3D كىيىم لايىھەلەش دېتالى دەرسلىكى(ئۇيغۇرچە) MarvelousDesigner بولسا كورېيەدە ئىشلەنگەن بىر ئۈچ ئۆلچەملىك كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال كىيىم-كېچەك كېسىم، تىكىش ئەمەلىيەت مەشغۇلاتىغا يۇقىرى دەرىجىدە تەتبىقلانغان كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال ئارقىلىق رەختلەرنى كېسىش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ كېسىپ، ئانىدىن ئۇنى مودېل بەدىنىگە توغرىلاپ، تىكىش سىزىقچىلىرىنى بېكىتىپ، تەقلىدلەش بۇيرۇقى بەرگەندە كىيىمنى رەسمىي ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ئۈستىگە كىيدۈرۈپ، بىز لايىھەلىگەن كىيىمنى خۇددى ئەمەلى، ھەقىقىي كىيىم ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ دېتالنى ھازىرقى كىيىم ئەندىزە ئېلىش دېتالى دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ سەرخىل بولىدۇ، بىۋاسىتە دە ئېلىنغان ئەندىز ھۆججەتلىرىنى ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا dmax3 قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق ھەرخىل مودېللارنى ياساپ ئەكىرىپ، بۇ دېتالغا ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئادەمسىز ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ كىيىم كېچەك كۆرگەزمە فىلىمىڭىزنى ئىشلىيەلەيسىز. بۇ دېتال كىيىم لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى دېتاللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسال ئالايلى، ئويۇن يۇمتاللىرىنى ياسىغۇچى شىركەتلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇن پىرسۇناج ئوبرازلارنىڭ مودېللىرىغا تۈرلۈك كىيىم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ ئاندىن ئۇنى dmax3 ۋە ياكى maya دېتاللىرىغا ئەكىرىپ ئۆز دىتالىدكى ئوبرازلارغا تېخىمۇ سەرخىل تۈسلەرنى بېرىۋاتىدۇ.بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە پەردە لايىھە، كارىۋات قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى بولاق لاھىيىلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ. تور ئىزدىگۈچكە MarvelousDesigner نى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىگە تەرەپ تور بېتىگە كىرگىلى ۋە دېتالنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. دەسلەپكى ئۆگىنىش باسقۇچىدا توردىن بۇ دېتالنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن نۇسخىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر بولسا بۇ دېتالدا لايىھەلەنگەن كىيىم نۇسخىلىرى:
تۆۋەندىكىلەر بولسا بىزنىڭ يېقىندا ئىشلەپ تەييارلىغان MarvelousDesigner نىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 10 دەرسلىك فىلىمى كۆپچىلىككە ئازراق مەنپەئەتى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.تاشپولات بىلال ئەلقۇت |