇنىنىڭ ئايرىم جايلىرىغىچە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
دۆلىتىمىز سوغۇق قانلىق بىلەن قايتا-قايتا سىياسي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ بارغانچە ئەسەبىلىشىپ ياۋۇز نىيىتىدىن يانماي ئەسلى ئۆزى بېسىپ ياتقان زىمىنىمىزدىن ئىچكىرلەپ كىرگەندە ئامالسىز «باشقىلار بىزگە چېقىلمىسا بىزمۇ باشقىلارغا چېقىلمايمىز، باشقىلار بىزگە چېقىلسا بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئارمىيىمىز ئومۇميۈزلۈك قايتارما زەربە بېرىشكە ئۆتىدۇ.
  ئىنسانىيەتكە، خەلققە بەخىت ياراتقان، ۋەتەنگە تۆھپە قوشقان، ئۇلۇغ كىشلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئۇلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ئەلۋەتتە.ئەنە شۇ ئۇلۇغ كىشلىرىمىزدىن بىرى بولغان، جۇڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزاسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى، مەملىكەتلىك كۈرەش قەھرىمانى ئسمايىل مەمەتنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.
图片3.png

1 -  كۆرەش قەخرىمانى ئىسمايىل مەمەت
    ئسمايىل مەمەت ئارمىيەمىز، خەلقىمىز، پارتىيەمىز ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ يېتۇشتۇرگەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ جەڭچى.
ئسمايىل مەمەت 1941-يىلى 6-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنڭ يېڭسار ناھىيە ئوچا يېزا ياۋاغ كەنتىدە دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1955-يىلى ئسمايىل مەمەت باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىگى ۋە ئائىلە قىيىنچىلىق سەۋەپ دىھقانچىلىق قىلىش ئۇچۇن كەڭ بىپايان زىمىنغا دادىل قەدەم تاشلايدۇ
   ئۇ ئۆز قۇلى بىلەن گۈزەل سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى،-ھە. ئۇ ئۆيىگە قاتىپ كىلىپ ئائىلسدىكلەر بىلەن بىللە ئالى كوپوراتسىيگە كىرىپ ئەمگەك قىلدى، ئۇ ئۇقۇۋاتقان چېغىدا ئوقۇتقۇچىسى قەھرىمانلار ھەققىدە ھىكايە سۆزلەپ بىرۋېتىپ، قەھرىمان، دوڭسۇڭرۇينىڭ ئۆز ھاياتتتى ئارقىلىق غەلبە يولى ئاچقانىلىقىنى ئېيتقاندا كىچىكىنە ئسمايىل ئورندىن دەس تۇرۇپ مۇنداق دىگەن. مەن چوڭ بولغاندا جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىپ پارتىيە، ۋەتەن خەلقىنى قوغدايمەن، بىزنىڭ قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ قان بەدىلگە كەلگەن بۈگۈنكى بەختىيار دەۋىرنى قوغدايمەن.
مەن دۇڭسۇڭرۇي، خۇاڭ جىگواڭلاردەك باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ جەڭ مەيداندا ئۈلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق دەيدۇ.
    ئۇ ئەنە شۇنداق ئۇماق سەبىي بالىنىڭ مەردانە سۆزى مىڭلىغان سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدىن شوخ قاناتلىنىپ ئۇچۇپ مەكتەپ ئۇستدە پەرۋاز قىلدى، ئۇقۇتقۇچسى تەسىرلىنىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :«ئەزمەت يىگىت  سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سۈزىڭىز ئارقىلىق بىزنىڭمۇ يۈرەك سۆزىمىزنى ئىپادىلدىڭىز.بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئسىسق قېنى، ياشلىق ھاياتى ئارقىلىق بىزنىڭ مۇشۇنداق بەختىيار دەۋىرىمزگە يول ئېچىپ بەردى. ھەربىر ياش، ھەربىر پۇخرا ئەنە شۇ ئەجداتلاردەك ۋەتەننى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ۋەتەن خەلقنى، پارتىيەنى سۈيىدىغان ئىز باسارلاردىن بولشىمىز كېرەك.»
ئسمايىل مەمەت ئۆزىنىڭ مەسۈم قەلبىدە ئوقۇتقۇچىسىنڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى مەھكەم ئورنتىۋېلىپ جۈملىمۇ جۈملە تەكرارلايتتى.
    ئسمايىل مەمەت كوپراتسيە قۇرلىشى ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش جەرياندا ئۈلگىلىك رول ئۇينىغانلىقى ئۇچۇى 1955 يىلى جۇڭگۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتپاقىغا ئەزا بولۇپ كىردى. شۇ چاغدا ئۇ ئون بەش ياشقا كىرگەن ئىدى.
    گۇڭشىلاشقاندىن كىيىن ئۇ ئاممىنىڭ قىزغىن ھېمايە قىلىپ، كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئۇ كەنىتنىڭ بوغالتىرلىقنى ئۇستىگە ئالدى. ئسمايىل مەمەت بۇ خىزمەتنى سۆيۈپ ئەستايدىل ئشلىدى. ئۇ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ئشلەش جەرياندا كېچىسى ھېسابات قىلىپ، كۈندۇزى ئامما بىلەن بىرگە  دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
    1958-يىلى ئۇ كەنىتىنڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىنڭ كىچىكلىكىگە قارىماي دادىللىق بىلەن خىزمەت ئىشلدى. ئۇ كەنىتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە چىققاندا، دەل پولات-تۆمۇر تاۋلاش دولقۇنى باشلانغان جىددىي مەزگىل ئىدى. ھەم كۈزلۈك زىرائەتلەرنى  يىغىۋېلىش پەيتى بۇلۇپ، ۋاقىت چىڭ تۇتۇلمىسا بىر يىللىق مەھسۇلات بىكار بولۇپ كېتەتتى. يېزىدا بىر قىسىم قېرىلار ۋە بەزى ياشلار قالغان .بولۇپ ئەمگەك كۈچى بەكلا ئاز ئىدى، لېكىن ئسمايىل مەمەت بۇ ئەھۋالدىن قىلچە قايغۇرمىدى. ئۇ قېيىنچىلىق ئالدىدا ۋايسىماي، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئەمگەك كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كۈزلۈك يىغىۋېلىشنى ھەم پولات-تۇمۇر تاۋالاش ۋەزىپسىنى غەلبلىك ئورۇنلىدى، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدار كەتىت ناھىيە رەھبەرلىرىنى ھەيران قالدۇردى.
图片4.png
2
   1960-يىلى 2-ئايدا ئسمايىل مەمەت ماۋجۇشىنىڭ «خەلىقنىڭ ئارمىيسى بولمىسا، خەلىقنىڭ ھېچنەرسىسى بولمايدۇ» دېگەن تەلىمگە ئاساسەن سوتسيالستىك ۋەتىنىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغ غايسى بىلەن جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيسگە شەرەپ بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇ ماشرەڭ ھەربى كىيىمنى كىيىپ مەيدىسگە قىزىل گۈلنى تاقاپ ئانسى گۈلنارخان ۋە تۇققانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ،ئوغلى ئسمايىلنى ئۇزۇتىش ئالدىدا گۈلنارخان ئوغلىغا مۇنداق دەيدۇ:« ئوغلۇم سىنىڭ ھەربىي بولىشىڭ ئائىلىمز ھەم كەنتىمىز ئۈچۈن شەرەپ، سەن قسىمغا بېرىپ پارتىيە، ماۋجۇشىنڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ماركىسسىزىم-لېىننىزىم ئىدىيسى بىلەن ئىدىيەڭنى قورلاللاندۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلشنى ئۇنتۇپ قالما، بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىز ئاددىي بىردېھقان، شۇڭا سەن ھەرقاچان ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۇشىڭ كېرەك، ئەگەر ياۋلار ۋەتەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، ئەجدادلاردەك باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىل، ئەگەر جەڭدە كەينىڭدىن ئۇق تەگسە بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس، ئالدىڭدىن ئۇق تەگسە ئىككىلا دۇنيادا سەندىن رازى، قورقۇنچاق قاچقۇنلارغا ئارقىسدىن ئوق تېگىدۇ، سەن ئۇ ئۇلارنى دوراپ قالما،  سەن بىزنىڭ پەخرىمىز. باتۇرلادەك بولغىن، بالام!» دەپ ئۇزۇتىپ قۇيغان ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئانىسىنڭ نەسھەتى بويىچە جەڭدە  ياۋلار بىلەن جەڭ قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ پەخرى بولدى.
   ئسمايىل مەمەت قسىمغا كىرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇرغان قسىم تاشيول ياساش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.بۇ ۋەزىپىنى ئاڭلىغان ئسمايىل مەمەت ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ، پارتىيە ياچىكىسغا قايتا-قايتا ئۆز ئىرادىىسنى بىلدۈرۈپ، شىزاڭ تاشيول ياساش قۇرۇلۇشىغا بېرىشقا ئىرادە بىلدۈرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن سەبداشلىرى بىلەن جاپالق تاشيول ياساش جېڭىگە ئاتلىندۇ،بىركۈنى تاش چۇقۇپ ئشلەۋاتقاندا، بىر يولداشنىڭ پۇتىغا تاش چۈشۈپ كېتىپ ناھايىتى ئېغىر يارلىنىدۇ.ئەھۋال ئېغىر بولۇپ قان توختىما ئېقىۋاتاتتى. ئسمايىل مەمەت سەبدىشىنىڭ يارسىنى تېڭىپ قاننى توختىتىپ دەرھال ئۆزىنىڭ ھېرىپ-چارچىشىغا قارىماي، سەبدىشىنى يۈدۈپ تاغ جىلغىلاردىن ئېشىپ جاندىن ئۆتىدىغان مۇزلۇق سۇلارنى كېچىپ ئۆتۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ.ئۇ ئۈششۈپ قالغان پۇت-قوللىرىغا قار سۈرتۈپ قىزىتىپ ئىشلىدى، يول ياساش قۇرۇلۇشىدا قەيەر جاپالىق بولسا شۇ جايغا بېرىپ ئىشلىدى.ئۇھەرگىز ھاردىم-تالدىم دېمىدى.بۇقېتىمقى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ھەرمىللەت ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلش نەتىجىسدە ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇرۇندالدى
يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئسمايىل مەمەتىنڭ تاشيول قۇرلۇشىدا ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى پۈتۈن قىسىمغا تەشۋىق قىلدى.ھەم ئۇنى 2-دەرىجىلك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى. قىسىم تاشيول ياساش ۋەزىپىسنى ئۇرۇنداپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپسنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇدەل 12-ئاي مەزگىلى بولغاچقا، سۇغۇق ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. ئىشلەپ چىقىرش مەيدانىدا ئەڭ ئىغىر ئىش سۇ تۇشۇش ئىدى. ئسمايىل مەمەت  3-ئدىلكوم نامىدىن پارتىيە ياچىكىسىغا ئىرادە بىلدۇرۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئۆزىگە بېرشنى تەلەپ قىلىدۇ، پارتىيە ياچىكا قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەلىۋىگە قۇشۇلىدۇ.
    قەھرىتان قىشنىڭ ئاخرىقى كۈنلىرى سۇغۇق ئەڭ قاتتىق بولغان بىر كۈننى ئسمايىل مەمەتنىڭ ئود لىنيىسىدىكى بىر يولداش سۇ تۇتىۋاتقاندا، ئۆستەڭ يار ئېلىپ كېتدۇ. ئۇ يارنى ئېتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ،  بەڭۋاش سۇ تېخىچە ئۇلغىيىپ ئاساۋ ئاتتەك ھەر ياققا ئۇرۇلۇپ يار ئېلىپ كەتكەن يەرنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئسمايىل مەمەت ياردەمگە كېلىپ، قارسا ئەھۋال ئېغر. ئەگەر سۇ ئۆزۋاقىدا توختىلمىسا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئېتىز-ئېرىقلار خەۋىپ ئاستىدا قالىدۇ، «قانداق قىلش كېرەك؟» ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، دەرھال مېنىڭ ئۇستىمگە شاخ-شۇمبۇلارنى، ئاندىن توپا تاشلاڭلار» دەپ يار ئېغىزغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. بەڭۋاش سۇ ئۆز ھەيۋىسنى كۆرسەتكەندەك دولقۇن-دولقۇن بۇلۇپ ئۆزىنى ئۇرىدۇ، لېكىن ئسمايىل مەمەت قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان مۇزسۇيى ئىچىدە تۇرۇپ سوغۇق بىلەن ئېلىشىدۇ. يار بارغانچە ئۇلغىيىپ تاشلانغان توپا شاخلارنى ئېقىتىپ كېتىدۇ.ھېلقى جەڭچى ئسمايىل مەمەتىنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ باشقىلارغا:«تېزدىن شاخ- شۇمبۇلارنى تاشلاڭلار!» دېگىنىچە سۇغا سەكرەپ چۈشىدۇ،ئىككەيلەن يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىزدا قانچە كۈرەش قىلسىمۇ، سۇ بارا-بارا ئۇلغىيىپ يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىز بەك چوڭىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا ئامال قوللانماقچى بۇلىدۇ. دەل شۇچاغدا چوڭ بىر دولقۇن تەلۋىلەرچە ئۈسسۈپ كېلىپ ھېلقى جەڭچىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ. ئسمايىل مەمەت دەرھال سەبدىشى ئاققان تەرەپكە قاراپ تېز ئۈزىدۇ، تېز ئېقىۋاتقان سۇ بەزىدە قاينام ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئسمايىلنى قاينام چۆكۈرۋېتەتتى، ئۇ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، ھېلقى سەبدىشى بەش-ئالتە مېتىر يىراقلىقتا بىردە سۇغا چۆكۈپ، بىردە بېشىنى كۆتىرىپ، «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ توۋلىدى. ئسمايىل مەمەت بار كۈچىنى ئشقا سېلىپ ئۈزەتتى، مۇز پارچىلىرى كېسۋەتكەن بەدەنلىرىدىن قىپقىزىل قان ئېقىۋاتاتتى، ئۇ ئاغىرۋاتقان بەدەنلىرىنى ئۇنتۇپ غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ. ئاندىن چەڭچىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈرىدۇ. 3-ئود لىنيەدىكى  جەڭچىلەر ئسمايىل مەمەتنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىدىكى قانلارنىڭ قېتىشىپ قالغىنى ھەم جالاقشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كېيملىرىنى سالدۇرۇپ، قۇرۇق كېيىملىرىنى كېيدۈرۈپ تېزلىك بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ.ئۇ دوختۇرخانىدا بىركېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتىدۇ. ئۇھۇشىغا كېلىپ:«سۇ يار ئالغان... سۇ قانداق بولدى؟» دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىدۇ. رۇتا كوماندىرى ئۇنىڭ ئىككى مۆرىسدىن ئاستا بېسىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ:«خاتىرجەم ياتقىن، ئاخشام پۈتۈن روتىدىكى كادىر- جەڭچىلەر يار ئېغىزىنى ئېتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. سەن خاتىرجەم داۋالان» دېدى. قىسىم بۇ قېتىم ئسمايىل مەمەتكە بىرىنچى دەرىجلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نام بەردى،ھەم پۈتۈن قىسىمدىكى كوماندىر جەڭچىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنشكە چاقىردى. ئسمايىل مەمەت ھەردائىم جەڭچىلەرگە ئاچىچىقلانماستىن ھامان سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە بىرىپ، سۆز ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلق قايىل قىلش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، ئۇ يەنىلا جەڭچىلەرگە ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ھەربي مەشىقلەردە قاتتىق تەلەپ قۇياتتى. جەڭچىلەرنى يالغان ھەركەت قىلشقا ھەرگىز يول قويمايتتى. ئۇ قورالنى ئۇقلاش مەشقىنى ئشلىگەندە، جەڭچىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەركەت بىلەن ئشلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. پەقەت راستىنلا ئۇق قاچىلىغىننى بىلگەندىلا ئاندىن تېزلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئىدىلكومدىكى جەڭچىلەرنى قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆدىسدىن چىقىش ئاساسىدا تەربىيلىگەنلكى ئۈچۈن 10-چازىدىكى بولغان ئۇرۇشتا ئۇق تۇشۇغۇچىلار باشتىن-ئاخىرى ئوق دورلارنىڭ تولۇق تەقسىم قىلشقا كاپالەتلىك قىلالىدى. بەزى جەڭچىلەر مىنۇتىغا 50 تالدىن ئۇشۇق ئۇق قاچىلاش سۈرئىيتى بىلەن ئېغىر پىلىمۇتنىڭ ئۇزلۇكسىز ئېتش تېز ئېتش ئەۋزەلىكنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ دۈشمەن ئوت كۈچىنى باستۇردى.
    ئۇ جەڭچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىمۇ ھەرۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلدى. ئۇ ئادەتتە ئېغىر پىلمۇتنى ئككى كۆزىنى ئېتىپ قۇيۇپ چۇۋۇپ قوراشتۇراتتى ھەم لىنتىغا ئوق قاچىلاشنى مەشق قىلاتتى، گىرانات ئېتىش مەشىقىدە بىلەكلىرى ئششىپ كەتسە تۇز سۇيى بىلەن يۇيۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇراتتى،شورلۇق قاتتىق يەردە تاكتىكا مەشىقىنى ئۆلچەم تىزلىگى بويىچە مەشىق قىلىپ، بەدەنلىرى ئاغىرىپ تىز-جەينەكلىرى سۇرۈلۈپ، قاناپ كەتسىمۇ مەشقنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئسمايىل مەمەتتەك ئالاھىدە چېنقتۇرۇش تەربىيسىنڭ نەتجسىدە ئۇمۇمىي ھەربىي مەشىق مۇسابىقىلەردە روتا،باتالىيون، پولىك دەرىجىلك ئالاھىدە تەغدىرلەشكە ئېرشكەن. ئسمايىل مەمەت ۋە ئايرىم جەڭچىلەر دىۋىزىيە بويىچە قارغا ئېتىش مۇسابىقسدە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارتىپ تەقدىرلەشكە ئىرشكەن. ئسمايىل مەمەت تەربىيلىگەن ئود لىنيە ئالاھىدە چېنىقش ئالاھىدە مەشىقنىڭ نەتىجىسى جىددىي پەيتتە كۆپ خىل ماھارەتلەرنى ئىشقا سېلىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلغان.  ئسمايىل مەمەت ئارمىيىگە قاتناشقاندىن تارتىپ تاكى قۇربان بولغانغا قەدەر ئۆز تۇرمۇشىنى ناھايتتى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزگەن، مەيلى ئورۇنباسار ئود لىنيە مۇئاۋىن  كاماندىرى ياكى ئودلىنيە كوماندىرى بولغان مەزگىلەردە ئالاھىدە بۇلۋالمىغان، ئۇ جەڭچىلەرگە خۇددى ئۆزىدەك ئاددىي-ساددا ياشاش جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش ئىستىلى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ تەغدىرلەنگەن بولسىمۇ، قىلچە مەغرۇرلانماي، ئۆز ۋەزىپسىدە كەمتەر بولۇپ ئۆزىدىن نۇقسان ئىزدەپ ئۆگىنىش، مەشىق قىلشنى قەتئىي داۋام ئەتكەن. ئسمايىل مەمەت قىسمدا تۇرغان مەزگىلدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، جەڭچىلەرگە ئالاھىدە جەڭ قىلش ماھارتىنى ئۆستۇرۇپ:«مەن قىسمدا بىر كۈن بولدىكەنمەن قىسىم قۇرۇلۇشغا، ۋەتەننى قۇغداش سوتسيالستىك قۇرلۇشىغا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن» دەيتتى. دېمەك، ئۇ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بىر نەچچە يىلنى بىر يىلدەك ئۆتكۈزدى، ئۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجسىنى كۆردى. 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈننى ئسمايىل مەمەتنىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولغان ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى جۇڭگۇ كومۇنستىك پارتىيە ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسغا شەخسىي مەنپەئەتىمنى ئۇمۇمنىڭ مەنپەتىگە شەرتسىز بويسۇندۇرىمەن تاكى ئاخىرقى بىر تامچە قېنىم قالغىچە ۋەتەننى قۇغدايمەن، خەلق ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئشلەيمەن، دەپ يازغان ھەم ۋەتەنگە، خەلققە بولغان قەلبىنى ئىپادىلگەن.قىسىم رەخبەرلىرى ئىسمايىل مەمەتنى ئۇرۇشقا مىڭىشتىن بۇرۇن يىڭساغا بىرىپ ئائىلىسىنى يۇقلاپ كىلىشكە  ئەۋەتىدۇ ئۇ ياشىنىپ قالغان ئانىسى ۋەئايالى ،ئەندىلا ئىككى ياشقا تۇشقان ئۇماق قىزىنى كۆرگىلى بارىدۇ، ئۇ ئائىلىسى بىلەن جەم بۇلغان ئىككىنچى كۇنى قىسىم ئۇرۇشقا مىڭىش بۇيرىغىنى تاپشۇرۋالىدۇ، بىرىنجى ۋىزۋۇت قەشقەردىن يىڭساغا كىرىپ ئىسمايىل مەمەتنى ئېېلىپ ئۇتۇپ كىتىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، گۇلنەرخان ئانا ئۇغۇلىغا «بارغىن بالام ياۋلارنى ۋاتەندىن قۇغلاپ چىقار»دەپ رازىلىق بىرىدۇ، ئايالى ئۇنى ئۇرۇشقا بىرىشقا زىنھار ئۇنىمايدۇ ،قىزى ئانارگۇلنى كۆتەتىپ قۇيۇپ ئۆزى پۇتىغا ئېسىلۋالىدۇ،  ئىسماتىلمەمەت قايتا-قايتا تەربىيە بەرسە جايىللىق قىلىپ تۇرۋالىدۇ،قىزىنىڭ پىشاينىسىگە سۇيۇپ ئانىسىغا بىرىپ «ئاكا سەن مەن ئۇچۇن ئايالىمنىڭ خىتىنى بىرۋەت دەپ جەڭگە ماڭىدۇ.
   ئۇ جەڭدە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدىكى قەسىمى بويىچە، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ۋەتەننى قۇغداش جىڭىدە بىر تامچە قېنى قالغۇچە جەڭ قىلدى.

3
    جۇڭگۇ-ھېندىستان چېگىرسى شىنجاڭ ھەربىي رايۇن باشقۇرۋاتقان مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيسىدە يەتمىش نەچچىدىن ئارتۇق چېگىرا قوغداش پونكىتلىرىغا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھيىسى سانجو گوڭشىدا چېگىرا قوغدايدىغان قىسىمىغا يىمەك-ئىچمەك ئۇق-دورالارنى تۇشۇيدىغان تۆگە باتالىيۇن بۇلۇپ، ئۇلار 300يۈز تۆگىگە يۈك ئارتىپ ئالدىنقى  سەپتىكى قىسملارغا يەتكۈزۈپ بىرەتتى، ئوتتۇز تۆگىگە ئارتىلغان ئۇزۇق، يىمەك-ئىچمەكنىڭ %20نى ئالدىنقى سەپكە بىرىپ، قالغان %80نى ئۆزىنىڭ بېرىپ كىلشگە ئاران يېتەتتى، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ-كېلىشگە ئالتە ئاي كېتەتتى.
1958-يىلىدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولنى ياساش قۇرلۇشى ئېلىپ-بېرىلىپ، قىسىم تاش چۇقۇش، تاغ پارتىلتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ھاۋا شالاڭ، كۈن سوغۇق، شارئىت ناچار ئەھۋال ئاستىدا ئارمىيمىزنىڭ جاپاغا چىداش ئېسىل ئەنئەنسنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇرۇنلاپ، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيول ياساپ، تۆگە بىلەن يۈك توشۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، توگە باتالىيون ماشىنلاشقان باتالىيونغا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن تىرانسپورت ئشلىرى ئىلغارلاشتى.  شۇچاغدا ئارمىيمىز بىر قۇلىدا قورال، بىر قولىدا گۈرجەك، جوتو ئېلىپ، دۆلەت مۇداپىيە تاشيولنى ۋە چىگىرا-پونكىتلىرىغا يول ياساپ ھەرقايسسى چېگىرا-پونكىتلارغا ماشىنا تېز بارالايدىغان بولدى. جەڭچىلەر بىر ياقىتىن يول ياساش، بىر ياقتىن دالاينىڭ باندىتلىرنى تازلاش ئۇرۇشى ئېلىپ-بېرىلدى. قىسىم ياسغان دۆلەت مۇدپىئە لىنىيسىدە مىڭ كىلومېترىدىن ئارتۇق، چېگىرا لىنىيسدە يەتمىشتىن ئارتۇق چېگىراقوغداش پونكتلىرىغا ماشىنا بىمالال بارالايدىغان بولدى. ئۇ ئۇرۇن دېڭىز يۈزىدىن بەش مىڭ مېترىدىن سەككىزمىڭ مېترغىچە ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇرۇننىڭ ھاۋاسى شالاڭ تۇرمۇش كەچۈرۇش قېيىن ئىدى،سەككىز مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۇڭخۇا سەنكو دېگەن جايدىن تيەن ۋىنتيەن دېگەن جايغا ئادەم ياشاش.[چەكلەنگەن رايۇن دەپ نام بەرگەن جايدا دۆلەت مۇداپىيە جەڭچىلىمىز يول ياساش باندىن تازلاشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپلەرنى ئۈستگە ئېلىپ، جاپالىق ئشلەپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ھېدىستان ھۆكۈمىتى چىگىرا مۇداپىئە قۇشۇنىنى كۆپەيتىپ مىڭ كىلومتىردىن ئارتۇق چېگىرا لىنيسدە 70مىڭ كىشلىك قۇشۇن توپلاپ ھەركۈنى چېگىرا مۇداپىيە قىسىم پوستا تۇرۋاتقان جايغا كېلىپ ئوق چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت چېگىرسىدا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. 1962-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە بىزنىڭ پوستا تۇرۋاتقان چېگىرا جەڭچىمىزگە ئوق ئېتىپ، چېگىردا قۇراللىق ئېغۋاگەرچىك پەيدا قىلپ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان كەسكىن ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. بىزنىڭ چېگىرا قوغداش جەڭچىلەرگە يېقىن كېلىپ ئوق چىقىرىپ ئېتىپ ئۆلتۇردى. يەنى، ئۈچ ئەسكەرنى ئۆلتۇردى، سەككىز ئەسكەرنى ئېغىر يارلاندۇردى. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگىرا مۇداپىئە ئوفىتسىر-جەڭچىلەر سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيە بەرسىمۇ قىلچە تەپ تارتماستن بارغانچە غالجىرلىشىپ كەسكىن ۋەزىيەت پەيداقىلدى. ھۆكۈمىتمىز كۆپ قېتىم سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلايلى دېسىمۇ پىسەنت قىلماي ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان قانلىق ۋەزىيەپ پەيدا قىلدى.
   ھېندىستان ھۆكۈمىتى چېگىراغا توپلغان70مىڭ ئەسكىرى بىز بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولدى، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز ئۇلاردىن ئۈستۈن بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەسكىرى كۈچىدىن ئىككى ھەسسە قۇشۇن قاغىلقنىڭ كۆك ياردىن شىزاڭ ئالى رايۇنىغىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ تىغمۇتىغ تۇردى، ۋە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، بىزنىڭ مۇستەقىل ئاتلىق 3-پولك كەنشۇۋە دېگەن جايدا تەلىم-تەربىيەگە قاتنىشىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، 1962-يىلى10-ئايغا كەلگەندە ھىندىستان قۇشۇنى تېخىمۇ ئەسەبىلەشتى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرامۇداپىئە جەڭچىلەرنى ئۆلتۇردى، ۋە ئون نەچچىسنى يارلاندۇردى، ئۇلار كەسكىن ۋەزىيەت پەيدا قىلىپ تىيەنۋىنتىيەن ، كۇڭخۇا سەنكو شىزاڭ ئالى رايۇنى بۇلۇپ مىڭ كىلومتىردىن ئارتۇق ئۈچ رايۇنغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. بىز ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇشنى باشلاپ 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن 70 نەچچە پولىك ئۇرۇنلىرىدىن بىرۋاقىتا قايتۇرما زەربە بېرشنى باشلاپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزۈپ ھەممىسنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇمۇميۈزلۈك مەغلۇپ قىلدى، ئۇرۇش باشلىنىپ ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان جايلرغا بېسىپ كىرگەندە ئۇلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، 70 نەچچە پۇنكىت ئىككى سائەتتلا قولغا چۈشتى، ئۆلگەن ھىندستان ئەسكەرلىرى يىگىرمە مىڭغا يېقىن ياردار بولغىنى ئالتە مىڭدىن ئارتۇق، ئەسىرگە چۈشكىنى يىگىرمە نەچچە مىڭ قالغانلىرى قېچىپ كەتتى، دىمەك ئككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقتتا جەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلبىگە ئېرشتى.
    ھىندى ئەسكەرلىرى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن يىراق جايدا پوستا تۇرغانلار ئۆز ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇپ قېچىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەييارلىقى ئككى سائەتكە بەرداشلىق بىرەلمىدى، كېينىكى قېتىملىق ئۇرۇش ئاساسەن قوغلاپ قورشاپ يوقۇتۇش ۋە ئەسىرگە ئېلىش بولدى، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇشنى دېڭىز يۈزىدىن 5273مېتر ئىگىزلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ ھىندستان ئارمىيسى زىمىنىمىزغا كىرىپ ئون يىلدىن ئارتۇق بېسىپ ياتقان، ئۇلار شۇ مەزگىلدە ئۆزلىرىنى قوغداش شارائىتىنى ياخشىلاپ ئۇرۇنلاشقان جايلىرىغا يول ياساپ ھەربى ئەشيالارنى ماشنا بىلەن تۇشۇپ بەزى خەتەرلىك يول يوق جايلارغا  ماددى ئەشيالارنى ئايرۇپىلان بىلەن تاشلاپ مۇداپىيە رايۇننى مۇستەھكەملىگەن، مەسلەن: دۈشمەن ئشغال قىلۋلغان تىيەنۋىنتىيەن دېگەن جايىغا 6-چازىدىن بىرنى قۇرۇپ، ئۇلار جايلاشقان 12 جازىغا 6-جازىدىن ھەربى قۇراللارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن،دۈشمەننىڭ 6-جازىسى بىزگە ئىنتايىن قۇلايسىز بولۇپ 6،چازىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلپ مۇداپىئەلەنگەن، قىسىم دۈشمەنگە يېقىنلىشدىغان ئالتە يەتتە كىلومىتىر جايلارنىڭ ھەممىسىگە مىنا كۆمۈپ قىسىمنىڭ ئىلگىرلەش يولىنى توسۇپ قويغان.بىزنىڭ چېگىرا قىسمىلرىمىز تەپسلى تەكشۈرۈپ، بىزگە پايدىسز شارائىتنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلمسا، بىزدىن بولىدىغان چىقىم كۆپ بولاتتى، بىزنىڭ مىنامۇت، زەمبىرەك قسىمىمىز دۈشمەنىڭ مىنا كۆمگەن جايلىرىغا مەزكەزلەشتۈرۈپ ئون مىڭ پايدىن ئۇشۇق زەمبىرەك ئوق ئېشىپ بىز ماڭىدىغان يولنى توپ ئوقى بىلەن پارتىلىتىپ ئۇلارنىڭ مىنالىرىنڭ ھەممىسنى دېگۈدەك پارتىلتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىسىم ناھايتى تىزلىك بىلەن ئىلگىرلەپ تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن ئۇرۇنلاشقان جاينى بىر نۇقتا قىلىپ، ھەممە جاينى مۇھاسىرگە ئىلىپ ئۇلار ماڭىدىغان لىنىيەنىڭ ھەممىسنى ئىگىلەپ بولدى.  زەمبىرەك قىسىمىز دۈشمەن بىلەن بىزنىڭ ئارلىقمىزنى توغرا ھىساپلاپ ئۈچ تەرەپتىن توپقا تۇتۇپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەن ئستكامنى ۋەيران قىلۋەتتى، دۈشمەننڭ يەتمىش پىرسەنتى توپ ئۇقىدا ۋەيران بولدى،قالغىنى پىيادە قىسملارغا ئەسىرگە چۈشتى،ھېندستان ئارمىيسى ئون يىل بېسۋالغان زىمىنمىزنى ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا پۈتۈنلەي قايتۇرۋالدۇق، ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە ئېغىر يىنك يارلانغانلارنى داۋالاپ ساقايتتۇق.
    ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قايتا كېلىشى مۇمكىن دەپ ھۇشيارلىق بىلەن قىسىم جەڭگە تەييار تۇردى. بەشىنچى كۈننى جىددىي سىگىنال چېلىنپ دەرھال يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ يىغىلىپ تۇردى. باشقىلار بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى ئېلان قىلدى ھەم ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش شىزاڭ ئالىي رايۇنىدا بولىدۇ، قىسىم ئالىي رايۇنغا ئۇرۇشقا بارىدۇ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن قىسىم ئىككى كۈن تۇرۇپ قورال ياراقلارنى تۇلۇقلاپ، ماشىنا بىلەن ئالىي رايون تەۋەسىگە مىڭىپ بەنگوڭغا كۈلنى بويلاپ ئون سائەت مېڭىپ رىيتۇ ناھىسى بىلەن ئالى رايۇن ئارلىقدىكى چاڭشاڭكۇ دېگەن تاغ ئارسىدا ئۇرۇنلىشىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى. روتا ئۇرۇنباسارى ئوبۇل مۇسا كېلىپ ۋەزىپىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكنى ئېيتتى، بۇ قىسىم چاڭساكۇدا تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئىزىزۇپ قاسىم سياسىي كۇمسار يوفۇگۇڭ كېلىپ جەڭچىلەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، ئاندىن تۇرمۇش سالامەتلىكىنى سوراپ، ئارقاسەپتىن ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل ئېسىل يىمەكلىكلەرنى بەردى. جەڭچىلەردىن ئالاھىدە ھال سوردى، جەڭچىلەر ناھايتىى تەسىرلەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى كىچىك ماشىنا كەلدى. ماشىندىن ئەزەلدىن كۈرۇپ باقىمغان بىر باشلىق چۈشتى، ئالدى بىلەن پولىك باشلقى سىياسى كومساربىلەن قسقىلا پاراڭلىشىپ ئۈچىنچى ئود لىنيەگە كېلىپ جەڭچىلەر بىلەن قىزغىن قول ئېلشىپ كۈرۈشتى ھەم:«سىلەر جاپا چەكتىڭلار، قەھرىمانلاچە ئۇرۇش قىلدىڭلار، پارتىيە خەلىق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ» دېدى. جەڭچىلەر رەھبەرلەر جاپا چەكتى دەپ سالام بەردى. بۇ چاغدا:«سىلەرنىڭ قوماندانلىق شىتاپتا قانچە ئادەم بار،تاماقنى قانداق قىلدىڭلار؟»دەپ سوراۋاتاتتى، روتا كوماندىرى:« بىر قوغدىغۇچى بىر ئودلىنيە، ئىككى ئاشپەز بار» دېگەندە:«بۇ سىلەرگە ئازلىق قىلىدۇ. ئېغىر پىلمۇت ئودلىنيەدىن بىرنى تۇلۇقلاڭلار» دېگەندە رەھبەرلەر ئۈچىنچى  ئوەلىنيەنى  قوماندانلىق شىتاپنى قوغداشقا بەلگىلدى.يىڭى ۋەزىپىگە بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئودلىنيەدىكى  جەڭچىلەردە ھەر خىل ئىنكاس پەيدا بولدى، باشلىقلار بىلەن بىرگە يۈرۇپ دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىخ ئىلشقان بولساق دېسە،  بەزىلەر باشلىق بىلەن يۈرۈپ دۈشمەنگە زەربە بېرەلمەيدىغان بولدۇق دەيتتى، ئسمايىل مەمەت:« يولداشلار بىز ھازىر جەڭ مەيدانىدا جەڭ قىلىۋاتىمىز، رەھبەرلەر بىزگە نېمىلا خىزمەت تەقسىم قىلسا ئوخشاشلا شەرەپلىك ھەم مۇھىم ۋەزىپە شۇڭا ئىدىيەدە دىلغۇل بولماي، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىمىز كېرەك» دەپ ئىدىيە خىزمەت ئىشلىدى.  ئسمايىل مەمەت قوماندانلىق شتابنىڭ ۋەزىپسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئالدىنقى سەپنىڭ مەسلىھەتچسىى كېلىپ سىلەر بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا ناھايتتى باتۇرلۇن بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلار، قوماندانلىق شىتابنى قوغداش ناھايتى شەرەپلىك، مۇھىم ۋەزىپە بىز ھازىر ئۇرۇش سېپىدە تۇرۋاتىمىز.
    بىز ئالدىنقى سەپتىكگە ئوخشاش بىزمۇ بىۋاستە ئۇرۇشقا دۇچ كېلشىمز مۇمكىن، سىلەر ئالاھىدە ھۇشار تۇرۇشۇڭلار كېرەك، دەپ جەڭچىلەرنى خاتىرجەم قىلدى. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن جەڭچىلەر 30 كىلومتردىن ئارتۇق يولنى مېڭىپ بىر داۋاندىن ئاشتى.يول ئېگىز داۋان، قارلىق تاغ-داۋان، ئاق قار،كۆك مۇزنى بويلاپ مېڭىپ ئەتسى سائەت ئۈچ بولغاندا بىر جىرانىڭ قېشغا ئورۇنلاشتى.
图片5.png

پوللىك كوماندىرى ئېزىزوف قاسىم   

   پولىك باشلىقى ئېزىزوف قاسىم ۋە پولىك سىياسى كومسارى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى روتىنڭ باشلىقنى چارقىرىپ ۋەزىپە تاپشۇردى، «دۈشمەن تەخمىنەن ئالتە كىلومىتر ئالدىمىزغا ئۇرۇنلاشقان ئۇ يەردە دۈشمەننىڭ ئالتىنچى چازىسى بۇلۇپ، ئۇرۇنلاشقان جايلىرى ناھايىتى مۇستەھكەم، ئاكۇپ- پوتەيلەر بىر قەدەر كۈچلۈك ئەسكەرلەر ئىستكامدا مۈكۈپ مۇداپىئەدە تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ يەرنى بېسىپ تۇرغىلى يەتتە سەككىز يىل بولدى، مۇداپىيە شارائىتى كۈچلۈك بىزنىڭ ھۇجۇم قىلشىمىزغا قۇلايسىز، تاكتىكا قولىنىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش، ئالداش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پايدىلىق شارائىتنى تاللاپ يۇشۇرۇن مېڭىپ دۈشمەننى قورشۋالغاندىن كىيىن كۆپ ئۆلتۈرمەي ئەسىرگە ئىلىڭلار!» دەپ سەھەر سائەت ئۈچتە ئۇرۇشقا مېڭشقا بۇيرۇق بەردى.

4
   يۇقۇرىنڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 10-ئايىنىڭ 10-كۈننى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسنىڭ غەلبە لىنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان، چېگىرا مۇداپىيە ۋە دالا ئارمىيە قسىملىرى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرش جېڭىگە ئاتلاندۇق، بىزنىڭ روتا سابىق ئاتلىق ئۇچىنچى پولىكنىڭ ئېغىر پىلمۇت رۇتسى بۇلۇپ 1-قېتىملىق جەڭگە دېڭىز يۈزىدىن 5000مىتر بولغان تىيەنۋنتىيەن رايۇندىكى شىڭشىياۋەندە قاتناشتى. شۇ چاغدا ئسمايىل مەمەت ئودلىنيە كوماندىرى بولغان، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت كۇماندىر ئۇرۇن باسار بولغان. باشقا جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاز سانىلىق مىللەتتىن ئىدى، ئىدىلكومدىكى جەڭچىلەرنىڭ يېشى 17-22 ياش ئارلىقدا بولۇپ، ئسمايىل مەمەت قاتارلىق ئىككى نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت قاتارلىق ئۇچ نەپەر ئىتىپاق ئەزاسى بار ئىدى. تىيەنۋنتىيەن رايۇنىدىكى ئۈچ كېچە-كۈندۈزگە سۇزۇلغان جەڭنى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېين جەڭدە غەنىمەت ئالغان نەرسىلەرنى ئارقا سەپ خادىملىرىغا تاپشۇرۇلدى. قىسىم شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ تۇرۇشىغا جىددىي سىگىنال چېلىندى، روتا كوماندىرى يىڭى خىزمەتكە ئاتلىندىغىنمىزنى ئۇقتۇردى. جەڭچىلەر ئاپتۇمۇبىلغا ئولتۇرۇپ ئۈچ-كېچە كۈندۇز جاپالىق يول يۈرۇۈپ، ئالىي رايۇننىڭ دىيتۇزۇن ناھىيسىنىڭ بەنكوڭخۇاغا يىتىپ كەلدى. تاماقتىن كېيىن ئسمايىل مەمەت ئودلىنيە ئۇرۇن باسارى «ئەھۋالدىن قارغاندا يەنە داۋاملىق ئالدىغا ماڭدىغان ئۇخشايمىز، سوغۇق بارغانسىرى كۈچىيۋاتىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا جەڭچىلەر سۇغۇقتا ئۈششۈپ ياكى مۇزلاپ قالمسۇن دېدى»، سىگىنال چېلىندى، دەرھال يىغىلىپ ئاپتۇمۇبىلغا چىقتى ۋە يەنە ئەللىك كىلومېتىر يول يۈرۈپ دىيتو ناھيسى بىلەن سىچۈنغى ئارلىغىدىكى رىنچو رايونىغا يىتىپ كەلدى. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تاڭ سەردە يەنە يولغا چىقىپ، 30كىلومىتىردەك يول يۈرۈپ چاڭسەنكو دەيدىغان بىر قارلىق چوققىنڭ ئالدىدا ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈپ، ماڭىدىغان يول ئىگىز-پەس تىك قىيا ۋە تاغ جىلغىلىرى بولغانلىقتىن، ئاپتۇمۇبىل بىلەن مېڭش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، يەنە يەتتە-سەككىز كىلومىتىر يولنى پىيادە مىڭىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ماڭغان يولىنىڭ كۆپ قىسمى تىك قىيا ۋە تاغ جىلغىلىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئاق قار، كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان، جەڭچىلەر ئېغىر قوراللارنى كۆتۇرگەن بولۇپ، ئۇچ-تۆت سائەت يول يۈرۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا بىرىپ غىزالاندى، قۇلايلىق يول بىلەن مېڭىپ كېلشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان ھەربىي ئاپتۇمۇبىللارمۇ يېتىپ كەلدى، تاماقتىن كېيىن  جەڭچىلەر ئاپتۇمۇبىلغا ئولتۇرۇپ ئون كىلومىتىردەك يول مىڭىپ تۈزلەڭ بىر سايدا ماشىنىدىن چۈشۈپ يوتقان كۆرپە قورال ياراق ۋە ئۇق دورلارنى يۈدۈپ، يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى، كەچ سائەت بەش-ئالتە بولاي دېگەندە مۇئاۋىن روتا كوماندىرى
   图片6.png

  ئۇبۇل موسا ئۈچىنچى ئودلىنيەگە كەلدى. جەڭچىلەر ئودلىنيە كۇماندىرى ئىسمايىل مەمەتىنڭ بۇيرۇقى بىلەن دەرھال يىغىلدى. مۇئاۋىن روتا كوماندىرى جەڭچىلەرگە:«ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇھىم ۋەزىپە بار سىلەرنىڭ ئودلىنيە بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندايدۇ» دېدى،ئىسمايىل مەمەت:« ۋەتەننى قوغداش يۇلىدا بۇ يەرگە كەلدۇق، دۈشمەننى يوقىتىپ، ۋەتەننىڭ زىمنى قوغداش بىز ئۇچۈن شەرەپ، رەھبەرلىكنىڭ ھەرقانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجىراقىلىپ، دۈشمەن بىلەن قەتئىي ئېلىشىپ ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ يېرىنى قەتئى قوغدايمىز!» دېدى. ئاندىن جەڭچىلەر ئسمايىل مەمەت بىلەن تەڭ توۋلاپ قەسەم قىلىپ ئىپادە بىلدۇردى. شۇ چاغدا پولىك باشلىقى ئىزىزۇپ قاسىم، سياسى كۇمسار يۈجىمىڭ، ئۇرۇش بۆلىمىنڭ باشلىقى مەمەت قاسىملار كېلىپ:«سىلەر ھازىردىن باشلاپ قوماندانلىق شىتابىنى قوغداشقا مەسئۇل» دېدى.شۇنداق قىلىپ قوماندانلىق شىتابنى بىر ئالاقە ئئودلىنيە، بىر راددىئوزۇسى 3-رۇتىنڭ،بىرىنچى ئودلىنيە ۋە ئۈچىنچى  ئودلىنيە قاتارلىقلار قوغداشقا مەسئۇل بولدى.گەرچە قوماندانلىق شىتاپتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ بىزگە تاپشۇرۇلغانلىقدىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزمۇ باشقا يولداشلارغا ئۇخشاش ئالدىنقى سەپكە بىرىپ جەڭ قىلپ، ھىچبولمىغاندا بىردىن بولسىمۇ دۇشمەننى يوقاتساق، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى، دەپمۇ ئويلىدى. شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىزلا بىر چوڭ ئاپتۇمۇبىل، بىر كىچىك ئاپتۇمۇبىل كەلدى ۋە ئاپتۇمۇبىلدىن بىر مۇنچە كىشلەر چۈشۇپ ھەممىمىز بىلەن قول ئىلشىپ كۇرۇشتى،ۋە پولىك باشلىقى ۋە سىياسى كومىسار بىلەن چېدىرغا كىرىپ كەتتى، بۇ كىشلەر جەنۇبى شىنجاڭ ھەربىي رايوننڭ شىتاپ باشلىقى ئەنجىمىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر بولۇپ، ئۇلار جىددى پولىك رەھبەرلىرىگە دۈشمەننىڭ چاڭساتكو رايونغا ئۇرۇنلاشقان 10-نۇمۇرلۇق چازىسنى يوقىتىش ۋەزىپىسنى تاپشۇرۇپتۇ،قىسىم بۇيرۇققا ئاساسەن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ ئالتىدىن كېيىن يولغا چىقىدۇ. ناھايتىى تىز يولغاچىقىپ ئەتسى سەھەر سائەت ئىككىلەردە دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازسغا تەخمىنەن ئالتە-يەتتە كىلومىتىر كېلدىغان يات بىر تاغ جىلغىسغا كېلىپ ئۇرۇنلاشتى.ئۇرۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن پولىك جىددى يىغىن ئېچىىپ، دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسنىڭ ئەھۋالى، ئەسكەرى كۈچى، قورال يارغ پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارنى تۇنۇشتۇرۇپ دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسنىڭ تەخمنىنەن يەتتە-سەككىز كېلومىتىر ئالدىمىزدا ئىكەنلكىنى، ئالدىمىز تۈزلەڭ ساي بۇلۇپ، دۇشمەننڭ تاغ باغرىغا ئۇرۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاكۇپ پوتەيلىرى مۇستەھكەم بۇلۇپ يۇشۇرۇنۇش شارائىتىڭ ناھايتى ئەۋزەلىكى، شۇڭا بىرىنچى روتا ئوڭدىن ئىككىنچى روتا سولدىن مىڭىپ دۇشمەننى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ قارشىلق كۆرسەتكەنلىردىن باشقىلارنى ئامال بار تىرىك ئەسىرگە ئېلىش لازىملىقى بىرەر جىددىي ئەھۋال بولسا بەلگە ئوقى ئېتىپ سىگىنال بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنۇڭدىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا دۈشمەننى يوقاتقاندىن كىيىن ياكى دۈشمەن چازىسنى تاشلاپ قاچسا بەلگە ئۇقى ئارقىلىق سىگىنا بىرشنى ئۇرۇنلاشتۇردى.يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يولغا چىقىش، بۇيرۇقىنى بەردى، شۇ چاغ 10-ئاينىڭ  27-كۈننى ئىدى،سەھەر سائەت ئۈچ يېرىم بولغان ۋاقىت بۇلۇپ شىۋىرغان چىقىپ قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى، بىردەمدىن كىيىن قار توختىدى، لىكىن سوغاق جاندىن ئۆتەتتى،تىمپىرتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 38سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بۇلۇپ، كەيگەن جۇۋا پاختىلىق، كىيىملەر ھېچنىمگە دالدا بۇلمايتتى. تاڭ ئېتشقا ئاز قالدى،لېكىن ئالدى تەرەپتىن خەۋەر يوق ئىدى، پولىك باشلىقى ئىزىزنوپ قاسىم تىت –تىت بۇلۇپ تۇرالماي قالدى، سائەت بەش بولاي دىگەندە بەشتال سىگنال ئۇقى ئېتىلدى،بۇ ھىچقاندا غەيرى ئەھۋال يوق، دېگەن مەنىنى بىلدۇرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېز بىر كىلومىتىر يول مىڭىپ، تۈزلەڭ بىر سايدا ئاپتۇمۇبىلغا چىقىپ مېڭشقا تەييارلاندى. رادىئوزۇسى ۋە ئالاقە ئودلىنيەدىكى ئەسكەرلەر قوماندانلىق شىتاپتكى باشلىق بىلەن ماڭدى، ئۈچىنچى ئودلىنيە روتا كوماندىرى ئۇبۇل موسا ۋە ئىسمايىل مەمەت يتەكچىلىكىدە ئالدىغا ماڭدى. جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسغا قاراپ بەش ئالتە كىلومىتىر ماڭغاندىن كىيىنمۇ ھىچقانداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، پولك كوماندىرى ۋە سىياسى كومسارلار ناھايتى جىددىيلىشىپ كەتتى، «بۇ قانداق گەپ، دۇشمەننىڭ 400نەچچە كىشلىك قۇشۇنى نەگە كەتتى؟» پىشقەدەم قوماندان ھەيران بولۋاتاتتى، تاڭ يۇرۇشقا باشلىدى،  جەڭچىلەر داۋاملىق يۇرۇش قىلىپ دۇشمەن چازىسغا 700مىتىر قالغاندا ئالدى تەرەپتىن، ئۇچ ئادەمىنڭ قارسى كۇرۇندى. ئىسمايىل مەمەت دەرھال شوفىرغا بۇيرۇق بىرىپ ماشىنڭ سۇئىتىنى تىزلىتىپ، ئالددا كىچىك ماشىنا كىتۋاتقان پۇلىك باشلىقى، سىياسى كۇمىسارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ ئۇلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلدى. پولىك باشلىقى ئىزىزوپ قاسىم دۇربۇن بىلەن كۇزۇتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ:« دۇشمەن ئەسكىرى بولسا تىرىك تۇتۇپ كېلىڭلار!» دېدى،جەڭچىلەر تىز مېڭىپ ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار سول تەرەپتىكى ئىگىزلىكتىن چۈشۈپ ئوڭ تەرەپكە مېڭىپ كۆزدىن غايىپ بولدى،بىز ئوڭ تەرەپكە بىرىپ قارىساق ئالدىمىزدا زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوخشايدىغان بىر نەچچە چىدىر ئۆي كۆرۈندى، ئۆينىڭ ئەتىراپىدا قۇي-ئۆچىكىلەر،تانىغا يېيىپ قۇيۇلغان كىيىم-كېچەكلەر تۇراتتى، 50مىتىردەك مېڭشىمىزغا ئېغىر-يىنك قۇراللاردىن بىزگە يامغۇردەك ئوق ئېتىشقا باشلىدى، ئەسلىدە جەڭچىلەر دۇشمەننىڭ پىستىرما چەمبىرىكە يېقىنلاپ قالغان ئىكەن.ھىلىگەر دۇشمەنلەر بۇ جايغا سىرتتىن كۇرۇنمەيدىغان ئۆزلىرى ئەپچىل ھەركەت قىلالايدىغان يۇشۇرۇن ئاكۇپلارنى قىزىپ ئالدىدىن ئۇرۇنلۇشۋالغاچقا، ئۇلارنى ئالدىدىن سىزش قىيىن بولغان. شۇ چاغدا ئۈچىنچى ئودلىنيە دۈشمەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقىمىز 50مىتىركېلەتتى،ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي بۇلۇپ مۇداپىلەنگىدەك ھىچقانداق ئۇرۇن يوق ئىدى،بىز چىقان ئاپتۇمۇبىل دۇشمەنگە ئەللىك مېتىر قالغان ئىدى، دۇشمەن يەنىلا غالجىرلارچە ئۇق ياغدۇرۋاتاتتى، ئاپتۇمۇبىلنىڭ تۆت چاقىنىڭ ئۇچ چاقىغا ئۇق تىگىپ تېشىلىپ كەتتى.ئاپتۇموبىل كوزۇپىدىكى سۇ ئېدىشلىرى جەڭچىلەرنىڭ مۇداپئەلىنىشىگە ئىنتايىن قولايلىق بولدى. سۇ ئېدىشىنى دالدا قىلىپ، دۈشمەنگە زەربە بەردى. شۇ چاغدا يا چىكىنشكە يا دەرھال پەسكە چۇشۇپ يۇشۇرۇنشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى. دۇشمەن كۆپ بىز ئاز دۇشمەن ئاكۇپ پوتەيلەردە يۇشۇرنۇپ ئاتالايدۇ، ئۈچىنچى ئودلىنيە  ئۇچ ئادەمنىڭ قورالى باربۇلۇپ ئۇلارغىمۇ دەرھال ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈشكە ئىمكانىيەت يوق. ئەگەر چۈشۈپ ئېتىشقا توغىرا كەلسە ئاپتۇمات مىلتىق تۇتقانلار چۈشىدۈ،بىزنىڭ ئاساسلىق ئوت كۇچىمىز مەركەزلىشىدىغان،ئېغىر پىلمۇتنى پەسكە ئىلپ چۇشۇپ قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ ئادەم ئۇستىدە تۇرۇپ سۇنۇپ بىرىدۇ،يەنە ئۇچ ئادەم پەسكە چۈشۈپ سۇنۇۋېلىپ قۇراشتۇرۇپ ئېتشقا توغىرا كېلەتتى،  بۇنداق قىلشقا قىلچە ئىمكانىيەت يوق ئىدى.  مۇشۇنداق ھايان-ماماتلىق جىددىي پەيتتە،ئودلىنيە  كۇماندىرى ئسمايىل مەمەت بىزگە قاراپ:«يولداشلار ۋاقىت قىس ۋەزىيەت جىددى دۇشمەن بىلەن بولغان ئارلىقىمز ناھايتى يېقىن يەگە چۈشۇپ ئېتىشقا ۋاقىت يوق، شۇڭا ئىغىرپىلمۇتنى ماشىنڭ ئۇستىگە قۇرايلى، قالغان قۇرللارنى پىلمۇتقا ماسلاشتۇرۇپ ئىتىڭلار!» دېدى دە قۇلدىكى ئاپتۇماتدىن دۇشمەنگە قاراپ ئۇق ئاچتى، لېكىن دۇشمەن ئاكۇپ پوتەيلەردە بولغانلىقتىن بىزنىڭ ئاتقان ئۇقلىرىمىز زايا كىتىۋاتاتتى، بىزنىڭ ئوت كۇچىمىزنى زورايتىدىغان قۇرالىمىز، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت بىلەن يەنە بىر جەڭچى ئەكبەر ئوسمان ئاتىدىغان ئىغىر پىلمۇت بۇلۇپ، ئۇق جىق كېتەتتى، بۇ پىلمۇتنى ئۇچ ئادەم قۇراشتۇردۇ قالغانلار 15مىڭ تال ئۇقنى بۇلۇشۇپ كۇتۇرۇپ ماڭاتتى، ئسمايىل مەمەت دۇشمەنىڭ جانلىق كۈچلىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۇق تۇگەپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ:« دۇشمەن نەدە بولسا، نەدە كۇرۇنسە شۇ يەرگە ئېتىڭلار،بىر تال ئۇقنىمۇ زايا قىلشقا بولمايدۇ دەپ ۋاقىرايتتى. شۇ ئارلىقتا دۇشمەن جەڭچىلەرگە ئۇچ قېتىم ھۇجۇم قىلدۇ. جەڭچىلەر داۋامىلق قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. بۇ جەرياندا دۇشمەن توپلاشقان يەرلەرگە پوتەيلەرگە،پوتەي تۆشۇكلىرىگە قارىتپ ئاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دۇشمەن بىرئاز پەش كۇيغا چۇشتى-يۇ،لىكىن ئاسالىق ئوت كۇچىنى ئاپتۇمات بىلەن شىدەتلىك ئوق ياغدۇرۋاتقان ئسمايىل مەمەتكە مەركەزلەشتۇردى. كۇتۇلمىگەندە دۇشمەنىڭ بىر پاي ئۇقى ئسمايىل مەمەتىنڭ سول بىلىكىگە تەگدۇ، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت شۇ چاغدا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئىسمايىل مەمەتنىڭ سول بىلىكىنڭ سوڭىكى چېقىلىپ ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ جەڭچى سۇلايمان ئىمننى ئودلىنيە كۇماندىرىنڭ بىلىكىنى تېڭىشقا بۇيرۇيدۇ. دەل شۇ چاغدا ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ئېتۋاتقان پىلمۇتنىڭ سىتۇلىغا مىشەك تۇرۇپ قالىدۇ، ئوت كۇچىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى، ھەتتا پىلمۇتنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سەزگەن دۇشمەن يەنە غالجىرلاچە ئوت ئېچىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئسمايىل مەمەت جەڭچىلەرگە قاراپ:« يولداشلار،پىلىمۇتتىن كاشلا چىقتى، ماڭا ئۇق تەگدى، شوپۇرىمىز يارلاندى،بىرىمىز قالساقمۇ جەڭنى داۋاملاشتۇرايلى،دېدى-دە قۇلىنى تېخى تڭىپ بۇلالمىغان
    سۇلايمان ئىمىننى ئىتتىرۋېتىپ، قۇلۇغا ئاپتۇماتنى ئىلىپ ئاپتۇماتنىڭ تاسمىسنى بوينىغا ئاسقىنچە دۇشمەنگە قارىتىپ شىدەت بىلەن ئوت ئېچىشقا باشلىدى، دۇشمەن قايسى تەرەپتىن ئۇق چىقارسا شۇ تەرەپكە قارتىپ ئېتىپ ئۇلارنى باش كۇتۇرەلمەس قىلىپ قۇيدى.ئۇ ئاپتۇماتنى ئاپتۇمۇبىلنىڭ كۇزپىدىن ئۇستكى بەدىنى چىقىرىپ ئېتىۋاتقاچقا ئۇنىڭغا يەنە ئارقا ئارقادىن ئىككى ئوق تەگدى،ئۇقىنڭ بىرى ئۇپكىسنى تىشىپ ئۇتۇپ يەنە بىر ئۇق جىگەرگە تەككەچكە قان جىق ئىقىپ كېتىپ لاسسىدە ئۇلتۇرۇپ قالدى.دېمەك، ئۇچ تال ئۇق ئۇنىڭ بەدىنڭ تۆت يىردىن تىشىپ ئۇتۇپ كەتتى، ئۇ باركۇچى بىلەن بەرداشلىق بىرىپ دۈشمەنگە ئۇق ئۇزەتتى. قان جىق ئېقىپ كەتكەنلىكى ئۇچۈن ماغدۇرسىزلىنپ كۇزۇپ ئىچىگە ئاستا يىقلدى. جەڭچىلەر ئۇنىڭغا قاراپ:«كوماندىر، كاماندىر!» دەپ ۋاقىراپ كېتىشتى،ئسمايىل مەمەت ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ:« يولداشلار، مەن بۇلالمايۋاتىمەن،دۇشمەن بىلەن باتۇرلارچە ئىلىشايلى،ۋەتەننڭ بىر سۇڭ يىرىنىمۇ ئسسىق قېنىمىزبىلەن قوغدايلى.مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، دۇشمەننى يۇقۇتۇڭلار!» دەپ جان ئۇزدى.  جەڭچىلەر بارلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۇرۇپ، قەھرىماننڭ جاسارتىنى داۋاملاشتۇرۇپ شىدەتلىك،دۇشمەننى بېسىقتۇردى. دۇشمەننىڭ ئاساسى كۇچى يۇقۇتۇلغاندىن كىيىن روتا كۇمادىرى ئۇبۇل مۇسا ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈپ يارلانغان شۇفىرنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ ئۇرۇنلاشتۇردى. ئۇ يېنىپ كېلىپ ئاپتۇمۇبىلغا چىقىۋاتقاندا، دۇشمەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى جەڭچىلەرگە يەنە بىر قىېتىم ھۇجۇم قوزغىدى،جەڭچىلەر دۇشمەنگە قايتۇرما زەربە بىرۋاتقاندا يەنە بىر شوپۇرىمىز قۇربان بولدى، مۇئاۋىن روتا كوماندىر ئۇبۇل مۇساغا ئۇق تىگىپ يارلاندى. جەڭچىلەر دۇشمەن نەدە بولسا، شۇ يەرگە ئوق ئېتىپ ئۇلارنى باش كۈتۈرەلمەس قىلىۋەتتى. ھەمدە ھىندى تىلدا ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۇندىدى.
图片7.png

    بۇ قېتىمقى جەڭدە دۇشمەننىڭ ئون يەتتە ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئالتە ئادىمىنى ئەسىر ئېلىندى. جەڭچىلەردىن تۆت ئادەم ياردار بولدى، ئىككى ئادەم قۇربان بولدى،ئسمايىل مەمەت ئاتقان ئاپتۇماتقا ئىككى تال ئۇق تىگىپ ياغاچ قىسمى بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ،  ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىتقا ئۇچ تال ئۇق تېگىپ ئىككى تېلى ھەربىي جۇۋىنىڭ پشىغا، بىر تال ئۇق قۇرال مايلايدىغان ماي قۇتىغا تىگىپ تۇرۇپ قاپتۇ،ئەگەر ماي قۇتا قۇرۇق بولغان بولسا بىرىنچى بۇلۇپ قۇربان بولىدىغان كىشى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت بولار ئىدى. بۇجەڭدە تاجىك جەڭچى قادىر رۇزى ئاكۇپتىن قاچقان ئككى ھىندى ئەسكەرنى ئتىپ دەل تەككۇزۇپ خىزمەت كۇرسەتتى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئون بىر مىنۇت داۋاملاشتى، ئۇرۇشتىن كىيىن، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى يولداش ئسمايىل مەمەتكە مەملىكەتلىك ئۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بەردى، شىنجاڭ ھەربى رايۇنى پارتۇكۇمى ئۇيغۇر خەلىقنڭ ياخشى پەرزەنتى، جۇڭگۇ كومىنستىك پارتىسنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى دەپ شەرەپلىك ناملارنى بەردى، ئۇبۇل مۇسا بىلەن ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ۋە ئەكبەر ئوسماننى ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۇرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى، قادىر رۇزى، سۇلايمان ئىمىن، كۇجى ئەخمەت قاتارلىق ئۇچ جەڭچىنى ئۇچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالدى،ئۇرۇشتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت جەڭ مەيدانىدا پارتىيىگە قۇبۇل قىلىندى، قادىر رۇزىنى ئتىپاق ئەزالىقغا قۇبۇل قىلدى، 1963-يىلى ئۇرۇشتىن خۇلاسە قىلغاندا،ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ئاتقان پىلمۇت ئسمايىل مەمەت ئاتقان ئاپتۇماتنى ۋە ئۇنىڭ كىيملىرىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىپ ھەربىي مۇزىيغا قويدى.بۇ تەۋەرۈكلەر تا ھازىغىچە ھەربىي مۇزىيدا ساقلانماقتا.

    .1962يىلى جۇڭگو-ھىندىستان چىگرا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر قىسىم ھايات قەھرىمانلار قەخرىمانلار
     1962-يىلى10ئايدا ھنىدىستان ھۆكۇمىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى دۆلىتىمىز زېمىنىغا تاجاۋۇس قىلىپ كىرىپ،بىرقىسىم جايلارنى بىسىىۋالىدۇ،ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئامالسىز ئۆزىنى قوغداپ، ھىندىستان تاجاۋۇسچىلىرىغا قايتارما زەربە بىرىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ،بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى-كىيىن ئۇچ ئاي داۋاملىشىدۇ،مەركىزى ھەربى ئىشلار كومېتىتىنىڭ بۇيرۇققا ئاساسەن ،شىزاڭ ھەربى رايۇن بىلەن شىنجاڭ ھەربى رايۇنى ھنىدىستان تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى قايتارما ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ،مۇستەقىل3.ئاتلىق پولكتىكى كوماندىر-جەڭچىلەر بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقى،ئەقىل پارازىتى،ھىچنىمىدىن قۇقمايدىغان قەيسىرانە روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،تاجاۋۇزچىلارغا ئەجەللىك زەربە بىرىدۇ ۋە ئۆزىمىزنى قۇغداپ، قايتارما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قۇلغا كەلتۇرۇشتە زۇر تۆكپە قوشىدۇ،
0-جۇڭگۇ-ھىندىستان چېگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى كوغداپ، قايتارما زەربە بىرىش
ئۇرۇشىغا قاتناشقان قەشقەرخاڭدىدا تۇرۇشلۇق مۇستەققىل3-ئاتلىق پولكنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى يۇقۇردەك بۇلدى.مۇستەققىل 3-ئاتلىق پولك تەركىىبىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەزىمەتلەرنىڭ ئەقىل پارازىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ،ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى كولغا كەلتۇرۇشتە تېگىشلىك تۆكپىلەرنى قوشقان ئەزىمەتلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
--يىلى جۇڭگۇ –ھىندىستان ئورىشىغا قاتناشقان بىر قىسىم كاماندىر- جەڭچىلەر
  ئابلانۇر
     ئابلا نۇر 1942-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۇنى سابىق قۇمۇل ناھىيىسنىڭ توغۇچى يېزىسى دۆربەجىن كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،1953-8ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان،1953-يىلى 8-ئايدىن 1957-يىلى 7- ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلانغان،
  ئابلا نۇر 1958-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئىشچى –دېھقانلار تىز پۇتتۇرۇش مەكتىپىگە  چىقىپ ،ئالدى بىلەن 12-ئايغىچە فۇكاڭدا رودا كولاپ پولات تاۋلاشقا، 12-ئايدىن 1959-يىلى 2-ئايغىچە جىجىسوۋزىدا تۆمۇريۇل ياساشقا قاتناشقان،3-ئايدا مەكتەپ ئۇرۇمچى 2-دارىمۇئەللىمنگە قوشىۋىتىلگەن،1960-يىلى 1-ئايغىچە 2-دارىلمۇئەللمىندە ئوقىغان
ئابلا نۇر 1960-يىلى 1-ئايدا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718-قىسىمنىڭ ئالتاي .ئاتلىق پولكى 3-رۇتا 3-ئىزۋۇر 4-ئودلىنيەدە ئەسكەر، 1960يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە مەسكۇر قىسىم ئاچقان ئودلىنيە كوماندىرلىرىنى يېيىشتۇرۇش كۆرسىدا ئوقۇغاندىن كىيىن 4-ئودلىنيىسىنىڭ كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ،1962-يىلى 6-ئايدا 3718-قسىم ئالتاي ئاتلىق پولكنىڭ 2-3-رۇتىلىرىنى (2-3-رۇتىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ئۇغۇر ،قازاق،4-رۇتىدىكى كوماندىر –جەڭچىلەر خەنزۇ ئىدى) يۇقۇرنىڭ بۇيرۇغى بىلەن قەشقەرگە يۇتكىلىپ كىلىپ 2-3-رۇتا بىرلىشىپ بىر رۇتا بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەققىل3-ئاتلىق پولك(بۇ مىللى پولك بۇلۇپ پولك كوماندىرى ئېزىزۇف قاسىم،سىياسى كومىسارى يۈفۇگۇڭ ئىدى)نىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىدۇ،ئابلا نۇر 3- رۇتا 3-ئىزۋۇد9-ئوتلىيە(بۇ رازۋېدكا ئودلىنيە بۇلۇپ ،2نەپەر مۇئاۋىن ئود لىنيە كوماندىر بار ئىدى)نىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ.بۇ ئود لىنيەدە  ئاپتۇمات، مىلتىقتىن باشقا قوراللار يۇق ئىدى.1962-يىلى7-ئايدا مۇستەققىل 3-ئاتلىق پولك يۇقىرنىڭ بۇيرىقى بىلەن شىزاق ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كەسشىۋە ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ 10-ئايغىچە تەلىم-تەربىيە مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شالاڭ بۇلغاچقا،تەلىم- تەربىيىنىڭ مەخسىتى كوماندىر –جەڭچىلەرنى  شۇ رايۇننىڭ ھاۋاسىغا كوندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئىدى،10-ئايدا پولك قەشقەرگە قايتىپ كىلىپلا يەنە بۇيرۇق بىلەن كەينىگە قايتىپ شىزاڭ ئابتۇنۇم رايۇننىڭ تىيەن ۋىنتىيەن ناھىيىسىگە ئورۇنلىشىدۇ،ۋە شۇ يەردە بۇيرۇق كۇتىدۇ ،چۇنكى ،ھىندىستان ئارمىيەسى ئېلىمىز زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كرىپ ،بىر قىسىم جايلارغا پۇنكىتلارنى قۇررۇپ ئىغۋاگەرچىلىىك قىلۋاتقانىدى مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ ۋەزىپىسى باشقا قىسىملارغا ئوخشاش تاجاۋۇز قىلىپ كرگەن گۇشمەننى چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى،
1962-10-ئاينىڭ20-كۇنى جۇڭگۇ –ھىندىستان چىگرىسىدا رەسمى ئۇرۇش  باشلىنىدۇ،ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى9-ئود لىنيە بىلەن .ئېغىر پىلىمۇت رۇتا 3-ئود لىنيسىنىڭ كوماندىرى ئىسمايىل مەمەت(قەشقەر يىڭساردىن) قۇماندانلىقىدىكى ئود لىنيەدىن  ئىبارەت  ئىككى ئودلىنيەنىڭ ۋەزىپىسى  پولك شىتاۋىنى قۇغداشقا مەسئۇل بۇلۇپ،10-ئاينىڭ 27-كۇنى پولك بۇيرۇق بۇيىچە كەچ سائەت9-10لار بىلەن بەلگىلەنگەن نىشانلارغا يۇرۇپ كىتىدۇ،بىر كىچە بۇرۇن كەتكەن رۇتىلاردىن خەۋەر كەلمەيدۇ،تاڭ ئېتىشقا يىقىن بىر جەڭچى كىلىپ ،پولك كوماندىرىغا «ئالدىمىزدىكى قىزىل تەغدىن 3نەپەر دۇشمەن ئەسكىرى تۆۋەندىكى جىراغا چۇشۇپ كەتتى» دەپ دۇكىلات قىلىدۇ ،پولك رەھبەرلىرى «ئۇنداق بۇلسا بىز ئىلگىرلەپ كەتكەن قىسىملارغا يىقىنلىشايلى» دەپ بۇيرۇق كۇتۇپ تۇرغان  قىسىمغا يۇرۇش بۇيرىقى بىرىدۇ، ئابلا نۇر ئود لىنيىسى بىلەن ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ماشىنىلىق پولك شىتاپنى قۇغداپ ئىلگىرىلەپ،بىر تاغ ئېغىزىغا بارغاندا،پولك كوماندىرى ئىزىزۇف قاسىم بىلەى سىياسى كومىسارى  يۇ فۇگۇڭ ۋە بىر قىسىم كوماندىر-جەڭچىلەر تاغنىڭ باغرىدا قالىدۇ ،ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ئالدىدىكى ماشىنىدا،ئابلا نۇر ئود لىنيىسى كەينىدىكى ماشىينىدا بولۇپ دۇشمەن ئەخۋالىنى رازۋىدكا قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرلەپ ،ماشىنىلار جىراىنىڭ بىشىغا بىرىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا جىراغا  ئالدىن ئورۇنلىشىۋالغان دۇشمەن ئەسكەرلىرى ماشنىلارنى كۆرۇپلا تۇپقا يۇتىدۇ،(قىزىل تاغدىن پەسكە چۇشۇپ كەتكەت دۇشمەن ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ماشىينىلارنى  كۆرۇپ ،پەستىكى دۇشمەنلەرگە خەۋەر بەر گىلى چۇشۇپ كەتكەن ئىكەن،»ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ئۇلتۇرغان ماشىنىدا 12جەڭچى بار ىدى،ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئابلا نۇر جەڭچىلەرگە دەرھال ماشىنىدىن چۇشۇش بۇيرىغى بىرىدۇ،جەڭچىلەر دەرھال ماشىنىدىن چۇشۇپ مۇداپىيەلىنىدۇ،ئالدىدىكى ماشىنىدىكى ئىسمايىل مەمەت ماشىنىنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ  دۇشمەنگە ئوق ئۇزىدۇ،ئەسەرنىڭ باش قىسىمىدا  ئىسمايىل مەمەت تۇغرۇلۇق بايان قىلىنىپ بۇلغانلىقى ئۇچۇن ،قايتىلىماي.
ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى  جەڭچىلەر ماشىنىدىن چۇشۋاتقاندا جەڭچى ئەخمەت سابىت(غۇلجىدىن) نىڭ سول پۇتىغا ئوق تىگىپ يارىلىنىدۇ،ئابلا نۇر ئودلىنيىسىدىكى جەڭچىلەر دۇشمەن ئاكوپىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقاندا  جەڭچى ئىبراھىم ئېلى(ئۇچ تۇرپاندىن)نىڭ سول قۇلىقىنى بىر پاي ئوق سۇرۇپ ئۆتۇپ كىتىدۇ،ئابلا نۇر تىزلىك بىلەن ئاكۇپنىڭ بىشىغا بىرىپ قارىسا  ئاكوپنىڭ ئىچىدە تۇت نەپەر  دۇشمەن بار  ئىكەن ئۇلارنىڭ بىرى پىلىمۇتتىن  ئوت  ئىچىۋاتقان ئىكەن ،شۇ ئارىدا كەينىدىن يىتېشىپ كەلگەن رۇتىدىكى نۇر ئېلى(يىڭساردىن) پىلىمۇت ئېتىۋاتقان دۇشمەننىڭ گەجگىسىگە مىلتىقنىڭ نەيزىسنى تىقىپ ئۆلتۇرىدۇ،       قالغان ئۇچ نەپەر دۇشمەى  ئەسكەر قول كوتۇرۇپ تەسلىم بۇلىدۇ،ئاكۇپنىڭ كەينىدىكى دۇشمەن ئىسكىلاتىدا ئىككى نەپەر دۇشمەن ئەسكىرى بار بولۇپ،ئۇلار ۋە جىرادا قىچىپ كىتىۋاتقان يەتتە نەپەر بۇلۇپ جەمىئي 12نەپەر  دۇشمەن ئەسكىرى ئەسىرگە چۇشىدۇ،جەڭ بەك دەششەتلىك بولغان بۇلۇپ،پەقەت 21مىنۇت داۋام قىلىدۇ،جەڭ كەڭرى كەتكەن تۈز سايدابۇلۈاچقا، ئىككى ماشىنىنىڭ شوپۇرى(خەنزۇ)مۇ قۇربان بۇلىدۇ، جەڭ ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،پولك كوماىدىرى ئىزىزۇف قاسىم بىلەن پولىك سىياسى كومىسارى يۇفۇگۇڭ كىلىپ ھەرمىللەت كوماندىر –جەڭچىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ،ئۇزۇن ئۇتمەي 3-ئاتلىق پولكقا قاراشلىق روتىلارمۇ يىتىپ كىلىدۇ،پولك جىرادا بىر كىچە قۇنۇپ ئەتىسى 3-ئاتلىق پولك باشقا قىسىملارغا ياردەملىشىش ئۇچۇن يۇلغا چىقىپ،12-ئايدا پولك سىچۈەنخى دەرياسىدىن (دەريەنىڭ كەڭلىگى100مىتىر كىلىدۇ)ئۆتۇپ ئىلگىرلەۋاتقاندا،3-ئاتلىق پولك شىتاپ ئوفىنسىرى لى(خەنزۇ) ئىككى نەپەر دۇشمەن ئەسكىرىنى چەيدەپ كىلىدۇ،پولك رەخبەرلىرى بۇ ئەسىرلەرنى ئارقا سەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ،3-ئاتلىق پولكتىكى كوماندىر جەڭچىلەر باشقا قىسىملارغا ياردەملىپ،ھىندىستان تاجاۋۇزچى ئارمىيەنى قۇغلاپ تىرەپىرەن قىلۋىتىدۇ،ۋە نۇرغۇن دۇشمەننى ئەسىرگە ئالىدۇ،دۇشمەن بەك قۇرقۇپ كەتكەنلىگى ئۇچۇن،جەڭچىلەرنى  كۆرۇپلا دەرھال قول كۆتۇرۇپ قورال تاشلاپ تەسلىم بۇلىدۇ،ئابلا نۇر قوماندانلىقىدىكى ئودلىنيە بەش نەپەر دۇشمەن ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ ،قىسىملار قاچقان دۇشمەننى قوغلاڭ،يەنكوكىخى كۆلىگە بارغاندا دۇشمەن بىلەن يەنە ئۇرۇش قىلىدۇ،ئۇرۇش 11كۇن داۋام قىلىدۇ،بۇ ئۇرۇشتا 3-ئاتلىق پولك قاچقان دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بىرىش زەربە بىرىش ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ،11كۇندە جەمىئىي30دىن ئارتۇق دۇشمەن ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.
جۇڭگو-ھىندىستان چىگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى1962-يىلى 10ئايدىن 1963-يىلى 1-ئايغىچە ئۇچ ئاي داۋاملىشىدۇ،
ئۇرۇشتىن كىيىن يۇقىرنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئابلا نۇرنى «2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەكەن » ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى 9- ئود لىنيەنى«3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن» ئەخمەت سابىرى ،نۇر ئىلى قاتارلىقلارغا «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئالدى،
ئابلا نۇر قىسىمدا ئود لىنيە .ۋىزۋۇت مۇئاۋىن روتا كوماندىر مۇئاۋىن سىياسى يىتەكچى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ1970-يىلى يەرلىككە ئالمىشىپ 1992-يىلى 9-ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پولات تىمۇر زاۋۇتىنىڭ كادىرى ،بولۇم مۇدىر، زاۋۇت پارتىكۇم نىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ ئۇ 1997- يىلى دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.   
ئىسھاق ئايۇپ
     ئىسھاق ئايۇپ 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى قۇمۇل ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى ئورداخى مەھەللىسىدە تۇغۈلغان، 1953-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلغان،1953-يىلى 8- ئايدىن 1957-يىلى 7-ئايغىچە قۇمۇل شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىغان، 1957-يىلى 8-ئايدىن 1958-يىلى 12-ئايغىچە قۇمۇل شەھەر ئىچى دارىلمۇمۇئەللىمىندە ئوقىغان،
    ئىسھاق ئايۇپ 1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەرەمباغ مۇستەقىل باتالىيۇن 3-رۇتا 3 –ئىزۇۋۇد5-ئود لىنيىسىدە ئەسكەر 1960-يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان ئود لىنيە كوماندىرلىرىنى تەربىلەش كورسىدا  ئوقىغاندىن كىيىن 3-ئود لىنيىىسنىڭ كوماندىرى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ،ئۇ1960-يىلى 10-ئايدىن 1961-يىلى 11-ئايغىچە ئىلى ھەربى رايۇن چاپچال ناھىسىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا بۇز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە ۋە 1962-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە 3-رۇتا تەركىۋىدە غۇلجا ئاقئۆستەڭ بۇيىدا دىھغانچىلىق ئەمەىگىكىگە قاتنىشىدۇ،1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ مۇستەقىل باتا لىيئوننىڭ 3-روتىسى يۇقۇرنىڭ بۇيرىغى بىلەن  كەشقەرگە يۇتكىلىپ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەققىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ تەشكىنلىنىدۇ،ئىسھاق ئايۇپ يەنىلا 3-ئود لىنيىسىنىڭ كوماندىرى (مۇئاۋىن  ئىزوۋۇد دەرىجلىك) بۇلۇپ تەيىلىندۇ.1962-يىلى 10-ئايدا مۇستەققىل 3-پولك بۇيرۇق بۇيىچە شىزاڭ ئاپيۇنۇم رايۇننىڭ چولاپۇلئوزىنلۇق. تىيەنۋېنتىيەن قاتارلىق جايلارغا يۇتكىلىپ بىرىپ،تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.
   1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۇنى ھىندىستان تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى دۆلىتىمىز زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،بىر قىسىم جايلارنى ئىگىلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى قۇغداپ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى باشلىنىدۇ،قىسىملىرىمىز دۇشمەننىڭ «پۇلات ئىستھىكام»دەپ ئاتىلىدىغان ئىستىھكاملىرىغا ئومۇميۇزلۇك ھۇجۇم قىلىپ تۇپقا تۇتىدۇ،«پۇلات ئىستىھكام»ھىندىستان تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىستىھكاملىرى بۇلۇپ،قىسىملىرمىز دۇشمەننىڭ بۇ ئىسىھكامىنى تۇپقا تۇتقان ئىدى،ئىسھاق ئايۇپ تۇرۇرۇشلۇق 3-رۇتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسسى تىيەنۋېتىيەندە تۇرۇپ ياردەمگە كەلگەن ۋە قاشقان دۇشمەنگە زەربە بىرىش ئىدى،بىر كۇنى دۇشمەننىڭ بىر قىسىم ئەسكىرى ياردەمگە كېلىدۇ،3-رۇتا دۇشمەنلەر يىتىپ كېلىشىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم  قىلىپ دۈشمىننى تارمار قىلىدۇ،ئىسھاق ئايۇپ ئۇرۇشتا بىر دۇشمەننى ئولتورۇپ بىرنى تىرىك تۇتىدۇ،ئۇ دۇشمەن بىلەن ئىلىشۋاتقاندا ،دۇشمەن ئىسھاق ئايۇپنىڭ سول بىلىگىگە بىچاق تىقىپ يارىلاندۇرىدۇ،ئۇرۇشتا ئىسھاق ئايۇپ زەربىدار ئود لىنيىسىنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى،بۇ ئۇرۇش پەقەت تۇت سائەتلا داۋاملىشىدۇ، ئۇرۇش ئاياغلاشكاندىن كىيىن، شىنجاڭ ھەربى رايۇنى  ئىسھاق ئايۇپنى «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆۇرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئىلىپ مىدال، شەرەپ گۇۋانامىسى بىرىپ مۇكاپاتلايدۇ.ئىسھاق ئايۇپ 1963-يىلى 1-ئايدىن 1969-يىلى 10-ئايغىچە پولك سىياسى باشقارمنىڭ  ياردەمچىسى ،ئاقسۇ ناھىيىلىك خەلق قوراللىق بۆلىمى سىياسى كومىسارنىڭ ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    ئىسھاق ئايۇپ 1969-يىلى 10-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ 1995يىلى 6-ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پولات تۇمۇر زاۋۈتىدا مۇئاۋىن باشلىق  قۇغداش بۇلۇم باشلىقى ،فىنسىيۇنىرلارنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ 1995-يىلى 6-ئايدا دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.
   ئەمەت نىياز
      ئەمەت نىياز 1939-يىلى 10- ئايدا ھازىرقى قۇمۇل بىڭتۇۋەن 13-دىۋىزىيە راكىتا دىھقانچىلىق مەيدانى 1-شۆبە مەيدانىدا تۇغۇلغان .1953-يىلغىچە ئائىلە يەربىيىسىدە بۇلغان،1953-يىلى 8 -ئايدىن 1957-يىلى 7-ئايغىچە (يالاڭكارىز) باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى راكىتا دىھقانچىلىق مەيدانى 1-شۆبە مەيدان باشلانغۇچ مەكتەپ)تە ئوقۇغان،ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
ئەمەت نىياز1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنى ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىيئۇن3-رۇتا 2-ئىزۋۇد 2-ئود لىنيەدە جەڭچى،1959-يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە  ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان تەلىم –تەربىيە  كورسىدا  ئوقىغاندىن كىيىن،3-رۇتا 2-ئىزۋۇد 2-ئود لىنيەنىڭ كوماندىرى بۇلغان ،شۇ يىلى ئود لىنيەنى يىتەكلەپ، ئىلى ھەربى رايۇنىنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىدا تەلىم-تەربىيە ئەمگىكىگە قاتنىشىپ ،ھەربى رايۇن تەرىپىدىن «3دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن »دەپ ئەنگە ئىلىنغان،1961-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربى رايۇن پىيادىلەر مەكتىبىدە ئوقىغان،ئو ئۇگۇنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئىلغار باھالىنىپ،ئۇچ قىتىم تەغدىرلەنگەن،قايتىپ بارغاندىن كىيىن ،1961-يىلى 2-ئايدىن 1962-يىلى 6-ئايغىچە ھەرەمباغ باتاليئۇنى 2-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماىدىرى بولغان،
ئەمەت نىياز 1962-يىلى 6-ئايدا قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكقا  يۇتكىلىپ بىرىپ 2-رۇتا 1-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بۇلغان. 1962-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان چېگرىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ قايتارما ئۇرىشى باشلانغاندا ،ئۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان،ئۇرۇشتا ئىزۋۇدنى يىتەكلەپ ،ياخشى خىزمەت كۆرساتكەنلىگى ئۇچۇن ،يىل ئاخىرىدا پولك تەرىپىدىن تەغدىرلەنگەن.ئۇيىلى -4-ئايدىن 1985-يىلى 5-ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىلىك خەلىق قوراللىق سياسى بۇلۇمدە بۇلۇم باشلىقى ،خەلىق قۇراللىق بۇلۇمنىڭ باشلىقى بۇلغان،
ئەمەت نىياز 1985-يىلى 5-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ،1992-يىلى 3-ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ،دائىمى كومىېىتنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرى ، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  ناھىيىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىشلەپ ،شۇ يىلى 1-ئايدا دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.
ئىسمائىل ئەمەت
     ئىسمائىل ئەمەت 1938-يىلى 3-ئايدا قۇمۇل شەچەرنىڭ پالۋانيۇر يېزىسى ىۇاڭگۇڭ كەنىتىدە تۇغۇلغان 1950-يىلغىچە ئاىلە تەربىيىسدە بۇلغان،1950-يىلدىن 1958-يىلى 12-ئايغىچە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىگىدىن ئۇگۇنۇپ ساۋاتىنى چىقارغان.
       ئىسمائىل ئەمەت 1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنى ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىئۇن3-رۇتا 2-ئىزۋۇدىدا ئەسكەر بۇلغان،1960-يىلى 2-ئايدىن 5-ئايغچە ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان ئودلىنيە كوماندىرلىرىنى يىتىشتۇرۇشكۈرسىدائوقىغاندىن كىيىن،2ئىزۋۇد ئەدلىنيە كوماندىرى بولغان،ئو1960-يىلى10-ئايدىن 1961-يىلى11-ئايغىچەئىلى ھەربى رايۇننىڭ چاپچال ناھيسىدىكى دىھقانچىلىق مەيدانىدا بوز يەر ئېچىش ئەمگىكى ۋە 1962-3-ئايدىن 6-ئايغىچە غۇلجا ئاقئۇستەڭ بۇيىدا ئىشلەپچىقىرىش ھەركىتىگە قاتناشقان ،ئۇ بۇ ھەركەتتە «3-دەرىجىلىك خىزمەت  كۆرسەتكەن»ۋە تەلىم-تەربىيىدە 3-قىتىم «5تە ياخشى جەڭچى»بۇلۇپ باھالانغان.
   1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىئۇننىڭ 3-رۇيتىسى  قەشقەرگە يۇتكىلىپ ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇيتىسى بۇلوپ تەشكىللىنىدۇ، ئىسمائىل ئەمەت 3-رۇتا تەركىۋىدە قەشقەرگە بىرىپ 3-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرلىقىغا تەيىنلىدۇ،1962-يىلى 10ئايدا جۇڭگۇ-ھىندىستان چىگىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ، قايتۇرما ھۇجۇم بېرىش  ئۇرۇشى باشلىنىدۇ،ئىسمائىل ئەمەت پولك تەركىبىدە ئۇرۇشقا كاتنىشىدۇ ،ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،ئۇ1964-يىلى 3-ئايدا ئاخسۇ  كونا شەھەر ناھىيىلىك (ھازىرقى ئۇنسۇ ناھىيىسى) خەلق قۇراللىق بۆلىمىگە يۇتكىلىپ1971-يىلى 9-ئايغىچە قۇماندانلىق بۆلىمىنىڭ سىتاپ ئوفىتسېرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.  
   ئىسمائىل ئەمەت 1971- 10-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ ،1974-3-ئايغىچە  سابىق كۇمۇل ناھىيە ئاستانە گۇڭشى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى 1980-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە پالۋانتۇر يېزىلىق تەمىنات كوپراتىپنىڭ مۇدىرى ھەم پايتىيە ياچىكا شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    ئىسمائىل ئەمەت 1992-يىلى 7-ئايدا دەم ئىلىشكا چىقىدۇ،ئۇ2000-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۇنى كېسەل سەۋەۋى بىلەن 63 يىشىدا  قۇمۇلدا ۋاپات بۇلۇدۇ.
ئىسمائىل سىدىق
      1942-يىلى 6-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ شەرقى ئۆستەڭ رايۇنى يۇقىرى ئاقيەر كىەنىتىدە  تۇغۇلغان ،1956-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلغان.
1953-يىلى 8-ئايدىن 1956-يىلى 7-ئايغىچە يۇقىرى ئاق يەر باشلاىغۇش مەكتەپتە ئۇقىغان،1958-يىلى 12-ئايغىچە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلانغان.
1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەرەمباغ مۇستەقىل باتالىيئۇنغا  بىۋاستە قاراشلىق سىۋەز (ئالاقە)ئود لىندە ئەسكەر ،ئود لىنيە كوماندىر بولغان 1961-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە  شىنجاڭ ھەربى رايۇنى كادىرلار مەكتىۋىدە وقۇغاندىن كىيىن ھەرەمباغ باتلىيئۇن 2-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ھەمدە ئىلى ھەربى رايۇننىڭ چاپچال ناھىيىسىدىكى مەيداندا بوزيەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ.
1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ باتالىيئۇننىڭ 3-رۇتىسى يۇقۇرنىڭ بۇيرىغى بىلەن يۇتكىلىپ كىلىپ قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ تەشكىللىنىدۇ،ئىسائىل سىدىقمۇ قەشقەرگە يۇتكىلىپ كىلىپ 3-رۇيتا 2-ئىزۋۇدنىڭ موئاۋىن كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ .
1962-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان چىگىرىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ ،قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى باشلىنىدۇ.ئىسمائىل سىدىقمۇ مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولك تەركىۋىدە ئۇۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ،مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولىك 3-رۇتىسى شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىيەنۋېنىتىيەن دېگەن يىدە ئېگىز تاغنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ ،رۇيتا كوماندىرى ھۈسەيىننىڭ قۇماندانلىقىدا  دۇشمەنگە ياردەمگە كەلگەن ئىككى ماشىنائەسكىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قۇلغا كەلتۇرىدۇ. ئۇرۇشتىن كىيىن 3رۇتا 3 كۇن دەم ئالىدۇ ،ئاندىن شىزاڭنىڭ جىنزون ناھىيىسىگە كىلىپ ئۇچ-تۇت كۇن تۇرغاندىن كىيىن پولك كوماندىرى ئىزىزۇف قاسىمنىڭ بۇيرۇغى بىلەن 3- رۇتا تاغ ئىچىگە كىرىپ ،چىدىر تىكىپ دۇشمەندىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىرگە ،ئۇرۇشتا قۇربان بۇلغان جەڭچىلەرنى دەپنە قىلىدۇ.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،مۇستەقىل3-ئاتلىق پولك قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ.ئىسمائىل سىدىق 1963-يىلى 7-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ،1981-يىىچلى 9-ئايغە ئاپتۇنۇم رايۇىلۇق قاتناش نازارىتى قەشقەر 6-شىركىتى 8-كالۇندا رېمۇتچى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ ،1981-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى  تاشيۇل باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇمۇل باش ئۇچاستكىسىغا يۇتكىلىپ ،1988-يىلى 10-ئايغىچە ئىشلەپ دەم ئىلىشقا چقىدۇ.  
图片8.png
          ئابدۇرىھىم ئابدۇۋايىت
      ئابدۇرىيىم ئابدۇۋايىت 1943يىلى9-ئايد قەشقەر ۋىلايەت پەيزىۋات ناھىيە قىزىل بوي4-رايۇن ئاپپاغۇجا 14-دادۇيدە دىھقان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،1950-يىلدىن 1958-يىلى 7- ئايغىچە پەيزىۋاتتا باشلانغۈچ ۋە  ئۇتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇقۇپ 1958-يىلدى 1960 يىلى 1-ئايغىچە قىزىل بۇيا گۇڭشىدا سەنئەت ئۈمەكتە ئىشلىگەن. 1960-يىلى 1-ئايدا  جۈڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەگە قاتناشقان،شۇ يىلى جۈڭگۇ –ھىندىستان چىگراسىدا باندىت تازلاش ئۇرىشىغا قاتنىشىپ «3-دەرىجىلىك»خىزمەت كۆرسەتكەن .شۇ يىللىرى بىر تەرەپتىن دولەت مۇداپىئە تاشيولى تاساپ، بىر تەرەپتىن باندىتلار بىلەن جەڭ قىلغان. ئابدۇۋايىت تۇرغان قىسىم تېراىسىپوت توگە يىڭ بولۇپ جۈڭگۇ –چىندىستان چىگىراسىدىكى قىسىمغا  ماشىينا بارالمىغانلىقى ئۇچۇن توگە بىلەن كار-مۇزتاغلاردىن ئېشىپ تەمىنات يەتكۈزۈپ بەرگەن.ئۇ1962-يىلى 7-ئايدا قەشقەردە يۈرۈشلۈق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولك ئىغىر پىلىمۇت لىيەنگە يۇتكىلىپ ئىسمايىل مەمەت بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ.1962-يىلى 10-ئايدا جوڭگو-ھىندىستان ئۇرۈشىغا قاتنىشىپ «2.دەرىجىلىك»خىزمەت كۆرسىتىدۇ،.ئۇرۈشتىكى ئالدىدا بايان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن قايتا تەكرارلىمىدىم.
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت سەبدىشى ئسمايىل مەمەت قۇربان بولغاندىن كىيىن، ئسمايىل مەمەتنىڭ ئورنىغا ئۈچىنچى ئودلىيە كۇماندىرى، ئىزىۋۇت، رۇتا،باتالىيۇن، پولىك كوماندىرى بۇلۇپ، 29 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۇزۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئۇ قىسىمدا روتا باتالىيۇن دىۋىزىيە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايۇن، شىنجاڭ ھەربىي رايۇن، ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىلغار نەمۇنىچى بۇلۇپ باھالىنىپ، قىسىمغا زور شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ئىلغار شەخس. ئۇ 1969-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان پارتىيەنىڭ 9-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بۇلۇپ، سايلانغان پارتىيە 9-قۇرۇلۇتىيىغا قاتنىشىپ ماۋجۇشىنڭ ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنڭ قۇبۇل قىلشىغا مۇييەسسەر بولغان. ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت 1989-يىلى قسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ قەشقەر ۋىلاتلىك سىياسى قانۇن خىزىمتىنى ئون بەش يىل ئىشلەپ 2003-يىلى پىنسىيىگە چىققان ئۇ ياشىنپ قالغىنغا قارىماي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق ساقلاش  خىزمىتىدە  پىدائىي بۇلۇپ ئىشلەپ سەككىز يىلدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 12 ناھىيە شەھەرگە بىرىپ ئىزچىل تۈردە مۇقۇملىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلۋاتىدۇ.
图片9.png

غۇجا ئەخمەت ئىسمايىل
1959-يىلى 10-ئايدا ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718قىسىم ئېغىر پىلمۇت  روتىسىدا ئەسكەر بولغان. 1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق 7994-قىسىم 3-روتىغا يۆتكىلىپ بارغان. غوجا ئەخمەت ئىسمايىل كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەمەت تۇرغان بىرىنچى ئىزۋوت 3- ئوتدېلىيەگە تەقسىم قىلىنغان ئۇ 62-يىلى 10-ئايدا ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇرۇشتا 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. غوجا ئەخمەت ئىسمايىل 62-يىلدىن 77-يىلغىچە قىسىمدا ئىشلىگەن. 1977-يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ تۇرپان ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدا ئىشلىگەن 1985-يىلى پوچتا ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان.
图片10.png

ياقۇپ روزى
ياقۇپ روزى 1959-يىل 10-ئايدا ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718 قىسىم 3-روتىدا ھەربى خىزمەت ئۆتىگەن.
1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق 3-ئاتلىق قىسىمغا (يەنى 7994 قىسىم) غا يۆتكىلىپ بارغان. 1962 يىلى 10-ئايدا جوڭگو ھىندىستان ئۇرشىغا قاتناشقانئۇ دىڭىز يۇزىدىن 5000مىتىر ئېگىزلىكتە سەبداشلىرى بىلەن مۇرىنى مۇرى تىرەپ ھەربىلەرگە خاس جەسۈرلىغىنى جارى قىلدۇرۈپ ئۇرۇش غەلبىسى ئۇچۇن بىركىشلىك رۈلىنى جرى قلدورىدۇ ،قسىم ئۇنۇڭغا«3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى»دەپ ئەنگە ئالىدۇ.
1965-يىلى كادىرلىقىغا ئۆستۈرۈپ كورلا بۈگۈر ناھىلىك خەلق قۇراللىق بۆلمىدە ئىشلەيدۇ،. 1981-يىلى كەسىپ ئالمىشىپ تۇرپان شەھەرلىك ھاراق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن 1982-يىلدىن 85-يىلغىچە شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپتە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. (88-يىلدىن 98-يىلغىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خۇجلىق بۆلمىدە ئىشلىگەن. 1998-يىلى پىنسىيەگە چىققان.
图片11.png

ئابدۇللا ئېزىز
ئابدۇللا ئېزىز 1942-يىلى 8-ماي تۇرپاندا تۇغۇلغان تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋيىگە ئىگە.
ئابلا ئېزىز 1960-يىلى ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718 قىسىمدا ئەسكەر بولغان. 1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق(7994) مىللى 3-ئاتلىق قىسىمغا يۆتكەلگەن. 1962-يىلى جوڭگو ھىندىستان ئۇرشىغا قاتناشقان. (يەنى ئۆزمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش ئۇرشىغا قاتناشقان) ئابدۈللا ئېزىز ئۇرۇش مەزگىلىدە قەھرىمان ئىسمايىل مەمەت بىلەن تىيەن ۋىن تىيەن چاڭ شاكۇ جەڭ رايۇنىدا ئۇرۇش قىلىپ «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.»
ئابدۇللا ئېزىز 1965-يىلى قىسىمدىن يەرلىككە ھەربىدىن بوشاپ 5 يىللىق ھەربى خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرپان شەھرىگە قاراشلىق يېزىدا دىققان بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ يېزىغا كېلىپ ئارمىيمىزنىڭ ئىسىل ئىستىلنى  جارى قىلدۇرۇپ كەنىتنىڭ يىساۋات  ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ھەم خەلىق ئەسكەرلەر روتا كوماندىرى بولغان. 1982-يىلدىن 1994-يىلغىچە ماي زاۋۇتقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يېزىدىكى دىھقانلانىڭ زور ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پىشقەدەم جەڭچى.
图片12.png

موللا نىياز
موللا نىياز 1940-يىلى شىنجاڭ قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تولۇقسىز مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بولۇپ 1956-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنىكىتىدا مەخسۇس 6 ئاي تەربىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان. 6 ئايلىق تەربىلەشتىن  كېيىن ئاپتونۇم رايوننىڭ بىر تۇتاش تەخسىماتى بىلەن شىنجاڭ بۆرتالا ئوبلاسلىق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1960-يىلى 3-ئايدا بۆرتالا ئوبلاسلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدىن ھەربى سەپكە قاتنىشىپ غۇلجا ھەرەم باغ 3824 ئىككىنچى روتىدا جەڭچى بولۇپ ئىشلىدى. 1962-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو ھەندىستان چىگىرا ماجىراسى بولغاندا قەشقەر خاڭدىدا تۇرۇشلۇق 3-ئاتلىق پولىك (7994) قا يۆتكەلدى. ئەسلىدىكى 3824-قىسىم 2-روتا قەشقەرگە يۆتكۈلۈپ بارغاندا 7994-قىسىمنىڭ 3-روتا قىلىپ ئۆزگەرتتى.
1962-يىلى ئاۋغىستتا بۇيرۇق بويىچە شىزاڭنىڭ  داخۇڭلۇتەن، شاۋ خۇڭلۇتەن، تىيەنۋىنتىيەنلەردىكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقان. دۈشمەنلەرنىڭ 6-زاستان، 17-زاستان، 31-ۋە نامەلۇم پوتەيلەرگە كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، پوتەيلەرنى ۋەيران قىلىپ ئۇرۇش غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن. تاجاۋۇزچىلارنى مىكىماخۇن سىزىقىدىن چىقارغان. ئاخىرقى ئۇرۇش غەلبىسى جەڭلىرىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. ،ئۇرۈشتىائۇنىڭغا «3-دەرىجىلىك» خزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالىدۇ،
1963-يىلى 8-ئايدا ھەربىي سەپتىن بوشاپ، غۇلجا قورغاس ناھىيە سەنگۇڭ يېزىغا يەنى ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ تا ھازىرغىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.
图片13.png

ئابدۇجاپپار ساتتار
ئابدۇجاپپار ساتتار (1944-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ بۆرتالادا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بۆرتالا شۈيىڭپەن بازار تاۋىن سالا كەنتىدە دىھقان بولغان.
1960-يىلى 3-ئايدا جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. ئۇ 1960-يىلى 3-ئايدىن 1962-يىلغىچە غۇلجا ھەرەمباغ 3718-قىسىمدا ئىشلىگەن. 1962-يىلى جوڭگو-ھىندىستان چىگرا ماجراسى يۈز بەرگەندە قەشقەر خاڭدى 7994-قىسىم يەنى (3-ئاتلىق پولىققا) يۆتكەلگەن. 1962-يىلى يۇقۇرنىڭ بۇيرىقى بىلەن شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىغا بېرىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قايتارما زەربە بىرىش ئۇرشىغا قاتناشقان ھاۋا شالاڭ قاتتق-سوغۇق تاماقلىنىش-ئسسىنىش شارائىتى ئىنتايىن ناچار تىيەنۋىنتىيەن سچۇەنخى رايۈندىكى  جەڭلەردە ئۇزىنىڭ مەرگەنلىگىنى جارى قىلدۇرۇپ قاشقان دۇشمەننىڭ بىرنىمۇ قاچۇرماي يەر چىشلىتىدۇ،دىڭىز يۇزىدىن 5000مىڭ مىتىردىن ئىگىز ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكتەك جاپالىك ئەھۋالدا ئارمىيمىزنىڭ جاپاغا باش ئەگمەس روھى بىلەن ئۇرۇش غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشقان.ئۇ ئۇرۈشتا «مەرگەن» دىگەن نام بىرىلگەن ھەمدە «2-دەرىجىلىك خىزمەت كورسەتكەن»دەپ ئەنگە ئالىدۇ،1963-تىلى  شىنجاڭ ھەربى رايۇن بويىچە قارغا ئىتىش مۇسابىقىدا 2-بولۇپ زۆر شان-شەرەپكە ئىرىشىپ گىنىرال خىلۈڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نايىل بولىدۇ.
ئۇ 1964-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ بۆرتالاغا قايتىپ يېزىدا كەنىتنىڭ خەلق ئەسكەرلەر روتىسنىڭ روتا كوماندىرى بولۇپ 1978-يىلغىچە ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلانماقتا.

تۇرسۇن ھوشور
   تۇرسون ھوشور 1942-يىلى 12-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتې پەيزىۋات ناھىيە قىزىل بويى  يىزا قارا يانتاق كەنىتتە دىھقان ئائىلىدە تۇغۇلغان.1950-يىلى 9-ئايدىن 1958-يىلى 7-ئايغىچە يېزىلىق بازاردا  باشلانغۇچ ،ۋە يولوقسىز ئۇتتورا مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەن 1958-يىلى 11-ئايدىن 1959-يىلى12-ئايغىچە  قىزىل بۇيا يىزا قارا يانتاق باشلانغۇچ مەكتەپتە خەلق ئوقوتقۇچى بۇلغان.1959-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ مۇستاققىل 3-ئاتلىق پولك ئالەقە رۇتا 2-ئىزۋۇد 6-ئودلىنيەدە جەڭچى ،ئۇ قىسىمغا قىرگەن تۇنجى قەدىمىىدىن باشلاپ بارلىغىنى قىسىم قۇرلۇشغا بىغىشلاپ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئېشلىگەنلىگى ئۇچۇن 1961-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ،1960-يىلى كوئىلۇن ئىگزلىگىدە  تاشيۇل ياساش جەريانىدا ھاۋا كىلىماتى ناچار ئەخۋال ئاستىدا جاپالىق  ئىشلەپ يۇقۇرنىڭ ئالاھەدە تەغدىرلىشىگە نايىل بولىدۇ،كوئلۇن ئىگىزلىگىدە باندىت تازلاش ئۇرۇشىغا قاتنىىشىدۇ.1962 –يىلى 10ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ دىڭىز يۇزىدىن 5000مىتىردىن يۇقۇرى ئېگىزلىكتە ھاۋا شالاڭ ئوكسىگىن يىتىشمەيدىغان ئىنتايىن ناچار شارائىتتا  سەبداشلىرى بىلەن ئاققار-كوك مۇزلاردا ،قارلىق شىۋىرغانلاردا جاپادىن قوقماي ھاردىم-چارچىدىم دىمەي ئالدىنقى سەپلەرگە بىرىپ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىدۇ ،ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا  يۇقۇرنىڭ تەغدىرلىشىگە نائىل بولىدۇ.ئۇ40 يىللىق ھەربى ھاياتىدا ئودلىنە،ئىزۋۇد رۇتا  مۇئاۋىن باتالىيۇن كوماىدىر ،پولك تەشكىلات-تەشۋىقات بولۇم مۇدىر ،دىۋىزىيەنىڭ مۇئاۋىن سىياسى باشقارما باشلىقى،دىۋىزىەنىڭ موئاۋىن  سىياسى كومىسارى ، ئاقسۇ شۆبە ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ،جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇنى سىياسى باشقارمنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتىگەن .  مۇئاۋىن پولك كوماندىرى.بولغان. ئۇپارتىيە ئىچىدە ياچىكا شۈجىسى،  باتالىيۇن-پولىك پارتىكومدا شۈجى قاتارلىق ۋەزىپىلەنى ئۆتىگەن.شۆبە ھەربىرايۇن پارتىكۇمنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى قۇشۇمھە ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىتنىڭ شۇجلىق ۋەزىپىلەرنى  ئۆتىگەن.ئو ئىلگىر- ئاخر بولوپ 1975-يىلدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە پارتىيە مەكتەپتە، جۇڭگو خلق ئازاتلىق ئارمىيە سىياسىي ئونۋىرستتا تولۇق كورسا مەلۇمات ئالغان ئۇ قىسىمدىكى 40 يىل جەريانىدا تىبەت ئېگىزلىگىگە 15 قىتىم چىققان،  5 يىل مۇقۇم تۇرغان،  40 يىللىق ھەربى ھاياتىدا 25 بەش قىتىم «بەشتە ياخشى »جەڭچى،ئېلغار خىزمەتچى ،مۇنەۋەر كومپارتىيە ئەزاسى 2 قىتىم 3-دەرىجىلىك ،1 قىتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالغان .1987-يىلى (سىتارشى پولكورنىك)بىرىلگەن .ھەم( دىۋىزىيە كوماندىرى) ۋەزىپىدە ئېشلەپ 1999-يىلى 1-ئايدا دەم ېلىشقا چىققان.   
图片14.png

سۇلايمان ئىمىن
سۇلايمان ئىمىن 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ناھىيە لەڭڭەر سۇللۇغ تۈگمەن بېشى مەھەللىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. 43-يىلدىن 50-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان. 1950-يىلدىن 1961-يىلغىچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. (شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە) 1961-يىلى شەرەپ بىلەن جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. ئۇ قەشقەر خاڭدى 3-ئاتلىق پولىك پىلموت روتا 1-ۋىۋزوت 3- ئوتدېلىيەدە ئىشلىگەن. يەنى كۆرەش قەھرمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ئوتدېلىيەدە
1962-يىلى 10-ئايدا مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومتىتىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن جوڭگو-ھىدىستان چىگرا ماجراسىدا ئۆز خىزمىتىنى قوغداپ قايتارما زەربە بىرىش جىڭىغا قاتناشقان سۇلايمان ئىمىن 3-ئاتلىق پولىك ئېغىر پىلموت روتىسىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن بىرگە 1-قېتىملىق جەڭگە دېڭىز يۈزىدىن 5000 مىتىر ئىگىز بولغان تىيەنۋىن تىيەن رايونىدىكى شىڭشاۋەندە جەڭگە قاتنىشىدۇ. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ تىمپىراتورا 0 دىن تۆۋەن 38 سىلسىيە گىرادۇس ئىدى. پاختىلىق چاپان، جۇۋىلار ھېچنىمگە دالدا بولمايتى. پولىك كوماندىرلىرىنى قوغداش پارلاش ۋەزەپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 3-ئوتدىلكۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ دۈشمەننىڭ پىستىرما چەمبىركىگە يىقىنلاپ قالغان، ھىلىگەر دۈشمەنلەرنىڭ بۇ جايغا سىرىتتىن كۆرۈنمەيدىغان ئۆزلىرى ئەپچىل ھەركەت قىلالايدىغان يوشۇرۇن ئاكوپقا كىرۋېلىپ3- ئوتدېلىيەگە كىرۋىلىپ ياندىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇدۇل كېتۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ چاقىغا ئوق تېڭىپ ئاپتوموبىل توختاپ 3- ئوتدېلىيە قىيىن ئەخۋالغا دۇچ كىلدۇ. جىددى ئەھۋال قوللانمىسا مىنۇتقا قالماي بارىلىق جەڭچىلەر قۇربان بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى. روتا كاماندىر ئوبۇل مۇسا قايتارما زەربە بېرىش بۇيرىقىنى بىرىدۇ. بۇ چاغدا ئىسمايىل مەمەت ئاپتۇمات بىلەن ئوت ئاچىدۇ. ماشىنىدىكى جەڭچىلەر ماشىنىدىكى سۇ قاچلانغان باكلارنى دالدا قىلىپ دىسكىلارغا تىزلىكتە ئوق قاچلايدۇ. ئېغىر پىلموتنى ماشىنا ئالدىدىن كوزۇپ ئىچىگە چۈشرۈپ دۈشمەنگە قارشى شىددەت بىلەن ئوق ئۈزىدۈ. دۈشمەن ئوت كۈچۈ پەسىيدۇ. شۇ ئەسنادا ئوتدىليە كوماندىر ئىسمايىل مەمەتنىڭ سول بىلكىگە ئوق تىگىپ بىرتال سۆڭەك ساڭگىلاپ قالىدۇ. سۇلايمان ئىمىن تىزلىك بىلەن يارسىنى تاڭىدۇ. سۇلايمان ئىمىن بىر تەرەپتىن ئېغىر پىلموت لىنتىگە تىز ئوق قاچىلاپ رىكوت يارتىدۇ.
3-ئوتدىليەدىكى جەڭچىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئىسمايىل مەمەتنىڭ توغرا قومانداللىقىدا ۋە ئۆلۈمدىن قوقىماي جەڭ قىلىش روھىدا ئون مىنۇتتا جەڭنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇردىدۇ. ۋە جەڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ دۈشمەننىڭ 17 ئادىمىنى ئېتىپ يەر چىشلىتىدۇ. يەتتە ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ئوتدىليە كاماندىرى ئىسمايىل مەمەت ۋە شوپۇر قۇربان بولىدۇ. روتا كوماندىرى ئوبۇل مۇسا ۋە تۆت جەڭچى ياردار بولىدۇ. ئۇرۇشتىن خۇلاسە چىقارغاندا ئىسمايىل مەمەتنى دۆلەتلىك كۆرەش قەھرىمانى سۇلايمان ئىمىننى 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نام بىرىدۇ. سۇلايمان ئىمىن 1962-يىلدىن تارتىپ ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ئوتدېلىيەدە        مۇئاۋىن كوماندىر، كوماندىر، ۋىۋزوت كوماندىر، روتا ئورۇن باسارى، روتا كوماندىرى بولۇپ ئىشلەپ 1973-يىلى 8-ئايدا 8-ئايدا كەسىپ ئالمىشىپ قەشقەر يېزا ئېگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا رەھبەر بولۇپ ئىشلەپ 1979-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىدە سوت كاتىۋى، ياردەمچى سوتچى، سوتچى بولۇپ ئىشلەپ 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىقتى.
   
      ئىزچىلار
        ئىزچىلەر ھەققىدە ئىزاھات
كۆرەش قەخرىمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاختىكى كوماندىر جەڭچىلار ،قەخرىمانىمىز داۋاملاشتۇرالمىغان ئىنقىلاۋى كۆرەشلەرنى ئىز بىسىپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۈپ .قسىم قۇرلۇشى ،جەمىيەت .ئامانلىقى ۋە مۇقۈملۇق ئۇچۇن كۈشنى –كۈشكە ئۇلاپ ئارمىيەمىزنىڭ شارەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۈنلاپ كەلمەكتە.ئۇلار بۇلسا.  

كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىزى ئانارگۈل ئىسمايىل
بارلىق تورداشلارغا  مۈنەۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ،جۈڭخۇا مىللىتىنىڭ ،شۈنداقلا ئۇيغۈر مىللىتىنىڭ مۈنەۋەر ئوغلانى،كۇرەش قەخرىمانى ،ئىنقىلاۋى قۇربان ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بايان قىلغان ئىدىم ،ئوقۇرمەىلەرنىڭ ئىسىدا بولسا كىرەك ئىسمايىل مەمەت  ئۇرۇشقا ماڭغاندا  ئايالى ئۇنى ئۇرۇشقا بارماسلىققا چىڭ تۇرۋالغاندا ،ئايالىنىڭ خىتىنى بىرىپ، قىزىنى ئانىسىغا تاپشۇرۈپ جەڭگە ماڭغاندىكى قۇرلار، تۆۋەندە پەخىرلىق ئوغلانىمىزنىڭ قىزى پولكۇۋنىك ئانارگۈل ئىسمايېل .
   图片15.png


ئانارگۈل ئىسمايىل 1960-يىلى 1-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيە ئۇچا يېزا ياۋاغ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئانارگۈل مومىسى گۈلنارخاننىڭ تەربىيىسىدە ۋە پارتىيەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۇچا يېزا باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغان.
ئانارگۈل 1975-يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ 1-ئايدىن 3-ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەربىيلەش چوڭ ئەترىتىدە تەربىيىلەنگەن. 1975-يىلدىن 2001-يىلغىچە قۇرۇقلىق ئارمىيە 12-دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىدە سېستىرا، سېستىرالار باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئارمىيەگە قاتناشقاندىن تاكى پىنسىيەگە چىققىچە ھەر يىلى ئىزچىل ھالدا دوختۇرخانا، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى، لەنجۇ ھەربىي رايونى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىش  بىلەن بىرگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بويىچە«ئىلغار مۇداپىئە قوغدىغۇچى» ھەم «ئىلغار خىزمەتچى» دەپ نام بەرگەن. 2000-يىلى ئاپتونۇم رايونى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاق نەمۇنچىسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئۈچ قېتىم ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالغان.
图片16.png

ئانارگۈل ئىسمايىل دادىسى  ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىنقىلابى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پولكوۋنىك،ئۇ 25 يىللىق ھەربى ھاتىدا ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ كۇيۇپ ،قىسىمدىكى ھەرمىللەت كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن  مۆرى مۆرىگە تىرەپ ئىشقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ ئىشلەپ ،بىمارلارغا ئالاھىدە غەمخۇرلىق قىلىپ ،ئەتىراپتىكىلەرنى ،قىسىمدىكى كوماندىر جەڭچىلەرنى تەسۇرلەندۇرگەن ھەقىقى ئاق خالاتلىق پەرىشتە، مۈنەۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ئۇ ئىزچىل ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىسىم قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى داۋامىدا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر جەڭچى.2000-يىلى پولىك دەرىقى بىلەن دەم ئىلىشقا چىقتى.  
ئىلىشقا چىقتى ،« پولكوۋنىك»ئىنۋان بىرىلگەن
图片18.png

ئىمىن توختى
ئىمىنتوختى ئاۋدۇن 1958-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيسىدە كادىر ئائىلسىدە تۇغۇلغان. 1974-يىلى 12- ئاينىڭ 1-كۈنى ھەربى سەپكە قاتنىشىپ، «36213» قىسىم ئاز سانلىق مىللەت 6-روتىسنىڭ كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان 3-ئودلىنيەدە ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1976-يىلى 4-ئايدا پارتىيگە كىرگەن، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە.
1975-يىلى 7-ئايدىن 1976-يىلى 7-ئايغىچە جوڭگو-ھىندىستان چىگرىسدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. 1976-يىلى 3-ئايدا 3- ئودلىنيە ئورۇنباسار، 1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 8-ئايغىچە ودلىنيەدە  كاماندېرى بولغان؛ 1978-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 3-ئايغىچە 2-ۋىزۋوتنىڭ كوماندىرى بولغان؛ 1983-يىلى 3-ئايدىن 1985-يىلى 11-ئايغىچە 6-روتىنىڭ مۇئاۋىن سىياسي يىتەكچىسى 1985-يىلى 11-ئايدىن 1988-يىلى 1-ئايغىچە سىياسي يىتەكچىسى بولغان؛ 1988-يىلى 1-ئايدىن 1991-يىلى 3-ئايغىچە «36214» قىسىم 2-باتالىيوننىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بولغان (ھەربى ئۇنۋانى سىتارشى لېيتېنات)؛ 1991-يىلى 3-ئايدىن 1992-يىلى 3-ئايغىچە «36241» قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى (ھەربى ئۇنۋانى مايور)؛ 1992-يىلى 3-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە قاغىلىق ناھىيلىك خەلق قۇراللىق بۆلمى ھەربى ئىشلار بۆلمىنىڭ باشلىقى؛ 1993-يىلى 3-ئايدىن شۇ يىلى 11-ئايغىچە «36214» قىسىمنىڭ مۇئاۋىن سىياسي كومىسسارى بولغان. 1993-يىلى 11-ئايدا يەكەن ناھىلىك قۇراللىق بۆلمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن (ھەربي ئۇنۋانى پود پولكوۋنىڭ). 1997-يىلى 11-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە «69210» قىسىم سىياسىي بۆلمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (پولكوۋنىك). بۇمەزگىلدە، 1998-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.
2003-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 11-ئايغىچە تارباغاتاي شۆبە ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قومانداللىقىغا تەيىنلەنگەن(ھەربىي ئۇنۋانى سىتاشى پولكوۋنىك) 2003-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە خوتەن شۆبە ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قومانداللىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىلدە 2005-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە ۋە 2008-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 2-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.
2012-يىلى 2-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە ئۈرۈمچى گانىزونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 2013 يىلى 3-ئايدا گارنىزونىدىن شەرەپ بىلەن پىنسىگە چىقپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتىدۇ.
قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىللىرى:
ئىمىن توختى ئاۋدۇن كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاختىدا تۇرغان روتىدا ئوتدېلىيە ئورۇنباسارى، ئوتدېلىيە كوماندرى، ۋىۋزوت كوماندىرى، سىياسى يىتەكچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەرپىدىن «لېيفىڭدىن ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى»، «ئىلغار ئوتدېلىيە كوماندىرى»، «ئىلغار پارتىيە ئەزاسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ھەم قىسىم تەرپىدىن بەش قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.
2003-يىلى 2-ئايدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئىمىن توختى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايون تەرپىدىن «ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نەمۇنچى» بولۇپ باھالانغان.  بولۇپمۇ ئۇ شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپتىدە ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجاننڭ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئوقۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسى تەرپىدىن كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىنغان.
يولداش ئىمىن توختى 40 يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىدا دېڭىز يۈزدىن 5000 مىتىر ئىگىزلىكتىكى جوڭگو-ھىندىستان، پاكىستان چىگرىسدا 87 قېتىم، 1600 كۈندىن ئارتۇق چىگرانى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرلىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. ئىمىن توختى قىسىمدا خىزمەت ئۆتەيدىغان مەزگىلدە لەنجۇ ھەربىي رايوندىن «كونا ئاساسى قاتلاملار كونا مۇداپىئە ئورنى» «كونا ئىگىزلىكتىكى» مۇنەۋەر ھەربىي جەڭچى- ھەربىي رايوننىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى دىگەن شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان. ئۇ 1989-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىينڭ ۋەكىلى بولۇپ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان.
ئىمىن توختى ئارمىمىز يىتىشتۈرۈپ چىققان مۇنەۋەر پولكوۋنىك ئۈگۈنىشكە ئەرزىيدىغان مۇنەۋەر جەڭچى!
图片19.png

ئابدۇرسۇل خالىق
1947-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇرپان ناھىيە قارغوجا يېزىسىدا تۇغۇلغان، قارغوجا يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىتپاق تەشكىلىگە كىرگەن، 1965-يىلى دادۈي قۇراللىق خەلىق ئەسكەرلىرى پەينىڭ پەيجاڭى بولغان. 1965-يىلى 10-ئايدا شەرەپ بىلەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق 7994-قىسىم 3-ئاتلىق پولىك 3-لىيەن 3-پەي 8-بەندە ئەسكەر بولغان. 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى پارتىيگە كىرگەن. 1967-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 9-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى سودا ئىدارىسىگە قاراشلىق زوڭخا چاڭ تاشقى تىرانسىپور   قاتارلىق ئورۇنلاردا ئامىۋىي خىزمەت ئىشلىگەن. (1986-يىلى 8-ئايدا 3-لىيەن 3-پەي 8-بەنگە بەنجاڭلىق بۇيرىقى چىققان)، 1968-يىلى 10-ئايدىن 1969-يىلى 3-ئايغىچە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيسىدە ج،خ، ئەدىلىيە، سوت قاتارلىق ئورۇنلارنى  ھەربىي ئىدارە قىلش خىزمىتىگە قاتناشقان.
1969-يىلى 3-ئايدىن 1969-يىلى 9-ئايغىچە ھەربىلەر دىھقانچىلىقمەيداندا زىيالىي ياشلار 2-روتا 9- ئودنلىيە كوماندىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان. 1969-يىلى 9-ئايدا 7994-قىسىمنى يەركەندە تۇرۇشلۇق 6-دىۋزىيەگە ئۆتكۈزۋەتكەندىن كېيىن 6-دىۋزىيەگە 8028-قىسىم (16-پولىك 2-باتالىيۇن 6-روتا) 1-ۋىزۋوت كوماندىرى بولغان. (بۇ 3-لىيەن 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان 7994-قىسىم ئېغىر پىلموت)تىن 1971-يىلى 6-ئايدا ھەربىي سەپتىن قايتىپ تۇرپان ناھىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ قوغداش خىزمىتى ئاشلىق سېتۋېلىش خىزمىتى، يېزا ئىگلىك ياردەم بېرىش خىزمىتى، تۇرمۇش باشقۇرۇش خىزمىتى، ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ مەسئۇللۇق خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، 1999-يىلى 10-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان. ھازىر تۇرپان شەھەر كونا شەھەر يولى سەنۋەن كوچىسى 17-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق.

مەمەت موللاق
مەمەت موللاق 1952-يىلى ئاقسۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1969-يىلى 10-ئايدىن 1972-يىلى 12-ئايغىچە ئاقسۇدا يىتەكچى خەلىق ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1972-يىلى 12-ئايدا جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. ئۇ ئارمىيدە كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ودلىيەدە جەڭچى،ئودلىيە كوماندىرى ،بولغان 1975-يىلى 6-ئايدا دىۋىزىيە ئورگانغا يۆتكىلىپ كاتۋات بۆلمىدە ئىشلىگەن ئۇ 1977-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ كەلگەندىن كېيىن ئانا يۇرتى ئاقسۇغا كېلىپ كەنىت-يېزىدا يېزا پارتىكوم شۈجىسى، كەنىت باشلىقى شەھەرلىك خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىينىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
ئۇ قىسىمدا ئىسمايىل مەمەتنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەن-خەلىقنى سۆيۈش، قىسىم قۇرلىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسسە قوشقان. ئۇنىڭ خىزمەتلىرى كۆرنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قىسىم 5 تە ياخشى جەڭچى، بىر قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى. مەمەت موللاق يەرلىككە كەلگە ندىن كېيىن ئارمىيمىزنىڭ ئىسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسى بىلەن ئىناق ئىجىل ئۆتۈپ. ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھالىغا يېتىپ ئۆزخىزمىتىنى دادىل بولۇپ ئىشلەپ 1985-يىلىدىن 1996-يىلغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىكوم تەرپىدىن ئۇدا 9 يىل مۇنەۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ يەنە 1988-يىلى ئون مۇنەۋەر ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇ ھەقىقى پارتىيە ئەزاسىغا خاس ئەخلاقى نىزامى بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن يۇقارقىدەك نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە نائىل بولغان(2015 يىلى 25-ماي 63يىشىدا كىسەل سەۋەۋى بىلەن ھالەندىن ئۆيىدۇ )
图片20.png

تۇردى تۇرسۇن
  تۇردى تۇرسۇن 1946-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتنىڭ نىيە ناھىسىدە ئۇيغۇر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلى دارىلمۇئەللىمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ نەسىيتىگە قۇلاق سالماي، تولۇپ تاشقان ياشلىق باھارى بىلەن ئۆزىنى تەربىلىگەن كومپارتىيەگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ بىر غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىدۇ. قىسىمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئۇنۋىرسىتېتا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى ئىدارە قىلىدۇ. 29 ياشلىق باھارىنى قىسىمدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ 29 يىل جەريانىدا كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ئودلىنيەدە جەڭچى،ئودلىنيە كوماندىرى، ۋىۋزوت كوماندىرى، روتا سىياسى يىتەكچى، قاغىلىق ناھىيەلىك خەلىق قۇرراللىق بۆلمىنىڭ باشلىقى، پارتىكوم سىكىلتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئارمىيەدە 29 يىلى خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا پولىك، دىۋزىيە، ھەربىي رايون تەرپىدىن ئۈگۈنۈش ئۈلگۈسى بولۇپ تىكلەنگەن. ۋە «ھۆكىمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلىقنى سۆيۈشتىكى نەمۇنە» دىگەن ناملارغا نائىل بولغان
   تۇردى تۇرسۇن 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شەرەپ بىلەن تىيەئەنمىن راۋىقىدا زۇڭلى، جۇئىنلەي قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن قوبۇل قىلشىغا مۇيەسسسەر بولغان، ئۇ پارتىيمىز ئارمىيەمىزنىڭ  بىر قوللۇق تەربىيىسىدە قەھرىمان ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ لاياقەتلىك ئۇبولۇپ يىتشىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى ۋە قەتئىي ئالغا ئىلگىرلەش ئىنقىلاۋى روھى ھەيۋەتلىك كونئىنلۇن تاغلىرى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاپ 1992-يىلى 9-ئايدا ئۇ قاغىلىق ناھىلىك قۇراللىق بۆلمىدىن يەرلىككە ئالمىشىپ قاغىلىق تاشيول ئوچاستىكىسى دۇنيا بويىچە دىڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز بولۇپ. تەبىئى شارائىتى ئىنتايىن ناچار جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىمۇ ئەڭ ناچار بولغان شىنجاڭ-شىزاڭ دۆلەت مۇداپىئە تاشيولنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ قىسىمدىكى ۋاقتىدا ئىگىزلىكتە بولدىغان يۈرەك كىسلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىن ئەسلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنېڭ پىكىرى بويىچە ئاپتونۇم رايۇن مەركىزى ئۈرۈمچىدە قېلىپ خىزمەت قىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا كۆڭۈل رىشتىنى كونئىنلۇنغا باغلاپ «ئوكسىگىن كەمچىل» تۆت پەسىلنىڭ ھەمدە قىش بولدىغان گۈل-گىياھمۇ ئۆتمەيدىغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايۇنغا» كىلىپ تاشيول ئاسراش خىزمىتىگە بارلىقىنى ئاتىغان. ئۇ پۈتۈن لىنيەدىكى ھەر قايسى ئەترەتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ-پۈتۈن ئىچكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھال-مۇڭغا يىتىش ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سىردىشى بولۇپ. ئىشچىلارنىڭ يىقىن دوستى، ياخشى رەھبىرىگە ئايلانغان. ئۇ شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولنى ئاسراش خىزمىتىگە ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئىلغار شەخىسكە ئايلاندى. ئۇ ئوچاستىكىدا ئىشلىگەن 9 يىلدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇن ئىچىدىكى تۈرلۈك گىزىت-ژورناللاردا 40 نەچچە پارچە ئىلمى ماقالە ئىلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇ يەنە پارتىيە قۇرلىشى، سىياسى ئىدىۋى خىزمەت توغرىسىدا ئىلمى ماقالە ئېلان قىلدى. «شىنجاڭ گىزىتى» تەرپىدىن مۇنەۋەر خەۋەرچى خادىم بولۇپ باھالاندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ«شىنجاڭ گىزتىدە» ئىلان قىلغان تاشيولچىلار چۈشنىشكە مۇھتاج دىگەن سەرھەۋىلىك ماقالىسى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈردى. يولداش تۇردى تۇرسۇننىڭ گۈزەل ئەخلاقلىق ئىسىل ئىش-ئىزلىرىنى مىڭ بەتلەر يازساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ.  مىڭ بەتلەر ئىچىدىكى كۆڭۈل ئىزخارىمىزنى يىغىنچاقلاپ تۇردى تۇرسۇننى كوئىنلۇن ئىگىزلىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىل گۈل دىسەك بولىدۇ.
图片22.png

ئەخەت مەمەت
ئەخەت مەمەت 1955-يىلى 3-ئايدا خوتەن كېرىيە نايىسىدە تۇغۇلغان. 1969-يىلى 3-ئايدا ئاقسۇ نايىسىدىن جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىپ قەشقەر خاڭدى 3-مۇستەقىل ئاتلىق پولىك ئېغىر پىلموت 3-روتىغا يەنى كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان 3-ئودلىنيەگە تەخسىم قىلغان. ئۇئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئودلىنيە ، ۋىزۋۇت كوماندىر، روتا سىياسى يىتەكچى، باتالىيۇن مۇئاۋىن كوماندىرى، سىتاسى يىتەكچى، 6-دىۋزىيە سىياسى باشقارمىدا دائىملىق ئىش بىجۈرگۈچى، دىۋزىيە كاتىۋات بۆلمىنىڭ باشلىقى، «36213» قىسىمنىڭ ئورۇنباسار سىياسى قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھەربىي ئۇنۋانى(سىتارشى پولكوۋنىك) ئۇ 40 يىللىق ھەربىي خىزمەت تارىخدا نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ پارتىيە تەشكىلى ۋە قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ جەڭچىللىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
ئەخمەت مەمەت 1969-يىلى جوڭگو كومنىستىك پارتىيسىگە كىرگەن. 1971-يىلى 10-ئايدىن 1975-يىلى 5-ئايغىچە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇغان.
1980-يىلدىن 1982-يىلغىچە شىجۇاجۇاڭ ئالى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 2005-يىلى 7-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىپارتىيە مەكتەپتە ئوقۇغان. 2000-يىلى 7-ئايدىن 2001-يىلى 3-ئايغىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتەپتە بىلىم ئاشۇرغان 1977-يىلدىن 1982-يىلغىچە 6-دىۋزىيەدە پارتىكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان.ئەخەت  قىسىمغا كىرگەندىن تاتىپ پىنسىگە چىققانغا قەدەر ياشلىق باھارىنى قىسىم قۇرلىشىغا بېغىشلاپ ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا خىزمەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن لەنجۇ ھەربىي رايۇنى، شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى، 6-دىۋزىيە پولىك دەرىجىلىك ئىلغار پارتىيە ئەزاسى، ئاممىۋى خىزمەت نەمۇنچىسى، ئاساسى قاتلاملار، پارتىيە يىتەكچىسى، ئىلغار شەخىس دىگەن شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان.ئۇ كۆپ قېتىم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتايلىرىغا ۋەكىل بولغان، 1982-يىلدىن 2009-يىلغىچە قىزىل سۇ ھەربىي رايۇننىڭ ئورۇنباسار قوماندانى بولغان. ئۇ 2009-يىلى دەم ئېلىشقا چىقتى.

ئابدىقادىر نۇر
ئابدىقادىر نۇر 1946-يىلى 12-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان، 1963-يىلغىچە كونا شەھەر ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن، ئۇ 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. 1969-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايۇن مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولىكتا جەڭچى، كاتىپ، پولىك شىتاپ بۆلمىدە ئىشلىگەن 1969-يىلى 10-ئايدىن 1973-يىلى 3-ئايغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 6-دىۋزىيە 16-پولىك 6-روتىدا روتا كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1973-يىلى 4-ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايۇنغا يۆتكۈلۈپ 1997-يىلى 5-ئايغىچە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىدا، باشقارما ئورۇن باسار، باشقارما باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئابدىقادىر نۇر 34يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا دېڭىز يۈزىدىن 300 مىتىر ئىگىزلىكتىكى جوڭگو-ھىندىستان چىگرىسىدا ئۇدا بىر نەچچە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئاساسى قاتلامدا خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىلغار جەڭچى قابىل ئوفىسىرلارنى تەربىلەپ يىتۇشتۇرگەن قابىل ئوفسسىر. ھازىر دەم ئېلىشتا .   
ئابدۇراخمان سادىق

ئابدۇراخمان سادىق 1951-يىلى 18-مايدا غۇلجا شەھىرىدە ئۆزبېك ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇ باشلانغۇچ  3-سىنىپقىچە ئوقۇغان.
ئابدۇراخمان 1970-يىلى جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىپ 70-يىلدىن 75- ئاپرىلغىچە سابىق 8028- قىسىم 6- روتىدا ھەربى ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ بەش يىللىق ھەربى ھاياتىدا 1962-يىلىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئوروشىدا يەنى   ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش ۋەتەن ئۇرشىدا قۇربان بولغان ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاختىدا تۇرغان 3- ئودلىنىيەدە جەڭچى ھەم  كوماندىرى بولغان، ئۇ بەش يىل جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ مەدەنىيەت سەۋيىسىنى ئۆزلىگىدىن ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كونا ئەسكەرلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلپ ھەر جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرنۈپ ھەر يىلى يۇقۇرنىڭ ئالاھىدە ئىلغار جەڭچى دېگەن ناملارغا نائىل بولدى.
1972-يىلى سابىق 8028 قىسىم ئىتپاق قۇرۇلتىيىي ئېچىلىپ  قۇرۇلتايدا  ئىتپاق كومتىتىنىڭ دائىمى تەشكىلى ھەيئەت ئەزاسى، 2-باتالىيۇن ئىتپاق كومتىتىنىڭ دائىمى تەشكىلى ھەيئەت ئەزاسى، روتا ئىتپاق ياچايكىسنىڭ ياردەمچى سىكىلتارى بولغان.
ئابدۇراخمان سادىق ئىتپاق كومتىتىنىڭ كادىرى بولغاندىن كىيىن 3- ئودلىنيەدىكى ياشلارنى،روتا ،ئىزۋوتىدىكى ياشلارنى ھەر جەھەتتىن يىتەكلەپ خەلق ئاممىسىغا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ قىسىمغا زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئىلغار ئىتپاق كادىرى دىگەن ناملارغا نائىل بولدى، ئابدىراخمان سادىقنىڭ خىزمەتلىرى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن 1972-يىلى مارىتتا شەرەپ بىلەن جوڭگو كومنىستىك پارتىيسىگە قوبۇل قىلىندى. ھەمدە 3- ئودلىيە كوماندىرى بولدى. 3- ئودلىنيەدە كوماندىر بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە جەڭچىلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ قاتتىق مەشىق قىلىپ يىڭىچە مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يىتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن 3- ئودلىنيە، روتا-باتالىيۇن پولىك رەھبەرلىكلىرنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۇنۋىرسال چېنىققان، يىتىشكەن ئىلغار كوللىكتىپ ئىلغار جەڭچى دىگەن ناملارغا نائىل بولدى. ھەر يىلى 3- ئودلىنيە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نامغا. ئابدۇراخمان سادىققا 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نام بېرىلدى. 3- ئودلىنيە ئىنقىلاۋى قۇربان ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدىن تا ھازىرغىچە ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئىنقىلاۋى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دېگەن ناملار ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.
ئابدۇراخمان سادىق 1975-يىلى تەشكىل تەقسىماتى بىلەن ئانا يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق خەنبىڭ يېزىسىغا (سابىق قىزىل يۇلتۇز گۇڭشىغا) قاراشلىق شەرىق مەھەللە كەنىت 3-ئەترەتكە ئورۇنلاشتى. ئۇ يېزىدا قىسىمنىڭ ئىنقىلاۋى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاممىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن شۇ يىلى كۈزدە ئەترەت باشلىقى بولدى. ئۇ ئەترەت باشلىقى بولغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ دەردىگە دەرمان بولۇپ بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرش تۈزۈمىنى ۋە دارامەت جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ كەنىت-يېزا، شەھەر رەھبەرلىرىنى داڭ قالدۇردى، شەھەر يېزىنىڭ نەق مەيدان يىغىنى 3-ئەترەتتە ئېچىلىپ، يېزا باشقۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى. ئابدۇاخمان سادىققا ئۇ يېتەكلىگەن 3-ئەترەتنى دازەيچە ئەترەت دېگەن نام بىرىلدى ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىلدا بىر دارامەت بېرىشتىن 2 ئايدا بىر دارامەت بېرىشكە بىر سوم ئەتراپىدىكى بىر گۇڭ (10 نومۇر) ئىش ھەققى تەقسىماتى بىراقلا 2.85 يۈەنگە يېتىپ رىكورت يارتىلىپ دېھقانلار تۇرمۇشى ياخشىلاندى.
ئابدۇراخمان سادىق 1976-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچى تۆمۈر يولغا خىزمەتكە قاتناشتى 1976-يىلى ئۆكتەبىردىن 1982-يىلى ئاپىرىلغىچە ئۈرۈمچى پويىز ئىشلار ئۇچاستىكىسىدا ئاچال باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1982-يىلى ئاپىرىلدىن پېنسىيىگە چىققىچە مېھمان ساراي ئۆي زىمىن باشقۇرۇش ئۇچاستىكىسىدا پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە، خەلق قوراللىق بۆلۈمىدە ،كارخانا باشقۇرۇش بۆلۈمىدە، ئۆي باشقۇرۇش بۆلۈمىدە، ماتېرىيال باشقۇرۇش بۆلۈمىدە ،پېنسىيونېرلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ھەم  (سىياسى خادىم) ئۇنۋان ئالغان. ئۇ 2012-يىلى ئىيۇلدا دەم ئېلىشقا چىقتى.  

ئسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئالتىنچى روتا ھەم ئسمايىل مەمەت ئۆزى تۇرغان ئۈچۈنچى ئودلىنيە ئەللىك يىلدىن بىرى قەھرىماننىڭ روھىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قەھرىماننىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇ قىلىپ بولالمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ
ئىشلاردا  ئۆز رولنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان «ئسمايىل مەمەت»لەرنى يېتشتۇرۇپ، جەمىيەتكە، قىسىمغا زور توھپىلەرنى قوشتى. قىسىمدا قومانداندىن يۇقۇرى يەرلىككە باشقارمىدىن يۇقۇرى ئىقتساسلىق خادىملارنى تەربىيلەپ چىقاردى. ئەللىك يىلدىن بىرى ئىزچىل ھالدا قولنى قولغا ئۇلاپ قەھرىماننىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۇنىڭ كۇتۇرگەن بايرىغىنى جەۋلەن قىلىپ كەلمەكتە
ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان مەلۇم قىسىم، 6-رۇتىدىكى ئسمايىل مەمەت تۇرغان 3-ئودلىنيە ئسمايىل مەمەتنىڭ ئورنىنى بېسىپ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملق قۇرۇلۇشى ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ غەرىبى دەرۋازىسنى قوغداشتا ئسمايىل مەمەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ گىگانىت قەدەملەر بىلەن ئالغا باسماقتا، ئسمايىل مەمەت قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات.(
图片26.png

图片24.png

图片27.png

图片25.png

图片28.png

2015-يىلى8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇرۇمچى
2006-يىلى قۇمۇل ئەدبىياتىغا بىسىلغان«1962-يىلى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان قۇمۇل ئەزىمەتلىرى»ناملىق ماقالىسىدىن،ئابلانۇر،ئىسھاق ئايۇپ،ئەمەت نىياز،ئىسمايىل ئەمەت،ئىسمائىل سىدىق قاتارلىق 5 ئەزىمەتنى  ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇشتۇم
uyghuray

2

تېما

0

دوست

731

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44945
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 18:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام كىچىك چاغلىرىمدا سۆزلەپ بىرەتتى مىكماخۇن سېزىقى بىلەن ئىسمائىل مەمەت توغرۇلۇق،چۆچەك ئاڭلىغاندەك قانماي ئاڭلايتىم.
ھېلىم ئەسكەر ۋە قاسىم ئەسكەردىگەن ئىككى كىشى بىزنىڭ مەھەللىدىن ،ھېلىم ئەسكەر تۈگەپ كەتتى،قاسىم ئەسكەرھايات بار.ئۇلارمۇ شۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپتىكەن.

0

تېما

3

دوست

2151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 23:42:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ كىچىكىپ ئاڭلىغان ھەقىقى قەھرىمانلىق تارىخىكەن بۇ .بىزنىڭ يازغۇچىللىرمىز بىرەر يىرىك تارىخى ئەسەر يازسسا ئېشىپ تېشىپ تۇرغۇدەك ماتېريالكەن .ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا،قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

1

تېما

2

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35473
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 10:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنقىلاۋى قەھرىمانلرىمىزغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن....
uyghuray

35

تېما

5

دوست

3539

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 1065
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 12:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ھارمىغايسىز ،شۇنداق ياخشى مەزمۇننى يوللاپسىز بەك خۇش بولدۇم ،توغرا قەھىرىماننىڭ روھى مەڭگۈ ياشنىسۇن ئامىن .خىلى نۇرغۇن قەھىرمانلىرمىزنى بىلۋالدىم

0

تېما

1

دوست

1116

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  603
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 16:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ مۇشۇنداق ساقلىنىدۇ، ھەربىر تارىخقا گۇۋاھچى بولغۇچىلار ئامال بار تارىخنى ئۆزى يازسۇن، بولمىسا يازالايدىغانلارغا سۆزلەپ بەرسۇن، بولمىسا ئۇلارنىڭ بالىلىرى باشقىلار يازغان تارىخنى ئوقوشقا مەجبۇر بولىدۇ، دىگەنلەرنى ئاڭلىغانىدىم.

قەھرىمانلارغا ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەستە تۇتۇپ يازغانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

0

تېما

0

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18442
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 17:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمانلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھاتات.

2

تېما

2

دوست

5042

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1454
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 17:54:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ.ئ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )