قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 5

[نوبېل مائارىپى] بىر ياخشى دادا 200 ياخشى مۇئەللىمدىنمۇ ئارتۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34956
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-1 00:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nobel-edu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 00:46  

بىر ياخشى دادا 200 ياخشى مۇئەللىمدىنمۇ ئارتۇق


ئاتىلارنىڭ ساپاسى قانچە يۇقىرى بولسا، بالىلار شۇنچە ئىستىقباللىق بولىدۇ
ئاتىلىق مېھرىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ياردەم بېرىڭ.
بەدەن ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش - بالىنى ياخشى تەربىيەلەشتىكى ئاساس.
توغرا «يول كۆرسىتىش» دادىلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى.
بالىلارغا ئۆز ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىتىش كېرەك.
ھەرقانداق بىر مەسىلىسى بار بالىنىڭ كەينىدە مەسىلىسى بار دادا بولىدۇ.
دادىلارمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك.
بالىلارغا كوللېكتىپ ھەمكارلىق بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
بالىلارغا «ئارزۇ» ئۇرۇقلىرىنى چېچىڭ.
بالىلارنىڭ %99 غەلىبىسى دادىلارنىڭ %1 ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ.
بالىلارنى ئۆزگەرتىش دادىلارنى ئۆزگەرتىشتىن كېلىدۇ.
تەربىيەلىگىلى بولمايدىغان بالا يوق، پەقەت تەربىيە قىلىشنى بىلمەيدىغان دادا بار.
«ئاجىز» دادا «كۈچلۈك» بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.
بالىلارنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئارتۇقچىلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تەنقىدلەشكە ماختاش چاپىنىنى كېيگۈزۈپ قويۇش كېرەك.
ئىمتىھان نەتىجىسىنى بالىلارنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالماڭ.
دادىلار بالىلىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
دادىلار «ئائىلە پىسخولوگى» بولۇشى كېرەك.
ئاكتىپ روھى ھالەت بولغاندىلا گۈزەل كەلگۈسى بولىدۇ.
بالىلار خۇشال-خۇرام بولغاندىلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ.
مۇستەقىللىق پىكىر قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق بالىلارغا ئۆز ھاياتىنى تاللىتىش كېرەك.
ئۈمىدۋارلىق بالىلارنىڭ تۇرمۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان ماياك.
بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت ئۆسمىسىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك.
ئۈمىد دادىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن كېلىدۇ.
بالىلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيەسىنى يۇيۇپ تاشلاشقا ياردەم قىلىش لازىم.

دادىلار بالىلارغا چوقۇم بېرىشى كېرەك بولغان 10 خىل ساپا

مىننەتدارلىق - بىر خىل ئەخلاقتۇر.
كەڭ قورساقلىق - بالىلارغا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاشنى ئۆگىتىدۇ.
خۇشال-خۇراملىق - بالىلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتىكى ئاچقۇچ.
ئۈمىدۋارلىق - بالىلارنىڭ ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك قۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
سەمىمىيلىك - بالىلارنىڭ ھايات يولىدىكى يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسى.
ئىشچانلىق - بالىلاردا ھەسەل ھەرىسىدەك «ئىشچان» روھ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئەدەپ - بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىكى «ئىسىم كارتىسى».
مەسئۇلىيەت - بالىلارنىڭ قەلب باغچىسىغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تىكىش كېرەك.

بالىلارنىڭ «مالىيە مەسلىھەتچىسى» بولۇڭ
بالىلارغا ئىلمىي پۇل خەجلەشنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىتىش لازىم.
بالىلارنى پۇلنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ قويماسلىق كېرەك.
بالىغا پارچە پۇللارنى خەجلەش بىلىمىنى ئۆگىتىش كېرەك.

ياخشى ئادەت بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلاردا ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ۋاقىت دېمەك پۇل دېمەكتۇر، ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىمىنى ئۆگىتىش لازىمدۇر.
بالىلاردا ئەمگەكنى سۆيۈشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
تېجەشچانلىق بىلەن تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىدۇ.
بالىدا ئۆگىنىشنى سۆيۈشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى ساغلام بالىغا بەدەن ئاتا قىلىدۇ.
بالىلاردا توغرا بولغان تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
بالىلارنى مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

ئاتىلارنىڭ «ساپا مائارىپى»

يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى قوزغاش - بالىلارنىڭ بايقاشقا ماھىر بولۇشىغا پايدىلىق.
چۈشىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆپ كىتاب ئوقۇشتىن باشلاش كېرەك.
دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى – بالىلارنىڭ ئىشلارنى بېرىلىپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.  
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش- بالىلارنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
تەسەۋۋۇر كۈچىنى نامايان قىلىش، بالىلارنىڭ دۇنياسىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
كۆزىتىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.

11 خىل ئىشتىن ھەزەر ئەيلەش

ئاتا مۇھەببىتىنى ئەقلىيلىقتىن ئايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بالىلارنى ئۆزىنىڭ «ئويى» بويىچە ئىش قىلدۇرماسلىق لازىم.
دائىم دادىلىق ھوقۇقى بىلەن بالىلارنى چەكلەۋەرمەسلىك كېرەك.
ئۆزىڭىزنىڭ «ئۆلچىمى» بىلەن بالىلارغا ھۆكۈم قىلماڭ
ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى بالىلارغا زورلاپ تاڭماڭ
بالىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.
«نومۇر» بىلەن بالىلارنى ئۆلچىمەڭ.
بالىلارنىڭ «ئاجىز نۇقتىسى»نى دائىم تەكىتلەۋەرمەڭ.
بالىلارنىڭ تۇرمۇش خەرىتىسىنى سىز لايىھەلەپ بەرمەڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش ھوقۇقى بېرىڭ.
بالىڭىزغا قارىشى تۇرۇپ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىۋەرمەڭ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ يېتەكلەڭ.
بالىلارنى ھەشەمەتخور قىلىپ قويماڭ.

بالىلارغا ئازار بېرىدىغان يەتتە جۈملە سۆز

«سەن نېمانداق دۆت»
«كۆزۈمدىن يوقال»
«شۇنچە يىل سېنى بىكارغا بېقىپتىمەن»
«ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ، سەل تۇرۇپ دېيىشەيلى»
«سېنى قانداق ئەدەبلەيدىغىنىمنى ھېلى كۆر»
«قوشنىمىزنىڭ بالىسى پالانچىغا قارا، ئۇ سەندىن قالتىس»
«ئۆزۈڭنى مەن چوڭ بولدۇم، باشقۇرالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالما»

ئاتىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى ئالتە ئىنچىكە نۇقتىلىرى

مېھىر-مۇھەببەت پۇلدىن مۇھىم.
ۋاقىتقا رىئايە قىلىش - سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزنى ئىسپاتلاشتىكى ئاساس.
بالىنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىلا چەكلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئوڭۇشسىزلىقلارنى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى «ئاچقۇچ» دەپ بىلىش كېرەك.
ھال ئەھۋالى قانچە ياخشى بولسىمۇ بالىنى چوقۇم «جاپا» تارتقۇزۇش كېرەك.
بىچارە بولۇۋالماڭ، ئۆزىڭىزگە مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ.

بالىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان 13 گۆھەر

دېققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش - بالىلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
بەرداشلىق بېرىش - سىرتقى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
جەڭ ئېلان قىلىش- غەلىبە چوقىسىغا يامىشىشقا جۈرئەت قىلالىشى كېرەك.
ھەمكارلىق – ھەمكارلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
ناتىقلىق – ياخشى بولغان نۇتۇق قابىلىيىتى گۈزەل ھايات بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى.
قايتا ئويلىنىش - بالىلارنىڭ ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر.
يېڭىش-يېڭىلىش - غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم.
پىكىر ئالماشتۇرۇش - پەرەز قىلىش بىلەن قارىشى تۇرۇشنىڭ بىرىكتۈرۈش دورىسىدۇر.
ياخشى خۇلق- ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى – ئىقتىدارنىڭ رىقابەت كۈچىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
ئۆزگىرىش – ئىدىيەنى خىياللار قەپىسىدىن ئازات قىلىشنىڭ شىپالىق دورىسى.

بالىلار ئۆگىنىشنى سۆيىدىغان بولسۇن

«يۇقىرى بېسىملىق» دادا بولماسلىق
بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى چەكلەيدىغان ئاساسلىق سەۋەبنى تېپىپ چىقىش
بالىغا «ماركا» چاپلاپ قويماسلىق
مۇۋاپىق ۋاقىتتا «پادا بېقىش ئۇسۇلى» تەربىيەسىنى قوللىنىش (بالىغا مۇۋاپىق ئەركىنلىك بېرىش)
ئۇستىلىق بىلەن بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى قوزغاش.
يامانلىقنى ياخشىغا ئۆزگەرتىش: يەر تۆۋەن بولسا دېڭىزغا ئايلىنىدۇ، ئادەم كەمتەر بولسا تۆرگە چىقىدۇ.
بالىغا خۇشال-خۇرام ئوينايدىغان ۋاقىت بېرىش.
بالىنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش.
بالىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى قوزغاش.
بالىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىش.
ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئىش قىلىشقا ئۈندەش.
بالىنىڭ «ئۆگىنىش سۆيەر»لىكىنى ۋاقتىدا ماختاش.
«ئۆزىنى ئىدارە قىلىش» ئىقتىدارىنىڭ ئاساسىنى يېتىلدۈرۈش.

بالىلارنىڭ «ئالاھىدىلىك»ىنى يېتىلدۈرۈش

بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقايدىغان ئۆتكۈر كۆزلۈك ئاتا بولۇش.
بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ ساپماسلىق.
قېيىقنى سۇنىڭ ئېقىشىغا ھەيدەپ پالاقنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش.
سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، «ئارتۇقچىلىق»نى بالدۇر بايقاش.

بالىلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدىغان يەتتە دەرس

ئۈلگە دەرىسى: لاياقەتلىك ئاتا - ئىلغار بالىلارنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئالاقە دەرسى: ئۈنۈملۈك پىكىرلىشىش، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇلىيەت دەرسى: ئاتا سۇ بولسا، بالا سۇدا ئالغا ئىلگىرىلىگۈچى قىيىقتۇر.
ئەيىبلەش دەرسى: بالىلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يول.
ماختاش دەرسى: ماختاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىشتە ھەرگىزمۇ پىخسىقلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
بەخت دەرسى:«ئاپتاپپەرەس» تەك ھاياتتىن ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئېلىشنى بىلىش لازىم.
مېھىر-شەپقەت دەرسى: بالىلارنى ساغلام خاراكتېرىگە ئىگە قىلىش.
مۇۋەپپەقىيەت دەرسى: سۈپەتلىك ئۇرۇقتىن كۆپ مول - ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە: <http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... qRalkPLmFWVnrSoCrTp>

$nobel code.jpg

$nobel adress.1.jpg


uyghuray

1

تېما

8

دوست

7032

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1880
توردىكى ۋاقتى: 766
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-2 20:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن.جاپالىق ئەمگىڭىزگە تەشەككۈر!

0

تېما

2

دوست

2992

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35399
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-3 01:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭىز
تىمىڭىزنىڭ ئىسىللىقىدىن ،سالونىڭىزنى قىتىۋالدىم

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6401
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-27 13:22:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەملىي مىسال بولغان بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلاتتىكەن. بىزدە پايدىلانغىدەك قىمممىتى بار يازمىلار كۆپرەك چىقسا ياش ئاتا-ئانىلارغا پايدىسى بۇلار ئىدى. تومتاقلا دەپ قويغان سۆزلەر ،كىشلەرگە ئانچە كار قىلمايدۇ.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 17:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 17:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-27 13:22
ئەملىي مىسال بولغان بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلاتتىكە ...

پاكلىق ئەلچىسى

جۇباجينىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلدىڭىزمۇ نىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )