- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16418
- نادىر
- 2
- يازما
- 707
ئۆسۈش
  16.05%
|
مەن ئوقوغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارغا ئاتاپ كۆڭلىدىكى ئارزۇ- تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆزلىرى ياساپ تەييارلىغان قەغەز كارتىلارنى سوۋغا قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ئوخشاشمايدۇ، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە دورامچىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز. شۇڭا بۇنداق بولغاندا، ھەم ئوقۇغۇچىغا، ھەم ئوقۇتقۇچىغا ، شۇنداقلا ئائىلە باشلىقلىرىغىمۇ بېسىم بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچىلار ئېڭىدا ئۆزىنى يوقۇرى - تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان نەرسىلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىغا بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن بىردەك خۇش بولىدۇ. بۇنداق سوۋغاتلارنى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغان ئاساستا سىنىپتىكى قارادوسكىغا(تام گېزىتى) چاپلاپ ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان رەھمىتى ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا خۇش بولۇپ بايرام شادلىغىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولالايدۇ.
لاياقەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇشاللىقى، ئۇلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت بەخىت ھەم خۇشاللىق بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. |
|