قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1733|ئىنكاس: 19

قۇۋان تازنىڭ لايىق ئىزدىشى قۇۋان تازنىڭ ھېكايىسى (5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 12:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇۋان تازنىڭ ھېكايىسى (5)
قۇۋان تازنىڭ لايىق ئىزدىشى


«غورا ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ» دەپ راست دەپتىكەن. ياتاقتىكى «مۇھەببىتىم، لايىقىم» دەپ قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن بالىلارنى «ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشنى قىلىپ نېمە قىلىسىلەر» دەپ زاڭلىق قىلاتتىم. ئۇلارمۇ «ئالدىرىما تاز، سېنىمۇ كۆرىمىز تېخى. مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە توي قىلىۋالامسەن كىم بىلىدۇ» دەپ قوياتتى. توي قىلىۋالمىدىم. لېكىن بىر قاتار قىزىق ئىشلارغا يولۇقتۇم. سىنىپتىغۇ پەرىدىن باشقا قىزلارغا ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيتتىم. بىراق يەنە شۇ تەتىلدە يۈز بەرگەن بىر ئىش تۈپەيلى پەرىمۇ خېلى بىر ۋاقىتقىچە ماڭا گەپ قىلماي يۈردى.
ئەڭ ئاخىرقى يازلىق تەتىلىمىز ئىدى. بىزنىڭ قوناققا سۇ تۇتۇپ بولۇپ تاغامنىڭ قوناقلىقىغا سۇ تۇتۇپ بەرگىلى باردىم. تاغامنىڭ قوناقلىقى بىلەن پەرىلەرنىڭ قوناقلىقىنىڭ ئارىسىدا باشقا بىرىنىڭ كېۋەزلىكى بار ئىدى. بۇ قېتىم قوناققا بەرگەن سۇ بولغاچقا كېۋىزى بارلار يەر بېشىدا يوق، باشقىلار سۇ تۇتۇپ بولۇپ قايتىشىۋاتقان چاغلار ئىدى. تاغام ۋە پەرىلەرنىڭ يەرلىرى مەيداننىڭ ئاخىرىدا بولغاچ كەچ كىرگۈچە سۇ تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن جىددىي چېپىپ يۈرۈشەتتى. بارسام پەرىمۇ يەر بېشىدا بار ئىكەن. سالاملىشىپ بولۇپ قوناققا دورا سېلىپ كەتتىم. تاغام ئېرىق ياقىلاپ يەر بېشىدىن ئۆستەڭ بېشىغا مېڭىپ يۈرەتتى. ئىشنى تۈگىتىپ قىرغا چىقسام تاغام يەنە ئېرىق ياقىلاپ كېتىپتۇ. پەرى بىزنىڭ ئاچمىنىڭ بېشىدا سۇ ئويناپ ئولتۇرۇپتىكەن، مېنى كۆرۈپلا تۇرۇپ كەتتى.
- ئويناۋەرمەمسەن، بىرىگە دەپ قويمايمەن -، دەپ كۈلدۈم.
- دېسەڭ دېمەمسەن، سۇ ئوينىسا قانۇنغا خىلاپمىتى يا -، پەرىمۇ كۈلۈپ قويدى.
- داداڭ قېنى؟
- ئۆيگە دورىغا كەتتى.
- ھە، ئىككىسى پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ دەپ سېنى قۇيۇپ كېتىپتۇ دە.
- كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرمىڭنە ۋاي تاز، بىكار قالغان بولساڭ بىزنىڭ قوناققا دورا سالە ماڭ.
- ۋاي ماقۇل خېنىم، داداڭ بەك ئىشچان بالىكەن دەپ كۈيئوغۇل قىلىۋالىمىز دېسە قانداق قىلىمەن؟
- كۈلۈپ قويسام ھەجەپ سايراپ كەتتىڭغۇ، ياخشىلىق ياراشمايدىغان تاز -، پەرى شۇنداق دەپ بولۇپلا ئېرىقتىن چاڭگىلىغا سۇ ئېلىپ ماڭا چاچتى. بۇنداق تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى كۈتمىگەچكە چۆچۈپ كېتىپ كەينىمدىكى قوناقلىققا يۇمىلاپ كەتتىم. ئىشتان – كۆينەكلىرىم لاي. بۇ جادۇگەرگە بىر سۆزلەي دەپ قارىسام ئىز جايىدا ئولتۇرۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. ئوغۇل بالا تۇرۇپ بۇنچىلىك چاقچاققا چىدىمىسام بولماس دەپ ئۇنىڭغا قارىغاچ كىيىمىمدىكى لايلارنى يۇيۇپ ئولتۇراتتىم.
- بەك قورقۇنچاق ئىكەنسەن ھەي، بىر چاڭگال سۇ چېچىپ قويغانغا موللاق ئېتىپ يۈرەمسەن دەيمەن.
- سەن جادۇگەرنىڭ بۇنداق ساراڭلىق قىلىشىنى نېمە بىلەي.
ئۇ تېخىچە كۈلۈۋاتاتتى. بىردەم قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
- كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بېرەي دېمەي كۈلىۋېرىسەنغۇ؟
- ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنىڭ ئىشتان – پايپىقىنى يۇيۇپ يۈرمەيمەن مەن.
- مەنمۇ ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە يۇيۇپ بېرىڭ دېمەيمەن.
دەپ بولۇپ ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. بىردەم جىمجىت تۇرۇپ قالدۇق. پەرى كۆزىنى ئەپ قېچىپ يەرگە قارىۋالدى.
- پەرى، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن، ئۇزۇن بولدى دېيەلمىدىم. ئادەم بار يەردە دېيىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن.
ئۇ ماڭا «ئاخىرىچۇ» دېگەندەك بىر قاراپ قويۇپ قولىنى ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ ئولتۇردى. مەنمۇ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئۇنى دوراپ قولۇمنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.
- قاچانغىچە زۆھرە بىلەن ئۆمۈچۈك پالۋاندەك، چىن جىن بىلەن سەنەمدەك يۈرىمىز دەيمەن.
پەرى كۈلۈپ سالدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويدى. قارىسام يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، لېكىن كۆزلىرىدە بىر خىل خۇشاللىق چاقنايتى.
- تولا گەپ ئەگىتمەي ئۇچۇق دېگىنە.
- چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇم. ئەمدى ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ھازىرمۇ بىر سىنىپتا ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇۋاتىمىز. ئەمدى شۇ ...
يەنە ئۇنىڭغا قارىدىم. يۈزلىرى بايىقىدىنمۇ قىزىرىپ جىمجىت ئولتۇراتتى. بېشىنى كۆتۈرۈپ «ئاخىرىنى دېمەمسەن» دېگەندەك قاراپ قويۇپ دەرھال يەرگە قارىۋالدى.
- بۇ قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا يانمۇ – يان ئولتۇرۇپتىكەنمىز. بىر نەچچە سوئالنى ئىشلىيەلمەي ساڭا قارىسام قاراپمۇ قويمىدىڭ. قەغىزىڭنى ئازراق قايرىپ تۇرساڭ بولمامدۇ؟ ئىمتىھاندىنغۇ ئۆتتۈم، لېكىن نەتىجىسى تازا كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس. ئەمدى شۇ ...
مەندىن نېمە گەپ چىقاركىن دەپ قاراپ ئولتۇرغان پەرى گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقماستىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. يۈزىدە بايىقى قىزىللىقتىن، كۆزىدە بايىقى خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق. چىرايى ئۆزگىرىپ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ گەپمۇ قىلماستىن سۇغا چىلاپ ئولتۇرغان قولۇمنى تۇتۇپ، مەن نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا كۆزۈمگە ئاچچىق بىر قارىۋېتىپ ئالدىغا تارتىۋېتىپلا كېتىپ قالدى. «ھوي» دەپ قالدىميۇ ئۆزۈمنى ئېرىقتا كۆردۈم. بايا كەينى ھۆل بولغان كىيىملىرىمنىڭ ئەمدى ھەممە يېرى ھۆل بولدى. نېمە گەپنى خاتا قىلىپ بۇ جادۇگەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردۈم ھېچ بىلمىدىم. مەكتەپكە قايتىپ خېلى بىر چاغقىچە سالام – سائەتتىن باشقا گەپمۇ قىلماي يۈردى.
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىمىز دەپ ئوتتەك قىزىغان چاغلار ئىدى. سىرتتىكى ئاتلان، ئىنتىل دېگەندەك كۇرۇسلارغا تىزىملىتىلى دېسەك بىرىنچىدىن ۋاقىت توغرا كەلمەي، ئىككىنچىدىن يانچۇق بوش يۈرگەن. يا ئۇ چاغدا «شېرىن چۈش» پىروگراممىسى يوق ھال ئېيتىپ چىقىلى دېسەك. ئۆزىمىز ئۆگىنىپ يۈرسەك ئۈندىداردا تىل ئۆگىنىش مودا بولۇپ قالدى. 50 يۈەن تۆلىسەك يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى بىرىنچى قىسمىنى تولۇق ئۆتۈپ بېرىدىكەن. ھەم ئەرزان ھەم يېڭىلىق بولغاچ ياتاقتىكى بىر قانچىمىز تىزىملاتتۇق. پۇلنى ئەپ بولۇپ بىر ئۈندىدار توپىغا ئەكىرىپ قويدى. بىر كۈن كەچ ئاۋازلىق دەرس ئۆتىدۇ، ئەتىسى تەكرارلىغاچ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. مۇشۇ يوسۇندا ئۆگىنىپ ماڭدۇق. بەزىدە مۇئەللىم سوئال سورىسا توپتىكى بالىلار سايرىشىپ كېتەتتۇق. بىرەرسى خاتا جاۋاب بېرىپ سالسا زاڭلىق قىلىپ ھەر خىل چىراي ئىپادىسى يوللاپ چاقچاق قىلاتتۇق. شۇنداق قىلىپ توپتىكى ناتونۇشلارمۇ بارا – بارا تونۇشقىلى تۇردۇق. بالىلار دەرس ئۆتمىگەن چاغلاردا توپقا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئائىت ماتېرىيال، تور بەت ئادرېسلىرىنى يوللاپ قويۇشاتتى. مەنمۇ ئۆزۈم بىلىدىغان تور بەتلەرنى پات – پات يوللاپ ماڭاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قىز دوستلۇققا قوشۇش ئىلتىماسى ئەۋەتىپتۇ. قارىسام توپتىن قوشقان ئىكەن. يا قوشماي يا رەت قىلماي ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ناتونۇشلارنى ئالدىراپ ئالدىراپ قوشمايتىم. بۇ قىز بىلەن توپتا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقىنىمنى بىلمەيمەن. ئىككى – ئۈچ كۈنگىچە ئىلتىماس ئەۋەتىۋەردى. بىرەر ئىش بولسا كېرەك دەپ قوشتۇم. قوشۇپلا گەپ باشلىدى.
- ھەجەپ تەستە قوشتىڭىز ھە.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ھە بار.
- ئەمىسە ئېيتىڭ.
- سىز ئۆتكەندە توپقا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان تور بەت ئادرېسىنى يوللاپتىكەنسىز. ئۇ چاغدا ساقلىۋالماپتىكەنمەن. كېيىن پاراڭ خاتىرىسىنى تازىلىغاندا ئۆچۈپ كېتىپتۇ. يوللاپ بېرەرلەرسىزمۇ؟
- ماقۇل، سەل ساقلاڭ ھە.
ئۈندىدارغا ساقلىۋالغان تور بەت ئادرېسىلىرىنى يوللاپ بەردىم. لېكىن ھەممە ئىش مەن سورىغان ئارتۇقچە سوئالدىن باشلاندى. ئۇ چاغدا ئانا تىل جىنى تېخى ئاجرىمىغاچ بۇ قىزنىڭ قوشۇپلا خەنزۇچە خەت يېزىشى گرادۇسۇمنى ئۆرلەتكەن چېغى.
- سىز ئۇيغۇرما؟
- ھەئە، نېمە بولدى؟
- ئەمىسە نېمىشقا ئۇيغۇرچە يازمايسىز؟
- يانفوندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق. ئادەتتە ئۈندىدارىمدىكى ھەممىسى بىلەن خەنزۇچە پاراڭلىشىمەن.
- ۋاھ، ھەممىڭلار خەنزۇچىنى سۇدەك بىلىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟
- ئۇنچە ئەمەس، ھەممىسى خەنزۇچە يازسا مەن ئۇيغۇرچە يازامدىم؟
- ئون ئەرەب بىر يەرگە كېلىپ ئىنگلىزچە پاراڭلاشقاندەك ئىش قىلىدىكەنسىلەر.
- ئەمىسە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تېپىپ بېرىڭ. سىزگە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە يازاي، بولمىسا سېسىق گەپ قىلىدىكەنسىز.
- ماڭىلا ئۇيغۇرچە يېزىپ باشقىلارغا خەنزۇچە يازغىنىڭىزغا قارىغاندا مەن دۇنيادىكى مۈشۈك ئېيىقتەك ئۈندىدارىڭىزدىكى ئەتىۋارلىق ئادەم ئوخشىمامدىم؟
- قەشقەرلىكما سىز؟
- قانداق بىلدىڭىز؟
- بۇنداق گەپ قىلىۋاتسىڭىز بىلمەمتىم ئەمىسە.
- سىز مېنى قوشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەنزۇچە يېزىۋاتىسىز. بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە چوڭ بولغانما؟
- ياق، ئۈرۈمچىدىنمەن. باشلانغۇچتىن تولۇققىچە خەنزۇچە ئوقۇغان.
ئالىي مەكتەپنى نېمىسچە ئوقۇۋاتامسىز؟
- ۋاي نېمانچە يۇمۇر ھەي سىز. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان. بىرىنچى ئارزۇيۇمغا ئۆتەلمەي ئاچچىقىمدا ئوقۇمىغان ئىدىم، ھازىر ئويلىسام ئەخمەقلىق قىپتىكەنمەن. شۇنداقتىمۇ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنەي دەپ ئاۋۇ ئۈندىدار توپىغا كىرگەن.
- ئىزورادىنمۇ ئىرادىلىك قىزكەنسىز، قايىلمەن.
- ئىزورا دېگەن كىم؟
- باشتا بوللىۋودتا ئارتىس بولۇپ كېيىن ھوللىۋودقا كەتكەن كىنو چولپىنى.
- رەھمەت چولپانغا ئوخشاتقىنىڭىزغا. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تېپىپ بېرىڭچۇ.
ئۇ قىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئادرېسىنى يوللاپ بەردىم. چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ماڭا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ سىناپ باققانمۇ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن دەرس ئۆتمىگەن كۈنلەردە پات – پات خەت يازاتتى.
- تۈنۈگۈنكى دەرسنى تەكرار قىلدىڭىزمۇ؟
- ھەئە.
- بىر نەچچە سۆزنى سوراپ باقاي ئەمىسە.
- نېمىشقا؟
- تەكرار قىلىپ ئۆگەنمەمدۇق.
- ھە سوراڭ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىنىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلاي.
- يۈزىنى قىلاي دەپ كەتكىنىنى. پىكاپنى نېمە دەيدۇ؟
- car
- مۈشۈكنى نېمە دەيدۇ؟
- Tom
- ۋاي ساراڭ، مەن مۈشۈك بىلەن چاشقاندىكى مۈشۈكنى دېمىدىم.
- ئەمىسە cat
- ئەمدى سىز مەندىن سوراڭ.
- ماقۇل، ئىتنى نېمە دەيدۇ؟
- dog
- پىتنىچۇ؟
- نەدە پىت دەپ سۆز بار ھەي ئۇ دەرستە.
- قاراڭ دېگەننى نېمە دەيدۇ؟
- look
- ساراڭ دېگەننىچۇ؟
- سىز شۇ ساراڭ، تېخى ئۇنداق سۆز ئۆگەنمىدۇققۇ.
شۇنداق قىلىپ گەپ – سۆزىمىز تەبئىيلا باشقا تەرەپلەرگىمۇ كېڭەيدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغاندىن كېيىن ئۆيىدىكىلەر كىچىكرەك بىر تاللا بازىرى ئېچىپ بىرىپتۇ. كۈندۈزى دۇكان ئېچىپ كەچلىرى ئۆيىدە تىل ئۆگىنىدىكەن. يېقىندا بىر نەچچە يەردىن ئەلچى كەلسە ئۇ ئۇنىماپتۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغاننى تولۇقلاش ئۈچۈن بولسىمۇ چەتئەل تىلىدىن بىرەرنى ياخشىراق ئۆگىنىپ ئاندىن توي قىلغۇسى بار ئىكەن. مېنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغانلىقىمنى، بۇ يىل ئاخىرقى يىلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن پات – پات «دۇكانغا قاچان كېلىسىز» دەپ قوياتتى. بىر كۈنى سوراپ قالدى.
- قىز دوستىڭىز بارمۇ؟
- كىچىك ۋاقتىمدا بار ئىدى. مەھەللىدىكى ھەممە قىز بالا قىز دوستۇم ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىر – بىرىمىزنى تاز – قۇماق، ئالىغاي – جىرتاق دېيىشمەي ئويناپتىكەنمىز. ھازىر تاز دەپ ياراتمايدۇ قىزلار.
- لايىقىڭىز بارمۇ دېدىم ھەي.
- تاز دەپ يېقىن كەلمەيۋاتسا نەدىكى لايىق.
- مىجەزىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، كۆرۈشۈپ باقساق بولامدۇ؟
- ۋاھ، مېھمان قىلسىڭىز بارىمەن.
- بولدى ھېساب، قاچان كۆرۈشىمىز؟
- چىرايىمنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلىپ قالارسىزمۇ؟
- شۇ چاغدا بىر گەپ بولار، دەڭە قاچان كۆرۈشىمىز؟
- چاقچاق قىلىپ دەپ قويدۇم ھەي.
- ھېلى ئالدىڭىزغا ھېلى كەينىڭىزگە دەسسەيدىكەنسىز، ئوغۇل بالىمۇ يا سىز؟
ئۇھ، يىگىتلەرگە سۆزۈم، قىزلارغا ئالدىراپ چاقچاق قىلمىساڭلار. بولمىسا مەندەك كۈنگە قالساڭلار تەسكەن. شۇنداق قىلىپ ئاتالمىش «ئوغۇل بالا» چىلىقتا دېگەن بىر ئېغىز سۆز تۈپەيلى كۆرىشىدىغان بولدۇق. بۇ ئىشلاردىن ياتاقداشلىرىم بىخەۋەر ئەلۋەتتە. چوڭ بازاردا كۆرۈشىدىغان، ئاندىن بىللە چۈشلۈك تاماق يەيدىغان بولدۇق. ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ دەل ۋاقتىدا دېگەن جايغا بېرىپ تۇرۇپتىمەن. ساقلىسام يوق، ئۈندىداردا خەت يازسام يولدا دەيدۇ. دېيىشكەن ۋاقىتتىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە كەلدى. ئارام كۈنى بولغاچ ئادەم كۆپ، كىيگەن ئىشتان – چاپىنىمنىڭ رەڭگىنى ئۇنىڭغا دەپ ئاران تېپىشتۇق. سالامدىن كېيىن يۈزۈمچىلا بېشىمدىن پۇتۇمغىچە قارىشى مېنى غەلىتە قىلىپ قويدى. قىز چىرايلىق ئىكەن. لېكىن تاشقى قىياپىتى پەقەتلا ياقمىدى. چاچلىرى كېسىلگەن، قىسقا، كىيىملىرى تار. شۇ چاغلار مودا بولۇۋاتقان يا ئىشتان يا شاڭكۇغا تەۋە ئەمەس غەلىتە بىر قارا تار ئىشتان كىيىۋاپتىكەن. مەھەلىمىزدىكى بىكارچى بالىلار ياندۇرۇپ ئاڭلايدىغان «چاچلىرى سېرىق كالتە – كالتە، ئىشتانلىرى تاتى» دېگەن ناخشا يادىمغا كەلدى. مەندەك قىز – ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى كىچىكىمدە يادىمدا قالغان مەھەلىمىزدىكى قىز – ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان بىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قىز چاچلىرى كېسىلمىگەن بولسا، كەڭرەك كىيىم بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتەر ئىدى. تازلىقىمغا باقماي قىلغان خىيالىمنى كۆرۈڭ.
ئۇنى – بۇنى دېگەچ بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. جۈمەكتە قولۇمنى يۇيۇپ بولۇپ ئۇنىڭ يۇيۇپ بولۇشىنى ساقلاپ بىر ياندا تۇراتتىم. قىزنىڭ قولىنى يۇيۇپ بولۇپ «شالاققىدە» سىلكىشى كۆزلىرىمنى ئالاق – جالاق قىلىۋەتتى. كىرىپ تاماقنى بۇيرۇتۇپ بىر – بىرىمىزگە يەر تېگىدىن قاراپ ئولتۇردۇق. بىر قىز بىلەن يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ تەسلىكىنى بىلمەپتىمەن. قىينىلىپ ئاران يەۋاتسام قىز ئالدىمىزدىكى قەغەزدىن بىرنى ئالدى ۋە بۇرنىغا تۇتۇپ مىشقىردى. ئىشنى تۈگىتىپ ھەيرانلىقتا قاراپ ئولتۇرغان ماڭا «زۇكام بولۇپ قاپتىكەنمەن، كەچۈرۈڭ ھە» دەپ قويۇپ تامىقىنى يەۋەردى. ئەمما مېنىڭ گېلىمدىن قەتئىي ئۆتمىدى. كېيىن نېمىلەرنى دېيىشىپ قانداق ئايرىلدۇق بىلمىدىم. قىزغىمۇ ياقمىغان بولسام كېرەك. ئۈندىداردىكى گەپ – سۆزىمىز ئازلاپ كېيىن گەپ قىلىشماسلا بولدۇق. ئۈندىداردىلا ئارىلىشىپ، ئۈندىداردا توي قىلىپ ئۆتۈپ كەتسەم بوپتىكەن دەپ قالدىم.
ئۈندىداردىكى دەرس تۈگەپ، دۇكانچى قىز بىلەن ئادا – جۇدا بولغان چاغلار ئىدى. ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقى يەنە باشلاندى. بۇرۇنمۇ پات – پات ئاغرىيدىغان بولغاچ دورا يەپ، ھەسەل، گۈلقەنتلەر بىلەن ئۆزۈمنى گوللاپ يۈردۈم. ھېچ توختاي دېمىدى. مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا چىقسام بىر قۇر تەكشۈرۈپ ئازراق دورا بەردى ۋە سىرتتىكى دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ بېقىشقا بۇيرىدى. نامراتچىلىقتا چوڭراق دوختۇرخانىغا بارسام ئۇنىڭغا – بۇنىڭغا سالدۇق دەپ غاجاپ كەتمىسۇن دەپ مەكتەپكە يېقىنراق بىر شەخسىينىڭ كىچىكرەك ئامبولاتورىيەسىگە باردىم. دوختۇر ئاكىمىز ئەھۋالىمنى بىر قۇر سورىغاندىن كېيىن بولسا ياتاقتا يېتىپ تولۇق داۋالىتىۋېتىشنى، بولمىسا كېيىن يەنە قوزغىلىدىغانلىقىنى دېدى. يەنە شۇ ۋاقتىنچە داۋالانماقچى بولسام دورا – ئوكۇل يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كارتامدىكى پۇل ئۆزۈمگە ئايان بولغاچ ۋاقىتلىق داۋالانماقچى بولدۇم. كۈندۈزى دەرس بولغاچ كەچلىرى كېلەتتىم. تولىراق ئەڭ ئاخىرىقى بىمار مەن بولغاچ، ئاسما ئوكۇل تۈگىگىچە بۇ يەردىكى بىردىنبىر سېستىرا قىز تامنى توسۇپلا ياتاق قىلىۋالغان كىچىك بۇ ئۆيدە مەن بىلەن قالاتتى. يېتىۋىرىپ ئىچىم پۇشسا ئوكۇلنى تېزراق ماڭغۇزۇۋېتەتتىم ۋە «قولۇم ئاغرىۋاتىدۇ» دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئۇ كېلىپ يەنە ئاستىلىتىپ قويۇپ ئورنىغا كېتەتتى. كېيىنچە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالدىمۇ قولۇم ئاغرى دېسەممۇ «مۇبارەك بولسۇن» دەپ قويىدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى – بۇنى دەپ يۈرۈپ چىقىشىپ قالدۇق. ئاسما ئوكۇلدىن كېيىن كاسسامغا ئۇرىدىغان بىر ئوكۇل بار ئىدى. شۇنى ئۇرىدىغان چاغدا چاقچاق قىلىپ قوياتتى.
- ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىڭ، يىغلىماڭ ھە.
- يامان بولسىڭىز يىغلىتىڭە قېنى.
- مانا ئەمىسە، - قىز شۇنداق دېسەم ئاستا ماڭغۇزۇۋاتقان ئوكۇلنى تېزلىتەتتى. مەن يالۋۇراتتىم.
- بولدى سىز يامان، ئالدىرىماي ماڭغۇزۇڭ ھەي.
ئورۇپ بولۇپ «ھالىڭىز مۇشۇنچىلىك» دەپ كۈلۈپ قوياتتى. بۇ سېستىرا قىز بۇلتۇر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىكەن. مۇشۇ يەردە ئىشلەپ بەرگەچ يەنە ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ. تۇرمۇش ئىشىنى سورىسام ھازىرچە بىرەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ خېلى يېقىن بولۇپ كەتتۇق. يەنە تازلىقىمغا باقماي چاقچاققا يۆلەپ گەپ ئېچىپ باقماقچى بولدۇم.
ئۇ كۈنى كەچلىك تاماققا ياڭيۇدا قورىغان سەينى تازا يەپتىمەن. ياتاققا كىرسەم بالىلار ئالما ئەكىرىپتىكەن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئىككى – ئۈچنى يەپتىمەن. كېيىن قۇرسىقىم ئىسىلىپ مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا كەلگۈچە نەچچە يەردە ھاۋانى بۇلغاپ بولغانىدىم. ياتاقتا ئۇ سېستىرا بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم بولمىغاچ ئاسما ئوكۇل تۈگىگىچە قىسىپ بولالماي بەك قىينالدىم. كاسسامغا ئۇرىدىغان ئوكۇلغا كەلگەندە ئۇ يەنە چاقچاق قىلدى.
- ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىڭ، يىغلىسىڭىزمۇ دەپ قويمايمەن.
- يىغلاپ يۈرمەيمەن مەنمۇ.
ئۇ كاسسامغا ھۆل پاختىنى سۈركىگەندە ئۆزۈمنى قويۇۋەتكىنىمنى بىلىمەن. «ۋاس» قىلىپ سانجىلغان ئوكۇل بىلەن تەڭ «تارت» قىلىپ سوزۇلۇپ چىققان ئاۋازدىن كېيىن بىرەر كېلو ئۇرۇقلاپ قالغاندك بولدۇم. لېكىن چاتاق چىققان ئىدى. قارىسام ئۇ بۇنداق تۇيۇقسىز بېرىلگەن سوۋغىدىن ھەيران بولۇپ ئىككى قولىنى تەسلىم بولغان دۈشمەندەك كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئېچىپ قېتىپ قاپتۇ. ئىشتىنىمنى قولتۇقلىغان پېتى قېچىپ چىقتىم. كاسسامغا بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولدى. قولۇمنى سالسام شىپىرىسنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپتىمەن. ئېلىپ تاشلىۋەتتىم. ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىپ كېلىپ كاسسامغا نەچچىنى ئۇرۇۋەتتىم. ھېلىمۇ ياخشى كەچ بولۇپ قاپتىكەن. بىرەر ئادەم كۆرمىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغىمۇ بارمىدىم. سېستىرا قىزنىمۇ بىر يەردە ئۇچراتمىدىم. ئۇچرىتىشنىمۇ خالىمايتىم. شۇنداق قىلىپ لايىق ئىزدەش چۈشۈم مۇشۇنداق نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.


uyghuray

1

تېما

22

دوست

7619

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2304
توردىكى ۋاقتى: 425
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 19:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بولماپتۇ دەيمەن ما ئىش....قاراپ تۇرۇپ ‹‹لايىقىنىڭ ››ئالدىدا‹‹تارت››قىلىپ ئولتۇرامدىغان دەيمەن....شۇ يەرگە كەلگەندە كۈلكەمنى تۇتالمايلا قالدىم....بەكلا راستەك بىلىندى جۇما ما يازغان نەرسىلەر.....

0

تېما

3

دوست

5492

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1684
توردىكى ۋاقتى: 467
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 21:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قۇۋان تاز دىگەن ئادەم  بۇلتۇرمۇ شۇنداق تىلى يىنك ياخشى بىر ئەسەر يازغانتى  ھەققەتەن قەلەم قۇۋىتى كۇچلۇك ئىكەن

0

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46951
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 22:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگەن قىززىق
uyghuray

0

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46951
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 23:01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاينىمانداخ قىززىق

0

تېما

0

دوست

162

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47114
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 23:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق ھىكايىكەن  ،  تىلى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئاخىرىغا كەلگەندە كۈلكەمنى توختىتالماي قالدىم .  ئالدىنقى تۆت قسىمنى ئۇقۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ .

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-10 23:47:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eltarixhan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-10 23:29
بەك قىزىقارلىق ھىكايىكەن  ،  تىلى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئ ...

تېمىلىرىمغا قاراڭ.

ئەركىن ئەزا

3

تېما

5

دوست

5698

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25909
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1772
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-11 00:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىردىن ياخشى چىقۋاتدۇ،تەشنالىقنى ھەسىلەپ.
تۇگەپ كەتمەس-ھە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )