قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 7

مۇساپىرلىق سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم 4

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

3

دوست

1064

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43890
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 320
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-4 15:48:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى

بۇ قىتىم ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىشنى چۆرىدەپ يىزىشنى ئويلاپ قالدىم، چۈنكى ماڭا بۇ قىسقىغىنە مۇساپىرەتتە، يات بىر زىمىندا ئۆزۇمگە تەۋە دەپ قارىغان ھۆرمەتنىڭ ئاللىبۇرۇن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ناۋادا مۇساپىرەت بولمىغان بولسا ،مۇساپىر بولمىغان بولسام ھۆرمەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقماي ، ھۆرمەت ئاتلىق بۇ ئىبارىگە قارىغۇلارچە تەبىر بېرىپ، ئۆزۇمنىڭ ئەسلى قانداق رەۋىشتە ھۆرمەتلىنىشىمنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمەن. ئەلھەمدۇلىللاھ، ياراتقۇچى ھەقىقىي ھۆرمەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلدۇردى.
‌  بۇ يەرگە باشتا كەلگىنىمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۇشۇرمىگەن سۆزى :”مۇسۇلمان ساۋاقداشلارنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئادەتىگە ھۆرمەت قىلىڭلار ، بىر بىرىڭلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىڭلار  “ بولدى . يىڭى ئوقۇتقۇچى ، تۇنجى دەرس سائىتىلا بولسا ئەڭ ئەۋۋال دىنى ئىتىقادى تەكىتلىنىپ ھۆرمەت قىلىش ، شۇنداقلا ھۆرمەتلىنىش تەكىتلىنىش بىلەن دەرس باشلىناتتى. بۇ ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسى شۇ دەرىجىگە بارغان ئىدىكى باشقا مىللەت ئوقوغۇچىلىرى ھارام سانالغان يىمەكلەرنى يىيىش ئەمەس ،ئىسمىنىمۇ مۇسۇلمان ئوقوغۇچىلار بار يەردە تىلغا ئىلىشماس بولغانىدى .  ئىتىقاد، مىللىي ئۆرۈپ ئادەتكە تۇتۇلغان بۇ ئىللىق پوزىتسىيە مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا جۇملىدىن بۇنداق ھۆرمەتكە ئەزەلدىن نائىل بولۇپ باقمىغان ، ئىرىشەلمىگەن ،ئىرىشىش سالاھىيىتى بولسىمۇ ،ئىرىشەلمەسلىكى ئەسلى ھۆرمەتلىگۇچىگە نىسبەتەن ھىچقانداق غەيرىلىك ھىس قىلىنمايدىغان يۇرتتا ئۆسكەن مەندەك بىر ھۆرمەتلەنگۇچى ئۇيغۇرغا بىرىلگەن ئەڭ ئالىي ئىھتىرام ۋە مەۋجۇتلىقنىڭ ئىتىراپى ئىدى. يۇرتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بىر دوستۇم ياتىقىغا ياتىقىدىكىلەر نىڭ چوشقا گۆشى يەۋاتقاننىڭ ئۆستىگە كىرىپ قالغانلىقى ، ئۇلارنىڭ قىلچە غەيرىلىك ھىس قىلماستىن ”مىھماندوستلۇق“ بىلەن بۇ دوستۇمنى بىللە يېيىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى، دوستۇمنىڭ ئاچچىغىدا شىرەنى بىر تېپىپ ئۇستىدىكى قالغان گۆش ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆرۇپ تاشلاپ باشقا بىر دوستىنىڭ ياتىقىدا بىر كىچە ئۆتكۈزۇپ ئەتىسى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ تىخى مەسئۇلىيەتنى ئۇ دۇستۇمغا ئارتماقچى بولغانلىقى ھىلىمۇ ئىسىمدە. بۇنداق مىساللار نۇرغۇن ،مەيلى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بولسۇن ،ۋەياكى يىڭى ئوقوغۇچىلارنى كۆتىۋىلىش بولسۇن ئاڭلايدىغىنىمىز ، سۆزلەيدىغىنى بىر قىلىپقا سىلىغلىق. ئىتىقاد ، مىللى ئورپ-ئادەت جەھەتتىكى ھۆرمەت ئىتىراپلار تىلغا ئىلىنمايتى ، ئىشقىلىپ مەن ئاڭلاپ باقمىدىم .  بىر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان قەۋم توپلىشىپ ياشايدىغان بىر رايۇندا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشى ، يەنە ئۇيغۇرلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان قەشقەر دىيارىدا بۇنداق ئىشنىڭ سادىر بولۇشى مەنچە مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا  مەۋجۇت بولغان، تۇلدۇرۇش تىگىشلىك بولغان ئەۋرەز كۆلچىكىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ.   
‌ ئىتىقادقا تۇتۇلغان ھۆرمەت ھۆرمەتلىگۇچى ۋە ھۆرمەتلەنگۇچى ئارىسىدا ئۇن تىنسىز ھالدا يىقىنلىشىش ، دوستلىشىش ئۇرۇقىنى چاچىدۇ . ناۋادا باشقا جەھەتتىكى ئىشلارغا  ھۆرمەت قىلىشنى ئاۋۋال تەكىتلەپ ، ئىتىقادىي ،مىللىي ئورپ-ئادەتكە تۇتۇلغان ھۆرمەت قايرىپ قويۇلسا ۋە ياكى ئاخىرىغا تىزىپ قويۇلسا بۇنداق مۇناسىۋەتتىن دوسلىشىش، يىقىنلىىش پەقەت خوراز تۇخۇم تۇققاندا پەيدا بولۇشى مومكىن .
‌  ئىتىقاد، مىللىي ئورپ-ئادەت جەھەتتىكى ھۆرمەتكە ئىرىشكىنىمدىن خۇشاللىنىپ زەبۇن بولغان ، دەسسەپ-چەيلەنگەن ، خارلىق پاتقىغىغا پاتقان ھۆرمەتلىنىش ۋە ھۆرمەتلەش قاتارلىق ئىنسانىي تۇيغۇلىرىمنى پاسكىنا،چىرىندىلاردىن تازىلاش ،قايتىدىن تىكلەش ئۇچۇن بىر مەزگىل ئالدىراش يۇردۇم. ئارىدا يۈز بەرگەن بىر تاساددىپىي ۋەقە مىنى يەنە يىڭى خىياللار قاينىمىغا سۆرەپ كىردى. بىر كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كەچرەك كىرگەن ئىدىم ، ئاشخانا خادىملىرى ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن، مەن چىراغ يورۇپ تۇرغان پۇكەينىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەمشىلىۋاتسام ”بىز ئىشتىن چۈشتۇق ، ئەتە كەل “ دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى بىرەيلەن . ۋارقىراپ سۆزلەشنىڭ ماھىيىتىنى، ۋارقىراپ سۆزلىگۇچىگە ۋارقىراپ جاۋاپ قايتۇرمىسا زىيان تارتىدىغانلىقىنى يۇرتتا ھىس قىلغانىدىم . بۇ يەردە يۇرتتىكى ھىسسىيات بويىچە يۇقارقى ۋارقىراشقا قانداق جاۋاپ بېرىشنى ئويلىشىپ بولدۇم. ”بوشراق گەپ قىل ، ئاڭلىيالايمەن“ دەپ توۋلىغىنىمچە چىقىپ كەتتىم. ھىچقانداق غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. لىكىن ئىشنىڭ قىززىقى ئەتىسى يۈز بەردى.  ماڭا گەپ قىلغان ئاشپەز مېنى تونىۋالغانمۇ قانداق ئەتىسى تاماق ئىلىپ پۇل تۆلەي دەپ تۇرسام ،”يىگىت كەچۇر، بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر ئاۋازىمىزنى يۇقىرى چىقىرىپ كۆنۈپ قاپتۇق ، ھەرگىز باشقا مەقسىتىمىز يوق “ دىدى، شۇ جايىمدا تۇرۇپ قالدىم ، بۇنداق ئەھۋالغا تۇنجى قىتىم يولۇقۇشۇم ،بىر خىل ئىللىق سىزىم قەلبىمنى ئىگەللەپ بولغانىدى. ناۋادا بۇ ئىش يۇرتتا يۈز بەرگەن بولسا قانداق بولار ئىدى ؟ ئاكتىپلىق بىلەن سەۋەبىنى چۇشەندۇرەرمىدى ياكى تاماقنى ئالدىمغا تاراقلىتىپ قويۇپ كىبىر كۆرسىتەرمىدى؟  جاۋابى ھەممىمىزگە ئىنىق .  شۇنىسى ئىنىقكى يۇرتتا ، بىزنىڭ مەكتەپنى مىسالغا ئالساق باشلىققا يۇمشاق ، سەت ھىجىيىپ  قۇلغا ئايلىنىدىغان ، ئوقوغۇچى خاتالىق سادىر قىلسا قانداق خاتا قىلغان ، قانداق قىلسا بولىتى چۇشەندۇرمەيلا قاتتىق ،قوپال تىگىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى جىق كۆرگەن ئىدىم ، مەكتەپ رەھبىرىگە بىر قاچا پولۇ ، ئۇچ پارچە گۆش بىسىپ رەسمىيەت يۈززىسىدىن بىر كۆي پۇل ئالغانلىقىنى ، گوشتىن ئىككىنى باستۇرىمەن دىسەم مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسى پەقەت ۋە پەقەت بىر پارچە گۆش ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ھەممىسى ئوخشاش دىگەن كاززاپ ئاشپەزنىىمۇ كۆرگەن ئىدىم .  بۇ يەردىكى مەكتەپنىڭ ئاتالمىش بەلگىلىمىسى ھىلىقى رەھبەرنىڭ نەپسى خائىشى ئالدىدا پالاستەك قىقىلىپ كىتىدۇ .  رەھبەر بىر دېسە بىر بۇ مەكتەپتە ، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىكە بولمايدۇ دېسە ئۇيغۇر سىكىرتارنىڭ چىشى ئۆتمەيدۇ بۇ مەكتەپتە ،  خەنزۇچە مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھىلىقى رەھبەر ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ بىكىتكەن بۇ مەكتەپتە . بۇ مەكتەپ شۇنداق بىر جاي ئىدىكى ھورمەت ۋە باشقا نەرسىلەر ئەمەس ھوقوق ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى .  ھۆرمەتلىنىش ، ھۆرمەتلەش ھوقوقنىڭ سۇرى ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى . شۇنداقلا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار مۇشۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىناتتۇق.
‌ باشتا ئىيتقىنىمدەك مۇساپىرەت ياراتقۇچىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ماڭا بىلدۇرۇشىگە ۋاستە بولدى ،ھەمدە مۇساپىرەتنى ماڭا ۋاستە قىلىپ تاللاپ بەرگەن ياراتقۇچىغا تەشەككۇرلەر بولسۇن.   شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى ناۋادا مىنىڭ شۇنداقلا نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ يىتىلىش جەريانى مۇساپىرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا  بۇ يىتىلىشنى مەجرۇھ بولغان يىتىلىش مۇساپىسى دەپ ئويلىساق بولىدۇ،  ئاللاھنىڭ ئىنايىتىدە مۇساپىرەتتە مەجرۇھ تەنگە شىپاھ بولىدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ھىكمەت رىتسىپلىرى كۆمۈلگەنلىكى ئىنىق.
‌     بىر قىلىچ بەرسە خۇدا .كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرىسام ،
‌     ئۆزسە خەلقىم بوينىدىن خارلىق كىشەن زەنجىرىنى.
‌   گەر خارابكەن ئەل ۋەتەن كاللامنى ئۈزسۇن شۇ قىلىچ ،
‌  كۆرمىسۇن شەۋقىي كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى .
‌     —   ھاجى قۇتلۇق شەۋقىي
‌  ئاڭداش ۋە قانداشلىرىمغا ، سۇيۇملۈك ئۇيغۇرۇمغا ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ بىغىشلايمەن.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46650
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-4 21:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا بارىكاللا،ياخشى يىزىپسىلە،كۆڭۈلدىكى گەپلەنى يىزىپسىلە،قولۇڭلىغا دەت بەمىسۇن.

ئاق دىسە قۇندۇزنى باشلىق سەندىدىڭ قاردىنمۇ ئاق،
ياش دىسە ئاق باش موماينى ھەم دىدىڭ پاخلان بوۋاق.
دەۋىرىپ دائىم ئاشۇنداق جىقلاپ نەپ ئالدىڭ-بىراق،
شەكلىڭ ئادەملىكتە قالدى خىسلىتىڭ كەتتى يىراقن

بەزىلە بەئەينى مۇش شىئىردىكىدەك،شەكلى ئادەم بولغان بىلەن خىسلىتىدىن سۆز ئىچىش بەسى مۈشكۈل.

داۋاملىق تىرشىڭلا بۇرادەر،مەن قوللايمە.

0

تېما

0

دوست

445

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   72.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34548
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-4 21:06:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن چوقۇم كەلگۈسىدە گۆلەن ئەپەندىمدەك ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن كىشىمىز بولۇپ چىقىسەن ئىنىم. سەندىن بەك سۆيۈندۈم. يازمىلىرىڭنى ئەستايىدىل ئوقۇيمەن. تەكلىۋىم: سۆز ئىشلىتىشتە گۈلەن ئەپەندىمدەك سۆزنى بىۋاستە ئىشلىتىشتىن ۋاستىلىق ئىشلىتىشنى ئۈگۈنىۋال . گېپىمنى چوقۇم چۈشەندىڭ. تېخىمۇ تىرىشقىن ئىنىم

0

تېما

0

دوست

146

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46650
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-4 21:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا بۇرادەر بۇ يازماڭلا نەخ يۈرەككە تەگدى،
رەھمەت قەلىمىڭلاغا دەت بەمىسۇن.


ئاق دىسە قۇندۇزنى باشلىق سەن دىدىڭ قاردىنمۇ ئاق،
ياش دىسە ئاق باش موماينى ھەم دىدىڭ پاخلان بوۋاق.
دەۋىرىپ دائىم ئاشۇنداق جىقلاپ نەپ ئالدىڭ--بىراق،
شەكلىڭ ئادەملىكتە قالدى خىسلىتىڭ كەتتى يىراق.

بەزىلە بەئەينى مۇش شىئىردىكىگە ئوخشاش،تۇرقى ئادەم بوغان بىلەن خىسلىتىدىن سۆز ئىچىش بەسى مۈشكۈل.
رەھمەت قىرىندىشىم داۋاملىق تىرشىڭ سىزنى قوللايمەن.
uyghuray

0

تېما

7

دوست

3821

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1158
توردىكى ۋاقتى: 288
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-4 21:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاھىم يامان كۆزدىن نېرى قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئالدىنقى 3 بۆلىكىنى نەدىن كۆرگىلى بولا؟

0

تېما

0

دوست

139

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45611
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-5 10:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ  يازمىلىرىڭىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى «ھاياجانلاندۇرۇپ»،«ئامەت» ئېلىپ كەلمىسىلا بولاتتىغۇ؟ ...................................................................

0

تېما

12

دوست

4983

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1520
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-5 19:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىدا توختىلىپسىز بۇرادەر...قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.....

0

تېما

26

دوست

2153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-6 02:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇساپىرلىق ـ ھەقىقەتەنمۇ يامان . بۇنىڭ ئازابلىرىنى  پەقەتلا ، ئۆز بېشىدىن ھەقىقىي يوسۇندا كەچۈرگەنلەرلا ، ئىنتايىن ياخشى چۈشۈنۈپ يېتەلىشى مۇمكىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )