دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپكە بېلەت تاشلايلى!
تاشپولات روزى
سالام قېرىنداشلار 2015-يىللىق غول ھۈجەيرە كىشىسىنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا بېرىلگەن بولۇپ، 10 ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ <”Shoukhrat Mitalipov”> نامزاتلار ئىچىدە باشقىلارنى 10% دىن يۇقىرى پەرق بىلەن يېڭىپ بىرىنچى ئورۇنغا چىققان ئىدى. بىراق بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ شۇ كۈنى شۆھرەت مۇتەللىپنى نامزاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇ ئورۇنغا دەررۇ خەت يېزىپ بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىنى ھەم شۆھرەت مۇتەللىپنى دەررۇ تىزىملىك ئىچىگە ئەكىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئۇلار 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن مېنىڭ خېتىمگە تور بېتىدە جاۋاب بېرىپتۇ(مېنىڭ يازغان خېتىمنى تۆۋەندىكى بېلەت تاشلاش ئۇلىنىشىدا كۆرەلەيسىز) ھەم شۆھرەت مۇتەللىپنى تىزىملىككە قايتا قويغانلىقىنى بىراق شۆھرەت مۇتەللىپكە تاشلانغان كۆپ بېلەتنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتۈپتۇ. بۈگۈن شۆھرەت مۇتەللىپ 25 نامزاتلار ئىچىدە 4-ئورۇنغا چىقتى.
نېمە ئۈچۈن شۆھرەت مۇتەللىپنى قوللىغۇچىلارنىڭ تاشلانغان بېلىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ؟
بۇ تور بېتىدە بېلەت تاشلىغۇچى بىر كۈندە پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ دەپ ئېنىق يازغان. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۆھرەت مۇتەللىپكە بىر كۈن ئىچىدە بىرقانچە قېتىم بېلەت تاشلىغان گەپ. بۇنداق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ! شۇڭا سىز ھەقىقىي ئالىمىمىزنى بۇ باھالاشتا ئۇتۇپ چىقسۇن دېسىڭىز دېيىلگەن قايدىگە قەتئىي رايە قىلىڭ! مېنىڭچە بىر كۈن ئىچىدە بىر قېتىم بېلەت تاشلىساقمۇ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىدا گەپ يوق. شۇڭا يەنە تەكىتلەي، بىر كۈن ئىچىدە پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاڭ! بېلەت تاشلاش 10-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ
قانداق قىلغاندا بېلەتنى توغرا تاشلىغىلى بولىدۇ؟
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىسمىنى تېپىپ، ئىسمىنىڭ يېنىدىكى ئاق دۈگىلەكنىڭ ئۈستىگە چېكىت قويىسىز، ئۇنۇڭدىن كېيىن ئىسترېلكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېلەت تاشلاش دېگەن خەتنى يەنى ”Vote” دېگەننى چەكسىڭىز بىر كۆرۈنۈش ئېچىلىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشتىكى كاتەكچە ئىچىدە ئىنگلىزچە يېزىلغان خەتلەر ياكى سان كۆرۈنىدۇ، كۆرۈنگەن ئىنگلىزچە خەتلەرنى ياكى سانلارنى تۆۋەندىكى كاتەكچىگە كۆچۈرۈپ يازىسىز، يېزىپ بولۇپ ئاخىرىدا ”Vote” دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىز ئىش تامام بولىدۇ. تۆۋەندە مەن يەنە بېلەت تاشلاشنىڭ 4 باسقۇچىنى رەسىملىك قىلىپ يوللاپمۇ قويىمەن. بۇ نامزاتلار تىزىملىكىدە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىسمى ”Shoukhrat Mitalipov” دەپ يېزىلغان.
http://www.ipscell.com/2015/10/scpoy15vote/
يۇقىرىدىكى قايدىگە بوي سۇنۇپ، بېلەت تاشلاشنى ھازىر باشلىۋېتىڭ! بىر كۈن ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار! 10-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ھەر كۈنى بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
|