قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3771|ئىنكاس: 17

تاشپولات: باللىرىمىزنىڭ ئويلاش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 12:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىرىمىزنىڭ ئويلاش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرەيلى

تاشپولات روزى



2004- يىلى ئوغلۇمنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانجېلېستىكى ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر يەسلىگە بەردۇق. مەكتەپنىڭ ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قېتىمقى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا قۇلىقىمغا كۆپ ئاڭلانغان سۆز « critical thinking» بولدى. « critical thinking» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلساق «تەنقىدىي ئويلاش» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئامېرىكىدا تەنقىدىي ئويلاشنى يەنە تەنقىدىي ئانالىز قىلىش دەپمۇ قوللىنىدۇ. تەنقىدىي ئويلاش ھازىرقى ئامېرىكا مائارىپىنىڭ جەۋھىرى دېسەكمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ. ئامېرىكا مائارىپىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىشى مانا مۇشۇ «تەنقىدىي ئويلاش» تا ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلىلەرنى تەنقىدىي ئويلاش بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.

1930- يىلدىن باشلاپ تەنقىدىي ئويلاش ئامېرىكا مائارىپىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 1960-يىلىغىچە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئەگىشىپ دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. 1970-يىلىغا كەلگەندە ئاساسى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئۇنتۇلۇپ قېلىنىپ، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ. بىراق 1980-يىلدىن باشلاپ ئۇ يەنە باشقىدىن دىققەت قىلىنىشقا باشلىنىپ، ئامېرىكا مائارىپشۇناسلىق، پسىخولوگىيە قاتارلىق ساھەلىرىدە ئۆز ئورنىنى تېپىپ بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ كەسىپنى ھازىر ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەربىر كەسىپ ئىگىلىگۈچى چوقۇم ئۆگەنمىسە بولمايدىغان يەرگە يەتتى. مەن مەكتىپىمىزنىڭ بىرقانچە يېڭى كەسپى پروگراممىلىرىنى ئېچىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، بۇ تەنقىدىي ئويلاش كەسپىنى ئاشۇ يېڭى ئېچىلغان پروگراممىلىرىغا قېتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان كەسپى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق.


بىزنىڭ  «تەنقىد» دېگەننى خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىدىغان، بىر خىل يامان نەرسىدەك چۈشىنىۋالىدىغان مىجەزىمىز ۋە ئادىتىمىز بار چۈنكى بىز مەسىلىلەردە نېمىنى تەنقىدلەشنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ مەشىق قىلمىغان، كۆپ ۋاقتىمىزدا  مانى قىلساڭ يامان بولىدۇ دېيىلگەننى ئۆگىنىپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى ئويلاۋسىز ئۆگەنگەن. مەسىلەن بىرى بىر ئوغرىنى ئاران تەسلىكتە قوغلاپ تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ، ئوغرىنىڭ ئېغزى بۇرنىنى قان قىلىپ قويسا، ئەتراپىدىكىلەر ئاۋۇ ئوغرىغا ئىچى ئاغرىپ، ئوغرىنى تۇتقان ئادەمنى ئەيىبلەيدۇ يەنى تەنقىدنى نەق جايىغا ئاپىرالمايمىز. شۇڭلاشقىمىكىن بەزىمىز ماقالە يازساق كۆڭلىدىكى ھەقىقىي نەرسىنى يازماي، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ۋە ئۆزى تۇرغان بىر توپنى كۆپ ئويلاپ قارشى تەرەپ ۋە ئاشۇ توپ ئۈچۈن ماقالە يازىمىز. ئامېرىكا مائارىپىدا تەلەپ قىلىدىغان «تەنقىد»  بولسا قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش بولماستىن، ئوبيېكتىپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك چۈشىنىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى مۆلچەرلەشتىن ئىبارەت. تەنقىدىي ئويلاش، باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كېلىپ چىققان خۇلاسىلەرنى پەقەتلا ئىنكار قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان خۇلاسىنىڭ ئاساسىغا نىسبەتەن، ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ دېگەن سوئال قويۇلۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.


ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ۋاقتىدا سۆزلەنگەن مەسىلىنىڭ راستلا توغرا ياكى خاتالىقىنى ياكى بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارشى بار- يوقلىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن قايتا-قايتا سوراپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرنى شۇ پېتى يۈتىۋېتەمدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرى نەزەرگە ئېلىندىمۇ ۋە ياكى ھۆكۈم بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتتىمۇ قانداق دېگەنلەرگە دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز پىكرىنى ئادىل ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى دەرسخانىغا ئەكىرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا تەنقىدىي ئويلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەكتەپ مائارىپىدا «ئويلاش ئۇسۇلى»نىڭ ئۆگىتىلىش سەۋەبى بۇ دېيىلگەن «ئۇسۇلنى» كىملا بولسۇن قاتتىق مەشىق قىلسىلا بىلىۋالالايدىغانلىقى بولغان. ئوقۇغۇچىلار تەنقىدىي ئويلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئويلاشلىرىغا دىققەت قىلىپ، ئويلاشنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، نەرسىلەرنى ئوبيېكتىپ كۆرۈشنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ كۆز قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمە ئويلاشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ناھايىتى چوڭقۇر ئويلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بولغان بىر كۈچنى يېتىلدۈرۈپ چىقالايدۇ.

نېمە ئۈچۈن تەنقىدىي ئويلايمىز؟

ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىشانى، «جەمئىيەتكە پايدىلىق بولغان ئەمەلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولغان» بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش. تەنقىدىي ئويلاش بولسا ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرىغان ھەرخىل مەسىلىلەرنى لوگىكىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئويلاشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئەقلىي ساۋات، ھېسسىي تۇيغۇ، ھېس قىلغان پىكىر قاتارلىقلارغا ئاساسەن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان خاتا ھۆكۈملەرنى ئازايتىپ، ئېنىق ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ لوگىكىلىق ئويلاشلارنى ئۆزىنىڭ قىلىش نەتىجىسىدە، مەسىلىلەرنى ناھايىتى تېز ۋە ناھايىتى مۇۋاپىق ھەل قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولىدۇ.

ئىلغار ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتتە ماھىرلىق بىلەن ياشاش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ئۇچۇرلارنى ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ ئىشلىتىش يەنى «ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى» زۆرۈر بولىدۇ. مەكتەپ مائارىپىغا نىسبەتەن ئۇچۇر مېدىئانىنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپمۇ قالىدۇ. تەنقىدىي ئويلاش، مەسىلە ياكى مەقسەتكە ئاساسەن  ئۇچۇرلارنى شاللاپ ئاندىن تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى ياكى جەمئىيەتتىكى تۇرمۇشى ئۈچۈن پايدىلىنىش قابىلىيىتىنى پەرۋىش قىلىدۇ. كۆپ تەرەپلىمىلىك قىممەت قارىشى ياكى مەدەنىيىتى ئورتاقلىققا ئىگە دۇنياۋى جەمئىيەتتە، پايدىلىق ئىش قىلالايدىغان ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان كۆپ تىللىق ئادەملەرگە نىسبەتەن، تەنقىدىي ئويلاش زۆرۈر قابىلىيەتتىن ئىبارەت. مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارىشى ئوخشىمايدىغان ئادەملەر بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن لوگىكىلىق ھەم بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەيدىغان ئەۋرىشىملىك ئويلاش، قارشى تەرەپتە تۇرۇپ نەرسىلەرنى ئويلىيالايدىغان تەپەككۇر كۈچى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ دېگىنىنى توغرا دەپلا تۇرىدىغان رامكا ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە ئادەملەر بىلەن بىردەك پىكىرگە كېلىپ مەسىلە ھەل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. مەسىلە ھەل قىلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن ئاشۇ ئۆز توپىنى جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋەيران قىلىدۇ.

ئۆزىنىڭ  ھاياتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ياشاش كۈچىنى بەرپا قىلىش.

تەنقىدىي ئويلاش بولسا ئۆگىنىشتە ياكى جەمئىيەت تۇرمۇشىدا پايدىلىق ماھارەت بولۇش بىلەن بىرگە ھايات ئۆزىگە ئوخشىغان سۇبيېكتىپ ياشاش كۈچىدىنمۇ ئىبارەت. ھەر خىل ئويلاش مەشىقلىرىگە ئۇچراپ تەربىيىلەنگەن بالىلار، ئۆزىنىڭ نېمىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچىلىقىنى، قانداق ئورۇندا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، قانداق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىنى،  يەنى ئۆز-ئۆزىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ كېتەلەيدىغان بولىدۇ.

ئەتراپتىكى پىكىرلەرنى ياكى جەمئىيەتنىلا ئويلاپ كۆز قارىشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش  ئەمەس، ئۆز كاللىسىدا ئويلاپ، تاللاپ، ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنىڭ بولىشى، ئۆزىنىڭ مۇددىئاسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يولىنى ياكى خىزمىتىنى تاللاپ ئالغانلىق بولىدۇ. ئۆزىگە نىسبەتەن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق ھەر كۈنى قانداق ھەرىكەت قىلىشنى تاللاپ ماڭىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى كۆزىتىپ، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇدۇل ئىلگىرىلىيەلەيدىغان ئۆزىگە خاس ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

خەلقئارالىشىۋاتقان ۋە ئۇچۇرلىشىۋاتقان بۇ كۆپ قىرلىق جەمئىيەتتە باللىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ھاياتنى يارىتىشى ئۈچۈن «تەنقىدىي ئويلاش» كەم بولسا بولمايدىغان قابىلىيەتتىن ئىبارەت. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار، ئىنگلىز تىل قابىلىيىتىنىلا ئۆستۈرۈپلا قالماي «ئويلاش ئۇسۇلى» نىمۇ ئۆگىنىدۇ. مېنىڭچە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەنقىدىي ئۇسۇلنى ئۆگىنىشكە زور ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆيلەردىمۇ ئۆگىتىشى، ھەرگىزمۇ بالىلارنى بۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ دەپ تەپەككۇرنى بوغماسلىقىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلار جەمئىيەتكە ۋە دۇنياغا تۆھپە قوشالايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ياشلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

سوئالنى مۇھىم ئورۇنغا قويايلى.

ئائىلىدە تەنقىدىي ئويلاشنى بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلاردىن كۆپ سوئال سوراش كېرەك. مەسىلەن «نېمە ئۈچۈن؟»، «قانداق قىلىپ؟»، «ئەگەر بۇنداق بولسا…؟» دېگەندەك سوئاللارنى كۆپ سوراپ، نەرسىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم. بالىلارغا «نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئويلىدىڭ؟»، «نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلماقچى؟» دەپ سوئال سوراپ بەرسەك، بالىلار تىرىشىپ تىرمىشىپ سەۋەبنى ئويلاپ جاۋاب تاپىدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى ياكى ئويلىغان سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش قىيىن بولسىمۇ، ئاتا-ئانا ئىنكار ياكى تەنقىد قىلماي ناھايىتى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ بەرسە، بالا چوقۇم جاۋاب بېرىدۇ. بىزدە بەزى ئاتا-ئانىلار بالا بىر سوئالغا جاۋاب بېرە بەرمەيلا ئۇنى ئىنكار قىلىپ بالىنى ئەيىبلەيدۇ. مەسىلەن، مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن دۆت دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىنى قورقۇتۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى بوغقانلىق بولىدۇ.


ئىلى تېلېۋىزىيە ئۈمىد غۇنچىلىرى پروگراممىسىنىڭ ئۆسمۈر مۇخبىرلىرى يېقىندا توققۇزتارا ناھىيىگە چىقىپ دادام بىلەن ئاپامنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا تارتىلغان

تەنقىدىي ئويلاشنى بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلاردا ئوبيېكتىپ ئويلاش، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇھىتنى يارىتىپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن قارشى تەرەپ كىچىك بالا بولسىمۇ، ئۇنى بىر مۇستەقىل پىكىر قىلىش خاراكتېرگە ئىگە دەپ ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ دەۋاتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئويلىغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ بەرسە، بالا ئۆزىدە بىر ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ پىكىر قىلالايدىغان بالا بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

ئۆي ئىچىدە سوئاللار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىشىمىز لازىم. بۇ يەردە سوئال دېگىنىم جاۋابى يوق مەسىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ. جاۋابى يوق سوئاللارغا نىسبەتەن، بالىلاردىن ئۇنى قانداق ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىساق، جاۋاب  تېپىش جەريانىدا تەنقىدىي ئويلاشنى مەشىق قىلىدۇ.

ئەگەر بالا باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن بولسا، ئۇلاردىن قانداق قىلغاندا مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ كەمبەغەللىك مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاشلىق مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق ياخشى بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى سوئاللار ئەركىن ھەم جاۋابى يوق سوئاللار بولغاچقا بۇ توغرا ئاۋۇ خاتا دەپ ئايرىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قانداق سوئاللار بولسىمۇ ئاتا-ئانا ھەرقانداق پىكىرلەرنى ھۆرمەت قىلىپ، جاۋابلارغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشى لازىم.

ئەگەر بالا باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بولسا، سىزگە ئىشىك ئوچۇق بولسا قەيەرگە بارىسىز؟ ئەگەر سىز داڭلىق ئادەم بولسىڭىز كىمگە ئوخشىماقچى؟ ئۈچ ئارزۇيىڭىزدىن بىرىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا نېمىنى تەلەپ قىلىسىز؟ ھەپتە ئارىلىقىدا تاپشۇرۇقىڭىزمۇ ھەم ئۆي ئىشىڭىزمۇ بولمىسا نېمە قىلماقچى؟ بىر ئىشنى قىلالايدىغان قابىلىيەت بولسا قايسىنى قىلماقچى؟ دەۋر كەينىگە قايتسا سىز قايسى دەۋرگە بارماقچى؟ بىر مىليون پۇلىڭىز بولسا قانداق ئىشلىتىسىز؟ قاتارلىق سوئاللارنى بالىلاردىن سوراپ بېقىڭ. بۇ سوئاللارنى بالىلارنىڭ ئەركىن ئازادە خۇشال ۋاقىتلىرىدا سورىسىڭىز، ئۇلار ئويلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ ماڭىدۇ.


9-ئايدا مەكتىپىمىزدە تارتىلغان رەسىم

ئاتا-ئانا بالىنى ھەقىقىي بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشنى ئويلىسا چوقۇم بالىنىڭ تەنقىدىي ئويلاش ئۇسۇللىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بالىلارغا ئۆگىنىشى لازىم. يۇقارقى مەزمۇندىن كۆرۈشكە بولىدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆيىدىمۇ بۇ ئۇسۇللارنى بالىلىرىغا ئۆگىتىشكە تامامەن بولىدۇ. بالىلىرىمىزغا چوقۇم شارائىتنى يارىتىپ بېرىشىمىز، بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىپ، سوئال سوراپ تۇرىدىغان كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. بۇنداق قىلىش بالىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق.

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە لوس ئانجېلېستا يېزىلدى.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1618

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37535
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 540
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 13:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات مۇئەللىمگە تەشەككۇر.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1036

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 14:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتسۆيەر داڭلىق ئالىمىمىز تاشپولات روزى ئاكىمىزغا كۆپ تەشەككۇرلەر.
uyghuray

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5258
توردىكى ۋاقتى: 2109
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 14:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تاشپولاتكا، ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ. مائارىپ ۋە بالىلار تەرەققىياتى ھەققىدىكى مۇشۇنداق ياراملىق ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن..!

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5258
توردىكى ۋاقتى: 2109
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 14:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بىرىنچى بېتىگە  كىتاب ئوقۇش قېياپىتىنىڭ  كىتاب ۋە بىلىمگىلا ئەمەس تېخىمۇ موھىمى ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەگە چېتىشلىق موھىم مەسىلە ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركەن..

36

تېما

5

دوست

3798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34629
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1145
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 15:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن بالارنى تەربىلەشكە پايدىسى بادەك قىلدۇ

4

تېما

6

دوست

5457

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1684
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-19 15:59:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ئەسلىدىمۇ مۇئارىپ توغرۇسىدا كۆپرەك سۆزلەيدىغىنى تاشپۇلات ئاكىمىز ئىدى.ھىلى ھەممۇ مۇشۇ پەرزەنتلەر تەلىم-تەربىيە توغرۇسىدا كۆپرەك تەلىم بىرىشىنى ئۈممۈت قىلىمىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )